شىنجاڭ ۋە شياڭگاڭ ئىككى جاينىڭ چوڭقۇر ئالماشتۇرۇشى، ھەمكارلىشىشى ئۈچۈن كۈچ قوشۇش، بىرىكمە كۈچنى ئاشۇرۇش كېرەك

2024-03-22 :ۋاقىت
مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

شىنجاڭ سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشى بىلەن شياڭگاڭ زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈش كەسپىي زاتلار جەمئىيىتى ئالماشتۇرۇش، ھەمكارلىشىش مېخانىزمىنىڭ 1 ـ قېتىملىق رەھبەرلىك گۇرۇپپىسى يىغىنى ئېچىلدى

شىنجاڭ ۋە شياڭگاڭ ئىككى جاينىڭ چوڭقۇر ئالماشتۇرۇشى، ھەمكارلىشىشى ئۈچۈن كۈچ قوشۇش، بىرىكمە كۈچنى ئاشۇرۇش كېرەك

شىنجاڭ گېزىتى، ئۈرۈمچى، 3 ـ ئاينىڭ 20 ـ كۈنى خەۋىرى ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى جاڭ يۈنمېي خەۋەر قىلىدۇ: 3 ـ ئاينىڭ 20 ـ كۈنى، شىنجاڭ سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشى بىلەن شياڭگاڭ زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈش كەسپىي زاتلار جەمئىيىتى ئالماشتۇرۇش، ھەمكارلىشىش مېخانىزمىنىڭ 1 ـ قېتىملىق رەھبەرلىك گۇرۇپپىسى يىغىنى ئېچىلدى، يىغىندا باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ شىنجاڭ خىزمىتى توغرىسىدىكى مۇھىم سۆزى، مۇھىم يوليورۇقى، تەستىقىي يوليورۇقىنىڭ روھى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇلدى، ئەمەلىيلەشتۈرۈلدى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ ئالاقىدار تەلەپلىرى ئەمەلىيلەشتۈرۈلدى، 2023 ـ يىلىدىكى شىنجاڭ بىلەن شياڭگاڭنىڭ ئالماشتۇرۇش، ھەمكارلىشىش نەتىجىلىرى ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش قىلىنىپ، ئالماشتۇرۇش خىزمىتى تەجرىبىلىرى خۇلاسىلىنىپ، بۇ يىللىق ئالماشتۇرۇش، ھەمكارلىشىش ئىشلىرى پىلانلاندى. ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەش پارتىيە گۇرۇپپىسىنىڭ شۇجىسى، رەئىس نۇرلان ئەبىلمەجىن يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى ھەم سۆز قىلدى.

يىغىندا مۇنداق كۆرسىتىلدى: شىنجاڭ سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشى بىلەن شياڭگاڭ زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈش كەسپىي زاتلار جەمئىيىتى ئالماشتۇرۇش، ھەمكارلىشىش مېخانىزمى ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى تەستىقلىغان شىنجاڭ بىلەن شياڭگاڭ ئارىسىدىكى ھەمكارلىقنىڭ مېخانىزم خاراكتېرلىك ئورۇنلاشتۇرۇلۇشى، سىياسىي كېڭەشنىڭ شياڭگاڭ، ئاۋمېن خىزمىتىنى قانات يايدۇرۇشتىكى خاس ئەۋزەللىكىنى جارى قىلدۇرۇشتىكى خىزمەت تەدبىرى بولۇپ، شىنجاڭ ـ شياڭگاڭ ئىككى جاينىڭ كۆپ ساھەلىك ئالماشتۇرۇشى، ھەر تەرەپلىمە ھەمكارلىشىشىغا تۈرتكە بولۇشتا ۋاسىتىچىلىك، رىشتىلىك رول ئوينايدۇ. ھەرقايسى ئەزا ئورۇنلار ئالماشتۇرۇش، ھەمكارلىشىش مېخانىزمى ئورنىتىشقا بولغان تونۇشىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، سىياسىي يۈكسەكلىكنى ھەقىقىي ئۆستۈرۈپ، مەۋقەنى شىنجاڭنىڭ دۆلەتنىڭ تەرەققىيات ئومۇمىي ۋەزىيىتىدىكى ئىستراتېگىيەلىك ئورنى، رايون ئورنى ئەۋزەللىكى ۋە بايلىق ئۈستۈنلۈكىگە قويۇپ، شياڭگاڭنىڭ خەلقئارا پۇل مۇئامىلە مەركىزى، سۇ تىرانسپورت مەركىزى، سودا مەركىزى بولۇشتىن ئىبارەت بايلىق ئەۋزەللىكى ۋە شياڭگاڭ زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈش كەسپىي زاتلار جەمئىيىتىنىڭ سۇپا ئەۋزەللىكى، كەسپىي ئىختىساسلىقلار ئەۋزەللىكىدىن پايدىلىنىپ، كۆۋرۈك سېلىپ ئەقلىي كۈچ كىرگۈزۈش، چارە ـ تەدبىر كۆرسىتىش، قەلب ۋە كۈچنى مۇجەسسەملەش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەپ، شىنجاڭ ـ شياڭگاڭ ئىككى جاينىڭ چوڭقۇر ئالماشتۇرۇشى، ھەمكارلىشىشى ئۈچۈن كۈچ قوشۇشى، بىرىكمە كۈچنى ئاشۇرۇشى، تۆھپە قوشۇشى كېرەك.

يىغىندا مۇنداق تەكىتلەندى: 2023 ـ يىلىدىن بۇيان، شىنجاڭ سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشى شياڭگاڭ زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈش كەسپىي زاتلار جەمئىيىتى بىلەن بولغان ئالاقىلىشىش، ئالماشتۇرۇشنى كۈچەيتىپ، ئالماشتۇرۇش، ھەمكارلىشىش مېخانىزمىنى ئورتاق كېڭىشىپ ئورناتتى ھەم خىزمەت لايىھەسى تۈزدى. ئالاقىدار باشلامچى ئورۇنلار يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ، ئەستايىدىل پىلانلاپ، شياڭگاڭ زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈش كەسپىي زاتلار جەمئىيىتىنىڭ رولىنى تولۇق، ياخشى جارى قىلدۇرۇپ، ئالماشتۇرۇش، ھەمكارلىشىشنىڭ باشلىنىش نۇقتىسىنى دەل جايىدا تېپىپ، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ تەرەققىياتىدىكى ئاجىز ھالقىلارنى دەل جايىدا تېپىپ، كۈچ ۋە ئەقىل ـ پاراسەتكە تايىنىپ قىيىن مەسىلىلەرنى ھەل قىلىپ، دىققەتنى ئاپتونوم رايوننىڭ «سەككىز چوڭ كەسىپ توپى»غا مەركەزلەشتۈرۈپ، تىرىشىپ خاس يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى، مەدەنىيەت ـ ساياھەت، سودا ـ ئەشيا ئوبوروتى، جۇڭيى دورا ماتېرىياللىرى، ئۈزۈم ھارىقى قاتارلىق كەسىپلەر بويىچە ئالماشتۇرۇش، ھەمكارلىشىشتا يېڭى بۆسۈش ھاسىل قىلىشى كېرەك. كەسپىي زاتلار جەمئىيىتىدىكى مۇتەخەسسىسلەر، كارخانىچىلار بىلەن بولغان ئالاقىلىشىش، كېڭىشىشنى تەشەببۇسكارلىق بىلەن كۈچەيتىپ، ئۈنۈملۈك ھەمكارلىقنى ئىشقا ئاشۇرۇش، تەڭ نەپ ئېلىشقا پۇختا ئاساس سېلىشى كېرەك.

يىغىندا مۇنداق تەلەپ قىلىندى: 2024 ـ يىلىدىكى شىنجاڭ ـ شياڭگاڭ ئىككى جاينىڭ ئالماشتۇرۇش، ھەمكارلىشىش پىلانىنى پۇختا ئالغا سىلجىتىش كېرەك، ھەرقايسى ئەزا ئورۇنلار، ھەرقايسى كارخانىلار ۋەزىپىنى تەشەببۇسكارلىق بىلەن قوبۇل قىلىپ، تۈرلەرنى ئۇدۇللاشتۇرۇش قاتارلىق تۈرلۈك خىزمەتلەرنى ھەقىقىي ياخشى ئىشلىشى؛ ھەمكارلىق ساھەسىنى كېڭەيتىپ، شىنجاڭنىڭ خاس كەسىپلىرىنى زورايتىش ۋە كۈچەيتىشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، تېخىمۇ كۆپ شياڭگاڭلىق، ئاۋمېنلىق ساياھەتچىلەر، مەملىكەت سىرتىدىكى ساياھەتچىلەرنى شىنجاڭغا كېلىپ ساياھەت قىلىشقا جەلپ قىلىشى؛ ھەمكارلىق ئۇسۇلىدا يېڭىلىق يارىتىپ، شياڭگاڭ زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈش كەسپىي زاتلار جەمئىيىتىگە تايىنىپ، سودىگەر چاقىرىپ مەبلەغ جەلپ قىلىش، تەكشۈرۈش، تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش، سودىدا كېڭىشىش، دەرس ئۆتۈپ تەربىيەلەش خىزمىتىنى پائال قانات يايدۇرۇشى؛ بىرتۇتاش پىلانلاش ـ ماسلاشتۇرۇش، پىكىر ئالماشتۇرۇش، ئالاقىلىشىش رولىنى ياخشى جارى قىلدۇرۇپ، يۇقىرى سۈپەتلىك مۇلازىمەت ئارقىلىق ئالماشتۇرۇش، ھەمكارلىشىشنىڭ تەرتىپلىك قانات يايدۇرۇلۇشىغا كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك.

مەردان مۇقىيىت، ھەسەنجان ئەخمەت قاتارلىقلار يىغىنغا قاتناشتى.