شىنجاڭ گېزىتى، ئۈرۈمچى، 7 - ئاينىڭ 27 - كۈنى خەۋىرى ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى ساۋ خۇا خەۋەر قىلىدۇ: تاموژنا باش مەھكىمىسىنىڭ تاموژنا ئىستاتىستىكا سانلىق مەلۇماتىنى سۈرۈشتۈرۈش سۇپىسىدا كۆرسىتىلىشىچە، ئالدىنقى يېرىم يىلدا، شىنجاڭنىڭ مېۋە ئېكسپورت مىقدارى سىجىل ئېشىپ، جەمئىي 100 مىڭ توننا تۈرلۈك مېۋە ئېكسپورت قىلىنغان، ئېكسپورت سوممىسى 1 مىليارد 200 مىليون يۈەنگە يەتكەن بولۇپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن ئايرىم - ئايرىم ھالدا %44.9 ۋە %20 ئاشقان.
ئالدىنقى يېرىم يىلدا، شىنجاڭ ئېكسپورت قىلغان مېۋە تۈرى ياڭاق، بادام، شاپتۇل، ئۈزۈم قاتارلىق 11 خىل، بۇنىڭ ئىچىدە ئېكسپورت سوممىسى ئەڭ كۆپ بولغىنى ياڭاق بولۇپ، ئېكسپورت سوممىسى 470 مىليون يۈەن بولغان؛ 2 - ئورۇندا تۇرغىنى يېڭى ئالما بولۇپ، ئېكسپورت سوممىسى 180 مىليون يۈەن بولغان؛ 3 - ئورۇندا تۇرغىنى يېڭى شاپتۇل بولۇپ، ئېكسپورت سوممىسى 152 مىليون يۈەن بولغان.
ئېكسپورت قىلىنىدىغان جايلاردىن قارىغاندا، شىنجاڭنىڭ مېۋىلىرى ئاساسلىقى ئوتتۇرا ئاسىيا، جەنۇبىي ئاسىيا، شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا ۋە ئوتتۇرا شەرق قاتارلىقلاردىكى دۆلەت ۋە رايونلارغا ئېكسپورت قىلىنغان، قۇرۇق ئۈزۈم، چىلاننىڭ سېتىلىشى ياپونىيە، ئەنگلىيە، رۇسىيە، گېرمانىيە قاتارلىق دۆلەتلەرنى قاپلاپ، دائىرىسى ئۈزلۈكسىز كېڭەيگەن.
سانلىق مەلۇماتلاردا كۆرسىتىلىشىچە، 6 - ئايدا شىنجاڭنىڭ مېۋە ئېكسپورت مىقدارى 23 مىڭ توننىغا، ئېكسپورت سوممىسى 225 مىليون يۈەنگە يەتكەن. 6 - ئاي شىنجاڭنىڭ توغاچ قاتارلىق يېڭى شاپتۇل تۈرىدىكى مېۋىلەر كۆپلەپ بازارغا سېلىنىدىغان پەسىل بولۇپ، يېڭى شاپتۇللارنىڭ ئېكسپورت سوممىسى 116 مىليون يۈەنگە يەتكەن. شىنجاڭنىڭ يېڭى شاپتۇلى ئاساسلىقى قىرغىزىستان ۋە رۇسىيەگە ئېكسپورت قىلىنغان، بۇنىڭ ئىچىدە قىرغىزىستان ئاساسلىق ئېكسپورت قىلىنىدىغان جاي بولۇپ، يېڭى شاپتۇل ئېكسپورت ئومۇمىي مىقدارىنىڭ تەخمىنەن %90ىنى ئىگىلىگەن.
يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، شىنجاڭ خاس باغ - ئورمان بايلىقى ئەۋزەللىكىگە تايىنىپ، باغ - ئورمان ئېكسپورت كارخانىلىرىنى يېتىشتۈرۈش سالمىقىنى زورايتىپ، پائال تۈردە خەلقئارا بازارنى ئېچىپ، ئۈنۈمنى قولغا كەلتۈردى. ئاپتونوم رايونلۇق باغ - ئورمان كەسپى تەرەققىيات مەركىزىنىڭ ئىستاتىستىكا قىلىشىچە، 2023 - يىلى شىنجاڭ جەمئىي ئېكسپورت قىلغان تۈرلۈك مېۋىنىڭ قىممىتى تەخمىنەن 2 مىليارد يۈەن بولۇپ، 2022 - يىلىغا سېلىشتۇرغاندا %80كە يېقىن ئاشقان. شىنجاڭنىڭ ئەلا سۈپەتلىك مېۋىلىرىنىڭ دۆلەت دەرۋازىسىدىن چىقىش ۋەزىيىتى كۈچلۈك بولۇپ، ئوتتۇرا ئاسىيا، ئوتتۇرا شەرق، شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا، ياۋروپا قاتارلىقلاردىكى 30 نەچچە دۆلەت ۋە رايوننى قاپلىغان.