مىللەتلەر ئىشلىرىنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەش كېرەك

2024-03-22 :ۋاقىت
مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

لى خۇڭجۇڭ شىنجاڭدا تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلغاندا مۇنداق تەكىتلىدى

مىللەتلەر ئىشلىرىنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەش كېرەك

شىنخۇا ئاگېنتلىقى، ئۈرۈمچى، 3 ـ ئاينىڭ 20 ـ كۈنى تېلېگراممىسى جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ئەزاسى، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى لى خۇڭجۇڭ 3 ـ ئاينىڭ 18 ـ كۈنىدىن 20 ـ كۈنىگىچە شىنجاڭدا تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدى. ئۇ مۇنداق تەكىتلىدى: شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، شى جىنپىڭ قانۇنچىللىق ئىدىيەسى، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مىللەتلەر خىزمىتىنى كۈچەيتىش ۋە ياخشىلاش توغرىسىدىكى مۇھىم ئىدىيەسىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەشتىن ئىبارەت بۇ ئاساسىي لىنىيەنى چۆرىدەپ، مىللەتلەر خىزمىتى قانۇن ـ نىزام سىستېمىسىنى تاكامۇللاشتۇرۇپ، قانۇنچىللىقنىڭ ئاساسنى مۇستەھكەملەش، كۆزلىمىنى مۇقىملاشتۇرۇش، يىراق كەلگۈسىگە پايدىلىق بولۇش رولىنى تېخىمۇ ياخشى جارى قىلدۇرۇش كېرەك.

لى خۇڭجۇڭ ئىلگىرى ـ كېيىن بولۇپ ئۈرۈمچى شەھىرى، قىزىلسۇ قىرغىز ئاپتونوم ئوبلاستى، قەشقەر ۋىلايىتىگە بېرىپ، مەھەللە، يېزىلارغا چوڭقۇر چۆكۈپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى، جەمئىيەت مۇقىملىقىنى ئىلگىرى سۈرۈشتىكى مۇۋەپپەقىيەتلەر ۋە تەجرىبىلەرنى تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدى؛ چوڭ بازاردىكى سودىگەرلەر، ئائىلىۋى مېھمانخانا تىجارەتچىلىرى، يېزا ئىگىلىك شىركەتلىرىنى زىيارەت قىلىپ، ھەرقايسى مىللەت كىشىلىرى ئورتاق تىجارەت قىلىش، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىش، خىزمەت قىلىش ئەھۋالىنى تەپسىلىي ئىگىلىدى؛ قەشقەر داشۆدە جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەش ئىدىيەۋى ـ سىياسىي نەزەرىيە دەرسى توغرىسىدا تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدى، يېزا مەركىزىي باشلانغۇچ مەكتىپىدە دۆلەت ئورتاق تىل ـ يېزىقى مائارىپى تەرەققىياتىنى ئالغا سىلجىتىش ئەھۋالىنى تەكشۈردى، دىنىي زاتلار بىلەن دىنلار ئىناقلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈش توغرىسىدا پىكىر ئالماشتۇردى. لى خۇڭجۇڭ مۇنداق كۆرسەتتى: پارتىيە 18 ـ قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، باش شۇجى شى جىنپىڭ پارتىيە ۋە دۆلەت ئىشلىرى پۈتۈن ۋەزىيىتى يۈكسەكلىكىدىن يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى ئوتتۇرىغا قويدى، شىنجاڭ ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتى، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ـ تەرەققىياتىغا دائىر تۈرلۈك ئىشلاردا مىسلىسىز مۇۋەپپەقىيەتلەرنى قولغا كەلتۈردى، نېگىزىدىن ئېيتقاندا، بۇ باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ رول تۇتۇپ يول باشلىغانلىقىدىن، شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنىڭ ئىلمىي يېتەكچىلىكىدىن بولدى.

لى خۇڭجۇڭ ئۈرۈمچىدە سۆھبەت يىغىنىغا قاتنىشىپ، مىللەتلەر ئىشلىرىغا ئالاقىدار قانۇن تەتقىقاتى خىزمىتى توغرىسىدىكى پىكىر ـ تەكلىپلەرنى ئاڭلىدى. ئۇ مۇنداق تەكىتلىدى: باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مىللەتلەر خىزمىتىنى كۈچەيتىش ۋە ياخشىلاش توغرىسىدىكى مۇھىم ئىدىيەسى − «ئىككىنى بىرلەشتۈرۈش»نى قوللىنىشتا چىڭ تۇرۇپ، مىللەتلەر مەسىلىسىنى ھەل قىلىشنىڭ جۇڭگوچە توغرا يولىنى مۇستەھكەملەش ۋە كېڭەيتىشتە قولغا كەلتۈرۈلگەن مۇھىم نەزەرىيە نەتىجىسى، ئەمەلىيەت نەتىجىسى بولۇپ، ماركسىزملىق مىللەت نەزەرىيەسىنى جۇڭگوچىلاشتۇرۇش، دەۋرلەشتۈرۈشنىڭ يېڭى مەنزىلىنى ئاچتى. «ئىككىنى تىكلەش»نىڭ ھەل قىلغۇچ ئەھمىيىتىنى چوڭقۇر ئۆزلەشتۈرۈپ، «ئىككىنى قوغداش»نى قەتئىي ئىشقا ئاشۇرۇپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم ئىدىيەسىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، سىياسىي ھۆكۈم قىلىش ئىقتىدارى، سىياسىي ئۆزلەشتۈرۈش ئىقتىدارى، سىياسىي ئىجرا قىلىش ئىقتىدارىنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىپ، مىللەتلەر ئىشلىرىنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، پارتىيەنىڭ مىللەتلەر خىزمىتىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇش كېرەك. پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ مەركەزلىك بىرتۇتاش رەھبەرلىكىدە، مىللەتلەر ئىشلىرىغا ئالاقىدار قانۇن ـ نىزام سىستېمىسى قۇرۇلۇشىنى پۇختا ئالغا سىلجىتىپ، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئورتاقلىقىنى كۈچەيتىش، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى كۈچەيتىشنى باش ئورۇنغا قويۇپ ئويلىشىپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى قوغداشتىكى دۆلەت ئىرادىسى، خەلق ئىرادىسىنى نامايان قىلىپ، ھەرقايسى مىللەتلەرنىڭ ئورتاق ئىتتىپاقلىشىپ كۈرەش قىلىپ، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئالغا سىلجىتىشىنى پۇختا كاپالەت بىلەن تەمىنلەش كېرەك.