​ئاپتونوم رايوننىڭ مائارىپ خىزمىتى توغرىسىدا مەخسۇس تېمىدا سوئال سورالدى

2024-07-29 :ۋاقىت
مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

   ئاپتونوم رايونلۇق 14 - نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 12 - يىغىنى بىرلەشمە گۇرۇپپا يىغىنى ئۆتكۈزدى

​ئاپتونوم رايوننىڭ مائارىپ خىزمىتى توغرىسىدا مەخسۇس تېمىدا سوئال سورالدى

شىنجاڭ گېزىتى، ئۈرۈمچى، 7 - ئاينىڭ 27 - كۈنى خەۋىرى ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى جاڭ لېي خەۋەر قىلىدۇ: 7 - ئاينىڭ 25 - كۈنى چۈشتىن كېيىن، ئاپتونوم رايونلۇق 14 - نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 12 - يىغىنى بىرلەشمە گۇرۇپپا يىغىنى ئۆتكۈزدى. ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى تەركىبىدىكىلەر، مەخسۇس كومىتېت تەركىبىدىكىلەر ۋە خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرىدىن بولۇپ توققۇز كىشى دىققەتنى پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيىنىڭ مائارىپ كۈچلۈك دۆلىتى قۇرۇش، خەلق رازى بولىدىغان مائارىپنى ياخشى باشقۇرۇش توغرىسىدىكى نىشان - ۋەزىپىلىرىگە مەركەزلەشتۈرۈپ، پارتىيە 20 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 3 - ئومۇمىي يىغىنىنىڭ ئورۇنلاشتۇرما تەلىپىنى چىڭ كۆزلەپ، ئاپتونوم رايوننىڭ مائارىپ خىزمىتى توغرىسىدا مەخسۇس تېمىدا سوئال سورىدى.

ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ مۇدىرى زۇمرەت ئوبۇل يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى ھەم سۆز قىلدى، ئۇ مۇنداق تەكىتلىدى: باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مائارىپ خىزمىتى توغرىسىدىكى مۇھىم بايانلىرى ۋە پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئاپتونوم رايوننىڭ مائارىپ يىغىنىنىڭ خىزمەت ئورۇنلاشتۇرۇشىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ شىنجاڭنى پەن - مائارىپ ئارقىلىق گۈللەندۈرۈش ئىستراتېگىيەسى، ئىختىساسلىقلار كۈچلۈك رايونى ئىستراتېگىيەسىنى چوڭقۇر يولغا قويۇش توغرىسىدىكى ئورۇنلاشتۇرما تەلىپى بويىچە، مەسىلە يۆنىلىشى، نىشان يۆنىلىشىدە چىڭ تۇرۇپ، مەخسۇس تېمىدا سوئال سوراشنى قانات يايدۇرۇش ئارقىلىق ئاپتونوم رايوننىڭ مائارىپ ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتىنى چەكلەپ تۇرۇۋاتقان مۇھىم نۇقتا، قىيىن نۇقتا مەسىلىلىرىنى ھەل قىلىشقا تۈرتكە بولۇپ، ئاپتونوم رايوننىڭ مائارىپ خىزمىتىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا كۈچ قوشۇش كېرەك.

ئاپتونوم رايوننىڭ مۇئاۋىن رەئىسى قەيسەر ئابدۇكېرىم يىغىنغا كېلىپ سورالغان سوئاللارغا جاۋاب بەردى ھەم ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتىگە ۋاكالىتەن ئىپادە بىلدۈرۈپ سۆز قىلدى. ئاپتونوم رايونلۇق مائارىپ نازارىتى، مالىيە نازارىتى، ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت نازارىتىدىكى ئاساسلىق مەسئۇل يولداشلار يىغىنغا كېلىپ سورالغان سوئاللارغا جاۋاب بېرىپ، «بىر سوئالغا بىر جاۋاب» شەكلىدىكى سوئال سوراشنى قوبۇل قىلىپ، كونكرېت ھەل قىلىش چارىسى ۋە ياخشىلاش تەدبىرلىرىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

زۇمرەت ئوبۇل مۇنداق تەكىتلىدى: ھەر دەرىجىلىك ھۆكۈمەت ھەم ئۇنىڭ ئالاقىدار تارماقلىرى مائارىپنى ئەبەدىي ئەمىنلىككە مۇناسىۋەتلىك نېگىزلىك، ئۇللۇق، ئۇزاق مەزگىللىك خىزمەت قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ مائارىپ فاڭجېنىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، مائارىپ ئۇنىۋېرسال ئىسلاھاتىنى سىجىل چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، پارتىيە ئۈچۈن ئادەم تەربىيەلەش، دۆلەت ئۈچۈن ئىختىساسلىقلارنى يېتىشتۈرۈشتىن ئىبارەت مۇھىم بۇرچنى ھەقىقىي زىممىگە ئېلىشى كېرەك. قانۇندا بەلگىلەنگەن ۋەزىپە - مەسئۇلىيەتنى ئەستايىدىل ئادا قىلىپ، يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا قانۇنچىللىق ئېڭىنى تۇرغۇزۇپ، قانۇنچىللىق قارىشىنى كۈچەيتىپ، قانۇن - نىزاملارنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، يولغا قويۇپ، ئوقۇش يېشىغا يەتمىگەنلەر مائارىپى، مەجبۇرىيەت مائارىپى، كەسپىي مائارىپ ۋە ئالىي مائارىپنىڭ قانۇنچىللىق يولىدا ماس تەرەققىي قىلىشىنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈپ ئالغا سىلىجىتىشى كېرەك. ئەخلاق ئارقىلىق ئادەم تەربىيەلەش تۈپ ۋەزىپىسىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەشنى ئاساسىي لىنىيە قىلىپ، ھەر مىللەت ئوقۇغۇچىلارنى «بەشنى قەلبتىن ئېتىراپ قىلىش»نى كۈچەيتىشكە تەربىيەلەش ۋە يېتەكلەش كېرەك. ئوقۇتقۇچىلىق ئەخلاقى، ئوقۇتقۇچىلىق ئىستىلى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، ئوقۇتقۇچىلىق پەزىلىتى ئالىيجاناب، كەسىپتە كامالەتكە يەتكەن، قۇرۇلمىسى مۇۋاپىق، ھاياتىي كۈچكە تولغان يۇقىرى ساپالىق كەسىپلەشكەن ئوقۇتقۇچىلار قوشۇنىنى تەربىيەلەپ يېتىشتۈرۈش كېرەك.

زۇمرەت ئوبۇل مۇنداق تەكىتلىدى: خەلق قۇرۇلتىيى فۇنكسىيەلىك رولىنى ياخشى جارى قىلدۇرۇپ، مائارىپ ئۇنىۋېرسال ئىسلاھات ۋەزىپىسى ئېھتىياجىغا بىرلەشتۈرۈپ، مائارىپ ساھەسىدە يەرلىك نىزام چىقىرىشنى كۈچەيتىپ، مەسىلىلەرنى تۈزىتىش، ئەمەلىيلەشتۈرۈش ئەھۋالىنى ئىز قوغلاپ نازارەت قىلىش، سىجىل نازارەت قىلىشنى كۈچەيتىپ، خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرىنىڭ ئەۋزەللىكىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، مائارىپ ئىشلىرىنىڭ تەرەققىيات سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈشكە كۈچ قوشۇشى كېرەك.

ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرلىرىدىن ۋاڭ مىڭشەن، لى نىڭپىڭ، توختى ياقۇپ، پىڭ شىنلەي، ۋاڭ گوخې يىغىنغا قاتناشتى.

ئاپتونوم رايونلۇق رېۋىزىيە كومىتېتى، ئاپتونوم رايونلۇق يۇقىرى خەلق سوت مەھكىمىسى، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق تەپتىش مەھكىمىسىدىكى ئالاقىدار مەسئۇل يولداشلار قاتارلىقلار يىغىنغا سىرتتىن قاتناشتى.