ئاپتونوم رايوننىڭ بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش تېلېۋىزىيە - تېلېفون يىغىنى ئېچىلدى
قەتئىي ۋە كەسكىن ھالدا زور بىخەتەرلىك خەۋپ - خەتىرىنىڭ ئالدىنى ئېلىش كېرەك
شىنجاڭ گېزىتى، ئۈرۈمچى، 11 - ئاينىڭ 29 - كۈنى خەۋىرى ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى لى ياڭ خەۋەر قىلىدۇ: 11 - ئاينىڭ 29 - كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، مەملىكەتلىك بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش تېلېۋىزىيە - تېلېفون يىغىنىدىن كېيىن، ئاپتونوم رايوننىڭ بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش تېلېۋىزىيە - تېلېفون يىغىنى ئېچىلدى، يىغىندا، مەملىكەتلىك يىغىننىڭ روھى ئىزچىللاشتۇرۇلۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈلۈپ، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ تەلىپى ئەمەلىيلەشتۈرۈلۈپ، يېقىنقى مەزگىلدىكى مەملىكەت بويىچە بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش ھادىسىلىرىدىن چوڭقۇر ساۋاق ئېلىنىپ، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىشىدا نۆۋەتتە دۇچ كېلىۋاتقان ۋەزىيەت ۋە مەسىلىلەر چوڭقۇر تەھلىل قىلىندى، بۇ يىلنىڭ ئاخىرى، كېلەر يىلىنىڭ بېشىدىكى نۇقتىلىق خىزمەتلەر ئورۇنلاشتۇرۇلدى، ئورۇنلاشتۇرما قىلىندى، قەتئىي ۋە كەسكىن ھالدا زور بىخەتەرلىك خەۋپ - خەتىرىنىڭ ئالدىنى ئېلىپ، زور بىخەتەرلىك يوشۇرۇن خەۋپىنى تۈزەپ، ئېغىر، پەۋقۇلئاددە زور ھادىسە يۈزبېرىشتىن ساقلىنىپ، ئاپتونوم رايون بويىچە بىخەتەرلىك ۋەزىيىتىنىڭ مۇقىملىقىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش تەلەپ قىلىندى.
ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ئاپتونوم رايوننىڭ رەئىسى ئەركىن تۇنىياز يىغىنغا قاتناشتى ھەم سۆز قىلدى.
يىغىندا مۇنداق كۆرسىتىلدى: ھازىر بۇ يىل ئاخىرلىشىش باسقۇچىغا كىردى، كارخانىلارنىڭ قۇرۇلۇش مۇددىتىنى چىڭ تۇتۇش، سۈرئەتنى تېزلىتىش، ئۈنۈمنى ئاشۇرۇش ئارزۇسى كۈچلۈك بولۇپ، بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىشقا تەسىر كۆرسىتىدىغان پايدىسىز ئامىللار كۆپەيدى. ھەرقايسى جايلار، ھەرقايسى تارماقلار «ئىككىنى تىكلەش»نىڭ ھەل قىلغۇچ ئەھمىيىتىنى چوڭقۇر ئۆزلەشتۈرۈپ، «ئىككىنى قوغداش»نى قەتئىي ئىشقا ئاشۇرۇپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم يوليورۇقىنىڭ روھىنى ئەستايىدىل ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، «خەۋپ - خەتەر يېنىمىزدىلا، ساۋاق كۆز ئالدىمىزدىلا» دېگەن ئاڭنى ھەر ۋاقىت مۇستەھكەم تۇرغۇزۇپ، يۈكسەك مەسئۇل بولۇش روھى بىلەن بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش خىزمىتىنى ياخشى تۇتۇپ، يۇقىرى سەۋىيەدىكى بىخەتەرلىك ئارقىلىق يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا مۇلازىمەت قىلىشى كېرەك.
يىغىندا مۇنداق تەكىتلەندى: مەسىلە يۆنىلىشىدە چىڭ تۇرۇپ، نۇقتىلىق كەسىپ، ساھەلەرنىڭ بىخەتەرلىكىنى نازارەت قىلىش - باشقۇرۇشنى كۈچەيتىپ، پۈتۈن ئاپتونوم رايوننىڭ بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش ۋەزىيىتىنىڭ مۇقىم بولۇشى، ياخشى بولۇشىغا تۈرتكە بولۇش كېرەك. گوۋۇيۈەن بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش كومىتېتىنىڭ ئورۇنلاشتۇرما تەلىپى بويىچە، تۈزىتىش خىزمىتىگە «بىرىنچى قول رەھبەر» مەسئۇل بولۇش تۈزۈمىنى قاتتىق ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، كەسپىي ئىقتىدار ۋە تۈزىتىش سۈپىتىنى ئۆستۈرۈپ، ئېغىر يوشۇرۇن خەۋپنى تۈزىتىپ نۆللەشتۈرۈشكە پۈتۈن كۈچ بىلەن تۈرتكە بولۇش كېرەك. قەرەللىك ئورۇنلاشتۇرۇش، ھۆكۈم قىلىش مېخانىزمى، ئۇنىۋېرسال تەكشۈرۈش مېخانىزمىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، تۈرلۈك خىزمەت تەدبىرلىرىنىڭ ئەڭ كىچىك ھالقىلارغىچە ئەمەلىيلىشىشىگە تۈرتكە بولۇش كېرەك. زاۋۇت، كان، كارخانىلاردىكى ئادەم زىچ توپلاشقان سورۇنلارنى نۇقتىلىق نازارەت قىلىش - باشقۇرۇش دائىرىسىگە كىرگۈزۈپ، قىش پەسلىدە كۆپ يۈزبېرىدىغان يۇقىرى قۇۋۋەتلىك ئىسسىنىش ئۈسكۈنىلىرىنى بەلگىلىمىگە خىلاپ ئىشلىتىش، توك يولى يۈكى ئېشىپ كېتىش، رەڭلىك پولات تاختا بىلەن ئۆي سېلىش، ئاسان ئوت ئالىدىغان، كۆيىدىغان ماتېرىياللار بىلەن بېزەش، زىننەتلەش قاتارلىق گەۋدىلىك مەسىلىلەرگە قارىتا، مەركەزلىك تۈزەشنى قانات يايدۇرۇپ، ئىجتىمائىيلاشقان ۋاسىتە ۋە تاراتقۇ سۇپىسىدىن پايدىلىنىپ، ئوت ئاپىتى يوشۇرۇن خەۋپى ۋە ئوت مۇداپىئە بىخەتەرلىكىگە دائىر قانۇنغا خىلاپ قىلمىشلارنى ئاشكارىلاپ، ئاممىنىڭ ئوت ئاپىتىنىڭ ئالدىنى ئېلىش بىخەتەرلىك ئېڭى ۋە قېچىپ قۇتۇلۇش، ئۆزىنى قۇتقۇزۇش ئىقتىدارىنى كۈچەيتىش كېرەك. كان بىخەتەرلىكىنى نازارەت قىلىش - باشقۇرۇشنى ھەقىقىي كۈچەيتىپ، ھەرقايسى كانچىلىق كارخانىلىرىنىڭ بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش ھەقىقىي ئەھۋالىنى دەل جايىدا ئىگىلەپ، «بىر كارخانىغا بىر سىياسەت» بويىچە كۈچلۈك تۈزەپ، قانۇنغا خىلاپ قىلمىشلارغا زەربە بېرىش، قانۇنغا خىلاپ قىلمىشلارنى تۈزەش يۇقىرى بېسىم ھالىتىنى ساقلاپ، كانلارنىڭ ماھىيەتلىك بىخەتەرلىك سەۋىيەسىنى ئۈنۈملۈك ئۆستۈرۈشكە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. بىرنى بىلىش ئارقىلىق باشقىلىرىنىمۇ بىلىشتە چىڭ تۇرۇپ، «يولۇچىلار ئاپتوبۇسى، ساياھەت ئاپتوبۇسى، خەتەرلىك خىمىيەلىك بۇيۇملار ئاپتوموبىلى» قاتارلىق نۇقتىلىق ئاپتوموبىللارنى تەكشۈرۈش تەدبىرلىرىنى قاتتىق ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، خەتەرلىك خىمىيەلىك بۇيۇملار ساھەسىدىكى ساقلانما مىقدار خەۋپ - خەتىرىنى تەشەببۇسكارلىق بىلەن تۈگىتىپ، ئىمارەت، ئالاھىدە ئۈسكۈنىلەر، ساياھەت، تۆمۈريول، خەلق تۇرمۇشى قۇرۇلۇشلىرىغا ئىشلىتىلىدىغان پارتلىتىش بۇيۇملىرى ۋە ئۈسكۈنىلىرى، خەلق ئاۋىياتسىيەسى، سانائەت - سودا قاتارلىق نۇقتىلىق كەسىپ، ساھەلەردىكى يوشۇرۇن خەۋپنى بىرمۇبىر تەكشۈرۈپ تۈزەشنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، بىخەتەرلىكنى نازارەت قىلىش - باشقۇرۇش بويىچە قانۇن ئىجرا قىلىش سالمىقىنى زورايتىپ، قانۇن - بەلگىلىمىگە خىلاپ تۈرلۈك قىلمىشلارنى يۇقىرى بېسىم ھالىتىدە قاتتىق باشقۇرۇش كېرەك. جەڭگە ئاتلىنىش ھالىتىنى ساقلاپ، يەر تەۋرەش، تېمپېراتۇرا قاتتىق تۆۋەنلەش، قار - شىۋىرغان، بوران قاتارلىق ئاپەت ۋە ناچار ھاۋارايىلارغا قارىتا كۆزىتىش - ئۆلچەش، ئالدىن سىگنال بېرىشنى كۈچەيتىپ، تۈرلۈك جىددىي ئىشلارغا تاقابىل تۇرۇش لايىھەلىرى، ئالدىنى ئېلىش تەدبىرلىرىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، جىددىي ئىشلارغا تاقابىل تۇرۇش ماددىي ئەشيالىرى، قۇتقۇزۇش - ياردەم بېرىش ئۈسكۈنىلىرىنى يېتەرلىك، تولۇق تەييارلاپ، ئاپەتتىن مۇداپىئەلىنىش، ئاپەت زىيىنىنى ئازايتىش، ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش ۋە تاسادىپىي ئاممىۋى بىخەتەرلىك ۋەقەلىرىنى بىر تەرەپ قىلىش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈش كېرەك.
ۋاڭ مىڭشەن، يۈسۈپجان مەمەت، چېن مىڭگو، ليۇ سۇشې، مەردان مۇقىيىت يىغىنغا قاتناشتى.