ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى 27 - قېتىملىق مۇدىرلار يىغىنى ئۆتكۈزدى

2024-03-25 :ۋاقىت
مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

ئاپتونوم رايونلۇق 14 - نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 9 - يىغىنىنى تەڭشەپ 3 - ئاينىڭ 29 - كۈنىدىن 31 - كۈنىگىچە ئېچىش قارار قىلىندى

شىنجاڭ گېزىتى، ئۈرۈمچى، 3 - ئاينىڭ 23 - كۈنى خەۋىرى ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى جاڭ لېي خەۋەر قىلىدۇ: 3 - ئاينىڭ 23 - كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى 27 - قېتىملىق مۇدىرلار يىغىنى ئۆتكۈزدى. ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ مۇدىرى زۇمرەت ئوبۇل يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى.

يىغىندا ئاپتونوم رايونلۇق 14 - نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 9 - يىغىنىنى تەڭشەپ 3 - ئاينىڭ 29 - كۈنىدىن 31 - كۈنىگىچە ئۈرۈمچىدە ئېچىش قارار قىلىندى.

مۇدىرلار يىغىنىنىڭ تەكلىپ قارالمىسىغا ئاساسەن، دائىمىي كومىتېتنىڭ 9 - يىغىنىدا باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مەملىكەتلىك ئىككى يىغىن مەزگىلىدە قىلغان بىرقاتار مۇھىم سۆزىنىڭ روھى ۋە مەملىكەتلىك ئىككى يىغىن روھى يەتكۈزۈلىدۇ، ئۆگىنىلىدۇ؛ ئاپتونوم رايوننىڭ جۇڭيى تېبابىتى دورىگەرلىكى نىزامى لايىھەسىنىڭ ئۆزگەرتىش كىرگۈزۈلگەن نۇسخىسى، ئاپتونوم رايوننىڭ قەشقەر قەدىمىي شەھىرىنى قوغداش نىزامى لايىھەسىنىڭ ئۆزگەرتىش كىرگۈزۈلگەن نۇسخىسى، ئاپتونوم رايوننىڭ ئىجتىمائىي ئىناۋەت نىزامى لايىھەسىنىڭ ئۆزگەرتىش كىرگۈزۈلگەن نۇسخىسى، ئاپتونوم رايوننىڭ ئېتىزلاردىكى سولياۋ يوپۇقنى باشقۇرۇش نىزامىنىڭ ئۆزگەرتىلگەن لايىھەسىنىڭ ئۆزگەرتىش كىرگۈزۈلگەن نۇسخىسى قاراپ چىقىلىدۇ؛ ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى مائارىپ - پەن - مەدەنىيەت - سەھىيە كومىتېتى قاراپ چىقىشقا سۇنغان ئاپتونوم رايونلۇق پەن - تېخنىكا جەمئىيىتى نىزامىنىڭ ئۆزگەرتىلگەن لايىھەسى توغرىسىدىكى تەكلىپ لايىھەسى، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى قاراپ چىقىشقا سۇنغان ئاپتونوم رايوننىڭ يېزا تاشيولى نىزامى لايىھەسى توغرىسىدىكى تەكلىپ لايىھەسى قاراپ چىقىلىدۇ؛ ئۈرۈمچى شەھەرلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى تەستىقلاشقا سۇنغان «ئۈرۈمچى شەھەرلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ <ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ كۆكتات بازىسىنى قوغداش نىزامى> قاتارلىق ئۈچ يەرلىك نىزامنى بىكار قىلىش توغرىسىدىكى قارارى» توغرىسىدىكى تەكلىپ لايىھەسى، ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستلىق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى تەستىقلاشقا سۇنغان «ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستلىق خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ <چۆچەك شەھىرىنىڭ چېگرا ئىقتىساد ھەمكارلىق رايونىنى باشقۇرۇش نىزامى>نى بىكار قىلىش توغرىسىدىكى قارارى» توغرىسىدىكى تەكلىپ لايىھەسى، سانجى خۇيزۇ ئاپتونوم ئوبلاستلىق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى تەستىقلاشقا سۇنغان «سانجى يۇقىرى، يېڭى تېخنىكىلىق كەسىپلەر تەرەققىيات رايونىنى باشقۇرۇش نىزامى» توغرىسىدىكى تەكلىپ لايىھەسى، باركۆل قازاق ئاپتونوم ناھىيەلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى تەستىقلاشقا سۇنغان «باركۆل قازاق ئاپتونوم ناھىيەسىنىڭ شەھەر - يېزا مۇھىتىنى ئۇنىۋېرسال تۈزەش نىزامى» توغرىسىدىكى تەكلىپ لايىھەسى، چاپچال شىبە ئاپتونوم ناھىيەلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى تەستىقلاشقا سۇنغان «چاپچال شىبە ئاپتونوم ناھىيەسىنىڭ شال كەسپىنىڭ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش نىزامى» توغرىسىدىكى تەكلىپ لايىھەسى، «چاپچال شىبە ئاپتونوم ناھىيەسىنىڭ نىزام چىقىرىش نىزامى» توغرىسىدىكى تەكلىپ لايىھەسى، مورى قازاق ئاپتونوم ناھىيەلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى تەستىقلاشقا سۇنغان «مورى قازاق ئاپتونوم ناھىيەسىنىڭ نىزام چىقىرىش نىزامى» توغرىسىدىكى تەكلىپ لايىھەسى، يەنجى خۇيزۇ ئاپتونوم ناھىيەلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى تەستىقلاشقا سۇنغان «يەنجى خۇيزۇ ئاپتونوم ناھىيەسىنىڭ نىزام چىقىرىش نىزامى» توغرىسىدىكى تەكلىپ لايىھەسى، تاشقورغان تاجىك ئاپتونوم ناھىيەلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى تەستىقلاشقا سۇنغان «تاشقورغان تاجىك ئاپتونوم ناھىيەسىنىڭ نىزام چىقىرىش نىزامى» توغرىسىدىكى تەكلىپ لايىھەسى، قۇبۇقسار موڭغۇل ئاپتونوم ناھىيەلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى تەستىقلاشقا سۇنغان «قۇبۇقسار موڭغۇل ئاپتونوم ناھىيەسىنىڭ نىزام چىقىرىش نىزامى» توغرىسىدىكى تەكلىپ لايىھەسى، «قۇبۇقسار موڭغۇل ئاپتونوم ناھىيەلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ <قۇبۇقسار موڭغۇل ئاپتونوم ناھىيەسىنىڭ سۇلۇق يەرنى قوغداش نىزامى>نى بىكار قىلىش توغرىسىدىكى قارارى» ۋە «قۇبۇقسار موڭغۇل ئاپتونوم ناھىيەلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ <قۇبۇقسار موڭغۇل ئاپتونوم ناھىيەسىنىڭ يايلاق ئېكولوگىيەسىنى قوغداش نىزامى>نى بىكار قىلىش توغرىسىدىكى قارارى» توغرىسىدىكى تەكلىپ لايىھەسى تەكشۈرۈلىدۇ؛ ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى قانۇنچىلىق خىزمىتى كومىتېتىنىڭ 2023 - يىللىق قائىدە خاراكتېرلىك ھۆججەتلەرنى ئەنگە ئېلىپ تەكشۈرۈش خىزمىتى ئەھۋالى توغرىسىدىكى دوكلاتى ئاڭلاپ ئۆتۈلىدۇ ۋە قاراپ چىقىلىدۇ؛ ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ 2023 - يىللىق قانۇنچىل ھۆكۈمەت قۇرۇلۇشى ئەھۋالى توغرىسىدىكى دوكلاتى (يازما نۇسخىسى) قاراپ چىقىلىدۇ؛ كادىرلارنى تەيىنلەش - قالدۇرۇش ئىشلىرى قاراپ چىقىلىدۇ.

ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرلىرىدىن ۋاڭ مىڭشەن، توختى ياقۇپ، مۇقىيات جارمۇقامەت، پىڭ شىنلەي، ۋاڭ گوخې، باش كاتىپ مۇتەللىپ روزى يىغىنغا قاتناشتى.