ئاپتونوم رايونىمىزدا بۇ يىل ئەتىياز پەسىللىك ئەڭ چوڭ كۆلەمدىكى ئالىي مەكتەپنى پۈتكۈزگەنلەرنى خىزمەتكە تەكلىپ قىلىش يىغىنى ئۆتكۈزۈلدى

2024-03-25 :ۋاقىت
مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

1031 ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇن ئىختىساسلىقلارنى جەلپ قىلدى، 36 مىڭدىن ئارتۇق ئادەم نەق مەيدانغا كېلىپ خىزمەت ئىزدىدى

ئاپتونوم رايونىمىزدا بۇ يىل ئەتىياز پەسىللىك ئەڭ چوڭ كۆلەمدىكى ئالىي مەكتەپنى پۈتكۈزگەنلەرنى خىزمەتكە تەكلىپ قىلىش يىغىنى ئۆتكۈزۈلدى

شىنجاڭ گېزىتى، ئۈرۈمچى، 3 - ئاينىڭ 23 - كۈنى خەۋىرى ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى جاۋ چۇنخۇا خەۋەر قىلىدۇ: 3 - ئاينىڭ 23 - كۈنى، ئاپتونوم رايوننىڭ 2024 - يىللىق ئالىي مەكتەپنى پۈتكۈزگەنلەرنى ئەتىياز پەسىللىك خىزمەتكە تەكلىپ قىلىش يىغىنى ھەم «كەسىپ ئارقىلىق كەلگۈسىگە يېتەكلەش» مەملىكەت بويىچە چوڭ، ئوتتۇرا شەھەرلەرنىڭ سەييارە خىزمەتچى تەكلىپ قىلىش شىنجاڭ بېكىتى پائالىيىتى شىنجاڭ خەلقئارا يىغىن - كۆرگەزمە مەركىزى(ئاساسىي يىغىن مەيدانى)دە ئۆتكۈزۈلدى، شۇنىڭ بىلەن بىللە، كورلا شەھىرى، كۇچا شەھىرىدە شۆبە مەيدان تەسىس قىلىندى. شۇ كۈنى جەمئىي 1031 كارخانا، كەسپىي ئورۇن 25 مىڭدىن ئارتۇق ئىشقا ئورۇنلىشىش ئىش ئورنى بىلەن تەمىنلەپ، 36 مىڭدىن ئارتۇق كىشىنى نەق مەيدانغا كېلىپ خىزمەت ئىزدەشكە جەلپ قىلدى، بىۋاسىتە كۆرسىتىش پائالىيىتىگە قاتناشقانلار 3 مىليون 300 مىڭ ئادەم قېتىمدىن كۆپرەككە يەتتى.

بۇ قېتىمقى پائالىيەتنى ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت مىنىستىرلىقى قانات يايدۇرغان بولۇپ، ئاپتونوم رايونلۇق ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت نازارىتى، بىڭتۇەن ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت ئىدارىسى، ئاپتونوم رايونلۇق مائارىپ نازارىتى قاتارلىق سەككىز ئورۇن مەسئۇل بولۇپ ئۆتكۈزدى. بۇ يىل ئەتىياز پەسىللىك ئەڭ كەڭ كۆلەمدىكى ئالىي مەكتەپنى پۈتكۈزگەنلەرنى خىزمەتكە تەكلىپ قىلىش يىغىنى بولۇش سۈپىتى بىلەن، بۇنىڭدا 2024 - يىلى ئالىي مەكتەپنى پۈتكۈزگەنلەر، ئۆتكەن ھەر قارارلىق ئالىي مەكتەپنى پۈتكۈزۈپ ئىشقا ئورۇنلاشمىغانلار بىلەن ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇنلار ئارىسىدا تەمىنلەش - ئېھتىياج مۇلازىمەت سۇپىسى بەرپا قىلىش مەقسەت قىلىندى.

پائالىيەت تور ۋە تور سىرتىنى بىرلەشتۈرۈش شەكلىدە ئۆتكۈزۈلدى، نەق مەيداندا خىزمەتچى تەكلىپ قىلىش رايونى، سىياسەت جەھەتتىن مەسلىھەت بېرىش رايونى، قىسقىچە تەرجىمىھالنى تەكشۈرۈپ تۈزىتىش رايونى، يۈزتۇرا ئىمتىھان كېڭىشىش رايونى، بىۋاسىتە كۆرسىتىپ ئىش ئورنىنى تونۇشتۇرۇش رايونى ۋە ئۇنىۋېرسال مۇلازىمەت رايونى تەسىس قىلىنىپ، ئالىي مەكتەپنى پۈتكۈزگەنلەر ۋە ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇنلارنى خىزمەت ئىزدەش، خىزمەتچى تەكلىپ قىلىش، ئىشقا ئورۇنلىشىشقا يېتەكچىلىك قىلىش، سىياسەتنى تەشۋىق قىلىش، نەق مەيداندا يۈزتۇرا ئىمتىھان ئېلىش قاتارلىق مۇلازىمەتلەر بىلەن تەمىنلىدى. شۇنىڭ بىلەن بىللە، جۇڭگو شىنجاڭ ئىختىساسلىقلار تورىدا پائالىيەت مەخسۇس رايونى تەسىس قىلىنىپ، كارخانا، كەسپىي ئورۇنلارنىڭ خىزمەتكە تەكلىپ قىلىش ئۇچۇرى ئېلان قىلىنىپ، توردا خىزمەتكە تەكلىپ قىلىش پائالىيىتى ماس قەدەمدە قانات يايدۇرۇلدى.

«خىزمەتكە تەكلىپ قىلىش يىغىنى سائەت 10دىن 30 مىنۇت ئۆتكەندە باشلاندى، لېكىن بىر سائەت بۇرۇنلا خىزمەت ئىزدىگۈچىلەر كەينى - كەينىدىن مەيدانغا كىردى، بىزمۇ نۇرغۇن قىسقىچە تەرجىمىھالنى تاپشۇرۇۋالدۇق.» شىنجاڭ چىئەن چۇاڭشىن سانائەت ئالاقە تورى بىخەتەرلىكى چەكلىك شىركىتىنىڭ كۆزنىكى ئالدىدا، باش دىرېكتور ياڭ شېڭ خىزمەت ئىزدىگۈچىلەرگە ئىش ئورنى ئېھتىياجىنى تونۇشتۇرۇش بىلەن ئالدىراش ئىدى.

مەيدانغا كىرىپ يېرىم سائەت بولمايلا، شىنجاڭ تىيانشان كەسپىي تېخنىكا داشۆسى خەلقئارا ئىقتىساد ۋە سودا كەسپىنىڭ ئوقۇغۇچىسى دۇڭ شۈ قىسقىچە تەرجىمىھالىدىن بىرنەچچە نۇسخىنى تاپشۇردى. «نەق مەيدانغا شۇنچە كۆپ ئادەمنىڭ كەلگەنلىكىنى كۆرۈپ، مەن بىردىنلا بېسىم ھېس قىلدىم. شىنجاڭ ئەركىن سودا سىناق رايونى قۇرۇۋاتىدۇ، مېنىڭ بۇ كەسپىمنىڭ ئۆز كارامىتىنى كۆرسىتىدىغان ئورنىنىڭ بارلىقىغا ئىشىنىمەن» دېدى دۇڭ شۈ.

بۇ قېتىمقى خىزمەتكە تەكلىپ قىلىش پائالىيىتىدە تۇنجى قېتىم 30 ئالىي مەكتەپ تۈرلۈك ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇنلارغا يۈزلەنگەن ئوقۇش پۈتكۈزگەنلەرنى تونۇشتۇرۇش مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلەشكە ئورۇنلاشتۇرۇلۇپ، مەكتەپ - كارخانا ھەمكارلىقىنىڭ يېڭى سۇپىسى بەرپا قىلىنىپ، مائارىپ، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش ھەمكارلىقىنىڭ يېڭى ئەندىزىسى ئۈستىدە ئىزدىنىلدى. ئىگىلىك تىكلەش بويىچە يېتىشتۈرۈش بازىسىدىن ئالتىنى، پۇل مۇئامىلە ئاپپاراتلىرىدىن ئۈچنى ئىگىلىك تىكلەشكە يېتەكچىلىك قىلىشقا تەكلىپ قىلىپ، ئىگىلىك تىكلەش سىياسىتى جەھەتتىن مەسلىھەت بېرىش، يېتىشتۈرۈش مۇلازىمىتىنى تونۇشتۇرۇش، تۈر بايلىقىنى ئۇدۇللاشتۇرۇش، پۇل مۇئامىلە قەرز پۇلى ئارقىلىق يۆلەش، ئىگىلىك تىكلەش تەجرىبىلىرىدىن بەھرىلەندۈرۈش قاتارلىق مۇلازىمەتلەر بىلەن تەمىنلەپ، نۇرغۇن خىزمەت ئىزدىگۈچىلەرنى قاتنىشىشقا جەلپ قىلدى.

پائالىيەت مەزگىلىدە، ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت مىنىستىرلىقى مەملىكەتلىك ئىختىساسلىقلارنى يۆتكەش مەركىزى يەنە كەسپىي جەھەتتىن يېتەكلەش مۇتەخەسسىسلىرىنى تەكلىپ قىلىپ، شىنجاڭ داشۆ، شىنجاڭ يېزا ئىگىلىك داشۆسىدە «ھازىرقى داشۆ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىش ۋەزىيىتى ۋە تەدبىر» باش تېما قىلىنغان مەخسۇس تېمىلىق لېكسىيەنى قانات يايدۇردى، ئىككى ئالىي مەكتەپتىن 1000دىن ئارتۇق ئوقۇغۇچى نەق مەيداندا لېكسىيە ئاڭلىدى.

كېيىنكى قەدەمدە، پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى ھەر دەرىجىلىك ئاممىۋى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش مۇلازىمىتى ئاپپاراتلىرى ئاممىۋى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش مۇلازىمىتىنى ئاساسىي قاتلامغا يۈزلەندۈرۈشكە سىجىل تۈرتكە بولۇپ، شارائىتقا قاراپ ئىش كۆرۈپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش مۇلازىمەت پونكىتى قۇرۇپ، ئاممىۋى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش مۇلازىمىتى مەخسۇس تۈر پائالىيىتىنى بىرتۇتاش پىلانلاپ قانات يايدۇرۇپ، «چوڭ سانلىق مەلۇمات + تۆمۈر تاپان» مۇلازىمەت ئەندىزىسىدىن پايدىلىنىپ، ئالىي مەكتەپنى پۈتكۈزگەنلەرنى ھەقىقىي ئىسمى بىلەن ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش مۇلازىمىتىنى ئومۇميۈزلۈك ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئالىي مەكتەپنى پۈتكۈزگەنلەر قاتارلىق ياشلار توپىنىڭ يۇقىرى سۈپەتتە تولۇق ئىشقا ئورۇنلىشىشىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ.