ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزالىرى مەسئۇل ساھەدە پارتىيە 20 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 3 - ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى يەتكۈزدى، ئۆگەندى، ئىزچىللاشتۇردى
تۈرلۈك ئىسلاھات ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنىڭ ئەمەلىيلىشىپ ئۈنۈم ھاسىل قىلىشىغا پۈتۈن كۈچ بىلەن تۈرتكە بولۇش كېرەك
شىنجاڭ گېزىتى، ئۈرۈمچى، 7 - ئاينىڭ 27 - كۈنى خەۋىرى ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى جاڭ يەنفاڭ خەۋەر قىلىدۇ: يېقىندا، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزالىرى مەسئۇل ساھەدە پارتىيە 20 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 3 - ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى، بولۇپمۇ باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى يەتكۈزدى، ئۆگەندى، ئەمەلىيەتكە بىرلەشتۈرۈپ ئۆگىنىش، تەشۋىق قىلىش، ئىزچىللاشتۇرۇش خىزمىتىنى ئورۇنلاشتۇردى، ئورۇنلاشتۇرما قىلدى، ئىسلاھات روھى ئارقىلىق ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىپ قىيىنچىلىقلارنى يېڭىپ، تۈرلۈك ئورۇنلاشتۇرمىلارنىڭ ئەمەلىيلىشىپ ئۈنۈم ھاسىل قىلىشىغا پۈتۈن كۈچ بىلەن تۈرتكە بولدى.
چېن مىڭگو ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى سىياسىي - قانۇن كومىتېتى نەزەرىيە ئۆگىنىش مەركىزىي گۇرۇپپىسىنىڭ ئۆگىنىش كېڭەيتىلگەن يىغىنىدا مۇنداق تەكىتلىدى: سىياسىي - قانۇن سىستېمىسىدىكىلەر ئىدىيە ۋە ھەرىكەتنى باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھى ۋە ئومۇمىي يىغىننىڭ ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنلاشتۇرمىسىغا بىرلىككە كەلتۈرۈپ، يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇشتىكى سىياسىي مەسئۇلىيەت تۇيغۇسى ۋە تارىخىي بۇرچ تۇيغۇسىنى كۈچەيتىپ، شىنجاڭنىڭ سىياسىي - قانۇن خىزمىتىنى زامانىۋىلاشتۇرۇشنى تىرىشىپ ئالغا سىلجىتىش ئەمەلىي ھەرىكىتى ئارقىلىق، «ئىككىنى تىكلەش»نى قەتئىي ھىمايە قىلىشى، «ئىككىنى قوغداش»نى قەتئىي ئىشقا ئاشۇرۇشى كېرەك. ئومۇمىي يىغىننىڭ روھىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇشنى نۆۋەتتىكى سىياسىي - قانۇن خىزمىتى، مۇقىملىقنى قوغداش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش بىلەن زىچ بىرلەشتۈرۈپ، شى جىنپىڭ قانۇنچىللىق ئىدىيەسىنى ئومۇميۈزلۈك ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، قەتئىي تەۋرەنمەي ئومۇمىي دۆلەت خەۋپسىزلىكى قارىشىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش، مۇقىملىقنى قوغداشنى قانۇنچىللاشتۇرۇش، دائىملاشتۇرۇشنى سىجىل ئالغا سىلجىتىپ، قانۇنچىللىق تەپەككۇرى ۋە قانۇنچىللىق شەكلىدىن پايدىلىنىپ خەۋپ - خەتەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش، جىنايەتكە زەربە بېرىش، مەسىلىلەرنى بىر تەرەپ قىلىش، زىددىيەتلەرنى تۈگىتىشتە چىڭ تۇرۇشى كېرەك. دىققەتنى جەمئىيەت مۇقىملىقىنى قوغداش مەسئۇلىيەت تۈزۈمىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش، قانۇنچىل تىجارەت - سودا مۇھىتىنى ئەلالاشتۇرۇش قاتارلىق مۇھىم نۇقتىلارغا مەركەزلەشتۈرۈپ، خەۋپ - خەتەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش، خەۋپسىزلىككە كاپالەتلىك قىلىش، مۇقىملىقنى قوغداش، تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرۈشتىكى تۈرلۈك خىزمەتلەرنى پۈتۈن كۈچ بىلەن ياخشى ئىشلىشى كېرەك. سىياسىي - قانۇن قوشۇنىنى تەربىيەلەش، باشقۇرۇش - نازارەت قىلىشنى گەۋدىلىك ئالغا سىلجىتىپ، پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق باشقۇرۇش، ساقچىلار قوشۇنىنى قاتتىق ئىدارە قىلىش سىستېمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، سادىق، پاك، مەسئۇلىيەتچان بولغان سىياسىي - قانۇن پولات قوشۇنىنى كۈچەپ تاۋلاپ چىقىپ، سىياسىي - قانۇن خىزمىتىنى زامانىۋىلاشتۇرۇش ئارقىلىق شىنجاڭنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتى، يۇقىرى سەۋىيەلىك خەۋپسىزلىكىگە تىرەك بولۇشى ۋە مۇلازىمەت قىلىشى كېرەك.
قادېن كەبىن ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى بەنگۇڭتىڭىنىڭ بەنگۇڭتىڭ ئىشلىرى يىغىنىدا مۇنداق تەكىتلىدى: پارتىيە 20 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 3 - ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى ئۆگىنىش، تەشۋىق قىلىش، ئىزچىللاشتۇرۇشنى ھازىر ۋە بۇنىڭدىن كېيىنكى بىر مەزگىلدىكى مۇھىم سىياسىي ۋەزىپە قىلىپ، خىزمەتلەرنى بىرتۇتاش پىلانلاشنى كۈچەيتىپ، ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى ياخشى تۇتۇش كېرەك. «1 - قارالما» تۈزۈمىنى قاتتىق ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ھەر دەرىجىلىك ھەرقايسى تارماقلارنىڭ تۈرلۈك ئۆگىنىش مېخانىزملىرىدىن ياخشى پايدىلىنىشىغا يېتەكچىلىك قىلىپ، ئۆگىنىشنىڭ چوڭقۇر بولۇشى، ئەمەلىي بولۇشىغا تۈرتكە بولۇش كېرەك. ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى ئومۇمىي يىغىنىنىڭ تەييارلىق خىزمىتىنى ئەستايىدىل ياخشى ئىشلەپ، بەنگۇڭتىڭنىڭ مۇھىم ھۆججەت - ئارگىناللىرىنى بىرلەشمە تەكشۈرۈش مېخانىزملىق رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ «بىرىگە تەگسە ھەممىگە تەسىر كۆرسىتىدىغان» بىر تۈركۈم زور ئىسلاھات تەدبىرلىرىنى ئورۇنلاشتۇرما قىلىشىغا پائال ماسلىشىش كېرەك. ئىسلاھ قىلىش، يېڭىلىق يارىتىش روھىنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، ئومۇمىي يىغىننىڭ ئورۇنلاشتۇرما تەلىپى بويىچە، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ زور خەۋپ - خەتەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تۈگىتىش، مالىيە - ئىقتىساد ساھەسىدىكى خىزمەتلەرنىڭ ئەمەلىي ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈش، پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى ئورگانلارنى رەقەملەشتۈرۈش قۇرۇلۇشىنى تېزلىتىش قاتارلىق خىزمەتلەرنى ياخشى ئىشلىشىگە مۇلازىمەت قىلىپ، كاپالەتلىك قىلىپ، مەسىلىنى ھەل قىلىشنى تىرىشىپ ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەك. ئىسلاھات، يېڭىلىق يارىتىشنى ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ قىلىپ، پارتىيە كومىتېتى بەنگۇڭتىڭى خىزمىتىدىكى «ياخشىلاش نۇقتىسى» ۋە «ئەلالاشتۇرۇش نۇقتىسى»نى دەل جايىدا تېپىپ، تەرتىپنى قايتا ئورنىتىش ۋە تۈرلۈك نۇقتىلىق ۋەزىپىلەرنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى سىجىل ئالغا سىلجىتىپ، «ئۈچكە مۇلازىمەت قىلىش»نىڭ سۈپىتى ۋە ئۈنۈمىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈپ، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنىڭ شىنجاڭ ئەمەلىيىتىگە تۈرتكە بولۇش ئۈچۈن پارتىيە كومىتېتى بەنگۇڭتىڭىنىڭ تېخىمۇ زور تۆھپىسىنى قوشۇش كېرەك.
ۋاڭ لىن ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى تەشكىلات بۆلۈمىنىڭ پارتىيە 20 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 3 - ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى يەتكۈزۈش، ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇش يىغىنىدا مۇنداق تەكىتلىدى: پۈتۈن ئاپتونوم رايوننىڭ تەشكىلات سىستېمىسىدىكىلەر ئومۇمىي يىغىننىڭ روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىش، ئىنچىكە ئۆزلەشتۈرۈش داۋامىدا «ئىككىنى تىكلەش»نى قەتئىي ھىمايە قىلىش، «ئىككىنى قوغداش»نى قەتئىي ئىشقا ئاشۇرۇش سىياسىي ئاڭلىقلىقىنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، تەشكىلات خىزمىتىنىڭ ئورنىنى دەل جايىدا ئىگىلەپ، پائال، تەشەببۇسكارلىق بىلەن مەسئۇلىيەتنى زىممىگە ئېلىپ نەتىجە يارىتىشى كېرەك. ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى، ئورۇنلاشتۇرمىسى بويىچە، ئۆگىنىش قىزغىن دولقۇنىنى تېزدىن قوزغاپ، پارتىيەلىك رەھبىرىي كادىرلارنىڭ ئۆگىنىشىنى گەۋدىلىك ياخشى تۇتۇپ، ناھىيە، باشقارما دەرىجىلىكتىن يۇقىرى رەھبىرىي كادىرلارنىڭ ھەممىسىنى نۆۋەت بىلەن تەربىيەلەش ۋە پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلارنى سىستېمىلىق تەربىيەلەشنى كۆڭۈل قويۇپ تەشكىللەپ يولغا قويۇپ، ئاساسىي قاتلام پارتىيە تەشكىلاتلىرىنىڭ شەكىل، ۋاسىتىلەرنى بېيىتىشىغا يېتەكچىلىك قىلىپ، پارتىيە ئەزالىرىنىڭ ئۆگىنىش - تەربىيەسىنى ئەمەلىي تۇتۇپ، ئومۇمىي يىغىن روھىنى كاللىغا، قەلبكە سىڭدۈرۈشكە تۈرتكە بولۇشى كېرەك. يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى تولۇق، دەل جايىدا، ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇشنى زىچ چۆرىدەپ، پارتىيە قۇرۇلۇشى تۈزۈمى ئىسلاھاتى، ئىختىساسلىقلار تەرەققىياتى تۈزۈلمە - مېخانىزمى ئىسلاھاتى قاتارلىق ۋەزىپىلەرنى نىشانلىق ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، نەزەرىيە بىلەن قوراللىنىش، قابىلىيەتلىكلەرنى تاللاپ ئىشقا قويۇش، ئاساسنى كۈچەيتىپ ئۇلنى پۇختىلاش، ئىختىساسلىقلارنى يېتىشتۈرۈش، ئىختىساسلىقلارنى توپلاشقا دائىر تۈرلۈك خىزمەتلەرنى بىرتۇتاش پىلانلاپ ياخشى ئىشلەپ، پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى ھەر دەرىجىلىك پارتىيە تەشكىلاتلىرى ۋە كەڭ پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلارنىڭ ئىسلاھاتنى تۇتۇش، تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرۈش ئاكتىپلىقى، تەشەببۇسكارلىقى، ئىجادچانلىقىنى قوزغاپ، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنىڭ شىنجاڭ ئەمەلىيىتىنى پۇختا ئالغا سىلجىتىش ئۈچۈن قۇدرەتلىك كۈچنى مۇجەسسەملىشى كېرەك.