شىنجاڭ كەسىپ ھەمكارلىقى بويىچە سودىگەر چاقىرىش، تونۇشتۇرۇش يىغىنىدا ئىمزالانغان كېلىشىم سوممىسى 8 مىليارد 429 مىليون يۈەن بولدى

2024-04-14 :ۋاقىت
مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

   شىنجاڭ گېزىتى، شاڭخەي، 4 - ئاينىڭ 12 - كۈنى خەۋىرى ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى خېي خۇڭۋېي خەۋەر قىلىدۇ: 4 - ئاينىڭ 12 - كۈنى، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى مەسئۇل بولۇپ ئۆتكۈزگەن، ئاپتونوم رايونلۇق سودا نازارىتى ئۆتكۈزۈشنى ئۈستىگە ئالغان 2024 - يىللىق «شىنجاڭغا كېلىپ ئىگىلىك تىكلىشىڭلارنى قارشى ئالىمىز . شىنجاڭ كەسىپ ھەمكارلىقى بويىچە سودىگەر چاقىرىش، تونۇشتۇرۇش يىغىنى» شاڭخەيدە ئۆتكۈزۈلدى، نەق مەيداندا 20 تۈردە كېلىشىم ئىمزالىنىپ، ئىمزالانغان كېلىشىم سوممىسى 8 مىليارد 429 مىليون يۈەنگە يەتتى، بۇ، ئېنېرگىيە، توقۇمىچىلىق، يېڭى ماتېرىيال قاتارلىق نۇرغۇن خاس، ئەۋزەل ساھەلەرگە چېتىلىدۇ.

بۇ قېتىمقى تونۇشتۇرۇش يىغىنى بۇ يىل شىنجاڭ ھۆكۈمەت ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ تۇنجى قېتىم چوڭ كۆلەمدە سىرتقا چىقىپ سودىگەر چاقىرىشى ھېسابلىنىدۇ. ئاساسلىقى شاڭخەي، جېجياڭ، جياڭسۇ، ئەنخۇي قاتارلىق چاڭجياڭ دېلتىسىدىكى رايونلاردىن كەلگەن 100دىن ئارتۇق دۆلەت ئىچىدىكى كارخانا يىغىنغا قاتناشتى. ئاپتونوم رايونلۇق سودا نازارىتى، ئاپتونوم رايونلۇق تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتى ھەم ئۈرۈمچى شەھىرى، ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستى، قاراماي شەھىرى، سانجى خۇيزۇ ئاپتونوم ئوبلاستى، ئاقسۇ ۋىلايىتى، خوتەن ۋىلايىتىدىن ئىبارەت ئالتە ۋىلايەت، ئوبلاست، شەھەر نەق مەيداندا تونۇشتۇردى، شىنجاڭنىڭ «سەككىز چوڭ كەسىپ توپى» قۇرۇلۇشى، جۇڭگو (شىنجاڭ) ئەركىن سودا سىناق رايونى قۇرۇلۇشى ھەمدە ھەرقايسى جايلارنىڭ بايلىق ئۈستۈنلۈكى، ئېنېرگىيە ئەۋزەللىكى قاتارلىقلارنى نۇقتىلىق تونۇشتۇردى. يىغىندا يەنە 8 - نۆۋەتلىك جۇڭگو − ئاسىيا - ياۋروپا كۆرگەزمىسى تونۇشتۇرۇلدى ھەم يىغىنغا قاتناشقان ئەزىز مېھمانلار تەكلىپ قىلىندى.

تونۇشتۇرۇش يىغىنىدا، شاڭخەي يىشىن ئوقەتچىلىك گۇرۇھى چەكلىك شىركىتى ئۈرۈمچى شەھىرى سايباغ رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى بىلەن 500 مىليون يۈەنلىك تۈر ئىمزالىدى، بۇ كارخانا ئۈرۈمچى شەھىرىدە يېڭىدىن سودا ئۇنىۋېرسال بىناسى سېلىپ، شىركەتنىڭ شىنجاڭدىكى رايون باش ئىشتابى قىلىدۇ. «بۇ بىرقانچە يىلدا، شىنجاڭدا ماكانلاشقان تۈرلەرنىڭ تەرەققىيات ۋەزىيىتى ناھايىتى ياخشى بولۇپ، بىزنىڭ شىنجاڭغا مەبلەغ سېلىش ئىرادىمىز ۋە ئىشەنچىمىزنى ئاشۇردى.» بۇ شىركەتنىڭ مۇئاۋىن لىدىرى ۋاڭ رۈييۈ مۇنداق تونۇشتۇردى: كارخانىمىزنىڭ ئاساسلىق تىجارەت دائىرىسى مېتاللۇرگىيە ھەم جابدۇق ياسىمىچىلىقى بولۇپ، بۇنىڭدىن كېيىنكى ئۈچ يىلدىن بەش يىلغىچە بولغان ۋاقىتتا شىنجاڭغا مەبلەغ سېلىش سالمىقىنى زورايتىپ، شىنجاڭنىڭ رايون ئورنى ئەۋزەللىكىگە تايىنىپ، ئوتتۇرا ئاسىيا بازىرىنى پائال ئاچىمىز.

لۇڭكوۋ شەھىرى نەنسۈن گويۈەن مېۋىچىلىك چەكلىك شىركىتىنىڭ باش مۇدىرى شاۋ گاڭ ئالما ئۆستۈرۈش ھەم ئىنچىكە پىششىقلاش ساھەسىدە 30 نەچچە يىل قېتىرقىنىپ ئىزدەنگەن بولۇپ، باغۋەنلەرنىڭ نەزەرىدە باغۋەنچىلىكتىكى باشلامچى شەخس بولۇپ قالدى، ئەسلىدىلا شىنجاڭغا مەبلەغ سېلىشنى ئويلىغان شاۋ گاڭ بۇ قېتىم ئاكتىپلىق بىلەن يىغىنغا قاتنىشىشقا تىزىملاتتى. «شىنجاڭنىڭ يورۇقلۇق بايلىقى مول بولۇپ، ئەلا سۈپەتلىك ئالما چىقىدىغان رايون.» شاۋ گاڭ مۇنداق دېدى: كارخانىمىز نۆۋەتتە ئالمىنى ئىنچىكە پىششىقلاشتىن ئىبارەت پۈتۈن كەسىپ زەنجىرىنى يۈرۈشتۈرۈشنى ئىشقا ئاشۇردى، شىنجاڭدا زاۋۇت قۇرۇپ، شىنجاڭنىڭ مېۋە - چېۋىلىرىنى تېخىمۇ ياخشى ئىنچىكە پىششىقلاپ ھەم شىنجاڭنىڭ رايون ئورنى ئەۋزەللىكىدىن پايدىلىنىپ، دۆلەت ئىچى ۋە خەلقئارادىكى ئىككى چوڭ بازارنى ئېچىشنى ئۈمىد قىلىمىز.

ئاپتونوم رايونلۇق سودا نازارىتى پارتىيە گۇرۇپپىسىنىڭ ئەزاسى، 1 - دەرىجىلىك كۆزەتكۈچى جۇ خېشياڭ مۇنداق بىلدۈردى: بۇ قېتىمقى تونۇشتۇرۇش يىغىنىدا شىنجاڭ ئەركىن سودا سىناق رايونى ۋە ئاپتونوم رايوننىڭ نۇقتىلىق كەسىپلىرىگە سودىگەر چاقىرىپ مەبلەغ جەلپ قىلىش سالمىقى زورايتىلدى، بۇ خىل شەكىل ئارقىلىق پۈتۈن مەملىكەتنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى كارخانىلارنىڭ شىنجاڭنىڭ بايلىق ئەۋزەللىكى ۋە كەسىپ تەرەققىيات ئەھۋالىنى ئىگىلەپ، تېخىمۇ كۆپ كارخانىلارنى شىنجاڭغا كېلىپ مەبلەغ سېلىپ تەرەققىي قىلىشقا جەلپ قىلىشنى ئۈمىد قىلىمىز.