ئاپتونوم رايونىمىزدا ئەتىيازلىق تېرىلغۇ خىزمىتى جەنۇبتىن شىمالغا قاراپ ئارقا - ئارقىدىن قانات يايدۇرۇلدى

2024-03-26 :ۋاقىت
مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

​300 مىڭ مودىن ئارتۇق يەرگە يازغى بۇغداي تېرىلدى

شىنجاڭ گېزىتى، ئۈرۈمچى، 3 - ئاينىڭ 24 - كۈنى خەۋىرى ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى ليۇ يىنىڭ ئاپتونوم رايونلۇق يېزا ئىگىلىكى، يېزا نازارىتىدىن ئىگىلىشىچە، تېمپېراتۇرىنىڭ تەدرىجىي ئۆرلىشىگە ئەگىشىپ، شىنجاڭنىڭ ئەتىيازلىق تېرىلغۇ خىزمىتى جەنۇبتىن شىمالغا قاراپ ئارقا - ئارقىدىن قانات يايدۇرۇلغان. ھازىرغىچە، بۇ يىل ئاپتونوم رايون بويىچە 304 مىڭ 200 مو يەرگە يازغى بۇغداي تېرىش تاماملانغان، ھەرقايسى جايلار دېھقانچىلىق ۋاقتىنى چىڭ تۇتۇپ، ئەتىيازلىق تېرىلغۇ، ئەتىيازلىق پەرۋىشكە ئالاقىدار تۈرلۈك خىزمەتلەرنى پۇختا ئالغا سىلجىتىپ، پۈتۈن يىللىق يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىشىدىكى «تۇنجى جەڭ»نى باشلىغان.

يېقىندا، ئاقسۇ ۋىلايىتىدە ئەتىيازدا تېرىلىدىغان زىرائەتلەرنى تېرىش ئارقا - ئارقىدىن باشلاندى، بۇ جاي كەڭ دېھقانلارنى يازغى بۇغداي، زىرە، ئارپىبەدىيان، قوناق ھەم خاسىڭ قاتارلىق زىرائەتلەرنى تېرىشنى قانات يايدۇرۇشقا تەشكىللەپ، «قۇرۇق تېرىش، ئاز - ئازدىن تېمىتىپ سۇغىرىش» قاتارلىق تېخنىكىلارنى كېڭەيتىپ، ئەتىيازلىق تېرىلغۇ سۈپىتى ۋە ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈپ، پۈتۈن يىللىق يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىشىنىڭ ياخشى باشلىنىشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلدى.

شىمالىي شىنجاڭدىكى شىخو شەھىرىدە، شۇ جاي يېزا ئىگىلىك تېخنىكلىرىنى ئېتىز باشلىرىغا چوڭقۇر چۆكۈپ «بۇغداي»غا دىياگنوز قويۇش، دېھقانلارنىڭ ئەتىيازلىق ئېتىز باشقۇرۇش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلىشىگە يېتەكچىلىك قىلىشقا تەشكىللەپ، ھوسۇلنى ئاشۇرۇش، كىرىمنى ئاشۇرۇشقا ياخشى ئاساس سالدى.

«بۇ يىل 3 - ئايدا ئوتتۇرىچە تېمپېراتۇرا بۇلتۇرقى بىلەن سېلىشتۇرغاندا تۆۋەنرەك بولدى، ئەتىيازلىق تېرىلغۇنىڭ باشلىنىش ۋاقتى بۇلتۇرقىدىن سەل كېيىن بولدى.» ئاپتونوم رايونلۇق يېزا ئىگىلىكى - يېزا نازارىتى تېرىقچىلىق باشقۇرۇش ئىدارىسىنىڭ ئىدارە باشلىقى تاڭ يىۋۇ مۇنداق تونۇشتۇردى: يېقىنقى مەزگىلدە، ھەر دەرىجىلىك يېزا ئىگىلىكى - يېزا تارماقلىرى تېمپېراتۇرا ئۆزگىرىشىگە قاراپ خىزمەتنىڭ مۇھىم نۇقتىسىنى ۋاقتىدا تەڭشەپ، ئاشلىق ئىشلەپچىقىرىش نىشان - ۋەزىپىلىرىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، تېرىقچىلىق پىلانىنى ئېتىزلارغىچە ئەمەلىيلەشتۈردى. شۇنىڭ بىلەن بىللە قاتناش، بازار نازارەت قىلىش - باشقۇرۇش قاتارلىق تارماقلار بىلەن بىرلىكتە، ساختا يېزا ئىگىلىك ماددىي ئەشيالىرىغا زەربە بېرىش، تەمىنلەشنى كاپالەتلەندۈرۈش، باھانى مۇقىملاشتۇرۇش خىزمىتىنى پۈتۈن كۈچ بىلەن ياخشى ئىشلەپ، ئەتىيازلىق تېرىلغۇ ئىشلەپچىقىرىشىنىڭ ئوڭۇشلۇق قانات يايدۇرۇلۇشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىدۇ.

نۆۋەتتە، پۈتۈن ئاپتونوم رايوننىڭ ئەتىيازلىق تېرىلغۇ يېزا ئىگىلىك ماددىي ئەشيالىرى زاپىسىنىڭ ئەمەلىيلىشىش نىسبىتى %80تىن ئاشتى، تۈرلۈك يېزا ئىگىلىك ماددىي ئەشيالىرى زاپىسى يېتەرلىك، باھاسى مۇقىم بولۇپ، ئەتىيازلىق يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىش ئېھتىياجىنى قاندۇرالايدۇ.

ئەتىيازلىق تېرىلغۇ خىزمىتى ئارقا - ئارقىدىن باشلىنىش بىلەن بىللە، شىنجاڭدىكى كۈزگى بۇغداي كەينى - كەينىدىن قايتا كۆكلەش مەزگىلىگە كىردى. ھەر دەرىجىلىك يېزا ئىگىلىكى - يېزا تارماقلىرى دېھقانچىلىق تېخنىك خادىملىرىنى تەشكىللەپ، مايسىغا قاراپ تەدبىر قوللىنىپ، كۈزگى بۇغدايلارنىڭ قىشتىن ئۆتكەندىن كېيىنكى پەرۋىشىنى كۈچەيتىپ، ئاپەتنىڭ ئالدىنى ئېلىش، ئاپەتنىڭ زىيىنىنى ئازايتىشقا ئالاقىدار تەدبىرلەرنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، يازلىق ئاشلىقتىن يەنە مول ھوسۇل ئېلىشنى تىرىشىپ قولغا كەلتۈرىدۇ.

بۇ يىل، شىنجاڭ ئاشلىق ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈش ھەرىكىتىنى داۋاملىق يولغا قويۇپ، تېرىقچىلىق قۇرۇلمىسىنى تەڭشەش، تېرىلغۇ كۆلىمىنى كۆپەيتىش قاتارلىق يوللار ئارقىلىق ئاشلىق تېرىلغۇ كۆلىمىنى كېڭەيتىدۇ. ئاشلىق كۆپ چىقىدىغان 35 ناھىيەنىڭ ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈشتىكى ئاچقۇچلۇق رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، كەسىپ تېخنىكا سىستېمىسى، يېزا ئىگىلىك تېخنىكىسىنى كېڭەيتىش سىستېمىسى ۋە جەمئىيەت مۇلازىمىتى سىستېمىسىغا تايىنىپ، «100 مو يەردە ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش، 1000 مو يەردە بەرپا قىلىش، 10 مىڭ مو يەردە ئۈلگە كۆرسىتىش»نى يولغا قويۇپ، ھەرقايسى ئاشلىق چىقىدىغان رايونلارنىڭ ئاشلىق ھوسۇلىنىڭ كەڭ كۆلەمدە تەكشى ئېشىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇشىغا تەسىر كۆرسىتىپ، تۈرتكە بولۇپ، ئاشلىق ھوسۇلىنى يەنە 1 مىليون توننا ئاشۇرۇشقا تىرىشىدۇ.