تۈرلۈك خىزمەتلەرنى پۇختا، ياخشى ئىشلەپ، ئاممىنى باھار بايرىمىنى تىنچ، ئىناق ئۆتكۈزۈش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىش كېرەك

2024-02-09 :ۋاقىت
مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

ئەركىن تۇنىياز ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستىغا بېرىپ تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدى ۋە ھال سورىدى

تۈرلۈك خىزمەتلەرنى پۇختا، ياخشى ئىشلەپ، ئاممىنى باھار بايرىمىنى تىنچ، ئىناق ئۆتكۈزۈش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىش كېرەك

شىنجاڭ گېزىتى، غۇلجا، 2 ـ ئاينىڭ 7 ـ كۈنى خەۋىرى ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى لى ياڭ، ئىختىيارىي مۇخبىر ۋاڭ جىخۇا خەۋەر قىلىدۇ: باھار بايرىمى ھارپىسىدا، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ بىرتۇتاش ئورۇنلاشتۇرۇشى بويىچە، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ئاپتونوم رايوننىڭ رەئىسى ئەركىن تۇنىياز ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستىغا كېلىپ، غۇلجا شەھىرى، غۇلجا ناھىيەسىگە چوڭقۇر چۆكۈپ، «1 ـ ئىيۇل ئوردېنى»غا ئېرىشكۈچىلەر، گۇڭئەن سېپىدىكى ئىنقىلابىي قۇربانلارنىڭ ئائىلە تەۋەلىرى، ئارمىيەدىن چېكىنگەن ھەربىيلەر ۋەكىللىرى قاتارلىقلارنى زىيارەت قىلدى ۋە ئۇلاردىن ھال سورىدى ھەم نۇقتىلىق كارخانا، سودا ساراي، تاللا بازارلىرىغا كىردى، تۈر قۇرۇلۇشى، بايرامدىن بۇرۇنقى بازار ھەم بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش ئەھۋالىنى تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىپ، پۈتۈن شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت كادىرلار، ئاممىغا باھار بايرىمىلىق بەخت تىلىدى. ئۇ مۇنداق تەكىتلىدى: ھەقىقىي تۈردە سىياسىي مەسئۇلىيەتنى مۇقىم، پۇختا زىممىگە ئېلىپ، مەسئۇلىيەتنى زىممىگە ئېلىش، مەسئۇلىيەتنى تولۇق ئادا قىلىشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، تۈرلۈك خىزمەتلەرنى چىڭ تۇتۇپ، پۇختا تۇتۇپ، ئىنچىكە تۇتۇپ، ئاممىنىڭ كاتتا باھار بايرىمىنى خاتىرجەم، كۆڭۈللۈك ئۆتكۈزۈشىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.

«1 ـ ئىيۇل ئوردېنى»غا ئېرىشكۈچى مەمەتجان ئۆمەر ئىلگىرى كەنت پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ شۇجىسى بولغان، ئەركىن تۇنىياز ئۇنىڭ ئائىلە تۇرمۇشى ھەم تەن سالامەتلىك ئەھۋالىنى تەپسىلىي سورىدى، ئۇنىڭغا بايراملىق سالام يوللىدى، ئۇنى «پېشقەدەم ياچېيكا شۇجىسى»لىق رولىنى داۋاملىق جارى قىلدۇرۇپ، كەنت «ئىككى كومىتېت» خىزمىتىگە پائال قاتنىشىپ ۋە ئۇنىڭغا ياردەم بېرىپ، ئەتراپىدىكى ئىشلار ئارقىلىق ئەتراپىدىكى كىشىلەرنى يېتەكلەپ، كۆپچىلىكنى قەتئىي تەۋرەنمەي پارتىيەنىڭ گېپىنى ئاڭلاش، پارتىيەگە مىننەتدارلىق بىلدۈرۈش، پارتىيەگە ئەگىشىپ مېڭىشقا يېتەكلەشكە ئىلھاملاندۇردى.

ئەركىن تۇنىياز «مەملىكەت بويىچە گۇڭئەن سىستېمىسىدىكى 2 ـ دەرىجىلىك قەھرىمان ـ نەمۇنىچى»، ئىنقىلابىي قۇربان نۇرتاي ئەنۋەربېكنىڭ ئۆيىگە كېلىپ، ئىنقىلابىي قۇرباننىڭ ئۇرۇق ـ تۇغقانلىرىنى يوقلاپ ۋە ئۇلاردىن ھال سوراپ، ئالاقىدار تارماقلارغا ئەمەلىي قىيىنچىلىقى ۋە مەسىلىلىرىنى ۋاقتىدا ھەل قىلىپ، ھەر ۋاقىت ئۇلارغا پارتىيەنىڭ ئىللىقلىقى ۋە غەمخورلۇقىنى ھېس قىلدۇرۇشنى تاپىلىدى. ئارمىيەدىن چېكىنگەن ھەربىيلەر ۋەكىلى يەن لىجىنىڭ ئۆيىدە، ئەركىن تۇنىياز ئۇنىڭ ھەربىي سەپكە قاتنىشىش كەچۈرمىشى، ئائىلە ئەھۋالى ۋە نەپىقە بېرىش سىياسىتىنىڭ ئەمەلىيلىشىشى قاتارلىق ئەھۋاللارنى تەپسىلىي سوراپ، ئۇنى ھەربىيلەرنىڭ خىسلىتىنى مەڭگۈ ساقلاش، يول ئېچىپ ئىلگىرىلەش، جەمئىيەتكە تۆھپە قوشۇشقا ئىلھاملاندۇردى.

ئەركىن تۇنىياز باھار بايرىمىلىق مال بازىرى، تاللا بازىرى، سودا سارىيى قاتارلىقلارنى زىيارەت قىلىپ، گۆش، تۇخۇم، سۈت، كۆكتات، ساليۇت ـ پوجاڭزا قاتارلىق تاۋارلارنىڭ باھاسىنى تەپسىلىي سورىدى، ئۇ مۇنداق تەكىتلىدى: تەشەببۇسكارلىق بىلەن مۇلازىمەت قىلىپ، ئالدىغا ئۆتۈپ مۇلازىمەت قىلىپ، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ كۆپ خىللاشقان، خاسلاشقان ئىستېمال ئېھتىياجىنى قاندۇرۇپ، يېمەكلىك بىخەتەرلىكى، مۇھىت تازىلىقى، مەھسۇلات سۈپىتى قاتارلىق جەھەتلەردىكى ئاساسىي گەۋدىلىك مەسئۇلىيىتىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئىستېمالچىلارنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇق ـ مەنپەئىتىنى ھەقىقىي كاپالەتلەندۈرۈش كېرەك.

«شىركەتنىڭ ئىشلەپچىقىرىش، تىجارەت ئەھۋالى قانداقراق؟ ئىشلەپچىقارغان تەبىئىي گاز قايسى جايغا يەتكۈزۈلىدۇ؟» شىنجاڭ چىڭخۇا ئېنېرگىيە گۇرۇھى چەكلىك شىركىتىدە، ئەركىن تۇنىياز كۆمۈردىن تەبىئىي گاز ئېلىش تۈرىنى خام ماتېرىيال بىلەن تەمىنلەش، تېخنىكا يېڭىلاش، مەھسۇلات قىممىتى، ئۈنۈمى قاتارلىقلارنى تەپسىلىي ئىگىلىدى ھەم نەق مەيداندا ئۈسكۈنىلەرنىڭ يۈرۈشۈش ئەھۋالىنى تەكشۈردى. ئۇ مۇنداق تەكىتلىدى: يېشىللاشتۇرۇش، ئەقلىي ئىقتىدارلاشتۇرۇش، رەقەملەشتۈرۈش ئارقىلىق دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈپ ئۆزگەرتىشنى تېزلىتىپ، ئەلا سۈپەتلىك كۆمۈر ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارىنى جارى قىلدۇرۇش ۋە پاكىزلاشتۇرۇپ ئىشلىتىشكە تۈرتكە بولۇش كېرەك. بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش ئاساسىدا 2 ـ قارارلىق تۈر قۇرۇلۇشىنىڭ سۈرئىتىنى تېزلىتىپ، قۇرۇلۇشنى بالدۇر تاماملاش، بالدۇر ئىشقا كىرىشتۈرۈش، بالدۇر ئۈنۈم ھاسىل قىلىشقا تۈرتكە بولۇش كېرەك. خەلق تۇرمۇشىغا ئىشلىتىلىدىغان گاز بىلەن تەمىنلەشكە كاپالەتلىك قىلىشنى بىر تۈرلۈك مۇھىم خىزمەت قىلىپ، ئاممىنىڭ قىشنى ئىسسىق ئۆتكۈزۈشىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.

تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش جەريانىدا، ئەركىن تۇنىياز مۇنداق تەكىتلىدى: ئاپتونوم رايون ئىككى يىغىنىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئادەتكە ئايلىنىپ قالغان تەپەككۇرنى بۇزۇپ تاشلاپ، ئىدىيەدە ئۈزلۈكسىز ئازاد بولۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى چىڭ تۇتۇپ، سۈپەتنى ئۆستۈرۈپ ئۈنۈمنى ئاشۇرۇپ، چوڭ ـ چوڭ تۈر قۇرۇلۇشلىرىغا تۈرتكە بولۇشنى تېزلىتىپ، تىجارەت ـ سودا مۇھىتىنى كۈچەپ ئەلالاشتۇرۇپ، 1 ـ پەسىلگە پۈتۈن كۈچ بىلەن ئاتلىنىپ، «تۇنجى ئىشنى غەلىبىلىك باشلاش»نى ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەك. ئىستېمالنىڭ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشنى كۈچەپ ئىلگىرى سۈرۈپ، ئىستېمال يېڭى كەسىپ ھالىتى، يېڭى ئەندىزىسىنىڭ تەرەققىياتىنى زور كۈچ بىلەن ئالغا سىلجىتىپ، ئىستېمال يوشۇرۇن كۈچىنى جارى قىلدۇرۇپ، تىرىشىپ خۇشال ـ خۇرام، ئىناق، بىخەتەر، تەرتىپلىك بولغان بايراملىق ئىستېمال مۇھىتى يارىتىش كېرەك. ساياھەت مەنزىرە رايونى قاتارلىق ئادەم ئېقىمى، ئەشيا ئوبوروتى زىچ توپلاشقان نۇقتىلىق مەيدان ـ سورۇن، نۇقتىلىق ئورۇنلارنى چىڭ كۆزلەپ، ئوت مۇداپىئە بىخەتەرلىكىنى كۈچەيتىپ، جىددىي ئىشلارغا تاقابىل تۇرۇش ـ بىر تەرەپ قىلىش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈپ، ئاممىنىڭ ھاياتى، مال ـ مۈلۈك بىخەتەرلىكىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.

ياڭ شيۇلى ئالاقىدار پائالىيەتلەرگە قاتناشتى.