​باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات توغرىسىدىكى مۇھىم بايانلىرىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئۆزلەشتۈرۈپ، يۇقىرى ئۆلچەم، يۇقىرى سۈپەتتە شىنجاڭ ئەركىن سودا سىناق رايونى قۇرۇلۇشىدا پۇختا قەدەم تاشلاشقا تۈرتكە بولۇش كېرەك

2023-12-01 :ۋاقىت
مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى نەزەرىيە ئۆگىنىش مەركىزىي گۇرۇپپىسى مەخسۇس تېمىلىق ئۆگىنىش يىغىنى ئۆتكۈزدى

​باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات توغرىسىدىكى مۇھىم بايانلىرىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئۆزلەشتۈرۈپ، يۇقىرى ئۆلچەم، يۇقىرى سۈپەتتە شىنجاڭ ئەركىن سودا سىناق رايونى قۇرۇلۇشىدا پۇختا قەدەم تاشلاشقا تۈرتكە بولۇش كېرەك

​ما شىڭرۇي رىياسەتچىلىك قىلدى

​ئەركىن تۇنىياز، زۇمرەت ئوبۇل، نۇرلان ئەبىلمەجىن، لى يىفېي، خې جۇڭيوۋ ئۆگىنىشكە قاتناشتى

شىنجاڭ گېزىتى، ئۈرۈمچى، 11 - ئاينىڭ 29 - كۈنى خەۋىرى ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى ۋاڭ شىڭرۇي خەۋەر قىلىدۇ: ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى نەزەرىيە ئۆگىنىش مەركىزىي گۇرۇپپىسى 11 - ئاينىڭ 29 - كۈنى چۈشتىن كېيىن مەخسۇس تېمىلىق ئۆگىنىش يىغىنى ئۆتكۈزدى، يىغىندا باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات توغرىسىدىكى مۇھىم بايانلىرى، بولۇپمۇ ئەركىن سودا سىناق رايونى قۇرۇلۇشىنى چوڭقۇر ئالغا سىلجىتىش توغرىسىدىكى مۇھىم يوليورۇقىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئۆزلەشتۈرۈپ، باش شۇجىنىڭ ئاپتونوم رايون ۋە بىڭتۇەننىڭ خىزمەت دوكلاتىنى ئاڭلىغاندا قىلغان مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇشقا بىرلەشتۈرۈپ، يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا يۈكسەكلىكنى ئۆستۈرۈپ، تونۇشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، نىشان - ۋەزىپىلەرنى ئايدىڭلاشتۇرۇپ، پىكىر يولى، تەدبىرلەردە يېڭىلىق يارىتىپ، يۇقىرى ئۆلچەم، يۇقىرى سۈپەتتە شىنجاڭ ئەركىن سودا سىناق رايونى قۇرۇلۇشىنى ئالغا سىلجىتىش تەلەپ قىلىندى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى ما شىڭرۇي كوللېكتىپ ئۆگىنىشكە رىياسەتچىلىك قىلدى.

ئەركىن تۇنىياز، زۇمرەت ئوبۇل، نۇرلان ئەبىلمەجىن، لى يىفېي، خې جۇڭيوۋ كوللېكتىپ ئۆگىنىشكە قاتناشتى.

سودا مىنىستىرلىقى ئەركىن سودا رايونى - پورتى قۇرۇلۇشىنى ماسلاشتۇرۇش مەھكىمىسىنىڭ مەھكىمە باشلىقى ياڭ جېڭۋېي مەخسۇس تېمىدا كونسۇلتاتسىيە قىلىپ، ئەركىن سودا سىناق رايونى قۇرۇلۇشىدىكى ئەسلىي مەقسەت ۋە بۇرچ، ئەركىن سودا سىناق رايونى قۇرۇلۇشىدا قولغا كەلتۈرۈلگەن ئاساسلىق نەتىجىلەر، ئەركىن سودا سىناق رايونىنىڭ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش ئىستراتېگىيەسىنى چوڭقۇر يولغا قويۇش قاتارلىق مەسىلىلەرنى چۆرىدەپ تەپسىلىي چۈشەندۈردى ھەم باشقا ئۆلكە، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلەرنىڭ ئەركىن سودا سىناق رايونى قۇرۇلۇشىدىكى مۇۋەپپەقىيەتلىك تەجرىبىلىرىگە بىرلەشتۈرۈپ، شىنجاڭ ئەركىن سودا سىناق رايونى قۇرۇشقا تۈرتكە بولۇش توغرىسىدا تەكلىپ بەردى.

ما شىڭرۇي مۇنداق كۆرسەتتى: «بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق بەرپا قىلىش تەشەببۇسى ئوتتۇرىغا قويۇلغانلىقىنىڭ 10 يىللىقى، ئەركىن سودا سىناق رايونى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 10 يىللىقى پەيتىدە، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەننىڭ جۇڭگو (شىنجاڭ) ئەركىن سودا سىناق رايونى تەسىس قىلىشنى قارار قىلغانلىقى شىنجاڭ خىزمىتىگە يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىدىغانلىقى، شىنجاڭنىڭ ئېچىۋېتىش، تەرەققىياتىغا ئالاھىدە غەمخورلۇق قىلىدىغانلىقى، گۈزەل شىنجاڭ قۇرۇپ چىقىشقا بولغان سەمىمىي ئۈمىدىنى تولۇق نامايان قىلدى. ئەركىن سودا سىناق رايونىنىڭ تەسىس قىلىنىشى شىنجاڭنىڭ يۇقىرى سەۋىيەلىك سىرتقا ئېچىۋېتىشنى تېز ئالغا سىلجىتىشىدىكى مۇھىم تەدبىر، شىنجاڭنىڭ جەمئىيەت مۇقىملىقى ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكىنى ئالغا سىلجىتىشتىكى ئىستراتېگىيەلىك تاللاش بولۇپ، شىنجاڭنىڭ ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش، ئاسىيا - ياۋروپا ئالتۇن يولى ۋە غەربكە ئېچىۋېتىشتىكى كۆۋرۈك بېشى ئىستىھكامى بەرپا قىلىشى ئۈچۈن مىسلىسىز تارىخىي پۇرسەت بىلەن تەمىنلىدى، بۇ، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنىڭ شىنجاڭ ئەمەلىيىتىنى ئالغا سىلجىتىشتا مۇھىم ھەم چوڭقۇر ئەھمىيەتكە ئىگە. بىز سىياسىي يۈكسەكلىكنى ھەقىقىي ئۆستۈرۈپ، ھەقىقىي تۈردە ئىدىيە ۋە ھەرىكەتنى باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلىرىغا بىرلىككە كەلتۈرۈپ، كۈچلۈك سىياسىي مەسئۇلىيەت تۇيغۇسى ۋە تارىخىي بۇرچ تۇيغۇسى ئارقىلىق ئەركىن سودا سىناق رايونى قۇرۇلۇشىغا دائىر تۈرلۈك خىزمەتلەرنى پۇختا، ياخشى ئىشلىشىمىز كېرەك.

ما شىڭرۇي مۇنداق كۆرسەتتى: شىنجاڭ ئەركىن سودا سىناق رايونى قۇرۇش باش شۇجى، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى شىنجاڭغا تاپشۇرغان مۇھىم سىياسىي ۋەزىپە بولۇپ، چېتىلىش ساھەسى كەڭ، يېڭىلىق يارىتىش تەلىپى يۇقىرى. بىز سىستېما قارىشىنى ھەقىقىي مۇستەھكەم تۇرغۇزۇپ، پىلاننى ياخشى تۈزۈپ ھەرىكەتكە كېلىشتە چىڭ تۇرۇپ، قۇرۇلۇش خىزمىتىنى بىرتۇتاش پىلانلىشىمىز، ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىشىمىز كېرەك. «جۇڭگو(شىنجاڭ) ئەركىن سودا سىناق رايونى ئومۇمىي لايىھەسى»نى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ھەرقايسى بۆلەك رايونلارنىڭ رايون ئورنى ئورۇنلاشتۇرمىسى ۋە فۇنكسىيەلىك ئورنىنى دەل جايىدا ئىگىلەپ، نۇقتىلىق بۆسۈش ھاسىل قىلىش بىلەن ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىشنى بىرلەشتۈرۈشتە چىڭ تۇرۇپ، تەرەققىيات بىلەن خەۋپسىزلىكنى بىرتۇتاش پىلانلاش، ئېچىۋېتىش بىلەن مۇقىملىقنى بىرتۇتاش پىلانلاشتا چىڭ تۇرۇپ، ھۆكۈمەت فۇنكسىيەسىنى ئۆزگەرتىشنى تېزلىتىپ، مەبلەغ سېلىش ساھەسى ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، تاشقى سودىنىڭ ئىجادىي تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇپ، ئېچىۋېتىش تىپىدىكى خاس كەسىپ سىستېمىسى بەرپا قىلىپ، پۇل مۇئامىلە مۇلازىمىتى ۋە ئېچىۋېتىش، يېڭىلىق يارىتىشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ياۋروپا بىلەن ئاسىيانى تۇتاشتۇرىدىغان ئۇنىۋېرسال ئەشيا ئوبوروتى تۈگۈنى بەرپا قىلىپ، غەربكە ئېچىۋېتىشتىكى كۆپ ساھەلىك ئالماشتۇرۇش، ھەمكارلىشىشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، تىرىشىپ ئەركىن سودا سىناق رايونىنى يېڭى دەۋردىكى ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشنىڭ يېڭى ئېگىزلىكى قىلىپ قۇرۇپ چىقىشىمىز كېرەك. نۆۋەتتىكى نۇقتىلىق ۋەزىپىلەرنى يۇقىرى ئۈنۈملۈك ئالغا سىلجىتىپ، ئاپپارات تەسىس قىلىش، مېخانىزم ئورنىتىش، تەربىيەلەش - تەشۋىق قىلىش، سۇپا قۇرۇلۇشى قاتارلىق تۈرلۈك خىزمەتلەرنى بىرتۇتاش پىلانلاپ ئالغا سىلجىتىپ، مەخسۇس تۈر گۇرۇپپىسى قۇرۇشنى تېزلىتىپ، ھەرقايسى بۆلەك رايونلار خىزمەت ئاپپاراتلىرىنىڭ خادىم كۈچىنى تولۇقلاپ، ئالاقىدار يۈرۈشلەشكەن سىياسەتلەرنى تاكامۇللاشتۇرۇپ، مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئالاقىدار باشقۇرۇش ھوقۇق چېكىنى قانۇن بويىچە ۋاقتىدا تۆۋەنگە چۈشۈرۈپ بېرىشىمىز كېرەك. ھەرقايسى ئورۇنلار، ھەرقايسى تارماقلار، ھەرقايسى بۆلەك رايونلار ئالدىن كۆرەرلىك بىلەن تەپەككۇر قىلىش، پۈتۈن ۋەزىيەت خاراكتېرلىك پىلانلاش، ئىستراتېگىيە خاراكتېرلىك ئورۇنلاشتۇرۇشنى كۈچەيتىپ، سۇبيېكتىپ پائالىيەتچانلىقىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، 2024 - يىللىق خىزمەت مۇھىم نۇقتىسىنى ئالدىن تەتقىق قىلىپ تۈزۈپ، بەلگە خاراكتېرلىك مۇھىم تۈزۈمدە يېڭىلىق يارىتىش ۋەزىپىسىنى پىلانلاپ يولغا قويۇپ، بۆسۈش خاراكتېرلىك ئىسلاھ قىلىش، يېڭىلىق يارىتىش تەدبىرلىرىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، شىنجاڭ ئەركىن سودا سىناق رايونى قۇرۇلۇشىنىڭ ئۈزلۈكسىز چوڭقۇرلىشىشى، پۇختا ئەمەلىيلىشىشىگە تۈرتكە بولۇشى كېرەك.

ما شىڭرۇي مۇنداق تەكىتلىدى: تەشكىلىي رەھبەرلىكنى كۈچەيتىپ، خىزمەت مەسئۇلىيىتىنى چىڭىتىش كېرەك، ئەركىن سودا سىناق رايونى خىزمىتى رەھبەرلىك گۇرۇپپىسى باشلامچىلىق بىلەن ئومۇمىي جەھەتتىن تۇتۇش، بىرتۇتاش پىلانلاپ ماسلاشتۇرۇش رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، يۇقىرى تەلەپ بويىچە تەشكىللىشى، يۇقىرى ئۆلچەم بويىچە قۇرۇشى كېرەك؛ ھەرقايسى بۆلەك رايون پارتىيە كومىتېتلىرى ئاساسىي گەۋدىلىك مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىپ، بۇرچنى زىممىگە ئېلىشنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، ھەرقايسىسى ئۆزىنىڭ فۇنكسىيەلىك ئورنىنى چۆرىدەپ پەرقلىق ئىزدىنىشنى چوڭقۇر قانات يايدۇرۇشى كېرەك؛ ئالاقىدار تارماقلار ھەرقايسىسى ئۆز مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىپ، بىرلىكتە كۈچ چىقىرىپ ھەمكارلىشىپ، مەركەزنىڭ شىنجاڭغا ياردەم بېرىۋاتقان ئورۇنلىرى، كارخانىلىرى ۋە شىنجاڭغا ياردەم بېرىۋاتقان ئۆلكە، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلەرنىڭ رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، كۈچلۈك بىرىكمە كۈچ شەكىللەندۈرۈشى كېرەك. مەسىلە يۆنىلىشىنى گەۋدىلەندۈرۈپ، ئەركىن سودا سىناق رايونى قۇرۇلۇشى ۋەزىپىسىگە توغرىلىنىپ، ئىدىيەۋى قاراش، ئىقتىدار - ساپا، تىجارەت - سودا مۇھىتى، سىرتقا يۈزلەنگەن كەسىپلەر، ئۇل ئەسلىھە قاتارلىق جەھەتلەردە ساقلانغان كەمتۈكلۈك، يېتەرسىزلىكلەرنى زور كۈچ بىلەن ھەل قىلىپ، مەسىلە ھەل قىلىشتىكى ئەمەلىي نەتىجە ئارقىلىق ئەركىن سودا سىناق رايونى قۇرۇلۇشىغا ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ قوشۇش، ھاياتىي كۈچ بېغىشلاش كېرەك. خىزمەت ئىستىلىنى ياخشىلاپ، ئىدىيەدە ئازاد بولۇش، ئىسلاھ قىلىش، يېڭىلىق يارىتىشتا چىڭ تۇرۇپ، ئويلاشقا، ئىشلەشكە جۈرئەت قىلىش، دادىللىق بىلەن باشلامچى بولۇش روھى بىلەن دادىل بۆسۈش ھاسىل قىلىپ، دادىل سىناق قىلىپ، ئۆز ئالدىغا ئىسلاھ قىلىپ، تۈزۈمدە يېڭىلىق يارىتىشقا زور كۈچ بىلەن تۈرتكە بولۇش كېرەك؛ ھەقىقەتنى ئەمەلىيەتتىن ئىزدەش، راستچىل - ئەمەلىيەتچىل بولۇشتا چىڭ تۇرۇپ، شارائىتقا قاراپ ئىش كۆرۈپ، خىزمەتلەرنى دەل جايىدا، تۈجۈپىلىك ئالغا سىلجىتىپ، شەكىلۋازلىق، بىيۇروكراتلىقتىن قاتتىق ساقلىنىپ، «بىر تاياقتا ھەيدىمەي»، قەدەمدە بىر ئىز قالدۇرۇپ شىنجاڭ ئەركىن سودا سىناق رايونى قۇرۇلۇشىدا پۇختا قەدەم تاشلاشقا تۈرتكە بولۇش كېرەك.

جاڭ جۇ، ۋاڭ مىڭشەن، ۋاڭ جيەنشىن، يۈسۈپجان مەمەت، ئېلزات ئەخمەتجان، قادېن كەبىن، ئاپتونوم رايونلۇق ھۆكۈمەت، بىڭتۇەننىڭ ئالاقىدار رەھبەرلىرى، ئاپتونوم رايونلۇق يۇقىرى خەلق سوت مەھكىمىسى، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق تەپتىش مەھكىمىسىدىكى ئاساسلىق مەسئۇل يولداشلار، ئاپتونوم رايوننىڭ ئالاقىدار تارماقلىرى ۋە ئورۇنلىرىدىكى مەسئۇل يولداشلار قاتناشتى. كوللېكتىپ ئۆگىنىش سىنلىق شەكىلدە ئۆتكۈزۈلدى، ھەرقايسى ۋىلايەت، ئوبلاست، شەھەرلەر، بىڭتۇەننىڭ ھەرقايسى شى، شەھەرلىرىدە شۆبە يىغىن مەيدانى تەسىس قىلىندى.