بايىنغولىن موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 70 يىللىقىنى تەبرىكلەش يىغىنى ئۆتكۈزۈلدى

2024-07-28 :ۋاقىت
مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەن تەبرىك تېلېگراممىسى ئەۋەتتى

چىن يىجى، جاڭ جۇ سۆز قىلدى

شىنجاڭ گېزىتى، كورلا، 7 ـ ئاينىڭ 26 ـ كۈنى خەۋىرى ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى ليۇ شياڭ خەۋەر قىلىدۇ: تومۇز ياز مەزگىلىدە، بارلىق شەيئىلەر گۈللەپ ياشنايدۇ. 7 ـ ئاينىڭ 26 ـ كۈنى، ھەرقايسى جايلاردىن كەلگەن مېھمانلار «خۇاشيادىكى 1 ـ ئوبلاست»قا جەم بولۇپ، بايىنغولىن موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 70 يىللىقىنى تەبرىكلەش يىغىنىنى ئورتاق ئۆتكۈزدى. مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەن تەبرىك تېلېگراممىسى ئەۋەتتى.

مەركەزدىكى ئالاقىدار تارماقلار تەبرىكلەش ئۆمىكىنىڭ ئۆمەك باشلىقى، دۆلەت مىللەتلەر ئىشلىرى كومىتېتىنىڭ مەخسۇس ۋەزىپىدىكى ئەزاسى چىن يىجى، ئاپتونوم رايونلۇق تەبرىكلەش ئۆمىكىنىڭ ئۆمەك باشلىقى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى جاڭ جۇ يىغىنغا قاتناشتى ھەم سۆز قىلدى. مەركەزدىكى ئالاقىدار تارماقلار تەبرىكلەش ئۆمىكىنىڭ مۇئاۋىن ئۆمەك باشلىقى، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى مىللەتلەر ئىشلىرى كومىتېتى قانۇن لايىھە ئىشخانىسىنىڭ مۇدىرى پېڭ جيەنخۇا تەبرىك تېلېگراممىسىنى ئوقۇدى. خېبېي ئۆلكىلىك تەبرىكلەش ئۆمىكىنىڭ ئۆمەك باشلىقى خاۋ مىڭۋۇ خېبېي ئۆلكىلىك پارتىيە كومىتېتى، ئۆلكىلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ تەبرىك خېتىنى ئوقۇدى.

چىن يىجى مەركەزدىكى ئالاقىدار تارماقلار تەبرىكلەش ئۆمىكىگە ۋاكالىتەن بايىنغولىن ئوبلاستىدىكى ھەر مىللەت خەلقىنى تەبرىكلىدى. ئۇ مۇنداق دېدى: 70 يىلدىن بۇيان، پارتىيەنىڭ مىللەتلەر سىياسىتىنىڭ پارلاق نۇرىدا، بايىنغولىن ئوبلاستىدىكى ھەر مىللەت خەلق ئىتتىپاقلىشىپ ئورتاق كۈرەش قىلىش، ئورتاق گۈللەپ راۋاجلىنىشنىڭ شانلىق سەھىپىسىنى پۈتتى. بايىنغولىن ئوبلاستى قۇرۇلغاندىن بۇيانقى تەرەققىيات مۇۋەپپەقىيەتلىرى شۇنى قايىل قىلارلىق دەرىجىدە ئىسپاتلىدىكى، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ رەھبەرلىكى مىللەتلەر رايونىنىڭ گۈللىنىپ تەرەققىي قىلىشىنىڭ تۈپ كاپالىتى، مىللەتلەر مەسىلىسىنى ھەل قىلىشنىڭ جۇڭگوچە توغرا يولى بولۇپ، تەڭداشسىز ئەۋزەللىككە ئىگە، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى قۇدرەتلىك سىغدۇرۇشچانلىق ۋە ئۇيۇشۇشچانلىققا ئىگە. مەۋقەنى يېڭى باشلىنىش نۇقتىسىغا قويۇپ، شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، پارتىيە 20 ـ قۇرۇلتىيى ۋە 20 ـ نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 3 ـ ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مىللەتلەر خىزمىتىنى كۈچەيتىش ۋە ياخشىلاش توغرىسىدىكى مۇھىم ئىدىيەسىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى تولۇق، دەل جايىدا، ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەشنى باشتىن ـ ئاخىر ئىقتىسادىي قۇرۇلۇش، سىياسىي قۇرۇلۇش، مەدەنىيەت قۇرۇلۇشى، جەمئىيەت قۇرۇلۇشى، ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشى ۋە پارتىيە قۇرۇلۇشىنىڭ پۈتكۈل جەريانىغا سىڭدۈرۈپ، بايىنغولىن ئوبلاستىنىڭ تۈرلۈك ئىشلىرىنى تېخىمۇ ياخشى ئالغا سىلجىتىپ، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش ۋە جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن بايىنغولىن ئوبلاستىنىڭ ئەقىل ـ پاراسىتى ۋە كۈچىنى قوشۇش كېرەك.

جاڭ جۇ ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى، خەلق قۇرۇلتىيى، ھۆكۈمەت، سىياسىي كېڭەش، ھەربىي رايون، بىڭتۇەن ھەم پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى ھەر مىللەت كادىرلار، ئاممىغا ۋاكالىتەن، مەركەزدىكى ئالاقىدار تارماقلار تەبرىكلەش ئۆمىكى ۋە ھەرقايسى مېھمانلارنى قىزغىن قارشى ئالدى، بايىنغولىن ئوبلاستىدىكى ھەر مىللەت كادىرلار، ئاممىدىن بايراملىق ھال سورىدى، ئۇزاق مەزگىلدىن بۇيان بايىنغولىن ئوبلاستىنىڭ تەرەققىياتىغا كۆڭۈل بۆلۈۋاتقان، قوللاپ كېلىۋاتقان ھەر دەرىجىلىك رەھبەرلەر، ھەر ساھە زاتلىرىغا سەمىمىي رەھمەت ئېيتتى. ئۇ مۇنداق دېدى: 70 يىل قاينام ـ تاشقىنلىققا تولغان، داۋاملىق كۈرەش قىلغان يىللار بولدى، بايىنغولىن ئوبلاستى كەڭ تۇپرىقىدا غايەت زور ئۆزگىرىشلەر بولدى، قىياپىتى يېڭىلاندى. بولۇپمۇ پارتىيە 18 ـ قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، بايىنغولىن ئوبلاستىدىكى ھەر مىللەت كادىرلار، ئامما غەمخورلۇقتىن مىننەتدار بولۇپ، جاسارەت بىلەن ئىشلەپ، بۇرچنى زىممىسىگە ئېلىپ ئۆزىنى كۈچەيتىپ، تۈرلۈك ئىشلارنىڭ تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇشتا ھەر تەرەپلىمە تارىخىي مۇۋەپپەقىيەتلەرنى قولغا كەلتۈردى. سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قۇرۇش يېڭى مۇساپىسىگە قەدەم قويغاندا، بايىنغولىن ئوبلاستىدىكى ھەر مىللەت كادىرلار، ئامما شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، دىققەتنى جەمئىيەت مۇقىملىقى ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىغا مەركەزلەشتۈرۈپ، پارتىيەنىڭ ئومۇميۈزلۈك رەھبەرلىكىدە چىڭ تۇرۇپ ۋە ئۇنى كۈچەيتىپ، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى ئۈزلۈكسىز مۇستەھكەملەپ، مۇقىملىقنى تۇتۇش بىلەن تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرۈشتىن ئىبارەت ئىككى جەھەتتىكى خىزمەتنى بىرتۇتاش پىلانلاپ بىرلەشتۈرۈشنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، خەلق تۇرمۇشىغا كۈچەپ يېقىنلىشىپ، كىشىلەر قەلبىنى مۇجەسسەملەپ، ئىقتىساد، جەمئىيەتنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇپ، جاسارەت بىلەن نەتىجە يارىتىش ھالىتىدە سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان بايىنغولىن ئوبلاستىنى ئومۇميۈزلۈك قۇرۇپ چىقىشنىڭ يېڭى سەھىپىسىنى پۈتۈپ چىقىشى كېرەك.

مەركەزدىكى ئالاقىدار تارماقلار تەبرىكلەش ئۆمىكىنىڭ ئەزالىرى، خېبېي ئۆلكىلىك تەبرىكلەش ئۆمىكىنىڭ ئەزالىرى، ئاپتونوم رايونلۇق تەبرىكلەش ئۆمىكىنىڭ مۇئاۋىن ئۆمەك باشلىقى مەمتىمىن قادىر، مۇقىيات جارمۇقاممەت، پۇ شۆمېي قاتناشتى، باتۇ رىياسەتچىلىك قىلدى. دەم ئېلىشقا، پېنسىيەگە چىققان بىر قىسىم ئۆلكە دەرىجىلىك رەھبەرلەر، پۈتۈن مەملىكەتتىكى بىر قىسىم ئاز سانلىق مىللەت ئاپتونوم ئوبلاستلىرى ۋە شىنجاڭدىكى ھەرقايسى ۋىلايەت، ئوبلاست، شەھەرلەرنىڭ ۋەكىللىرى قاتارلىقلار قاتناشتى.

پائالىيەت مەزگىلىدە، يىغىنغا قاتناشقان ئەزىز مېھمانلار يەنە تارىم دەرياسى ۋادىسى، يېزا ـ كەنت ئاساسىي قاتلاملىرى، باغچە رايونىدىكى كارخانىلار قاتارلىقلارغا چوڭقۇر چۆكۈپ تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىشنى قانات يايدۇردى.