جۇڭخەي نېفىت (جۇڭگو) چەكلىك شىركىتى ئاپتونوم رايونلۇق تەبىئىي بايلىق نازارىتى بىلەن ھەمكارلىق رامكا كېلىشىمى ئىمزالىدى
شىنجاڭنىڭ نېفىت - تەبىئىي گاز بايلىقىنى چارلاش - ئېچىشنى ئورتاق ئالغا سىلجىتتى
شىنجاڭ گېزىتى، ئۈرۈمچى، 7 - ئاينىڭ 29 - كۈنى خەۋىرى ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى ۋاڭ يايۈن خەۋەر قىلىدۇ: 7 - ئاينىڭ 29 - كۈنى، جۇڭخەي نېفىت (جۇڭگو) چەكلىك شىركىتى ئاپتونوم رايونلۇق تەبىئىي بايلىق نازارىتى بىلەن ھەمكارلىق رامكا كېلىشىمى ئىمزالاپ، جۇڭگو دېڭىز - ئوكيان نېفىت گۇرۇھى چەكلىك شىركىتى بىلەن ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىق كېلىشىمىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، شىنجاڭنىڭ نېفىت - تەبىئىي گاز (نېفىت، تەبىئىي گاز، كۆمۈر قاتلىمى گازى قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ) بايلىقىنى چارلاش - ئېچىش، زاپىسىنى كۆپەيتىپ مەھسۇلات مىقدارىنى ئاشۇرۇش، تەڭ نەپ ئېلىپ تەرەققىي قىلىشنى ئىشقا ئاشۇرۇشنى ئالغا سىلجىتتى.
ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، ئاپتونوم رايوننىڭ دائىمىي مۇئاۋىن رەئىسى چېن ۋېيجۈن، جۇڭگو دېڭىز - ئوكيان نېفىت گۇرۇھى چەكلىك شىركىتى پارتىيە گۇرۇپپىسىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، باش دىرېكتور جوۋ شىنخۇەي كېلىشىم ئىمزالاش مۇراسىمىغا ئورتاق قاتناشتى.
كېلىشىمگە ئاساسەن، ئىككى تەرەپ قانۇن - بەلگىلىمە بويىچە بولۇش، ئەۋزەللىكلەر ئارقىلىق بىر - بىرىنى تولۇقلاش، ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈپ تەڭ نەپ ئېلىش، ماس تەرەققىي قىلىش پىرىنسىپى بويىچە، ھەمكارلىق، ئالاقىلىشىش، ماسلاشتۇرۇش مېخانىزمى ۋە ماتېرىيالدىن ئورتاق بەھرىلىنىش مېخانىزمى ئورنىتىپ، كانچىلىق ھوقۇقىنى ھەقلىق ئۆتۈنۈپ بېرىش، كۆمۈر قاتلىمى گازىنى چارلاش - ئېچىش، يۇقىرى دەرىجىلىك خىمىيە سانائىتى يېڭى ماتېرىيال كەسپىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش قاتارلىق كۆپ جەھەتلەردە نۇقتىلىق ھەمكارلىقنى قانات يايدۇرۇپ، دۆلەتنىڭ ئېنېرگىيە بايلىقى ئىستراتېگىيەلىك بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن كۈچ قوشىدۇ.