ئاپتونوم رايونىمىز پۇقراۋى ئىگىلىكنىڭ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈشكە دائىر 19 ماددىلىق تەدبىرنى ئوتتۇرىغا قويدى

2024-03-25 :ۋاقىت
مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

   شىنجاڭ گېزىتى، ئۈرۈمچى، 3 - ئاينىڭ 22 - كۈنى خەۋىرى ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى رېن خۇانىڭ ئاپتونوم رايونلۇق بازار نازارەت قىلىش - باشقۇرۇش ئىدارىسىدىن ئىگىلىشىچە، تىجارەت - سودا مۇھىتىنى سىجىل ئەلالاشتۇرۇپ، شىنجاڭنىڭ پۇقراۋى ئىگىلىكىنىڭ ھاياتىي كۈچىنى ئۇرغۇتۇپ، پۇقراۋى ئىگىلىكنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن، يېقىندا، ئاپتونوم رايونلۇق بازار نازارەت قىلىش - باشقۇرۇش ئىدارىسى «<شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ پۇقراۋى ئىگىلىكنىڭ تەرەققىي قىلىپ زورىيىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش توغرىسىدىكى بىرقانچە سىياسەت تەدبىرى>نى ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، بازار نازارەت قىلىش - باشقۇرۇش فۇنكسىيەسىنى جارى قىلدۇرۇپ، پۇقراۋى ئىگىلىكنىڭ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈشكە دائىر 19 ماددىلىق تەدبىر»نى ئوتتۇرىغا قويغان.

«تەدبىر»دە، ھازىر ئاپتونوم رايونىمىزدىكى پۇقراۋى ئىگىلىك سۇبيېكتلىرى تەرەققىياتتا دۇچ كېلىۋاتقان توسۇق نۇقتا، قىيىن نۇقتا مەسىلىلىرىگە قارىتا، پۇقراۋى ئىگىلىكنىڭ تەرەققىيات مۇھىتىنى سىجىل ئەلالاشتۇرۇش، سىياسەت جەھەتتىن قوللاش سالمىقىنى زورايتىش، قانۇنچىللىق كاپالىتىنى كۈچەيتىش، پۇقراۋى ئىگىلىكنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا تۈرتكە بولۇش، پۇقراۋى ئىگىلىك تىجارەت سۇبيېكتلىرى بىلەن دائىملىق پىكىر ئالماشتۇرۇش يوللىرىنى راۋانلاشتۇرۇش قاتارلىق بەش جەھەتتىن، پۇقراۋى ئىگىلىكتىكىلەر كۆڭۈل بۆلۈۋاتقان مەسىلىلەرگە ئىنكاس قايتۇرۇلدى. بۇلار ئاساسلىقى مۇنۇلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ: ئەنگە ئېلىپ تىزىملاش ۋە تەكشۈرۈپ تەستىقلاپ ئىجازەت بېرىش مۇلازىمىتىنى ئەلالاشتۇرۇش؛ رىقابەت ئادىللىقىنى تەكشۈرۈشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش؛ مونوپوللۇققا قارشى تۇرۇش، ناتوغرا رىقابەتكە قارشى تۇرۇش بويىچە قانۇن ئىجراسىنى كۈچەيتىش؛ ئىناۋەت دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش ھەرىكىتىنى چوڭقۇر قانات يايدۇرۇش؛ «شىنجاڭ كارخانا ئىشلىرىنى توردا بېجىرىش زالى» «شىنجاڭ مەمۇرىي ئىشلار مۇلازىمىتى توردا ئىش بېجىرىش زالى» مۇلازىمەت ماركىسىنى بەرپا قىلىش؛ ئوتتۇرا، كىچىك، ئۇششاق كارخانىلار ۋە يەككە سودا - سانائەتچىلەرنى تىپقا ئايرىپ، تۈرگە ئايرىپ دەل جايىدا يار - يۆلەك بولۇش خىزمىتىنى قانات يايدۇرۇش؛ پۇقراۋى كارخانىلارنىڭ دەسلەپكى يېڭىلىق يارىتىشىنى قوغداش سالمىقىنى زورايتىش؛ كارخانىلارغا ئالاقىدار بولغان بەلگىلىمىگە خىلاپ ھەق ئېلىشنى تۈزەش؛ تور سودا سۇپىلىرىنىڭ تەرەققىياتىنى قېلىپلاشتۇرۇش قاتارلىقلار.

يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، ئاپتونوم رايونىمىزدا پۇقراۋى ئىگىلىك جۇش ئۇرۇپ راۋاجلاندى. بۇ يىل 2 - ئايغىچە، ئاپتونوم رايوندا تىزىملاپ ئەنگە ئېلىنغان يەككە سودا - سانائەتچى 1 مىليون 873 مىڭ 200، پۇقراۋى كارخانا 480 مىڭ، دېھقانلار كەسپىي ھەمكارلىق كوپىراتىپى 45 مىڭ 800، پۇقراۋى ئىگىلىك سۇبيېكتلىرى جەمئىي 2 مىليون 399 مىڭ بولۇپ، پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى تىجارەت سۇبيېكتلىرى ئومۇمىي سانىنىڭ %97ىنى ئىگىلىدى. پۇقراۋى ئىگىلىك پۈتۈن ئاپتونوم رايون ئىقتىسادىنىڭ ئېشىشىدىكى ئاساسلىق قوشۇنغا، قوبۇل قىلىپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشتىكى ئاساسلىق يولغا، مالىيە - باج كىرىمىنىڭ ئاساسلىق كېلىش مەنبەسىگە ئايلاندى.

بۇلتۇردىن بۇيان، ئاپتونوم رايونلۇق بازار نازارەت قىلىش - باشقۇرۇش ئىدارىسى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەننىڭ پۇقراۋى ئىگىلىكنىڭ تەرەققىي قىلىپ زورىيىشىنى ئىلگىرى سۈرۈشكە ئالاقىدار تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، سۇپا ئىقتىسادىنىڭ ساغلام تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇش، پۇقراۋى كارخانىلارنىڭ سۈپەت باشقۇرۇش سەۋىيەسىنى زور كۈچ بىلەن ئۆستۈرۈش، كارخانىلارغا ئالاقىدار ئۇچۇرلارنى بىرتۇتاش توپلاپ ئېلان قىلىشنى پائال ئالغا سىلجىتىش، تىزىمدىن ئۆچۈرۈشنى قولايلاشتۇرۇش ئىسلاھاتىغا داۋاملىق تۈرتكە بولۇش قاتارلىق بىر قاتار تەدبىرلەر ئارقىلىق، پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى پۇقراۋى ئىگىلىكنىڭ تەرەققىي قىلىپ زورىيىشىغا پۈتۈن كۈچى بىلەن تۈرتكە بولدى.

«<تەدبىر>نىڭ ئوتتۇرىغا قويۇلۇشى پۇقراۋى كارخانىلارنىڭ تەرەققىياتنى كۆزلەش، ئىسلاھاتنى كۆزلەش، يېڭىلىق يارىتىشنى كۆزلەش ئاكتىپلىقى ۋە تەشەببۇسكارلىقىنى زور دەرىجىدە ئاشۇرۇپ، پۇقراۋى ئىگىلىكنىڭ ھاياتىي كۈچىنى يەنىمۇ قويۇپ بېرىپ، پۇقراۋى ئىگىلىكنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتنى ئىشقا ئاشۇرۇشىغا تۈرتكە بولىدۇ» دېدى ئاپتونوم رايونلۇق بازار نازارەت قىلىش - باشقۇرۇش ئىدارىسى ئىناۋەتنى نازارەت قىلىش - باشقۇرۇش باشقارمىسىنىڭ باشقارما باشلىقى چېن جىخۇي.