ئەركىن تۇنىياز شەرقىي قىسىم ئافرىقا ئىنگلىز تىلى دۆلەتلىرىدىكى سىياسىي پارتىيەلەرنىڭ ياش رەھبەرلەر تەكشۈرۈش ئۆمىكى بىلەن كۆرۈشتى

2024-07-25 :ۋاقىت
مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

   شىنجاڭ گېزىتى، ئۈرۈمچى، 7 - ئاينىڭ 23 - كۈنى خەۋىرى ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى لى ياڭ خەۋەر قىلىدۇ: 7 - ئاينىڭ 23 - كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ئاپتونوم رايوننىڭ رەئىسى ئەركىن تۇنىياز ئۈرۈمچىدە شىنجاڭغا ئېكسكۇرسىيە - زىيارەتكە كەلگەن شەرقىي قىسىم ئافرىقا ئىنگلىز تىلى دۆلەتلىرىدىكى سىياسىي پارتىيەلەرنىڭ ياش رەھبەرلەر تەكشۈرۈش ئۆمىكىدىكىلەر بىلەن كۆرۈشتى.

ئەركىن تۇنىياز جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق كومىتېتى ۋە ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتىگە ۋاكالىتەن تەكشۈرۈش ئۆمىكىدىكىلەرنى قىزغىن قارشى ئالدى. ئۇ مۇنداق بىلدۈردى: جۇڭگو - ئافرىقا ئالاقىسى ئۇزاق تارىخقا ئىگە، جۇڭگو - ئافرىقا دوستلۇقى سىناقلارنى باشتىن كەچۈردى، ئۇزاق تارىخىي جەرياندا مۇستەھكەملەندى. رەئىس شى جىنپىڭنىڭ ۋە جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە، جۇڭگو شىنجاڭ يېڭى دەۋردىكى جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى تولۇق، دەل جايىدا، ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەشتىن ئىبارەت بۇ ئاساسىي لىنىيەنى پۇختا ئىگىلەپ، خەلقنى مەركەز قىلغان تەرەققىيات ئىدىيەسىنى ئەمەلدە كۆرسىتىپ، ھەرقايسى مىللەتلەرنىڭ ئارىلىشىشى، ئالماشتۇرۇشى، يۇغۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، دىننى ساغلام تەرەققىي قىلىشقا يېتەكلەپ، ھەرقايسى مىللەتلەر مەدەنىيىتىنىڭ جۇڭخۇا مەدەنىيىتى خەزىنىسىدە گۈللىنىپ راۋاجلىنىشىغا تۈرتكە بولۇپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتنى تېز ئالغا سىلجىتتى، بۇ مۇۋەپپەقىيەتلەر ھەممىگە ئايان. ئامېرىكا قاتارلىق غەرب دۆلەتلىرىدىكى بەزى كۈچلەر «مىللەت» «دىن» «كىشىلىك ھوقۇق»نى دەستەك قىلىپ، شىنجاڭغا خالىغانچە بوھتان چاپلىدى، قارا سۈركىدى، غەرىزى «شىنجاڭ ئارقىلىق جۇڭگونى توسۇش» سۇيىقەستىنى ئىشقا ئاشۇرۇش. تەكشۈرۈش ئۆمىكىنىڭ بۇ قېتىمقى زىيارەت ئارقىلىق ئوبيېكتىپ، ھەقىقىي شىنجاڭنى تېخىمۇ ياخشى تونۇپ يېتىدىغانلىقىغا ئىشىنىمەن. كۆپچىلىكنىڭ كۆپرەك ئايلىنىپ، كۆپرەك كۆرۈپ، يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا شىنجاڭنى چۈشىنىشىنى، شىنجاڭنى تەشۋىق قىلىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.

تەكشۈرۈش ئۆمىكىنىڭ ئۆمەك باشلىقى، لىبېرىيە ئىتتىپاق پارتىيەسىنىڭ مەملىكەتلىك رەئىسى لۇسې تاپې مۇنداق بىلدۈردى: بۇ قېتىمقى جۇڭگو شىنجاڭ سەپىرىدە، تەكشۈرۈش ئۆمىكىنىڭ ھەربىر ئەزاسى مول ھاسىلاتقا ئېرىشتى. گۈللەنگەن، مۇقىم بولغان، ئېچىۋېتىلگەن، سىغدۇرۇشچان شىنجاڭ تەكشۈرۈش ئۆمىكىدە چوڭقۇر تەسىر قالدۇردى. ئۇلار كۆرگەن - ئاڭلىغانلىرى ۋە ئۆگەنگەن تەجرىبىلىرىنى ئۆزلىرىنىڭ سىياسىي پارتىيەسى ۋە دۆلىتىگە يەتكۈزۈپ، دۆلەتنى ئىدارە قىلىش ۋە ئىقتىسادىي تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرىدۇ.

جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى تاشقى ئالاقە بۆلۈمىدىكى ئالاقىدار يولداشلار، ئاپتونوم رايوننىڭ ئالاقىدار تارماقلىرىدىكى مەسئۇل يولداشلار كۆرۈشۈشكە قاتناشتى.