8 - نۆۋەتلىك جۇڭگو − ئاسىيا - ياۋروپا كۆرگەزمىسى 6 - ئاينىڭ 26 - كۈنىدىن 30 - كۈنىگىچە ئۆتكۈزۈلىدۇ

2024-03-25 :ۋاقىت
مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

تۇنجى قېتىم «بىردىنبىر ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىق ھەمراھى» تەسىس قىلىندى

شىنجاڭ گېزىتى، ئۈرۈمچى، 3 - ئاينىڭ 21 - كۈنى خەۋىرى ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى خېي خۇڭۋېي خەۋەر قىلىدۇ: 3 - ئاينىڭ 20 - كۈنى، جۇڭگو − ئاسىيا - ياۋروپا كۆرگەزمىسى كاتىبات باشقارمىسى شىنجاڭ بانكىسى پاي چەكلىك شىركىتى بىلەن 8 - نۆۋەتلىك جۇڭگو − ئاسىيا - ياۋروپا كۆرگەزمىسىنىڭ بىردىنبىر ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىق ھەمراھىلىق كېلىشىمى ئىمزالىدى، بۇ، جۇڭگو − ئاسىيا - ياۋروپا كۆرگەزمىسىدە تۇنجى قېتىم «بىردىنبىر ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىق ھەمراھى»نىڭ تەسىس قىلىنىشى. شۇنىڭ بىلەن بىللە، بۇ نۆۋەتلىك كۆرگەزمىنىڭ 6 - ئاينىڭ 26 - كۈنىدىن 30 - كۈنىگىچە ئۈرۈمچىدە ئۆتكۈزۈلىدىغانلىقى ئېلان قىلىندى.

كېلىشىمگە ئاساسەن، شىنجاڭ بانكىسى 10 مىليون يۈەن مەبلەغ ياردىمى بېرىپ، 8 - نۆۋەتلىك جۇڭگو − ئاسىيا - ياۋروپا كۆرگەزمىسىنىڭ بىردىنبىر نام يېزىش ھوقۇقىغا ئېرىشىدۇ. شىنجاڭ بانكىسى پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى، باش مۇدىر چىن چۈەنجىن مۇنداق بىلدۈردى: شىنجاڭ بانكىسى 8 - نۆۋەتلىك جۇڭگو − ئاسىيا - ياۋروپا كۆرگەزمىسىگە ياخشى مەدەت بېرىش ۋە ياخشى مۇلازىمەت قىلىشنى بىر تۈرلۈك مۇھىم خىزمەت دەپ بىلىپ، يۇقىرى ئۆلچەمدە مۇلازىمەت قىلىش، كۆرگەزمىنى يۇقىرى سەۋىيەدە ئۆتكۈزۈشتە چىڭ تۇرۇپ، مەخسۇس خىزمەت بەنى تەشكىللەپ، كاپالەت تەدبىرلىرىنى ئىنچىكىلەشتۈرۈپ، جۇڭگو − ئاسىيا - ياۋروپا كۆرگەزمىسىنى ھەر تەرەپلىمە مەدەت بىلەن تەمىنلەپ، كۆرگەزمىگە قاتناشقان كارخانىلارنى تېخىمۇ قولاي، يۇقىرى ئۈنۈملۈك، ئەلا سۈپەتلىك پۇل مۇئامىلە مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلەيدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىللە، بازارلاشقان تىجارەت ئەندىزىسى ئارقىلىق، ئىككى تەرەپ ماركىسىنىڭ تەسىر كۈچىنى كېڭەيتىپ، ماركىنىڭ تونۇلۇش دەرىجىسىنى ئورتاق ئۆستۈرۈپ، قول تۇتۇشۇپ يۇقىرى سۈپەتلىك كۆرگەزمىنىڭ يېڭى ئۈلگىسىنى يارىتىدۇ.

جۇڭگو − ئاسىيا - ياۋروپا كۆرگەزمىسى سودا مىنىستىرلىقى، دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقى، جۇڭگو سودىنى ئىلگىرى سۈرۈش جەمئىيىتى ۋە ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى بىرلىكتە مەسئۇل بولۇپ ئۆتكۈزىدىغان دۆلەت دەرىجىلىك، خەلقئارا خاراكتېردىكى، ئۇنىۋېرسال تىپتىكى كۆرگەزمە، جۇڭگو بىلەن ئاسىيا - ياۋروپا دۆلەتلىرىنىڭ يۇقىرى قاتلام دىپلوماتىيەسىدىكى مۇھىم سۇپا، كۆپ ساھە ھەمكارلىقىدىكى مۇھىم يول، يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى يادرولۇق رايونى قۇرۇلۇشىنى ئالغا سىلجىتىشتىكى مۇھىم تەدبىر، شىنجاڭنىڭ ياخشى ئوبرازىنى نامايان قىلىشتىكى مۇھىم كۆزنەك. ھازىرغا قەدەر، ئاسىيا - ياۋروپا كۆرگەزمىسى يەتتە نۆۋەت مۇۋەپپەقىيەتلىك ئۆتكۈزۈلدى، جارى قىلدۇرغان رولى ئۈزلۈكسىز كۈچىيىپ، ئىچكى خاس مەزمۇنى ئۈزلۈكسىز بېيىپ، شىنجاڭنىڭ سىرتقا ئېچىۋېتىشى ۋە يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنى زور دەرىجىدە تېزلەتتى، شىنجاڭنىڭ دۆلەت ئىچىدىكى ھەرقايسى ئۆلكە، ئاپتونوم رايون، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلەر ۋە ئەتراپتىكى دۆلەتلەر بىلەن بولغان ئالماشتۇرۇشى، ھەمكارلىشىشىنى كۈچەيتتى.