شىنجاڭ شەكىلۋازلىق قىلىپ ئاساسىي قاتلامنىڭ يۈكىنى ئېغىرلاشتۇرۇۋېتىشكە ئالاقىدار تۆت تىپىك دېلو مىسالىنى ئاشكارا ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش قىلدى

2024-03-25 :ۋاقىت
مەنبە: ئانار بۇلۇت

    ئانار بۇلۇت/شىنجاڭ گېزىتى ئەسلىي ئىجادىيىتى
    ئاپتونوم رايون قاتلىمىدىن شەكىلۋازلىقنى تۈزەپ ئاساسىي قاتلامنىڭ يۈكىنى يېنىكلىتىش مەخسۇس خىزمەت مېخانىزمى ئىشخانىسى شەكىلۋازلىق قىلىپ ئاساسىي قاتلامنىڭ يۈكىنى ئېغىرلاشتۇرۇۋېتىشكە ئالاقىدار تۆت سەلبىي دېلو مىسالىنى ئاشكارا ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش قىلدى 

    مەركەزنىڭ ۋە ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ شەكىلۋازلىقنى تۈزەپ ئاساسىي قاتلامنىڭ يۈكىنى يېنىكلىتىش توغرىسىدىكى ئورۇنلاشتۇرما- تەلىپىنى ئەستايىدىل ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈش ئۈچۈن، ئاپتونوم رايونلۇق شەكىلۋازلىقنى تۈزەپ ئاساسىي قاتلامنىڭ يۈكىنى يېنىكلىتىش مەخسۇس خىزمەت مېخانىزمى ئىشخانىسى مەسىلە يىپ ئۇچىنى توپلاش يوللىرىنى كېڭەيتىپ، تەكشۈرۈپ بېجىرىشنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، تىپىك مەسىلىلەرنى تۈزىتىش، تۈزەشكە تۈرتكە بولدى. ھازىر تەكشۈرۈپ ئېنىقلانغان شەكىلۋازلىق قىلىپ ئاساسىي قاتلامنىڭ يۈكىنى ئېغىرلاشتۇرۇۋېتىشكە ئالاقىدار تۆت سەلبىي دېلو مىسالى ئاشكارا ئېلان قىلىنىدۇ.

    1. شىنجاڭ پەن-تېخنىكا جەمئىيىتى پە-مەدەنىيەت تارقىتىش سېپى قۇرۇشتا «كاللىسى قىزىپ كېتىپ»  تەدبىر بەلگىلەپ مۇھىم ئىش بىلەن مۇھىم ئەمەس ئىشنى ئاستىن- ئۈستۈن قىلىۋەتكەن. 2023-يىلى 12-ئايدا، شىنجاڭ پەن-تېخنىكا جەمئىيىتى پەن-مەدەنىيەت تارقىتىش سېپى قۇرۇش خىزمىتىدە، ئەتراپلىق تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىپ دەلىللىمەي، ھېسابات نومۇرىنىڭ ئېلان قىلىپ تارقىتىش مەزمۇنى، يېڭىلاش قېتىم سانى، باشقۇرۇش مېخانىزمى قاتارلىق نۇقتىلىق خىزمەتلەرگە قارىتا تۈزۈم-تەدبىر ۋە لايىھەنى ئايدىڭلاشتۇرماي، پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى ئالاقىدار سىستېمىلارغا يېڭىدىن 2772 ھېسابات نومۇرى كۆپەيتىش، 2024-يىلىنىڭ ئاخىرىدا مەستانە ئومۇمىي سانى 20 مىليوندىن تۆۋەن بولماسلىق ۋەزىپە نىشانىنى قارىغۇلارچە چۈشۈرگەن، ناھىيە دەرىجىلىك ئالاقىدار ئورۇنلارنىڭ ھېسابات نومۇرى مەستانىلىرىنىڭ سانىنى نوپۇس رويخېتىدىكى نوپۇسنىڭ %25ىدىن ئاشۇرۇش ھەم مەستانىلەرنى كۆپەيتىش مىقدارىنى تۆۋەن دەرىجىلىك ئورۇنلارنى قەرەللىك ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش قىلىپ رەتكە تۇرغۇزۇش، تەكشۈرۈپ باھالاشتىكى قاتتىق كۆرسەتكۈچ قىلىشنى تەلەپ قىلغان. خىزمەتنىڭ مۇھىم نۇقتىسىنى پەن-مەدەنىيەت تارقىتىش خىزمىتىنىڭ سۈپىتى ۋە ئۈنۈمىگە مەركەزلەشتۈرمەي، مەستانىلىرىنىڭ ئاز-كۆپلۈكىنى باھالاش ئۆلچىمى قىلىش، تۆۋەن دەرىجىلىك ئورۇنلارغا مەستانە مىقدارى كۆرسەتكۈچىنى قاتتىق بېسىم قىلىش، ئەنگە ئالدۇرۇپ تەستىقلاتماي تۇرۇپ، خالىغانچە ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش قىلىپ رەتكە تۇرغۇزۇش، تەكشۈرۈپ باھالاش قاتارلىق شەكىلۋازلىق مەسىلىلىرى ساقلانغان. ۋاقتىدا تۈزىتىشكە ھەيدەكچىلىك قىلىندى. 

    2. ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ئىشلىرى نازارىتى شەكلى ئۆزگەرگەن ھۆججەت تارقىتىپ، كۆرسەتكۈچنى خالىغانچە يۇقىرىلىتىپ ئاساسىي قاتلامنىڭ يۈكىنى ئېغىرلىتىۋەتكەن. «ئاپتونوم رايوننىڭ خەلق ئىشلىرى خىزمىتىنىڭ 2- ئايدىكى نۇقتىلىق ۋەزىپىلىرى»نى ئاق باشلىق ھۆججەت شەكلىدە تارقاتقان، مەزمۇنىدا جايلاردىكى خەلق ئىشلىرى تارماقلىرىنىڭ 2024-يىلى ئىزچىللاشتۇرۇشى ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈشىگە تېگىشلىك توققۇز جەھەتتىكى 48 تۈرلۈك كونكرېت خىزمەت ۋەزىپىسى ۋە تەلىپىنى ئايدىڭلاشتۇرغان، بۇنىڭ ئىچىدە توققۇز تۈرلۈك كونكرېت خىزمەتنى يولغا قويۇش لايىھەسى تۈزۈش، ئون تۈرلۈك خىزمەتنى ئىزچىللاشتۇرۇش ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈش ئەھۋالىنى قەرەللىك يوللاشنى تەلەپ قىلغان، بۇ، مەركەز ۋە ئاپتونوم رايون ئېنىق بېكىتكەن «ئاق باشلىق ھۆججەت، ئاددىي ئالاقە، خىزمەت كۆرسەتمىسىنى رەسمىي ھۆججەتنىڭ ئورنىغا دەسسىتىشنى قەتئىي توسۇش كېرەك»، «يەرلىك ھەر دەرىجىلىك ئورۇنلار، ئاساسىي قاتلام ئورۇنلىرى مەركەز ۋە يۇقىرى دەرىجىلىك ئورۇنلارنىڭ ھۆججەتلىرىنى ئىزچىللاشتۇرۇش ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈشتە، ئەمەلىيەتكە بىرلەشتۈرۈپ ئەمەلىي، ئەسقاتىدىغان تەدبىرلەرنى تۈزسە بولىدۇ، ئېنىق بەلگىلىمە بولغانلىرىدىن باشقا، ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈش پىكرى ۋە يولغا قويۇش تەپسىلىي قائىدىسىنى قايتا تۈزمەسلىكى كېرەك» ۋە «ھەرقانداق ئىشتا ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈش ئەھۋالىنى يوللاشنى تەلەپ قىلىش قەتئىي مەنئى قىلىنىدۇ» قاتارلىق بەلگىلىمە، تەلەپلەرگە ئۇيغۇن ئەمەس. نۆۋەتتە بۇ ھۆججەت بىكار قىلىندى.

    3. قۇمۇل شەھىرىنىڭ مائارىپ سىستېمىسىدا «بارماق ئۇچىدىكى شەكىلۋازلىق» يامراپ كەتكەن. قۇمۇل شەھىرىنىڭ مائارىپ سىستېمىسى ئوقۇتقۇچى، ئىشچى-خىزمەتچىلەردىن «قۇمۇل ياخشى جاي»، «يىپەك يولىدىكى مەخپىي سۆزلەر»، «ليەنگۇڭباۋ» قاتارلىق 10 دىن ئارتۇق ۋېيشىن ئاممىۋى نومۇرى ۋە ھۆكۈمەت ئىشلىرى APPى قاتارلىقلارنى چۈشۈرۈشنى مەجبۇرىي تەلەپ قىلىپ، ئوقۇتقۇچى، ئىشچى-خىزمەتچىلەرنى بىر قىسىم زۆرۈر بولمىغان بىۋاسىتە كۆرسىتىشنى كۆرۈشكە، توردا جاۋاب بېرىشكە ھەم تاماملاش ئەھۋالى كەسمە سۈرىتىنى يۇقىرىغا يوللاشقا تەشكىللەپ، ئوقۇتقۇچىلاردىن ئوقۇغۇچىلارنىڭ توردا جاۋاب بېرىش، زېھىن سىناش مۇسابىقىسى قاتارلىق كۆپ خىل پائالىيەتلەرنى تاماملىشىغا ھەيدەكچىلىك قىلىشنى، قاتنىشىش نىسبىتى، سىناقتا لاياقەتلىك بولۇش نىسبىتىنى %100كە يەتكۈزۈشنى تەلەپ قىلىپ ھەم بۇلارنى ئىلغارلارنى تاللاش، مۇنەۋۋەرلەرنى باھالاش بىلەن باغلىۋېلىپ، بىرىنچى سەپتىكى ئوقۇتقۇچىلارنىڭ نۇرغۇن ۋاقتى ۋە زېھنىنى ئىگىلەپ، مەركەز تور بىخەتەرلىكى ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇش كومىتېتى بېسىپ تارقاتقان «<بارماق ئۇچىدىكى شەكىلۋازلىق>نىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تۈزەش توغرىسىدىكى بىر قانچە پىكىر» ھەمدە «ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى بەنگۇڭتىڭى، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى بەنگۇڭتىڭىنىڭ <ئاپتونوم رايوندىكى ئوتتۇرا- باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ يۈكىنى يېنىكلىتىش تىزىملىكى>نى بېسىپ تارقىتىش توغرىسىدىكى ئۇقتۇرۇشى»دىكى «مەجبۇرىي كېڭەيتىشكە، چۈشۈرۈشكە بولمايدۇ»، «يۈرەك بەرگەن كەسمە سۈرىتىنى يوللاشقا مەجبۇرلاشقا بولمايدۇ»، «مەكتەپلەرنىڭ ئوقۇش-ئوقۇتۇش بىلەن مۇناسىۋەتسىز ھەر خىل زېھىن سىناش مۇسابىقىلىرىنى قاتلاممۇ قاتلام تەشكىللەپ قانات يايدۇرۇشىنى خالىغانچە تەلەپ قىلىشقا بولمايدۇ، ئوقۇتقۇچى-ئوقۇغۇچىلاردىن ئوقۇش-ئوقۇتۇش بىلەن مۇناسىۋەتسىز ھەر خىل توردا جاۋاب بېرىش پائالىيىتى، ھەر خىل ماقالە قوبۇل قىلىش پائالىيىتىگە قاتنىشىشنى تەلەپ قىلىشقا بولمايدۇ» قاتارلىق تەلەپلەرگە خىلاپلىق قىلغان.

    4. بايىنغولىن ئوبلاستلىق بازار نازارەت قىلىش-باشقۇرۇش ئىدارىسىنىڭ ھۆججىتى، باھالىشى زىيادە كۆپ بولغان. 2023-يىلى 1-ئايدىن 12-ئايغىچە، بايىنغولىن ئوبلاستلىق بازار نازارەت قىلىش- باشقۇرۇش ئىدارىسى ناھىيە (شەھەر)لىك بازار نازارەت قىلىش-باشقۇرۇش ئىدارىلىرىگە جەمئىي 860 پارچە ھۆججەت تارقاتقان، بۇنىڭ ئىچىدە: خىزمەت ئەسكەرتمىسى 59 پارچە، ئاق باشلىق ھۆججەت 752 پارچە. پەقەت 2024-يىلى 1-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن 2-ئاينىڭ 6-كۈنىگىچە، ناھىيە (شەھەر)لىك بازار نازارەت قىلىش- باشقۇرۇش ئىدارىلىرىگە 90 پارچە ھۆججەت تارقاتقان، بۇنىڭ ئىچىدە ئاق باشلىق ھۆججەت 86 پارچە. شۇنىڭ بىلەن بىللە، بايىنغولىن ئوبلاستلىق بازار نازارەت قىلىش-باشقۇرۇش ئىدارىسىدىكى 23 بۆلۈم- ئىشخانا ھەر ئايدا ناھىيە (شەھەر)لىك بازار نازارەت قىلىش-باشقۇرۇش ئىدارىلىرىنىڭ كەسپىي خىزمەتلىرىنى سىستېمىلار بويىچە باھالاپ رەتكە تۇرغۇزغان ھەم ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش چىقارغان، ھەر ئايدا تولدۇرىدىغان خىزمەتنىڭ ئىلگىرىلەش ئەھۋالى بويىچە رەتكە تۇرغۇزۇش ئىستاتىستىكا جەدۋىلى، نومۇر قويۇش جەدۋىلى 30غا يەتكەن، بۇ، 29 تۈردىكى 197 باھالاش تۈرىگە چېتىلىدۇ، 2023-يىلى پۈتۈن بىر يىلدا ناھىيە، شەھەرلەرنىڭ خىزمەتلىرىنىڭ ئىلگىرىلەش ئەھۋالى ۋە كەسپىي باھالاش رەت تەرتىپىگە چېتىلىدىغان 67 پارچە ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش بېسىپ تارقاتقان، شەكلى ئۆزگەرگەن ھۆججەت تارقىتىش، كۆپ قېتىملىق مۇرەككەپ باھالاش ئاساسىي قاتلام كادىرلىرىنىڭ يۈكىنى ئېغىرلاشتۇرۇۋەتكەن. 

    شەكىلۋازلىق، بىيۇروكراتلىق پارتىيە ۋە دۆلەت ئىشلىرى تەرەققىياتىنىڭ چوڭ دۈشمىنى، پارتىيەنىڭ لۇشيەن، فاڭجېن، سىياسەتلىرى ۋە پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر، ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە توسقۇنلۇق قىلىدىغان چوڭ دۈشمەن. پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى ھەر دەرىجىلىك پارتىيە تەشكىلاتلىرى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شەكىلۋازلىق، بىيۇروكراتلىقنى تۈزەش توغرىسىدىكى تەدبىر- ئورۇنلاشتۇرمىلىرى ۋە ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ خىزمەت ئورۇنلاشتۇرۇشىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئاساسىي قاتلامدىن ئىنكاس قىلىنغان گەۋدىلىك مەسىلىلەرنى چىڭ كۆزلەپ تۈزەش، تۈزىتىشنى ياخشى تۇتۇپ، ھەقىقىي تۈردە ئاساسىي قاتلامنى باغلاقتىن بوشىتىپ يۈكىنى يېنىكلىتىشى كېرەك.