ئومۇمىي سېلىنما 1 تىرىليون يۈەنگە يېقىنلاشتى
شىنجاڭ گېزىتى، قەشقەر، 7 ـ ئاينىڭ 28 ـ كۈنى خەۋىرى ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى يۈ جياڭيەن خەۋەر قىلىدۇ: 7 ـ ئاينىڭ 28 ـ كۈنى، مەركەز كارخانىلىرىنىڭ شىنجاڭنى كەسىپلەر ئارقىلىق گۈللەندۈرۈشىنى ئالغا سىلجىتىش يىغىنىدا، 25 مەركەز كارخانىسى شىنجاڭ بىلەن 183 تۈردە كېلىشىم ئىمزالىدى، 2028 ـ يىلىنىڭ ئاخىرىدىن بۇرۇن شىنجاڭدا 939 مىليارد 571 مىليون يۈەن كەسىپ سېلىنمىسى تاماملىنىدىغانلىقى مۆلچەرلەندى. بۇ، شىنجاڭ بىلەن مەركەز كارخانىلىرىنىڭ پارتىيە 20 ـ نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 3 ـ ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈشتىكى كونكرېت تەدبىرى.
بۇنىڭ ئىچىدە، دۆلەت ئېنېرگىيە سېلىنما گۇرۇھى چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتى 23 تۈرگە مەبلەغ سېلىشنى پىلانلىغان بولۇپ، كۆمۈردىن ماي ئېلىش، كۆمۈردىن گاز ئېلىش، يېڭىدىن كۆپەيگەن يېڭى ئېنېرگىيە چوڭ بازىسى قۇرۇلۇشى قاتارلىقلارغا چېتىلىدۇ، سېلىنما 200 مىليارد يۈەندىن ئاشىدۇ؛ جۇڭگو نېفىت ـ تەبىئىي گاز گۇرۇھى چەكلىك شىركىتى بۇنىڭدىن كېيىنكى ئۈچ يىلدا شىنجاڭدا نېفىت ـ تەبىئىي گاز چارلاش ـ ئېچىش، نېفىت چەككىلەشنىڭ تىپىنى ئۆزگەرتىپ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش، يېڭى ئېنېرگىيەنى تەرەققىي قىلدۇرۇش قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان 24 چوڭ تۈرگە كۈچەپ تۈرتكە بولۇشنى پىلانلىدى؛ جۇڭگو لۈفا سېلىنما گۇرۇھى چەكلىك شىركىتى ئاساسلىقى شامال، يورۇقلۇق يېڭى ئېنېرگىيەسى ۋە مېھمانساراي قۇرۇلۇشى تۈرىگە مەبلەغ سالىدىغان بولۇپ، قەشقەر، ئالتاي قاتارلىق جايلاردا ھەمدە سايرام كۆلى، تىيانشان بوغدا كۆلى قاتارلىق مەنزىرە رايونلىرىدا ئون مېھمانساراي سېلىشنى پىلانلىدى.
نۆۋەتتە، جۇڭگو نېفىت ـ تەبىئىي گاز گۇرۇھى چەكلىك شىركىتىنىڭ شىنجاڭدىكى ئىشچى ـ خىزمەتچىلىرىنىڭ ئومۇمىي سانى 110 مىڭدىن ئاشتى، مۈلۈك ئومۇمىي سوممىسى 913 مىليارد 900 مىليون يۈەن بولدى. «كېيىنكى قەدەمدە، يېتەكلەش، تۈرتكە بولۇش رولىمىزنى ھەقىقىي جارى قىلدۇرۇپ، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنىڭ شىنجاڭ ئەمەلىيىتىنى ئالغا سىلجىتىشقا پائال تۆھپە قوشىمىز» دېدى جۇڭگو نېفىت ـ تەبىئىي گاز گۇرۇھى چەكلىك شىركىتىنىڭ باش دىرېكتورى خوۋ چىجۈن.
جۇڭگو خۇاديەن گۇرۇھى چەكلىك شىركىتىنىڭ شىنجاڭدىكى توك چىقىرىش گېنېراتورلار سىغىمچانلىقى 23 مىليون كىلوۋاتتىن ئېشىپ، پۈتۈن شىنجاڭدىكى 185 مىليون كىۋادرات مېتىر دائىرىدىكى 2 مىليون 300 مىڭ خېرىدارنى پار بىلەن تەمىنلەشكە كاپالەتلىك قىلىش ۋەزىپىسىنى ئۈستىگە ئالغان، بۇ شىركەت شىنجاڭدىكى ئەڭ چوڭ بولغان ئېنېرگىيەدىن توك چىقىرىش كارخانىسى. جۇڭگو خۇاديەن گۇرۇھىنىڭ باش مۇدىرى جياڭ يى مۇنداق بىلدۈردى: يېڭى دەۋر، يېڭى مۇساپىدە، شىنجاڭنىڭ مەملىكەت بويىچە ئېنېرگىيە بايلىقى ئىستراتېگىيەلىك كاپالەت بازىسى بەرپا قىلىش ھەم «سەككىز چوڭ كەسىپ توپى» قۇرۇلۇشىنى زىچ چۆرىدەپ، ئاپتونوم رايوننىڭ تەرەققىيات ئومۇمىي ۋەزىيىتىگە چوڭقۇر سىڭىشىمىز ۋە مۇلازىمەت قىلىمىز.
مەركەز كارخانىلىرى شىنجاڭنىڭ ئېھتىياجى، ئارزۇسىنى كۆزدە تۇتۇپ، ئەۋزەللىكى، ئارتۇقچىلىقىنى جارى قىلدۇرۇپ، خەلق تۇرمۇشىغا زىچ يېقىنلىشىپ، شىنجاڭغا كەسىپلەر ئارقىلىق ياردەم بېرىشنى قانات يايدۇردى، 2023 ـ يىلىنىڭ ئاخىرىغىچە، شىنجاڭدا جەمئىي 52 مىڭ تۈرگە مەبلەغ سالدى، تاماملىغان سېلىنما سوممىسى 553 مىليارد 800 مىليون يۈەن بولدى.
گوۋۇيۈەن دۆلەت مۈلكىنى نازارەت قىلىش ـ باشقۇرۇش كومىتېتى پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى، مۇدىر جاڭ يۈجو مۇنداق بىلدۈردى: شىنجاڭنىڭ «سەككىز چوڭ كەسىپ توپى»نى نۇقتىلىق چۆرىدەپ، مەركەز كارخانىلىرى بىر تۈركۈم ئەمەلىي، ئەسقاتىدىغان، ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈپ تەڭ نەپ ئالىدىغان، تۈرتكە بولۇش ئۈنۈمى ياخشى بولغان، ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىي قىلىدىغان كەسىپ تۈرلىرىنى كۆڭۈل قويۇپ پىلانلاپ يولغا قويۇپ، شىنجاڭنىڭ بايلىق ئەۋزەللىكى، رايون ئورنى ئەۋزەللىكىنى تەرەققىيات ئەۋزەللىكى ۋە رايون رىقابەت كۈچىگە ئايلاندۇرۇشىغا كۈچ قوشىدۇ؛ ئېنېرگىيە بايلىقى ئەۋزەللىكىدىن ياخشى پايدىلىنىپ، ئېنېرگىيە بايلىقى كەسىپ زەنجىرىنىڭ يۇقىرى ـ تۆۋەن ئېقىنغا ئۇزىرىشىغا، كېڭىيىشىگە تۈرتكە بولۇپ، ئېنېرگىيەنى شۇ جايدا ئىشلىتىش ۋە بايلىقنى ئۆز جايىدا ئىنچىكە پىششىقلاش نىسبىتىنى مۇقىم ئۆستۈرۈپ، تېخىمۇ كۆپ پايدىنى شىنجاڭدا قالدۇرىدۇ.