ئۆتكەن ئىككى يىلدا 38 مەركەز كارخانىسى شىنجاڭدا 414 مىليارد يۈەن مەبلەغ سېلىشنى تاماملىدى

2024-03-22 :ۋاقىت
مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

   شىنجاڭ گېزىتى، ئۈرۈمچى، 3 ـ ئاينىڭ 20 ـ كۈنى خەۋىرى ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى شى شىننىڭ ئاپتونوم رايونلۇق دۆلەت مۈلكىنى نازارەت قىلىش ـ باشقۇرۇش كومىتېتىدىن ئىگىلىشىچە، مەركەز كارخانىلىرى شىنجاڭنىڭ ئىقتىساد، جەمئىيىتىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇشنى چۆرىدەپ، تۈر قۇرۇلۇشى ۋە سېلىنما نورمىسىنى سىجىل ئاشۇرغان. ئۆتكەن ئىككى يىلدا، شىنجاڭ بىلەن مەركەز كارخانىلىرى تۈرلۈك ھەمكارلىق كېلىشىمىدىن 28نى ئىمزالىغان، ئىلگىرى ـ كېيىن بولۇپ 38 مەركەز كارخانىسى شىنجاڭدا مەبلەغ سېلىپ كەسىپلەرنى گۈللەندۈرۈپ، تۈرلۈك تۈردىن 199نى يولغا قويۇپ، جەمئىي 414 مىليارد يۈەن مەبلەغ سېلىشنى تاماملىغان.

2022 ـ يىلىدىن بۇيان، جۇڭگو نېفىت ـ تەبىئىي گاز گۇرۇھى چەكلىك شىركىتى، دۆلەت ئېلېكتىر تورى چەكلىك شىركىتى، جۇڭگو خۇاديەن گۇرۇھى چەكلىك شىركىتى قاتارلىق 75 مەركەز كارخانىسى كەينى ـ كەينىدىن شىنجاڭغا كېلىپ تەكشۈرۈشتە بولۇپ، تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىپ، ھەمكارلىق ئىشلىرى ئۈستىدە كېڭىشىپ، بىر تۈركۈم چوڭ تۈر، چوڭ سېلىنما ئارقىلىق شىنجاڭنىڭ تەرەققىياتىغا مەدەت بەردى. بۇنىڭ ئىچىدە، جۇڭگو نېفىت ـ تەبىئىي گاز گۇرۇھى، جۇڭگو نېفىت خىمىيە سانائىتى گۇرۇھى چەكلىك شىركىتى قاتارلىق كارخانىلار نېفىت ـ تەبىئىي گاز چارلاش ـ ئېچىش، يېشىل ھىدروگېن، يېشىل توك قاتارلىق تۈرلەرنى چۆرىدەپ 114 مىليارد يۈەن مەبلەغ سېلىشنى تاماملىدى؛ دۆلەت ئېلېكتىر تورى، جۇڭگو خۇاديەن گۇرۇھى، دۆلەت ئېنېرگىيە سېلىنما گۇرۇھى چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتى قاتارلىق كارخانىلار دىققەتنى يېڭى ئېنېرگىيە چوڭ بازىسى تۈرى، سۇ تارتىپ ئېنېرگىيە ساقلاش ئېلېكتىر ئىستانسىسى تۈرى قاتارلىقلارغا مەركەزلەشتۈرۈپ، 180 مىليارد يۈەن مەبلەغ سېلىشنى تاماملىدى؛ جۇڭگو تېلېگراف گۇرۇھى چەكلىك شىركىتى، جۇڭگو ئېنېرگىيە قۇرۇلۇش گۇرۇھى چەكلىك شىركىتى قاتارلىق كارخانىلار خەۋەرلىشىش، تۆمۈريول، تاشيول قاتارلىق ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشىنى چۆرىدەپ، 120 مىليارد يۈەن مەبلەغ سېلىشنى تاماملىدى.

مەركەز كارخانىلىرى شىنجاڭدىكى يەرلىك دۆلەت كارخانىلىرى بىلەن بولغان شېرىكلىشىش، ھەمكارلىشىشنى كۈچەيتىپ، سېلىنما سالمىقىنى زورايتىپ، نۇقتىلىق كەسىپلەرنى چۆرىدەپ زەنجىرنى ئۇزارتىپ، زەنجىرنى تولۇقلاپ، زەنجىرنى كۈچەيتىپ، خاس ئەۋزەل كەسىپلەر توپىنى يېتىلدۈرۈپ، راۋاجلاندۇرۇپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات بوشلۇقىنى ئۈزلۈكسىز كېڭەيتتى.

نېفىت ـ تەبىئىي گاز بايلىقى جەھەتتە، جۇڭگو نېفىت ـ تەبىئىي گاز گۇرۇھى شىركىتى شىنجاڭ ياشىن كۆمۈر قاتلىمى گازى مەبلەغ سېلىش ـ ئېچىش (گۇرۇھ) چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتى بىلەن شىنجاڭ تەبىئىي گاز تۇرۇبا شىركىتى قۇرۇشنى يولغا قويۇپ، جەنۇبىي شىنجاڭ بىلەن شىمالىي شىنجاڭنىڭ تەبىئىي گاز ئارقىلىق خەلققە نەپ يەتكۈزۈش تۇرۇبا يولىنى كېڭەيتىش قۇرۇلۇشىنى ئورتاق ئالغا سىلجىتماقتا؛ جۇڭگو نېفىت خىمىيە سانائىتى گۇرۇھى شىركىتى بىلەن شىنجاڭ ئېنېرگىيە (گۇرۇھ) چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتى قاتارلىق كارخانىلار شىنجاڭ شىيۈ نېفىت ـ تەبىئىي گاز چارلاش ـ ئېچىش چەكلىك شىركىتى قۇرۇشنى ئالغا سىلجىتماقتا، بۇ، شىنجاڭدىكى يەرلىك دۆلەت كارخانىلىرىنىڭ نېفىت ـ تەبىئىي گاز بايلىقىنى چارلاش ـ ئېچىش ساھەسىدىكى كەمتۈكلۈكلەرنى تولۇقلايدۇ؛ شىنجاڭ ئېنېرگىيە گۇرۇھىنىڭ جۇڭگو نېفىت خىمىيە سانائىتى گۇرۇھى تارىم دەرياسى نېفىت ئايرىش چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىگە پاي قوشۇشقا تۈرتكە بولۇپ، نېفىت ـ تەبىئىي گازنىڭ يۇقىرى، ئوتتۇرا، تۆۋەن ئېقىمىدىكى قۇرۇلۇش تىجارىتىگە پائال قاتناشتى. يېڭى ئېنېرگىيە جەھەتتە، جۇڭگو خۇاديەن گۇرۇھى شىنجاڭ لىشىن ئېنېرگىيە پاي چەكلىك شىركىتى بىلەن شېرىكلىشىپ، شىنجاڭ خۇاديەن تىيانشان توك تارقىتىش چەكلىك شىركىتىنى قۇرۇپ، «شىنجاڭنىڭ توكىنى سىرتقا يەتكۈزۈش»تىكى 3 ـ لىنىيە بولغان تىيانشاننىڭ شىمالىي ئېتىكىدىكى بازىنىڭ 6 مىليون 100 مىڭ كىلوۋاتلىق يېڭى ئېنېرگىيە تۈرىنى ئورتاق ئاچتى. سودا ئەشيا ئوبوروتى جەھەتتە، شىنجاڭ سودا ئەشيا ئوبوروتى (گۇرۇھ) چەكلىك شىركىتى دۇڭفېڭ ئاپتوموبىل گۇرۇھى چەكلىك شىركىتى بىلەن شېرىكلىشىپ، شىنجاڭ دۇڭفېڭ ئاپتوموبىل سودا چەكلىك شىركىتىنى قۇرۇپ، دۇڭفېڭ شىركىتى قارىمىقىدىكى ئاپتوموبىللارنىڭ شىنجاڭدا، ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرىدە بازار ئىگىلەش نىسبىتىنى يەنىمۇ ئۆستۈردى. رەقەملىك كەسىپ جەھەتتە، جۇڭگو ئالەم قاتنىشى پەن ـ تېخنىكا گۇرۇھى چەكلىك شىركىتى، جۇڭگو ئالەم قاتنىشى پەن ـ تېخنىكا سانائىتى گۇرۇھى چەكلىك شىركىتى رەقەملىك شىنجاڭ كەسىپلەر مەبلەغ سېلىش (گۇرۇھ) چەكلىك شىركىتىگە پاي قوشۇپ، شىنجاڭدىكى دۆلەت كارخانىلىرىنىڭ «رەقەملىك جەمئىيەت» «رەقەملىك ئىقتىساد» قۇرۇلۇشىغا مۇلازىمەت قىلىش ۋە كاپالەتلىك قىلىش سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈشكە كۈچ قوشتى. ئىختىساسلىقلارنى تەكلىپ قىلىش، ئاقىللارنى كىرگۈزۈش جەھەتتە، جۇڭگو خەلقئارا تېخنىكا، ئەقلىي كۈچ ھەمكارلىق گۇرۇھى چەكلىك شىركىتى شىنجاڭ ئىختىساسلىقلار تەرەققىيات گۇرۇھى چەكلىك شىركىتىگە پاي قوشۇپ، شىنجاڭنىڭ زامانىۋى كەسىپ سىستېمىسى بەرپا قىلىشىنى ئىختىساسلىقلار تىرىكى ۋە ئەقلىي كۈچ مەدىتى بىلەن تەمىنلىدى. ئېنېرگىيە تېجەش، مۇھىت قوغداش جەھەتتە، جۇڭگو ئېنېرگىيە تېجەش، مۇھىت قوغداش گۇرۇھى چەكلىك شىركىتى شىنجاڭ مۇھىت قوغداش ئايلانما كەسىپ گۇرۇھى چەكلىك شىركىتىگە پاي قوشۇپ، شىنجاڭنىڭ ئېكولوگىيە ـ مۇھىتنى قوغداش ۋە بۇلغىنىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ـ تۈزەش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىنى چوڭقۇر، ياخشى قىلىپ، «قوش كاربون» نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇشنى تىرەك بىلەن تەمىنلىدى.