سىياسىي ئاڭلىقلىقنى كۈچەيتىپ پارتىيە ئىنتىزامىنى ئۆگىنىش تەربىيەسىنى قەتئىي ياخشى تۇتۇپ، يۇقىرى سۈپەتلىك پارتىيە قۇرۇلۇشى ئارقىلىق شىنجاڭنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا يېتەكچىلىك قىلىش، كاپالەتلىك قىلىش كېرەك

2024-04-14 :ۋاقىت
مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

ما شىڭرۇي ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى پارتىيە قۇرۇلۇشى خىزمىتى رەھبەرلىك گۇرۇپپىسى يىغىنىدا مۇنداق تەكىتلىدى

سىياسىي ئاڭلىقلىقنى كۈچەيتىپ پارتىيە ئىنتىزامىنى ئۆگىنىش تەربىيەسىنى قەتئىي ياخشى تۇتۇپ، يۇقىرى سۈپەتلىك پارتىيە قۇرۇلۇشى ئارقىلىق شىنجاڭنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا يېتەكچىلىك قىلىش، كاپالەتلىك قىلىش كېرەك

ئەركىن تۇنىياز، زۇمرەت ئوبۇل، نۇرلان ئەبىلمەجىن، خې جۇڭيوۋ، جاڭ جۇ قاتناشتى

شىنجاڭ گېزىتى، ئۈرۈمچى، 4 - ئاينىڭ 12 - كۈنى خەۋىرى ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى ۋاڭ شىڭرۇي خەۋەر قىلىدۇ: ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى پارتىيە قۇرۇلۇشى خىزمىتى رەھبەرلىك گۇرۇپپىسى 4 - ئاينىڭ 12 - كۈنى چۈشتىن بۇرۇن يىغىن ئاچتى، يىغىندا باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ پارتىيە ئىنتىزامىنى ئۆگىنىش تەربىيەسىنى قانات يايدۇرۇش توغرىسىدىكى مۇھىم سۆزى، مۇھىم يوليورۇقىنىڭ روھى چوڭقۇر ئۆگىنىلدى، ئىزچىللاشتۇرۇلدى، «پۈتۈن پارتىيەدە پارتىيە ئىنتىزامىنى ئۆگىنىش تەربىيەسىنى قانات يايدۇرۇش توغرىسىدىكى ئۇقتۇرۇش»نىڭ روھى ۋە مەركىزىي كومىتېت پارتىيە قۇرۇلۇشى خىزمىتى رەھبەرلىك گۇرۇپپىسى يىغىنىنىڭ ئورۇنلاشتۇرما تەلىپى ئەمەلىيلەشتۈرۈلدى، ئاپتونوم رايوننىڭ پارتىيە ئىنتىزامىنى ئۆگىنىش تەربىيەسى خىزمىتى مۇھاكىمە قىلىندى، ئورۇنلاشتۇرما قىلىندى؛ ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى پارتىيە قۇرۇلۇشى خىزمىتى رەھبەرلىك گۇرۇپپىسىنىڭ 2024 - يىللىق خىزمەت مۇھىم نۇقتىسى مۇھاكىمە قىلىنىپ قاراپ چىقىلدى، پۈتۈن ئاپتونوم رايوننىڭ پارتىيە قۇرۇلۇشى خىزمىتى ئورۇنلاشتۇرۇلدى، ئورۇنلاشتۇرما قىلىندى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى پارتىيە قۇرۇلۇشى خىزمىتى رەھبەرلىك گۇرۇپپىسىنىڭ گۇرۇپپا باشلىقى ما شىڭرۇي يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى.

ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ئاپتونوم رايوننىڭ رەئىسى ئەركىن تۇنىياز يىغىنغا قاتناشتى ھەم باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزى، مۇھىم يوليورۇقى ۋە مەركىزىي كومىتېت يىغىنى، ھۆججەتلىرىنىڭ روھىنى يەتكۈزدى. ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ مۇدىرى زۇمرەت ئوبۇل، ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەشنىڭ رەئىسى نۇرلان ئەبىلمەجىن، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى خې جۇڭيوۋ يىغىنغا قاتناشتى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، تەشكىلات بۆلۈمىنىڭ بۆلۈم باشلىقى جاڭ جۇ يىغىنغا قاتناشتى ھەم ئاپتونوم رايوننىڭ پارتىيە ئىنتىزامىنى ئۆگىنىش تەربىيەسىنى قانات يايدۇرۇشنى يولغا قويۇش لايىھەسى توغرىسىدا چۈشەنچە بەردى.

ما شىڭرۇي مۇنداق تەكىتلىدى: پارتىيە ئىنتىزامىنى ئۆگىنىش تەربىيەسىنى قانات يايدۇرۇش يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى چىقارغان مۇھىم ئورۇنلاشتۇرما، پارتىيە ئىنتىزامى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش، پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشنىڭ چوڭقۇرلاپ تەرەققىي قىلىشىغا تۈرتكە بولۇشتىكى مۇھىم تەدبىر. باش شۇجى شى جىنپىڭ مۇھىم سۆز قىلىپ، مۇھىم يوليورۇق بېرىپ، پارتىيە ئىنتىزامىنى ئۆگىنىش تەربىيەسىنى قانات يايدۇرۇش ئۈچۈن ئالغا ئىلگىرىلەش يۆنىلىشىنى ئېنىق كۆرسىتىپ بەردى، تۈپ قوللانما بىلەن تەمىنلىدى. بىز سىياسىي يۈكسەكلىكنى ئۆستۈرۈپ، ھەقىقىي تۈردە ئىدىيە ۋە ھەرىكىتىمىزنى باش شۇجىنىڭ مۇھىم سۆزى، مۇھىم يوليورۇقىنىڭ روھى ۋە پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلىرىغا بىرلىككە كەلتۈرۈپ، يۈكسەك سىياسىي ئاڭلىقلىق، ئىدىيە ئاڭلىقلىقى ۋە ھەرىكەت ئاڭلىقلىقى بىلەن پارتىيە ئىنتىزامىنى ئۆگىنىش تەربىيەسىنى قەتئىي ياخشى تۇتۇشىمىز كېرەك.

ما شىڭرۇي مۇنداق تەكىتلىدى: بۇ قېتىمقى پارتىيە ئىنتىزامىنى ئۆگىنىش تەربىيەسىنى باسقۇچلارغا بۆلمەي، ھالقىلارغا ئايرىماي، كۈندىلىك تۇرمۇشقا سىڭدۈرۈپ، دائىم تۇتۇپ، دىققەتنى بىر قىسىم پارتىيەلىك كادىرلاردىكى پارتىيە نىزامى، پارتىيە ئىنتىزامىغا كۆڭۈل قويماسلىق، چۈشەنمەسلىك، ئىگىلىمەسلىك قاتارلىق مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشقا مەركەزلەشتۈرۈش كېرەك. ھەرقايسى جايلار، ھەرقايسى تارماقلار دىققەتنى باش تېمىغا مەركەزلەشتۈرۈشتە چىڭ تۇرۇپ، سۇپا، ۋاسىتىلەرنى بېيىتىپ، نۇقتىلىق تەدبىرلەرنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئۆگىنىش تەربىيەسىنىڭ چوڭقۇرلىشىشى، ئەمەلىيلىشىشىگە تۈرتكە بولۇشى كېرەك. «جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ ئىنتىزام جازاسى نىزامى»نى ئەينەن ئۆگىنىپ، ئۆزلەشتۈرۈپ، پارتىيە كومىتېتى نەزەرىيە ئۆگىنىش مەركىزىي گۇرۇپپىسى ئۆگىنىش قىلىش، كىتاب ئوقۇش كۇرسى ئۇيۇشتۇرۇش قاتارلىق شەكىللەرنى قوللىنىپ، شەخسلەرنىڭ ئۆزلۈكىدىن ئۆگىنىشىنى مەركەزلىك ئۆگىنىش بىلەن ئۆزئارا بىرلەشتۈرۈپ، «نىزام»نى ماددىمۇماددا ئۆگىنىش كېرەك. ئاساسىي قاتلام پارتىيە تەشكىلاتلىرى كۆپ خىل شەكىللەر ئارقىلىق پارتىيە ئەزالىرىنىڭ ئۆگىنىشىنى ياخشى تەشكىللىشى كېرەك. ھەر دەرىجىلىك پارتىيە تەشكىلاتلىرىنىڭ شۇجىلىرى ۋە ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتىنىڭ شۇجىلىرى (ئىنتىزام تەكشۈرۈش ھەيئەتلىرى) بىر قەدەم ئالدىدا ئۆگىنىشى، بىر قاتلام چوڭقۇر ئۆگىنىشى كېرەك. ئىبرەت تەربىيەسىنى كۈچەيتىشكە ئەھمىيەت بېرىپ، ئاپتونوم رايونلۇق، ۋىلايەتلىك، ناھىيەلىك پارتىيە كومىتېتىنىڭ ئىبرەت تەربىيەسى يىغىنىنى ياخشى ئېچىپ، ئىبرەت تەربىيەسى بازىسىدىن ياخشى پايدىلىنىپ، كەڭ پارتىيەلىك كادىرلارنى ئىنتىزامنى ئۆگىنىش، ئىنتىزامنى بىلىش، ئىنتىزامنى ئايدىڭلاشتۇرۇش، ئىنتىزامغا رىئايە قىلىشقا يېتەكلەپ، دېلو ئارقىلىق تۈزىتىشنى ئىلگىرى سۈرۈش، دېلو ئارقىلىق ئىدارە قىلىشنى ئىلگىرى سۈرۈش خىزمىتىنى ياخشى تۇتۇپ، قاراتمىلىق ھالدا ياخشىلاش، دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش كېرەك. يېشىپ چۈشەندۈرۈش، تەربىيەلەشنى ھەقىقىي ياخشى تۇتۇپ، تەشۋىق قىلىش، چۈشەندۈرۈش خىزمىتىنى كۈچەيتىپ، ھەر دەرىجىلىك پارتىيە كومىتېتى پارتىيە مەكتىپى(مەمۇرىيەت شۆيۈەنى)، كادىرلار شۆيۈەنىنىڭ پارتىيە ئىنتىزامى ئوقۇتۇشىنى كۈچەيتىپ، «يېڭى دەۋردىكى شىنجاڭ كادىرلىرى چوڭ دەرسخانىسى»دىن ياخشى پايدىلىنىپ ئوقۇتۇشنى قانات يايدۇرۇپ، يېڭىدىن ئۆستۈرۈلگەن كادىرلار، ياش كادىرلار، ئاچقۇچلۇق ئىش ئورنىدىكى كادىرلارنى تولۇق نۆۋەتلەشتۈرۈپ تەربىيەلەپ، كەڭ پارتىيەلىك كادىرلارنى «نىزام»نى چۈشىنىش ۋە تەتبىقلاشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشقا يېتەكلەش كېرەك.

ما شىڭرۇي مۇنداق تەكىتلىدى: ھەر دەرىجىلىك پارتىيە كومىتېتى(پارتىيە گۇرۇپپا)لىرى پارتىيە ئىنتىزامىنى ئۆگىنىش تەربىيەسىنى قانات يايدۇرۇشنى مۇھىم سىياسىي ۋەزىپە قىلىپ، تەشكىلىي رەھبەرلىكنى كۈچەيتىپ، تۈرگە ئايرىپ يېتەكچىلىك قىلىشنى ياخشى ئىشلەپ، پۇختا ئۈنۈمنى قولغا كەلتۈرۈشكە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك. شەكىلۋازلىقنى تۈزەپ ئاساسىي قاتلامنىڭ يۈكىنى يېنىكلىتىشنى پارتىيە ئىنتىزامىنى ئۆگىنىش تەربىيەسىنىڭ مۇھىم مەزمۇنى قىلىپ، كىتاب ئوقۇش خاتىرىسى، تەسىرات ماقالىسى يېزىش قاتارلىقلارغا قاتتىق تەلەپ قويماسلىق، ئىز قالدۇرۇپ باشقۇرۇشنى تەلەپ قىلماسلىق، ئارخىپ تەكشۈرمەسلىك، ئاساسىي قاتلامنىڭ ماتېرىيال تولدۇرۇشىنى تەلەپ قىلماسلىق، زۆرۈرىيىتى بولمىغان شەكىلدە يېڭىلىق ياراتماسلىق، «ئۆزى تاللىغان ھەرىكەت»نى خالىغانچە كۆپەيتمەسلىك، قاتلاممۇقاتلام يۈكلەپ ئاساسىي قاتلامنىڭ يۈكىنى ئېغىرلىتىۋەتمەسلىك، ھەرقايسى ساھەلەردىكى گەۋدىلىك مەسىلىلەرنى كۈچەپ ھەل قىلىش كېرەك. پارتىيە ئىنتىزامىنى ئۆگىنىش تەربىيەسىنى قانات يايدۇرۇشنى پۇرسەت بىلىپ، شىنجاڭنىڭ پارتىيە ئىنتىزامى قۇرۇلۇشىنى ئومۇميۈزلۈك كۈچەيتىپ، كەڭ پارتىيەلىك كادىرلارنى سىياسىي ئىنتىزام ۋە سىياسىي قائىدىگە قاتتىق رىئايە قىلىشقا يېتەكلەپ، «تۆۋەن دەرىجىلىك قىزىل» «يۇقىرى دەرىجىلىك قارا»نىڭ قەتئىي ئالدىنى ئېلىپ، تەشكىلىي ئىنتىزام، پاكلىق ئىنتىزامى، ئاممىۋى ئىنتىزام، خىزمەت ئىنتىزامى، تۇرمۇش ئىنتىزامىنى چىڭىتىپ، پارتىيە ئىستىلى، پاكلىق قۇرۇلۇشىنىڭ ۋە چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشىنىڭ چوڭقۇرلاپ تەرەققىي قىلىشىغا سىجىل تۈرتكە بولۇپ، گۈزەل شىنجاڭ قۇرۇپ چىقىشنى كۈچلۈك ئىنتىزام كاپالىتى بىلەن تەمىنلەش كېرەك.

ما شىڭرۇي مۇنداق تەكىتلىدى: باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ پارتىيە قۇرۇلۇشى توغرىسىدىكى مۇھىم ئىدىيەسىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيە قۇرۇلۇشىنىڭ ئومۇمىي تەلىپىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، «ئىككىنى تىكلەش»نى قەتئىي ھىمايە قىلىدىغان، «ئىككىنى قوغداش»نى قەتئىي ئىشقا ئاشۇرىدىغان ئەمەلىي ھەرىكەت بىلەن باش شۇجىنىڭ ۋە پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ پارتىيە قۇرۇلۇشى خىزمىتى توغرىسىدىكى تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى جايىدا ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، شىنجاڭنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تېخىمۇ ياخشى يېتەكچىلىك قىلىش، كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسى ئارقىلىق قەلبنى مۇجەسسەملەپ، روھنى تاۋلاشتا چىڭ تۇرۇپ، بولۇپمۇ يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى چۈشىنىش ۋە ئىگىلەشنى سىجىل چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، مۇقىملىقنى تۇتۇش ۋە تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرۈشتىن ئىبارەت ئىككى جەھەتتىكى خىزمەتلەرنى بىرتۇتاش پىلانلاپ بىرلەشتۈرۈشنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، شىنجاڭ خىزمىتىنىڭ باشتىن - ئاخىر توغرا يۆنىلىشنى بويلاپ ئالغا ئىلگىرىلىشىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. پارتىيە قۇرۇلۇشى ئارقىلىق جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەشكە يېتەكچىلىك قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، پارتىيەلىك كادىرلارنى تەربىيەلەپ يېتىشتۈرۈش ۋە ئاممىۋى تەربىيە ئەمەلىيىتىنى كۈچەيتىپ، جۇڭگو قەلبى، جۇڭخۇا روھىنى سىجىل مۇستەھكەملەش كېرەك. ھەر دەرىجىلىك رەھبەرلىك بەنزىلىرى ۋە كادىرلار قوشۇنى قۇرۇلۇشىنى سىجىل كۈچەيتىپ، مۇنەۋۋەر كادىرلار ۋە خىزمەت كۈچلىرىنىڭ ئاساسىي قاتلامغا چۆكۈشىگە تۈرتكە بولۇپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات ۋە جەمئىيەت ئىدارە قىلىش سەۋىيەسىنى ئومۇميۈزلۈك ئۆستۈرۈش كېرەك. پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، باشتىن - ئاخىر قاتتىق بولۇش ئاساسىي رىتىمى ئارقىلىق ئىستىلنى توغرىلاپ، ئىنتىزامنى چىڭىتىشنى كۈچەيتىپ، پارتىيە ئىنتىزامىنى ئۆگىنىش تەربىيەسىنى پۇختا قانات يايدۇرۇپ، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنىڭ شىنجاڭ ئەمەلىيىتىنى ئالغا سىلجىتىش ئۈچۈن ئىستىل دۇرۇس، كەيپىيات توغرا بولغان سىياسىي ئېكولوگىيە بەرپا قىلىش كېرەك.

تيەن شياڭلى، چېن مىڭگو، ۋاڭ جيەنشىن، ئېلزات ئەخمەتجان، قادېن كەبىن، ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەش ۋە ئاپتونوم رايونلۇق سوت مەھكىمىسى، تەپتىش مەھكىمىسىدىكى ئالاقىدار رەھبەرلەر، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى پارتىيە قۇرۇلۇشى خىزمىتى رەھبەرلىك گۇرۇپپىسىدىكى ئالاقىدار رەھبەرلەر ۋە ئەزالار قاتارلىقلار يىغىنغا قاتناشتى.