گەنسۇ ئۆلكىسىنىڭ پارتىيە، ھۆكۈمەت ۋەكىللەر ئۆمىكى شىنجاڭغا كېلىپ تەكشۈرۈشتە بولدى ۋە پىكىر ئالماشتۇردى

2024-03-22 :ۋاقىت
مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

ما شىڭرۇي، خۇ چاڭشېڭ، رېن جېنخې، ئەركىن تۇنىياز، لى يىفېي، شى موۋجۈن، خې جۇڭيوۋ، جاڭ جۇ پائالىيەتكە قاتناشتى

3 ـ ئاينىڭ 20 ـ كۈنى، گەنسۇ ئۆلكىسىنىڭ پارتىيە، ھۆكۈمەت ۋەكىللەر ئۆمىكى شىنجاڭغا كېلىپ تەكشۈرۈشتە بولدى ۋە پىكىر ئالماشتۇردى، گەنسۇ بىلەن شىنجاڭ ئۈرۈمچىدە خىزمەت سۆھبەت يىغىنى ئاچتى. □ ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى سۈي جىجيەن فوتوسى

شىنجاڭ گېزىتى، ئۈرۈمچى، 3 ـ ئاينىڭ 20 ـ كۈنى خەۋىرى ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى ۋاڭ شىڭرۇي خەۋەر قىلىدۇ: گەنسۇ ئۆلكىسىنىڭ پارتىيە، ھۆكۈمەت ۋەكىللەر ئۆمىكى 3 ـ ئاينىڭ 20 ـ كۈنى شىنجاڭغا كېلىپ تەكشۈرۈشتە بولدى ۋە پىكىر ئالماشتۇردى، گەنسۇ بىلەن شىنجاڭ خىزمەت سۆھبەت يىغىنى ئېچىپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ ۋە پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ رايونلارنىڭ ھەمكارلىشىپ تەرەققىي قىلىشى توغرىسىدىكى تەدبىر ـ ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى چۆرىدەپ، گەنسۇ بىلەن شىنجاڭنىڭ ئەۋزەللىكلەر ئارقىلىق ئۆزئارا تولۇقلاش، ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈش ھەمكارلىقىنى يەنىمۇ چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، قول تۇتۇشۇپ ئىقتىساد، جەمئىيەتنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇپ، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىنى ئالغا سىلجىتىش توغرىسىدا ئورتاق كېڭەشتى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى، بىڭتۇەن پارتىيە كومىتېتىنىڭ 1 ـ شۇجىسى، 1 ـ جېڭۋېي ما شىڭرۇي، گەنسۇ ئۆلكىلىك پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى، ئۆلكىلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ مۇدىرى خۇ چاڭشېڭ، گەنسۇ ئۆلكىلىك پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ئۆلكە باشلىقى رېن جېنخې، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ئاپتونوم رايوننىڭ رەئىسى ئەركىن تۇنىياز، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، بىڭتۇەننىڭ جېڭۋېيسى لى يىفېي، گەنسۇ ئۆلكىلىك پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى شى موۋجۈن، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى خې جۇڭيوۋ، جاڭ جۇ پائالىيەتكە قاتناشتى.

شىنجاڭدىكى مەزگىلدە، گەنسۇ ئۆلكىسىنىڭ پارتىيە، ھۆكۈمەت ۋەكىللەر ئۆمىكى سانجى، ئۈرۈمچى قاتارلىق جايلارغا بېرىپ، ئالاھىدە تىرانسفورموتور سانائىتى پاي چەكلىك شىركىتىگە كىرىپ، يۇقىرى، يېڭى تېخنىكىلىق كەسىپلەرنىڭ تەرەققىياتى، گەنسۇ بىلەن شىنجاڭنىڭ ھەمكارلىقىغا مۇلازىمەت قىلىش قاتارلىق خىزمەتلەرنىڭ ئىلگىرىلەش ئەھۋالى توغرىسىدا تەكشۈرۈشتە بولدى، ئۈرۈمچى خەلقئارا قۇرۇقلۇق پورتىدا، يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى يادرولۇق رايونى قۇرۇلۇشى نەتىجىلىرىنى ئىگىلىدى، شىنجاڭ ئېنېرگىيە گۇرۇھىدا ئېنېرگىيەدىن ئېچىپ پايدىلىنىشقا ئالاقىدار ئەھۋاللار توغرىسىدا تەكشۈرۈشتە بولدى، يەنە شىنجاڭدىكى گەنسۇلۇق زاتلار ۋەكىللىرى سۆھبەت يىغىنى ئاچتى.

شۇ كۈنى چۈشتىن كېيىن، گەنسۇ ئۆلكىسى . شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى خىزمەت سۆھبەت يىغىنى ئۈرۈمچىدە ئېچىلدى. ما شىڭرۇي مۇنداق دېدى: مەملىكەتلىك ئىككى يىغىن غەلىبىلىك يېپىلىپ ئۇزاق ئۆتمەيلا، گەنسۇ ئۆلكىسى پارتىيە، ھۆكۈمەت ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ شىنجاڭغا كېلىپ تەكشۈرۈشتە بولۇشى ۋە پىكىر ئالماشتۇرۇشى گەنسۇ ئۆلكىسىنىڭ رايونلارنىڭ ماس تەرەققىياتىنى كۈچەيتىشكە يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىدىغانلىقىنى تولۇق نامايان قىلدى، مەن ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى، ھۆكۈمەت، بىڭتۇەن ۋە پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى ھەر مىللەت كادىرلار، ئاممىغا ۋاكالىتەن قىزغىن قارشى ئالىمەن، گەنسۇ ئۆلكىسىنىڭ شىنجاڭ خىزمىتىنى زور كۈچ بىلەن قوللىغانلىقىغا رەھمەت ئېيتىمەن. باش شۇجى شى جىنپىڭ ۋە پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى غەربىي قىسىم رايونلارنىڭ تەرەققىياتىغا زور ئۈمىد باغلىدى، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىنى ئالغا سىلجىتىش داۋامىدا، گەنسۇ ـ شىنجاڭدىن ئىبارەت ئىككى جاينىڭ ئىستراتېگىيەلىك ئورنىنى تېخىمۇ ئېنىق بېكىتتى. بىز شۇنى چوڭقۇر ھېس قىلدۇقكى، گەنسۇ بىلەن شىنجاڭنىڭ ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىقىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنى ئورتاق ئىلگىرى سۈرۈش گەنسۇ بىلەن شىنجاڭنىڭ جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئالغا سىلجىتىشىدىكى مۇقەررەر يول. بۇلتۇر 2 ـ ئايدا گەنسۇ بىلەن شىنجاڭ لەنجوۋدا سۆھبەتلىشىپ پىكىر ئالماشتۇرغان، ھەمكارلىق ئۈستىدە ئورتاق كېڭەشكەندىن بۇيان، ئىككى تەرەپنىڭ ئىستراتېگىيەنى ئۇدۇللاشتۇرۇشى ۋە ئەمەلىي ھەمكارلىقى سىجىل چوڭقۇرلىشىپ، رايونلارنىڭ ماسلىشىپ ھەمتۈرتكە بولۇش تەرەققىيات ئەندىزىسى ئۈزلۈكسىز مۇكەممەللەشتى. ھازىر گەنسۇ «بىر يادرو، ئۈچ بەلباغ» رايون تەرەققىيات ئەندىزىسىنى تېز بەرپا قىلىپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا سىجىل تۈرتكە بولۇپ، سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان، بەختلىك، گۈزەل يېڭى گەنسۇنى ئومۇميۈزلۈك قۇرۇپ چىقماقتا. شىنجاڭ يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى تولۇق، دەل جايىدا، ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، دىققەتنى «بەش چوڭ ئىستراتېگىيەلىك ئورۇن بېكىتمىسى»گە مەركەزلەشتۈرۈپ، نېگىزلىك، ئۇللۇق، ئۇزاق مەزگىللىك خىزمەتلەرنى پۇختا ئالغا سىلجىتىپ، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش مۇساپىسى داۋامىدا جاسارەت بىلەن گۈزەل شىنجاڭ قۇرۇۋاتىدۇ. يېڭى مۇساپىدە، گەنسۇ بىلەن شىنجاڭنىڭ ھەمكارلىقى يېڭى پۇرسەت ۋە يېڭى بوشلۇقنى كۈتۈۋالدى. ئىككى تەرەپنىڭ ھەمكارلىق نەتىجىلىرىنى سىجىل مۇستەھكەملەپ، ھەمكارلىق سۈپىتى، ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈپ، دىققەتنى دۆلەتنىڭ ئېنېرگىيە بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىشقا مەركەزلەشتۈرۈپ، «شىنجاڭنىڭ توكىنى سىرتقا يەتكۈزۈش» قاتارلىق ساھەلەردىكى ھەمكارلىقنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشىنى؛ دىققەتنى زامانىۋىلاشقان كەسىپ سىستېمىسى بەرپا قىلىشقا مەركەزلەشتۈرۈپ، كەسىپتە بىر ـ بىرىنى تولۇقلاپ تەرەققىي قىلىشنى كۈچەيتىپ ۋە زەنجىرنى ئۇزارتىپ، زەنجىرنى تولۇقلاپ، زەنجىرنى كۈچەيتىپ، ئۇرۇق پىلازمىسى، يېزا ئىگىلىك ماشىنا ـ جابدۇقى ياسىمىچىلىقى، يېڭى ئېنېرگىيە، يېڭى ماتېرىيال قاتارلىقلارنى چۆرىدەپ، قول تۇتۇشۇپ يېڭى ئالاھىدىلىككە ئىگە ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرىنى راۋاجلاندۇرۇشىنى؛ دىققەتنى يېڭى تەرەققىيات ئەندىزىسىگە مۇلازىمەت قىلىش ۋە سىڭىشىشكە مەركەزلەشتۈرۈپ، ئېچىۋېتىش، ھەمكارلىشىش سۇپىسىدىن ئورتاق بەھرىلىنىپ، قول تۇتۇشۇپ «بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق بەرپا قىلىدىغان دۆلەتلەر بازىرىنى ۋە دۆلەت ئىچى بازىرىنى ئېچىشىنى؛ دىققەتنى ئارىلىشىش، ئالماشتۇرۇش، يۇغۇرۇلۇشقا مەركەزلەشتۈرۈپ، گەنسۇ بىلەن شىنجاڭ ئاممىسىنىڭ ھەمتۈرتكىلىك ئالاقىسى ۋە كارخانىلارنىڭ قوش يۆنىلىشلىك مەبلەغ سېلىشىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، قول تۇتۇشۇپ يېڭى دەۋردىكى رايونلار ماس تەرەققىياتىنىڭ يېڭى سەھىپىسىنى پۈتۈشىنى ئۈمىد قىلىمەن.

خۇ چاڭشېڭ گەنسۇ ئۆلكىلىك پارتىيە كومىتېتى، ئۆلكىلىك ھۆكۈمەت ۋە پۈتۈن ئۆلكە خەلقىگە ۋاكالىتەن شىنجاڭنىڭ ئۇزاقتىن بۇيان گەنسۇنى زور كۈچ بىلەن قوللىغانلىقىغا رەھمەت ئېيتتى. ئۇ مۇنداق دېدى: يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى، ھۆكۈمەت ۋە شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش ـ قۇرۇلۇش بىڭتۇەنى باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ شىنجاڭ خىزمىتى توغرىسىدىكى مۇھىم سۆزى، مۇھىم يوليورۇقى، تەستىقىي يوليورۇقىنىڭ روھىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، شىنجاڭنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش، شىنجاڭنى ئىتتىپاقلىشىپ مۇقىم قىلىش، شىنجاڭنى مەدەنىيەت ئارقىلىق ئوزۇقلاندۇرۇش، خەلقنى بېيىتىپ شىنجاڭنى روناق تاپقۇزۇش، شىنجاڭنى ئۇزاققىچە گۈللەندۈرۈشنى چىڭ كۆزلەپ، جەمئىيەت ئومۇمىي ۋەزىيىتى مۇقىم بولغان، ئىقتىساد ساغلام تەرەققىي قىلغان، خەلق خاتىرجەم ياشاپ خۇشال ـ خۇرام ئىشلەيدىغان ياخشى ۋەزىيەتنى ساقلىدى. ئۆتكەن بىر يىلدا، گەنسۇ باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزى، مۇھىم يوليورۇقى، تەستىقىي يوليورۇقىنىڭ روھىنى ئەستايىدىل ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، «تۆتنى كۈچەيتىش» ھەرىكىتىنى يولغا قويۇشنى يېتەكچى، «ئۈچنى تۇتۇش، ئۈچنى ئىلگىرى سۈرۈش» ھەرىكىتىنى قانات يايدۇرۇشنى تۇتقا قىلىپ، ئىستراتېگىيەلىك يېڭىدىن گۈللەنگەن كەسىپلەرنىڭ تەرەققىياتىنى پۈتۈن كۈچ بىلەن ئالغا سىلجىتىپ، شەرقىي، ئوتتۇرا قىسىمدىكى كەسىپلەرنىڭ يۆتكىلىشىنى پائال، تەشەببۇسكارلىق بىلەن قوبۇل قىلىپ، تەشەببۇسكارلىق بىلەن بىخەتەرلىك بەرپا قىلىش، تەشەببۇسكارلىق بىلەن مۇقىملىق بەرپا قىلىش ۋە مېھرىبان گەنسۇ قۇرۇلۇشىنى كۈچەپ ئالغا سىلجىتىپ، تۈرلۈك ئىشلاردا جۇش ئۇرۇپ راۋاجلىنىش ۋەزىيىتىنى بارلىققا كەلتۈردى. زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشى يېڭى مۇساپىسىگە قەدەم قويغاندا، گەنسۇ بىلەن شىنجاڭنىڭ ھەرقايسى ساھەلەردىكى ھەمكارلىشىش، ئالماشتۇرۇشنى سىجىل چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئەسلىھەلەرنى ئۆزئارا تۇتاشتۇرۇش، كەسىپلەرنى ئۆزئارا ئىلگىرى سۈرۈش، ئېچىۋېتىش جەھەتتە ئۆزئارا ياردەم بېرىش، ئادىمىيەت جەھەتتە ھەمتۈرتكە بولۇشنى پۇختا ئالغا سىلجىتىپ، يول، خەلقئارا يۈك تىرانسپورت نۆۋەتچى پويىزى، پورتلارنى ئېچىۋېتىش، تاشقى سودا كەسپى قاتارلىق ساھەلەردىكى ھەمكارلىقنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، يېڭى ئېنېرگىيە ھەم جابدۇق ياسىمىچىلىقى، يېڭى ماتېرىيال، نېفىت خىمىيە سانائىتى، مەدەنىيەت ـ ساياھەت، خاس يېزا ئىگىلىكى، زامانىۋى مۇلازىمەتچىلىك قاتارلىق كەسىپلەردىكى ھەمكارلىقنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، مائارىپ، پەن ـ تېخنىكا، داۋالاش، كادىرلار، ئىختىساسلىقلار جەھەتتىكى ئالماشتۇرۇش قاتارلىق جەھەتلەردىكى ھەمكارلىق سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈپ، ھەمكارلىق تۈرلىرىنىڭ ئەمەلىيلىشىپ ئۈنۈم ھاسىل قىلىشىغا ئورتاق تۈرتكە بولۇپ، ئىككى تەرەپ ھەمكارلىقىنىڭ يېڭى پەللىگە كۆتۈرۈلۈشىگە قول تۇتۇشۇپ تۈرتكە بولۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن.

يىغىندا، ئەركىن تۇنىياز، لى يىفېي ئايرىم ـ ئايرىم ھالدا ئاپتونوم رايون ۋە بىڭتۇەننىڭ ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتى ئەھۋالىنى تونۇشتۇردى؛ رېن جېنخې گەنسۇ ئۆلكىسىنىڭ ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتى ئەھۋالىنى تونۇشتۇردى. گەنسۇ ئۆلكىلىك خەلق ھۆكۈمىتى بىلەن شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش ـ قۇرۇلۇش بىڭتۇەنى ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىق رامكا كېلىشىمى ئىمزالىدى؛ گەنسۇ بىلەن شىنجاڭدىكى بىر قىسىم شەھەر(ۋىلايەت، ئوبلاست)لەر ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىق كېلىشىمى ئىمزالىدى ياكى دوستانە شەھەر كېلىشىمى ھاسىل قىلدى؛ گەنسۇ بىلەن شىنجاڭدىكى قاتناش ـ تىرانسپورت تارماقلىرى ۋە ئالاقىدار ئالىي مەكتەپلەر، كەسپىي مەكتەپلەر ھەمكارلىق كېلىشىمى ئىمزالىدى.

گەنسۇ ئۆلكىسى رەھبەرلىرىدىن ۋاڭ فۇ، چېڭ شياۋبو، سۇن شۆتاۋ، جاڭ جىنگاڭ، جاڭ شياۋچياڭ، جاڭ ۋېي، خۇاڭ رۇيشۆ، لەنجوۋ داشۆنىڭ رەھبىرى ما شياۋجيې، ئاپتونوم رايون ۋە بىڭتۇەن رەھبەرلىرىدىن تيەن شياڭلى، چېن ۋېيجۈن، چېن مىڭگو، ۋاڭ جيەنشىن، يۈسۈپجان مەمەت، ئېلزات ئەخمەتجان، قادېن كەبىن، شۆ بىن، ۋاڭ گاڭ، شۈ شيەنيى، جىن جىجېن، خا زېڭيوۋ، گاۋ جىمىڭ ئالاقىدار پائالىيەتلەرگە قاتناشتى.