ما شىڭرۇي، ئەركىن تۇنىياز قازاقىستان قاتناش مىنىستىرلىقىنىڭ مىنىستىرى قارابايېف بىلەن كۆرۈشتى

2024-03-25 :ۋاقىت
مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

   شىنجاڭ گېزىتى، ئۈرۈمچى، 3 - ئاينىڭ 22 - كۈنى خەۋىرى ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى ۋاڭ شىڭرۇي خەۋەر قىلىدۇ: ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى ما شىڭرۇي، ئاپتونوم رايوننىڭ رەئىسى ئەركىن تۇنىياز 3 - ئاينىڭ 22 - كۈنى ئۈرۈمچىدە قازاقىستان قاتناش مىنىستىرلىقىنىڭ مىنىستىرى قارابايېف بىلەن كۆرۈشۈپ، جۇڭگو شىنجاڭنىڭ قازاقىستان بىلەن بولغان پورت قۇرۇلۇشى، ئۆزئارا تۇتاشتۇرۇش، ئۆزئارا راۋانلاشتۇرۇش، ئەشيا ئوبوروتى تىرانسپورتى قاتارلىق جەھەتلەردىكى ھەمكارلىق ئىشلىرىنى يەنىمۇ ئالغا سىلجىتىش توغرىسىدا چوڭقۇر پىكىر ئالماشتۇرۇپ، ئىككى تەرەپ ھەمكارلىقىنى كېڭەيتىش، چوڭقۇرلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئىككى دۆلەت دۆلەت باشلىقلىرىنىڭ مۇھىم ئورتاق تونۇشىنى پۇختا ئەمەلىيلەشتۈرۈش، جايىدا ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە تۈرتكە بولدى.

ما شىڭرۇي جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق كومىتېتى ۋە ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتىگە ۋاكالىتەن، قارابايېف ۋە ئۇنىڭ ھەمراھلىرىنىڭ زىيارەتكە كەلگەنلىكىنى قارشى ئالدى. ئۇ مۇنداق دېدى: بۇلتۇردىن بۇيان جۇڭگو شىنجاڭ بىلەن قازاقىستاننىڭ ھەرقايسى قاتلام - دەرىجىلىك ئالاقىسى كۈنسېرى قويۇقلاشتى، ھەرقايسى ساھەلەردىكى ھەمكارلىقى سىجىل چوڭقۇرلاشتى، مىنىستىر جانابلىرىنىڭ بۇ قېتىمقى زىيارىتى، ئىككى تەرەپ ھەمكارلىقىغا يېڭى ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ قوشىدۇ. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، رەئىس شى جىنپىڭ بىلەن زۇڭتۇڭ توقايېف جۇڭگو - قازاقىستان مۇناسىۋىتىنى سىجىل يۇقىرى سەۋىيەدە تەرەققىي قىلدۇرۇشقا يېتەكلىدى. قازاقىستان جۇڭگو شىنجاڭنىڭ ئەڭ مۇھىم سودا ھەمراھلىرىنىڭ بىرى، ئىككى تەرەپ ئۆزئارا تۇتاشتۇرۇش، ئۆزئارا راۋانلاشتۇرۇشنى كۈچەيتىش قاتارلىق جەھەتلەردە نۇرغۇن خىزمەتلەرنى ئىشلەپ، كۆرۈنەرلىك نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈردى. ئىككى تەرەپنىڭ ئىككى دۆلەت باشلىقلىرى ھاسىل قىلغان مۇھىم ئورتاق تونۇشنى پائال ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ھەمكارلىق نەتىجىلىرىنى سىجىل كېڭەيتىپ، چۆچەك - ئاياگۇز تۆمۈريولى قۇرۇلۇشى خىزمىتىنى پۈتۈن كۈچ بىلەن ئالغا سىلجىتىشىنى ئۈمىد قىلىمەن. ئۆزئارا ۋىزا كەچۈرۈم قىلىش سىياسىتىدىن ياخشى پايدىلىنىپ، ئىككى تەرەپ ساياھەتچىلىرىنىڭ چېگرا ھالقىپ ساياھەت قىلىشىغا پائال شارائىت يارىتىش كېرەك. پورت ئەسلىھەلىرىنىڭ سەۋىيەسى ۋە تاموژنىدىن ئۆتكۈزۈش ئۈنۈم ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈپ، خەلقئارا تىرانسپورتنىڭ ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈش، كۆلىمىنى كېڭەيتىشكە تۈرتكە بولۇش كېرەك. بۇغداي، كۆممىقوناق قاتارلىق يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى سودىسىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئاۋىياتسىيە شىركىتى، ئاۋىياتسىيە لىنىيەسىنى كېڭەيتىش قاتارلىق جەھەتلەردىكى ھەمكارلىقنى كۈچەيتىپ، ئەمەلىي نەتىجىلەر ئارقىلىق ئىككى تەرەپ ھەمكارلىقى ئىشلىرىنىڭ ئەمەلىيلىشىپ ئۈنۈم ھاسىل قىلىشىغا تۈرتكە بولۇپ، ئىككى دۆلەتنىڭ ھەر تەرەپلىمە ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈش ھەمكارلىقىنىڭ سىجىل چوڭقۇرلىشىشىغا كۈچ قوشۇش كېرەك.

قارابايېف مۇنداق بىلدۈردى: قازاقىستان - جۇڭگو ئىككى دۆلەت باشلىقلىرىنىڭ قويۇق ئالاقىسى، ئالماشتۇرۇشى بىزنىڭ قاتناش ساھەسىدە جۇڭگو بىلەن، بولۇپمۇ شىنجاڭ بىلەن بولغان ھەمكارلىقنى كۈچەيتىشىمىزگە يېڭى نىشان ۋە يۆنىلىش كۆرسىتىپ بەردى. قازاقىستان - جۇڭگو مۇناسىۋىتى يېڭى «ئالتۇن 30 يىل»غا قەدەم قويۇپ، ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈش ھەمكارلىقىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشىمىزغا تېخىمۇ كۆپ پۇرسەت ئېلىپ كەلدى. بۇلتۇردىن بۇيان، قازاقىستان بىلەن جۇڭگو شىنجاڭدىكى ھەرقايسى قاتلام - دەرىجىلىكلەرنىڭ ئۆزئارا زىيارەت قىلىشى، پىكىر ئالماشتۇرۇشى كۆپىيىپ، ئىككى تەرەپنىڭ دوستانە ھەمكارلىقى مىسلىسىز ئالتۇن مەزگىلگە كىردى. 2023 - يىلى قازاقىستان بىلەن جۇڭگونىڭ ئىككى تەرەپلىك سودىسى كۆرۈنەرلىك ئاشتى، جۇڭگو شىنجاڭ بۇنىڭ ئۈچۈن مۇھىم تۆھپە قوشتى. ئىككى تەرەپنىڭ ياخشى ھەمكارلىق ۋەزىيىتىنى سىجىل مۇستەھكەملەپ، تۆمۈريول، تاشيول قاتارلىقلارنى ئۆزئارا تۇتاشتۇرۇش، ئۆزئارا راۋانلاشتۇرۇش بوشلۇقىنى كېڭەيتىشنى چۆرىدەپ، پورتلارنىڭ ھەمكارلىق سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈپ، ئىككى تەرەپ ساياھەتچىلىرىنىڭ بېرىش - كېلىشىنى قولايلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى سودىسى قاتارلىق خىزمەتلەرنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، تېخىمۇ كۆپ تەدبىرلەر ئارقىلىق ھەمكارلىق يوللىرىنى سىجىل راۋانلاشتۇرۇپ، ھەمكارلىق بوشلۇقىنى ئۈنۈملۈك كېڭەيتىپ، ئىككى تەرەپ ھەمكارلىقىنىڭ ئۈزلۈكسىز يېڭى سەۋىيەگە كۆتۈرۈلۈشىگە تۈرتكە بولۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن.

چېن ۋېيجۈن، جۇ لىفەن، ئاپتونوم رايون(مەركەز)غا بىۋاسىتە قاراشلىق ئالاقىدار ئورۇنلار ۋە كارخانىلاردىكى ئاساسلىق مەسئۇل يولداشلار، قازاقىستاننىڭ ئالاقىدار تارماق، ئوبلاست، شەھەر، كارخانا ۋەكىللىرى كۆرۈشۈشكە قاتناشتى.