​پۇرسەتنى چىڭ تۇتۇپ، دۆلەت مۈلكى، دۆلەت كارخانىلىرىنىڭ كۈچىيىشى، ئەلالىشىشى، زورىيىشىغا تۈرتكە بولۇش كېرەك

2024-03-21 :ۋاقىت
مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

   ئەركىن تۇنىياز ئاپتونوم رايونغا قاراشلىق دۆلەت كارخانىلىرىنى زىيارەت قىلىپ تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلغاندا مۇنداق تەكىتلىدى

​پۇرسەتنى چىڭ تۇتۇپ، دۆلەت مۈلكى، دۆلەت كارخانىلىرىنىڭ كۈچىيىشى، ئەلالىشىشى، زورىيىشىغا تۈرتكە بولۇش كېرەك

شىنجاڭ گېزىتى، ئۈرۈمچى، 3 - ئاينىڭ 19 - كۈنى خەۋىرى ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى لى ياڭ خەۋەر قىلىدۇ: 3 - ئاينىڭ 19 - كۈنى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ئاپتونوم رايوننىڭ رەئىسى ئەركىن تۇنىياز شىنجاڭ دېھقانچىلىق، چارۋىچىلىق مەبلەغ سېلىش گۇرۇھى، شىنجاڭ شىنيې دۆلەت مۈلكى تىجارىتى گۇرۇھى، رەقەملىك شىنجاڭ كەسىپلەر مەبلەغ سېلىش گۇرۇھى، شىنجاڭ ئېنېرگىيە گۇرۇھى، شىنجاڭ مەبلەغ سېلىش تەرەققىيات گۇرۇھى، شىنجاڭ سۇچىلىق تەرەققىيات مەبلەغ سېلىش گۇرۇھى قاتارلىق ئاپتونوم رايونغا قاراشلىق دۆلەت كارخانىلىرىغا بېرىپ زىيارەتتە بولدى، تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدى ھەم نەق مەيداندا ئىش بېجىرىپ كارخانىلارنىڭ قىيىنچىلىقى، ئىلتىماس - تەلىپىنى ھەل قىلدى. ئۇ مۇنداق تەكىتلىدى: باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ دۆلەت كارخانىلىرى ئىسلاھاتى، تەرەققىياتى ۋە پارتىيە قۇرۇلۇشى توغرىسىدىكى مۇھىم بايانلىرىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، مەملىكەتلىك ئىككى يىغىن روھىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، شىنجاڭنىڭ «بەش چوڭ ئىستراتېگىيەلىك ئورنى»نى دەل جايىدا ئىگىلەپ، پۇرسەتنى چىڭ تۇتۇپ، جاسارەت بىلەن كۈرەش قىلىپ، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى دۆلەت مۈلكى، دۆلەت كارخانىلىرىنىڭ كۈچىيىشى، ئەلالىشىشى، زورىيىشىغا تۈرتكە بولۇپ، شىنجاڭنىڭ ئىقتىساد، جەمئىيىتىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىدىكى ئىستراتېگىيەلىك تىرەكلىك رولىنى ھەقىقىي جارى قىلدۇرۇش كېرەك.

شىنجاڭ دېھقانچىلىق، چارۋىچىلىق مەبلەغ سېلىش گۇرۇھىدا، ئەركىن تۇنىياز كارخانىنىڭ تىجارەت تەرەققىياتى، پەن - تېخنىكا تەتقىق قىلىپ ئېچىش، خەۋپ - خەتەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش قاتارلىق ئەھۋاللىرى توغرىسىدىكى دوكلاتنى ئاڭلىدى، ئۇ مۇنداق تەكىتلىدى: دۆلەت كارخانىلىرى مەسئۇلىيىتىنى ھەقىقىي تۈردە ياخشى ئادا قىلىپ، دىققەتنى «سەككىز چوڭ كەسىپ توپى» قۇرۇلۇشىغا مەركەزلەشتۈرۈپ، مەملىكەت بويىچە ئەلا سۈپەتلىك دېھقانچىلىق، چارۋىچىلىق مەھسۇلاتلىرى مۇھىم تەمىنات بازىسى بەرپا قىلىش ئۈچۈن دۆلەت كارخانىلىرىنىڭ تېخىمۇ زور رولىنى جارى قىلدۇرۇش كېرەك. شىنجاڭ سۇچىلىق تەرەققىيات مەبلەغ سېلىش گۇرۇھىدا، ئەركىن تۇنىياز سۆھبەت يىغىنىنى رىياسەتچىلىك قىلىپ ئاچتى، ئاكادېمىكلار ماسلىشىپ يېڭىلىق يارىتىش مەركىزىنى زىيارەت قىلدى، ئۇ مۇنداق تەكىتلىدى: دىققەتنى ئاساسىي مەسئۇلىيەت، ئاساسىي كەسىپكە مەركەزلەشتۈرۈپ، سۇ تېجەش، سۇ ساقلاش، سۇ تەڭشەش، سۇنى كۆپەيتىشتىكى تۈرلۈك خىزمەتلەرنى بىرتۇتاش پىلانلاپ ياخشى ئىشلەپ، نۇقتىلىق تۈر قۇرۇلۇشلىرىنى تېزلىتىپ، ئاپتونوم رايوننىڭ ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىنى تېخىمۇ پۇختا بولغان سۇ بىخەتەرلىكى، سۇ كاپالىتى، سۇ تىرىكى بىلەن تەمىنلەش كېرەك.

شىنجاڭ شىنيې دۆلەت مۈلكى تىجارەت گۇرۇھى، شىنجاڭ ئېنېرگىيە گۇرۇھى، شىنجاڭ مەبلەغ سېلىش تەرەققىيات گۇرۇھىدا، ئەركىن تۇنىياز كارخانىلارنىڭ تىجارەت ئەھۋالىنى ئىگىلىدى ھەم مۇنداق تەكىتلىدى: پەن تەتقىقات سېلىنمىسىنى زورايتىپ، تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىشنى تېزلىتىپ، كۆمۈر، نېفىت - تەبىئىي گاز، شامال ئېلېكتىر، يورۇقلۇق ۋولت قاتارلىق بايلىقلارنىڭ يوشۇرۇن كۈچىنى يەنىمۇ قېزىپ، كۆمۈر خىمىيە سانائىتىدە زەنجىرنى ئۇزارتىش، زەنجىرنى تولۇقلاش، زەنجىرنى كۈچەيتىشنى تېزلىتىپ، يېڭى ئېنېرگىيەلىك گېنېراتورلار كۆلىمىنى كېڭەيتىپ، تىرىشىپ شىنجاڭنىڭ بايلىق ئەۋزەللىكىنى تەرەققىيات ئەۋزەللىكىگە ئايلاندۇرۇپ، يېڭى ئالاھىدىلىككە ئىگە ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرىنى تېز يېتىلدۈرۈش كېرەك. باشقۇرۇش سەۋىيەسى ۋە تىجارەت ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈپ، دۆلەت كاپىتالىنىڭ ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىدىكى يېتەكچىلىك، تۈرتكىلىك رولىنى تېخىمۇ ياخشى جارى قىلدۇرۇش كېرەك. رەقەملىك شىنجاڭ كەسىپلەر مەبلەغ سېلىش گۇرۇھىدا مۇنداق تەكىتلىدى: بىر تۈركۈم باشلامچى ئىختىساسلىقلارنى كىرگۈزۈپ، يېتىشتۈرۈپ، رەقەملەشكەن تەرەققىياتتىكى ئالدىنقى قاتاردىكى تەتقىقاتنى كۈچەيتىپ، بازارلاشتۇرۇش يولىدا چىڭ تۇرۇپ، رەقەملەشتۈرۈش ئارقىلىق تۈرلۈك كەسىپلەرگە كۈچ قوشۇش كېرەك.

ئەركىن تۇنىياز يەنە شىنجاڭ مائارىپ نەشرىياتى چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىگە كېلىپ مۇنداق تەكىتلىدى: جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەشتىن ئىبارەت ئاساسىي لىنىيەنى چىڭ كۆزلەپ، ئۇلنى چىڭىتىپ روھنى تاۋلايدىغان، بىلىمنى ئاشۇرۇپ ئەقىلنى ئۇرغۇتىدىغان سەرخىل يەرلىك دەرسلىكلەرنى كۆڭۈل قويۇپ تۈزۈش كېرەك. تىجارەت ئىدىيەسىنى ئۆزگەرتىپ، رەقەملەشتۈرۈپ تىپ ئۆزگەرتىشنى تېزلىتىپ، شىنجاڭنى مەدەنىيەت ئارقىلىق ئوزۇقلاندۇرۇشنى ئالغا سىلجىتىش ئۈچۈن كۈچ قوشۇش كېرەك.

تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش جەريانىدا ئەركىن تۇنىياز مۇنداق تەكىتلىدى: يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا ئىدىيەدە ئازاد بولۇپ، قاراشنى ئۆزگەرتىپ، توغرىلىرىنى ساقلاپ يېڭىلىق يارىتىپ، يېڭى بىر نۆۋەتلىك دۆلەت كارخانىلىرى ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش، دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش ھەرىكىتىنى يولغا قويۇشنى تېزلىتىپ، دۆلەت كارخانىلىرىنىڭ يادرولۇق رىقابەت ئىقتىدارىنى كۈچەپ ئاشۇرۇپ، ئىچكى ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچى، ھاياتىي كۈچىنى ئۇرغۇتۇپ، دۆلەت مۈلكى، دۆلەت كارخانىلىرىنىڭ ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىدىكى «تايانچلىق» رولىنى ھەقىقىي جارى قىلدۇرۇش كېرەك. 1 - پەسىلدىكى نىشان - ۋەزىپىلەرگە چىڭ قادىلىپ، يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا ئېشىش نۇقتىسىنى دەل جايىدا تېپىپ، 1 - پەسىلدە «تۇنجى ئىشنى غەلىبىلىك باشلاش»نى ئىشقا ئاشۇرۇشقا تېخىمۇ زور تۆھپە قوشۇش كېرەك. نازارەت قىلىش - باشقۇرۇش سالمىقىنى زورايتىپ، ئۇزاق ئۈنۈملۈك مېخانىزمنى تاكامۇللاشتۇرۇپ، دۆلەت كارخانىلىرىنىڭ ئىشلەپچىقىرىش ۋە تىجارەتتىكى زور خەۋپ - خەتەر نۇقتىسىنى ھەقىقىي تۈردە باشقۇرۇپ، سىستېما خاراكتېرلىك خەۋپ - خەتەر يۈزبەرمەسلىك تۆۋەن چېكىنى قەتئىي ساقلاش كېرەك. دۆلەت كارخانىلىرىنىڭ پارتىيە قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، پارتىيەگە سادىق، يېڭىلىق يارىتىشقا جۈرئەت قىلالايدىغان، كارخانىنى ئىدارە قىلىشتا تەدبىرلىك، كارخانىنى گۈللەندۈرۈشتە نەتىجە يارىتالايدىغان، پاك - دۇرۇس بولغان دۆلەت كارخانىلىرى كادىرلار قوشۇنىنى تاۋلاپ چىقىش كېرەك.

ۋاڭ گاڭ بىرلىكتە تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدى.