ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەش ماكرولۇق ئىقتىسادىي ۋەزىيەتنى تەھلىل قىلىش سۆھبەت يىغىنى ئاچتى
ئۆي - زېمىن بازىرىنىڭ مۇقىم، ساغلام تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش توغرىسىدا تەكلىپ بېرىلدى
شىنجاڭ گېزىتى، ئۈرۈمچى، 7 - ئاينىڭ 27 - كۈنى خەۋىرى ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى جاڭ يەنفاڭ خەۋەر قىلىدۇ: 7 - ئاينىڭ 25 - كۈنى، ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەش ماكرولۇق ئىقتىسادىي ۋەزىيەتنى تەھلىل قىلىش سۆھبەت يىغىنى ئېچىپ، ئىقتىساد ساھەسىدىكى سىياسىي كېڭەش ئەزالىرىنىڭ ئەۋزەللىكىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، «تىجارەت سۇبيېكتلىرىنىڭ ھاياتىي كۈچىنى يەنىمۇ ئۇرغۇتۇپ، نۇقتىلىق ساھەلەرنى چىڭ كۆزلەپ، ئۆي - زېمىن خەۋپ - خەتىرىنى ئۈنۈملۈك ھەل قىلىش» باش تېمىسىنى چۆرىدەپ ھاكىمىيەت ئىشلىرىنى كېڭىشىپ مۇھاكىمە قىلىشنى قانات يايدۇردى.
سۆھبەت يىغىنىدا، ئاپتونوم رايونلۇق ئىستاتىستىكا ئىدارىسىدىكى ئالاقىدار مەسئۇل يولداشلار 2024 - يىلى پۈتۈن ئاپتونوم رايوننىڭ ئالدىنقى يېرىم يىللىق ئىقتىسادىنىڭ ئايلىنىش ئەھۋالىنى تونۇشتۇردى. ئون نەپەر سىياسىي كېڭەش ئەزاسى ۋە ئالاقىدار مۇتەخەسسىسلەر، ئۆي - زېمىن كارخانىلىرىنىڭ ۋەكىللىرى باش تېمىنى چۆرىدەپ، پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى ئۆي - زېمىن بازىرىنىڭ ئومۇمىي يۈرۈشۈش ئەھۋالىنى چوڭقۇر تەھلىل قىلىپ، ئۆي - زېمىن خەۋپ - خەتىرىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تۈگىتىش، ئۆي - زېمىن بازىرىنىڭ مۇقىم، ساغلام تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش توغرىسىدا پىكىر - تەكلىپ بەردى.
كۆپچىلىك مۇنداق قارىدى: بۇ يىلدىن بۇيان، پۈتۈن ئاپتونوم رايون ئىقتىسادىنىڭ ئايلىنىشى ئومۇميۈزلۈك تەكشى، مۇقىم بولۇپ، ئومۇمىي جەھەتتىن تېز ئەسلىگە كېلىش، سىجىل ياخشىلىنىش ھالىتى كۆرۈلدى. ئۆي - زېمىن بازىرى ئومۇمىي جەھەتتىن مۇقىم يۈرۈشتى، خەۋپ - خەتەرنى ئومۇمىي جەھەتتىن تىزگىنلىگىلى بولىدۇ. لېكىن يەنىلا تەمىنلەش بىلەن ئېھتىياج تەڭپۇڭ بولماسلىق، قۇرۇلما مۇۋاپىق بولماسلىق، تاۋار ئۆي قالدۇقىنى تۈگىتىش بېسىمى ئېغىر بولۇش قاتارلىق مەسىلىلەرگە دۇچ كېلىۋاتىدۇ.
ئولتۇراقلىشىشقا تېگىشلىك كىشىلەرنىڭ ھەممىسىنىڭ تۇرالغۇسى بولۇش خەلق ئاممىسىنىڭ گۈزەل تۇرمۇشقا بولغان ئارزۇسى. كۆپچىلىك مۇنداق تەكلىپ بەردى: ئۆي - زېمىن كەسپىنى راۋاجلاندۇرۇشنىڭ يېڭى ئەندىزىسىنى تېز بەرپا قىلىپ، تاۋار ئۆي سېتىش تۈزۈمى ئىسلاھاتىنى پائال، پۇختا ئالغا سىلجىتىپ، بىر تۈركۈم «ياخشى ئۆي» ئۆرنەكلىرىنى بەرپا قىلىپ، شەھەر - يېزا ئاھالىلىرىنىڭ كۆپ خىللاشقان تۇرالغۇ ياخشىلاش ئېھتىياجىنى قاندۇرۇش كېرەك؛ سىياسەت سىستېمىسى ۋە خىزمەت مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئۆي - زېمىن كەسپى بويىچە مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈشنى ماسلاشتۇرۇش مېخانىزمىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئۆي تاپشۇرۇشقا كاپالەتلىك قىلىش خىزمىتىنى پۇختا، ياخشى ئىشلەش كېرەك؛ يەرلىك بانكىلارنىڭ رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، مۇلازىمەت سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈپ، ئۆي - زېمىن كەسپى تۈرىنىڭ مۇۋاپىق مەبلەغ ئېھتىياجىنى دەل جايىدا قوللاش كېرەك؛ ئۆي - زېمىن كەسپى كارخانىلىرىنى تىپىنى ئۆزگەرتىپ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈپ، ئەنئەنىۋى ئۆي - مۈلۈك سودىگىرىدىن يۇقىرى سۈپەتلىك تۇرمۇش كەچۈرىدىغان شەھەر تىجارەت سودىگىرىگە، مۇلازىمەت سودىگىرىگە قاراپ تىپ ئۆزگەرتىشكە يېتەكلەپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تۇرالغۇ رايونى قۇرۇشقا ئىلھاملاندۇرۇش كېرەك؛ شەھەرنىڭ ئىقتىدارى، سۈپىتىنى ئۆستۈرۈپ، ئىختىساسلىقلارنى كىرگۈزۈش سىياسىتىنى يەنىمۇ ئىنچىكىلەشتۈرۈپ، ياش ئىختىساسلىقلار دوستانە شەھىرى بەرپا قىلىپ، بازار ئېھتىياجىنى ئۈزلۈكسىز كېڭەيتىش كېرەك؛ شەھەرلەرنىڭ ئەھۋالىغا قاراپ تەدبىر قوللىنىپ، شەھەرلەرنىڭ ئورنى ۋە ئىقتىسادىي تەرەققىيات يۆنىلىشىگە بىرلەشتۈرۈپ، يانداش ئەسلىھەلەرنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، شەھەر كەسىپ ھالىتىنى بېيىتىپ، ئۆي - زېمىن كەسپىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇش كېرەك.
ھەرقايسى سىياسىي كېڭەش ئەزالىرى مۇنداق بىلدۈردى: جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى 20 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 3 - ئومۇمىي يىغىنىدا، ئۆي - مۈلۈك كەسپىنى راۋاجلاندۇرۇش، ئىسلاھ قىلىش يولى ئورۇنلاشتۇرما قىلىندى، ئۆي - زېمىن بازىرىنىڭ مۇقىم، ساغلام تەرەققىي قىلىشىغا ئىمكانىيەت تۇغۇلدى. ئاڭلىق ھالدا ئىدىيە ۋە ھەرىكەتنى باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھى ۋە ئومۇمىي يىغىننىڭ ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنلاشتۇرمىسىغا بىرلىككە كەلتۈرۈپ، ئىقتىسادىي تۈزۈلمە ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش توغرىسىدىكى تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلارنى چۆرىدەپ، دەل جايىدا، ئەمەلىي بولغان، ئەسقاتىدىغان تەدبىر - تەكلىپلەرنى كۆپرەك بېرىپ، ئۆي - زېمىن كەسپى قاتارلىق نۇقتىلىق ساھەلەردىكى خەۋپ - خەتەرنى ئۈنۈملۈك تۈگىتىش ئۈچۈن ئەقىل ۋە كۈچ قوشۇپ، ئىسلاھات تەدبىرلىرىنىڭ دەل جايىدا ئەمەلىيلىشىشىگە كۈچ قوشۇپ، تەرەققىياتنىڭ يېڭى ھەرىكەت ئېنېرگىيەسى، يېڭى ئەۋزەللىكىنى ئۈزلۈكسىز يارىتىمىز.