ئالدىنقى ئىككى ئايدا پۈتۈن ئاپتونوم رايوننىڭ تۇراقلىق مۈلۈك سېلىنمىسى بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %13.2 ئاشتى

2024-03-25 :ۋاقىت
مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

شىنجاڭ گېزىتى، ئۈرۈمچى، 3 - ئاينىڭ 23 - كۈنى خەۋىرى ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى گاۋ فېڭنىڭ ئاپتونوم رايونلۇق ئىستاتىستىكا ئىدارىسىدىن ئىگىلىشىچە، 1 -، 2 - ئايدا، شىنجاڭنىڭ تۇراقلىق مۈلۈك سېلىنما ئومۇمىي سوممىسى (دېھقان ئائىلىلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالمايدۇ) بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %13.2 ئاشقان، ئېشىش سۈرئىتى بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن 2.5 پىرسەنت پوئېنت ئۆسۈپ، پۈتۈن مەملىكەتنىڭكىدىن 9 پىرسەنت پوئېنت يۇقىرى بولغان.

بۇ يىلدىن بۇيان، ئاپتونوم رايون 1 - پەسىلدە ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىدا «تۇنجى ئىشنى غەلىبىلىك باشلاش»نى نىشان قىلىپ، سېلىنمىنىڭ تۈرتكىلىك رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، نىشان - ۋەزىپىلەرنى چىڭ كۆزلەپ، چوڭ - چوڭ تۈرلەر سېلىنمىسىنىڭ «يېتەكلەش كۈچى»نى تولۇق قويۇپ بېرىپ، يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا ئۈنۈملۈك سېلىنمىنى كېڭەيتىپ، سېلىنما قۇرۇلمىسىنى ئەلالاشتۇرۇپ، سېلىنما ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈپ، تۈر قۇرۇلۇشلىرىنىڭ سۈرئىتىنى تېزلىتىپ، تۇراقلىق مۈلۈككە مەبلەغ سېلىشتا «باشلىنىش مۇقىم بولۇش»نى ئىشقا ئاشۇردى.

چوڭ - چوڭ تۈرلەرنىڭ تۈرتكىسى كۆرۈنەرلىك بولدى. 1 -، 2 - ئايدا، پىلاندىكى ئومۇمىي سېلىنما 100 مىليون يۈەن ھەم ئۇنىڭدىن يۇقىرى بولغان قۇرۇلۇۋاتقان تۈرلەر سېلىنمىسى بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %24.1 ئېشىپ، تۇراقلىق مۈلۈك سېلىنمىسىدا ئىگىلىگەن نىسبىتى %81.6 بولۇپ، تۇراقلىق مۈلۈك سېلىنمىسىنىڭ 17.9 پىرسەنت پوئېنت ئېشىشىغا تۈرتكە بولدى.

نۇقتىلىق ساھەلەرگە مەبلەغ سېلىشنىڭ تىرەكلىك رولى كۆرۈنەرلىك بولدى. سانائەتكە سېلىنغان مەبلەغ بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %21.9 ئېشىپ، تۇراقلىق مۈلۈك سېلىنمىسىنىڭ 13.5 پىرسەنت پوئېنت ئېشىشىغا تۈرتكە بولدى. ئۇل ئەسلىھەگە سېلىنغان مەبلەغ بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %39.8 ئېشىپ، تۇراقلىق مۈلۈك سېلىنمىسىنىڭ 12.2 پىرسەنت پوئېنت ئېشىشىغا تۈرتكە بولدى.

يورۇقلۇق ۋولت ئارقىلىق توك چىقىرىش تۈرىنىڭ تۆھپىسى گەۋدىلىك بولدى. پۈتۈن ئاپتونوم رايون بويىچە شامال كۈچى، يورۇقلۇق ۋولت ئارقىلىق توك چىقىرىش تۈرىگە سېلىنغان مەبلەغ بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %91.9 ئېشىپ، تۇراقلىق مۈلۈك سېلىنمىسىنىڭ 9.1 پىرسەنت پوئېنت ئېشىشىغا تۈرتكە بولدى. بۇنىڭ ئىچىدە، يورۇقلۇق ۋولت ئارقىلىق توك چىقىرىش تۈرىگە سېلىنغان مەبلەغ بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن 1.9 ھەسسە ئېشىپ، تۇراقلىق مۈلۈك سېلىنمىسىنىڭ 9.4 پىرسەنت پوئېنت ئېشىشىغا تۈرتكە بولدى.