شىنجاڭدا ئەنگە ئېلىنغان تىجارەت سۇبيېكتى 2 مىليون 515 مىڭ 100گە يەتتى

2024-07-09 :ۋاقىت
مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

​بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %6.67 ئاشتى

شىنجاڭ گېزىتى، ئۈرۈمچى، 7 - ئاينىڭ 7 - كۈنى خەۋىرى ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى سو رۇڭجىنىڭ ئاپتونوم رايونلۇق بازار نازارەت قىلىش - باشقۇرۇش ئىدارىسىدىن ئىگىلىشىچە، 6 - ئاينىڭ ئاخىرىغىچە، شىنجاڭدا ئەنگە ئېلىنغان تۈرلۈك تىجارەت سۇبيېكتى 2 مىليون 515 مىڭ 100 (بىڭتۇەندىكى 273 مىڭ تىجارەت سۇبيېكتىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ) بولۇپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %6.67 ئاشقان.

بۇنىڭ ئىچىدە، كارخانا 561 مىڭ بولۇپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %9.83 ئاشقان؛ يەككە سودا - سانائەتچى 1 مىليون 908 مىڭ 600 بولۇپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %5.98 ئاشقان؛ چەت ئەل سودىگەرلىرى مەبلەغ سالغان كارخانا 2255 بولۇپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %10.81 ئاشقان.

بۇ يىلدىن بۇيان، شىنجاڭ تىجارەت - سودا مۇھىتىنى سىجىل ئەلالاشتۇرۇپ، تىجارەت سۇبيېكتلىرىنىڭ ئىش بېجىرىشىگە قولايلىق يارىتىش دەرىجىسىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈپ، «بىر توردا بىرتۇتاش بېجىرىش» «بىر قېتىمدىلا بېجىرىپ ئاخىرلاشتۇرۇش» قاتارلىق خەلققە قولايلىق يارىتىش، كارخانىلارغا نەپ يەتكۈزۈش مۇلازىمىتى جەھەتتە كۈچ سەرپ قىلدى؛ شىنجاڭ ئەركىن سودا سىناق رايونىدا يېمەكلىك تىجارىتى ئىجازىتىدە «ئىجازەتنامە بىلەن كىنىشكىنى بىرلىكتە بېجىرىش»نى رەقەملەشتۈرۈش مۇلازىمىتى يېڭى ئەندىزىسىنى قانات يايدۇرۇش ئۈستىدە ئىزدىنىۋاتىدۇ، شۇنىڭ بىلەن بىللە، ئاپتونوم رايوننىڭ «شىنجاڭ كارخانا ئىشلىرىنى توردا بېجىرىش زالى» «شىنجاڭ ھۆكۈمەت ئىشلىرى مۇلازىمىتى توردا ئىش بېجىرىش زالى» كۆچمە تېرمىنالىغا تايىنىپ 30 نەچچە تۈرلۈك ھۆكۈمەت ئىشلىرى مۇلازىمىتى ئىش تۈرىنى تورغا چىقىرىپ، ھۆكۈمەت ئىشلىرى مۇلازىمىتى ئۈنۈمىنى ئومۇميۈزلۈك ئۆستۈردى.

كارخانىلارنىڭ يۈكىنى يېنىكلىتىپ، ئۇلارنىڭ يەڭگىل جابدۇنۇپ ئالغا ئىلگىرىلىشى ئۈچۈن، بۇ يىل 2 - ئايدا، شىنجاڭ بازار نازارەت قىلىش - باشقۇرۇش ساھەسىدە مەسئۇلىيەتنى يېنىكلىتىش، كەچۈرۈم قىلىش بويىچە «ئۈچ تۈرلۈك تىزىملىك»نى ئېلان قىلدى، بۇ، مەمۇرىي جازانى يېنىكلىتىش ئىش تۈرى تىزىملىكى، مەمۇرىي جازانى كېمەيتىش ئىش تۈرى تىزىملىكى، مەمۇرىي مەجبۇرلاش تەدبىرىنى كەچۈرۈم قىلىش تىزىملىكىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. بازار نازارەت قىلىش - باشقۇرۇش ساھەسىدىكى قانۇنغا خىلاپ 80 خىلدىن ئارتۇق قىلمىشقا يېنىكلىتىپ، كېمەيتىپ مەمۇرىي جازا بېرىش ۋە مەمۇرىي مەجبۇرلاش تەدبىرىنى كەچۈرۈم قىلىش توغرىسىدا كونكرېت بەلگىلىمە چىقاردى.

ھازىر، شىنجاڭدىكى پۇقراۋى ئىگىلىك سۇبيېكتلىرىنىڭ تەرەققىياتى دۇچ كېلىۋاتقان توسۇق نۇقتا، قىيىن نۇقتا مەسىلىلىرىگە قارىتا، ئاپتونوم رايونلۇق بازار نازارەت قىلىش - باشقۇرۇش ئىدارىسى 3 - ئاينىڭ ئاخىرىدا پۇقراۋى ئىگىلىكنىڭ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرىدىغان 19 ماددىلىق تەدبىرنى ئوتتۇرىغا قويدى، بۇ، پۇقراۋى ئىگىلىكنىڭ تەرەققىيات مۇھىتىنى سىجىل ئەلالاشتۇرۇش، سىياسەت جەھەتتىن قوللاش سالمىقىنى زورايتىش، قانۇنچىللىق كاپالىتىنى كۈچەيتىش قاتارلىق بەش تەرەپنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

ئۇششاق يېمەك - ئىچمەك يېمەكلىك تىجارىتىنىڭ مۇھىم تەركىبىي قىسمى، شۇنداقلا يېڭىلىق يارىتىش كۈچىگە ئىگە تىجارەت توپى. 4 - ئايدا «شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ ئۇششاق يېمەك - ئىچمەك دۇكانلىرى، ئۇششاق يېمەكلىك دۇكانلىرىنى تىزىملاپ باشقۇرۇش چارىسى» ئېلان قىلىنىپ، ئۇششاق يېمەك - ئىچمەك دۇكانلىرىنىڭ تىجارەت ئىجازەتنامىسى ۋە يېمەكلىك تىجارىتى ئىجازەتنامىسىنى بېجىرىشنى رەسمىيىتى ئەڭ ئاددىي، ھالقىلىرى ئەڭ ئاز، تەننەرخى ئەڭ تۆۋەن، ئۈنۈمى ئەڭ يۇقىرى مۇلازىمەت بىلەن تەمىنلىدى.

ئاپتونوم رايونلۇق بازار نازارەت قىلىش - باشقۇرۇش ئىدارىسى تىزىملاش - ئەنگە ئېلىش باشقارمىسىنىڭ ئالاقىدار مەسئۇلى مۇنداق بىلدۈردى: بازار نازارەت قىلىش - باشقۇرۇش تارماقلىرى بازار ئىجازىتى، تىجارەت ئىجازىتى، چېكىنىپ چىقىشنى ئۆلچەملەشتۈرۈش، قېلىپلاشتۇرۇش، قولايلاشتۇرۇش سەۋىيەسىنى يەنىمۇ ئۆستۈرۈپ، «بىر ئىشنى يۇقىرى ئۈنۈمدە ۋۇجۇدقا چىقىرىش»نى پائال ئالغا سىلجىتىپ، ئېلېكتىرونلۇق تىجارەت كىنىشكىسى، ئېلېكتىرونلۇق تامغىنى ئۆزئارا راۋانلاشتۇرۇپ، ھەمبەھرىلەپ ئەمەلىي قوللىنىش دائىرىسىنى كېڭەيتىدۇ. رىقابەت ئادىللىقىنى تەكشۈرۈش تۈزۈمىنى ئومۇميۈزلۈك ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، مەمۇرىي ھوقۇقتىن قالايمىقان پايدىلىنىپ رىقابەتلىشىشنى چەتكە قېقىش، چەكلەشنى تۈزەش بويىچە قانۇن ئىجرا قىلىشنى كۈچەيتىپ، كارخانىلاردىن ھەق ئېلىشقا چېتىشلىق ئۇزاق ئۈنۈملۈك نازارەت قىلىش - باشقۇرۇش مېخانىزمىنى تاكامۇللاشتۈرۈپ، قالايمىقان ھەق ئېلىش قىلمىشى قاتارلىقلارنى قاتتىق تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىدۇ.