شىنجاڭ گېزىتى، ئۈرۈمچى، 7 - ئاينىڭ 27 - كۈنى خەۋىرى ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى لۇ فېڭباۋنىڭ جۇڭگو تۆمۈريولى ئۈرۈمچى ئىدارىسى گۇرۇھى چەكلىك شىركىتىدىن ئىگىلىشىچە، 7 - ئاينىڭ 26 - كۈنىگىچە، بۇ يىل قاتنىغان «جۇڭگو - قىرغىزىستان - ئۆزبېكىستان» تاشيول - تۆمۈريول بىرلەشمە تىرانسپورت نۆۋەتچى پويىزى 100 قېتىمغا يېتىپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %103.94 ئاشقان.
شۇ كۈنى، «جۇڭگو - قىرغىزىستان - ئۆزبېكىستان» تاشيول - تۆمۈريول بىرلەشمە تىرانسپورتىنىڭ بىر نۆۋەتچى پويىزى رەخت، ئېلېكتىر سايمانلىرى زاپچاسلىرى، ئۆي جاھازلىرى، بەش خىل مېتال قاتارلىق تۈرلۈك ماللارنى لىق بېسىپ، قەشقەر شىمالىي ۋوگزالىغا يېتىپ كەلگەندىن كېيىن، ئاپتوموبىل ئارقىلىق يۆتكەپ توشۇلۇپ، ئۆزبېكىستانغا يولغا سېلىندى، بۇ يەنە، بۇ يىلدىن بۇيان «جۇڭگو - قىرغىزىستان - ئۆزبېكىستان» تاشيول - تۆمۈريول بىرلەشمە تىرانسپورت نۆۋەتچى پويىزىنىڭ 100 - قېتىم قاتنىشى ھېسابلىنىدۇ.
«بىر بەلباغ، بىر يول»نى يۇقىرى سۈپەتتە ئورتاق بەرپا قىلىشنىڭ چوڭقۇر ئالغا سىلجىتىلىشىغا ئەگىشىپ، ئىمپورت - ئېكسپورت سودا ئېھتىياجى ئاشتى. 7 - ئايدىن بۇيان، تۆمۈريول ئارقىلىق قەشقەرگە توشۇپ كېلىنىپ ئالماشتۇرۇپ يەتكۈزۈپ چېگرادىن چىقىرىلىدىغان ماللارنىڭ توشۇش مىقدارىدا ئېشىش ۋەزىيىتى كۆرۈلدى، قەشقەر شىمالىي ۋوگزالىغا كېلىدىغان نۆۋەتچى پويىز كۈنىگە ئىككى قېتىم بولۇپ، دائىملاشقان، كۆلەملەشكەن يۈرۈشۈش ئەندىزىسى شەكىللەندى.
يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، شىنجاڭ تۆمۈريول تارماقلىرى ئەشيا ئوبوروتى بازىسى قۇرۇلۇشىنى زور كۈچ بىلەن ئالغا سىلجىتىپ، تىرانسپورت كۈچى ۋە توشۇش ئىقتىدارى، ۋوگزال - مەيداننى ئۆزگەرتىش، ئەسلىھە - ئۈسكۈنە قاتارلىق جەھەتلەردە جەنۇبىي شىنجاڭ رايونىغا مايىللىشىپ، قەشقەر شىمالىي ۋوگزالى يۈك مەيدانى ۋە كارخانا مەخسۇس لىنىيەسىدىن ئىككىنى قۇرۇپ ئىشقا سېلىپ، ۋوگزال - مەيداننىڭ ئىقتىدارىنى يەنىمۇ ئۆستۈردى.
«بارغانسېرى كۆپ تاشقى سودا كارخانىلىرى ماللىرىنى قەشقەر ئارقىلىق ئالماشتۇرۇپ يەتكۈزۈپ چېگرادىن چىقىرىشنى تاللىدى، بۇ يىل دۆلەت ئىچىدىكى شەنشى، شەندۇڭ قاتارلىق تۆت ئۆلكىدىكى 20دىن ئارتۇق تۆمۈريول ۋوگزالىدىن يەتكۈزۈلگەن، توشۇلغان چېگرا ھالقىغان ماللار قەشقەر ئارقىلىق ئالماشتۇرۇپ يەتكۈزۈلدى» دېدى جۇڭگو تۆمۈريولى ئۈرۈمچى ئىدارىسى گۇرۇھى چەكلىك شىركىتى كورلا تۆمۈريول ئەشيا ئوبوروت مەركىزى قەشقەر تىجارەت بۆلۈمىنىڭ دىرېكتورى چاڭ جۈن. ھازىرغا قەدەر، بۇ يىل قەشقەر ئارقىلىق ئالماشتۇرۇپ يەتكۈزۈپ چېگرادىن چىقىرىلغان يۈك مىقدارى 108 مىڭ 700 توننىغا يەتكەن بولۇپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن 53 مىڭ 300 توننا ئاشتى.
تۆمۈريولدا توشۇشتىن تاشيول ئارقىلىق چېگرادىن چىقىرىشقىچە، تاشيولدىن تۆمۈريولغا ئالماشتۇرۇش ۋە تاموژنىغا مەلۇم قىلىپ چېگرادىن چىقىرىش «جۇڭگو - قىرغىزىستان - ئۆزبېكىستان» تاشيول - تۆمۈريول بىرلەشمە تىرانسپورت يولىنىڭ چېگرا ھالقىغان تىرانسپورتىدىكى ئەڭ ئاچقۇچلۇق ھالقا. 3 - ئايدا، قەشقەر تاموژنىسى تۇنجى قېتىم پورت ۋە «تەۋەلىك بويىچە بىۋاسىتە ئۆتكۈزۈش» ئەندىزىسىنى ئىلگىرى سۈرۈشنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ يولغا قويدى، ماللار قەشقەر تاموژنىسىغا يەتكۈزۈلگەندىن كېيىن، «كۆرۈنمە شەكىل»لىك يول ئۈستىدە نازارەت قىلىش - باشقۇرۇش ۋە «ئىندۇكسىيەسىز» تاموژنىدىن ئۆتكۈزۈش ئارقىلىق، 2 - قېتىملىق تەكشۈرۈش ئەمەلدىن قالدۇرۇلغان بولۇپ، تاموژنىدىن ئۆتكۈزۈش ۋاقتى ئەسلىدىكى ئۈچ - بەش كۈندىن ھازىرقى ئالتە - سەككىز سائەتكە قىسقارتىلىپ، ماللارنى تاموژنىدىن ئۆتكۈزۈش ئۈنۈمى ئۆستۈرۈلدى.
«جۇڭگو - قىرغىزىستان - ئۆزبېكىستان» تاشيول - تۆمۈريول بىرلەشمە تىرانسپورت يولى جۇڭگو، قىرغىزىستان ۋە ئۆزبېكىستاندىن ئىبارەت ئۈچ دۆلەتتىن ئۆتۈپ شەكىللەنگەن تاشيول - تۆمۈريول كۆپ شەكىللىك بىرلەشمە تىرانسپورت ئەشيا ئوبوروت غول لىنىيەسى. بۇ نۆۋەتچى پويىز پۈتۈن مۇساپىدە يۈك ساندۇقلۇق «تۆمۈريول - تاشيول»دىن ئىبارەت خەلقئارالىق كۆپ شەكىللىك بىرلەشمە تىرانسپورت شەكلىنى قوللانغان بولۇپ، تۆمۈريول ئارقىلىق قەشقەر شىمالىي ۋوگزالىغا توشۇپ كېلىنگەندىن كېيىن، ئاپتوموبىل تىرانسپورتى ئارقىلىق ئەركەشتام پورتىدىن ئالماشتۇرۇپ يەتكۈزۈپ چېگرادىن چىقىرىلىپ، قىرغىزىستان، ئۆزبېكىستان قاتارلىق دۆلەتلەرگە توشۇلىدۇ.
بۇ يولدا تىجارەت باشلانغان بەش يىلدىن بۇيان، گۇاڭدۇڭ - شياڭگاڭ - ئاۋمېن چوڭ قولتۇق رايونى، بېيجىڭ - تيەنجىن - خېبېي رايونى، سىچۇەن، جياڭسۇ قاتارلىق جايلاردىن كەينى - كەينىدىن نۆۋەتچى پويىز قاتناپ، ماللار قەشقەرگە توشۇپ كېلىنىپ ئالماشتۇرۇپ يەتكۈزۈلدى، توشۇلغان مال تۈرلىرىمۇ ئەڭ دەسلەپكى كىيىم - كېچەك، مېتال سايمان قاتارلىق 30 نەچچە خىلدىن يېڭى ئېنېرگىيەلىك ئاپتوموبىل، ماشىنا زاپچاسلىرى قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان 300 نەچچە خىلغا كېڭىيىپ، ئوتتۇرا - غەربىي ئاسىيانى تۇتاشتۇرىدىغان، ياۋروپاغا تەسىر كۆرسىتىدىغان خەلقئارا سودا يېڭى يولىنى ئاچتى.