​ئىسلاھات پىكىر يولى ۋە ئۇسۇلى ئارقىلىق قىيىن مەسىلىلەرنى ھەل قىلىش، تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك

2024-08-01 :ۋاقىت
مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

ئەركىن تۇنىياز تارباغاتاي ۋىلايىتى ۋە بىڭتۇەن 9 - شى بەيياڭ شەھىرىدە پارتىيە 20 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 3 - ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىدىن لېكسىيە سۆزلىدى ھەم تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدى

​ئىسلاھات پىكىر يولى ۋە ئۇسۇلى ئارقىلىق قىيىن مەسىلىلەرنى ھەل قىلىش، تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك

شىنجاڭ گېزىتى، چۆچەك، 7 - ئاينىڭ 30 - كۈنى خەۋىرى ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى لى ياڭ خەۋەر قىلىدۇ: 7 - ئاينىڭ 30 - كۈنى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ئاپتونوم رايوننىڭ رەئىسى ئەركىن تۇنىياز تارباغاتاي ۋىلايىتى ۋە بىڭتۇەن 9 - شى بەيياڭ شەھىرىگە كېلىپ، ئېتىز باشلىرى، پورت دۆلەت دەرۋازىسى، باغچە رايونىدىكى كارخانىلار، نۇقتىلىق تۈر قۇرۇلۇشى نەق مەيدانى قاتارلىقلارغا چوڭقۇر چۆكۈپ، كادىرلار ۋە ئاممىغا يۈزلىنىپ پارتىيە 20 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 3 - ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىدىن لېكسىيە سۆزلىدى، ئومۇمىي يىغىن روھىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە تۈرتكە بولۇش، تەرەققىيات سۈپىتى ۋە ئۈنۈمىنى يەنىمۇ ئۆستۈرۈش توغرىسىدا تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدى. ئۇ مۇنداق تەكىتلىدى: پارتىيە 20 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 3 - ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئىسلاھات پىكىر يولى ۋە ئۇسۇلى ئارقىلىق قىيىن مەسىلىلەرنى ھەل قىلىپ، ھاياتىي كۈچنى ئۇرغۇتۇپ، ھەقىقىي تۈردە بايلىق ئەۋزەللىكى، رايون ئورنى ئەۋزەللىكىنى تەرەققىيات يېڭى ھەرىكەت ئېنېرگىيەسىگە ئايلاندۇرۇپ، يۇقىرى سەۋىيەلىك ئېچىۋېتىش ئارقىلىق يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك.

شىنجاڭ خۇالىڭ سەننۇڭ ئوتلاق - چارۋىچىلىق چەكلىك شىركىتىدە، ئەركىن تۇنياز قوتانلارنى نەق مەيداندا كۆزدىن كەچۈرۈپ، كارخانىنىڭ تەرەققىيات پىلانى، باقمىچىلىق تېخنىكىسى، بازاردا سېتىش قاتارلىقلارنى ئىگىلەپ، ھەل قىلىشقا تېگىشلىك قىيىنچىلىق ۋە مەسىلىلەرنى سورىدى. شىنجاڭ تيەنياڭ چارۋىچىلىق چەكلىك شىركىتىدە، ئەركىن تۇنياز بۇ كارخانىنىڭ «يېتىشتۈرۈش، كۆپەيتىش، كېڭەيتىش بىرگەۋدىلەشتۈرۈلگەن» ھەرىكەت ئەندىزىسىنى يولغا قويغانلىقىنى مۇئەييەنلەشتۈردى. ئۇ مۇنداق كۆرسەتتى: ئومۇمىي يىغىندا «ئىچكى ئېھتىياجنى پائال كېڭەيتىش» ئوتتۇرىغا قويۇلدى، چارۋىچىلىق كارخانىلىرىنىڭ ئىستىقبالى پارلاق. تەرەققىيات ئىشەنچىنى چىڭىتىپ، نەسىل، داڭلىق ماركا، سۈپەتنى چىڭ كۆزلەپ، زەنجىر باشلامچى كارخانىلىرىنىڭ رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، كەسىپ زەنجىرىنى ئۈزلۈكسىز ئۇزارتىپ، قوشۇلما قىممىتىنى ئاشۇرۇپ، دېھقانلار بىلەن ئالاقە باغلاش، دېھقانلارنى يېتەكلەش مېخانىزمىنى سىجىل مۇكەممەللەشتۈرۈپ، تېخىمۇ كۆپ دېھقان - چارۋىچىنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇپ بېيىشىغا تۈرتكە بولۇش كېرەك.

چۆچەك شەھىرىنىڭ بوزداق بازىرىدا، ئەركىن تۇنياز قوناق، ئۇرۇقلۇق قاپاقنىڭ ئۆسۈش ئەھۋالىنى نەق مەيداندا كۆزدىن كەچۈرۈپ، تارباغاتاي ۋىلايىتىنىڭ بۇغداي ئورمىسى خىزمىتىنىڭ ئىلگىرىلەش ئەھۋالىنى ئىگىلىدى. چۆچەك شەھىرىنىڭ ئاشىل داغۇر يېزىسى كۆلتۆپە كەنتىدە، ئەركىن تۇنياز پارتىيە ئەزالىرى - ئامما مۇلازىمەت زالىغا كېلىپ، ئاساسىي قاتلامدىكى پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلار بىلەن يۈزتۇرا پىكىر ئالماشتۇرۇپ، كۆپچىلىك بىلەن پارتىيە 20 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 3 - ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى ئۆگىنىش تەسىراتلىرى توغرىسىدا كەڭ - كۇشادە پاراڭلاشتى.

ئەركىن تۇنىياز يەنە بىڭتۇەن 9 - شى بەيياڭ شەھىرىنىڭ مەركىزىي شەھەر رايونىدىكى شەھەر مەمۇرىيىتى ئۇل ئەسلىھەلىرىنىڭ 1 - قارارلىق قۇرۇلۇش تۈرى نەق مەيدانىغا كېلىپ، بىڭتۇەن بىناكارلىق - قۇرۇلۇش گۇرۇھىنىڭ بەيياڭ شەھىرى قۇرۇلۇش تۈرى قوماندانلىق ئىشتابىغا بېرىپ، بىڭتۇەن بىلەن يەرلىكنىڭ يۇغۇرما تەرەققىيات ئەھۋالىنى نەق مەيداندا ئىگىلىدى. ئۇ مۇنداق تەكىتلىدى: يېڭىچە شەھەر - بازارلاشتۇرۇشنى ئالغا سىلجىتىش تۈزۈلمە - مېخانىزملىرىنى تاكامۇللاشتۇرۇپ، بەيياڭ شەھىرى بىلەن چۆچەك شەھىرىنىڭ «بىر پارچە خەرىتە»نى پىلانلىشى، «بىر تور» قۇرۇشىدا چىڭ تۇرۇپ، يول، تۇرۇبا تورى قاتارلىق مۇھىم ئۇل ئەسلىھەلەرنى ئۆزئارا تۇتاشتۇرۇش، ئۆزئارا راۋانلاشتۇرۇشقا تۈرتكە بولۇپ، مائارىپ، داۋالاش بايلىقىدىن ئورتاق بەھرىلىنىشنى كۈچەيتىپ، بىڭتۇەن بىلەن يەرلىكنىڭ يۇغۇرما تەرەققىياتى بويىچە ئۈلگە كۆرسىتىش رايونى بەرپا قىلىش كېرەك.

باقتۇ پورتىدا، ئەركىن تۇنياز پورتنىڭ تاموژنىدىن ئۆتكۈزۈش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈش قۇرۇلۇشىنىڭ يولغا قويۇلۇش ئەھۋالىنى نەق مەيداندا ئىگىلىدى. دۆلەت ئېلېكتىر مەبلەغ سېلىش گۇرۇھى تارباغاتاي يېڭى ئېنېرگىيە بويىچە يېڭىلىق يارىتىش كەسىپلەر باغچىسى، شىنجاڭ جۇڭيى يېڭى ماتېرىيال پەن - تېخنىكا چەكلىك شىركىتىدە يېڭى ئېنېرگىيە، يېڭى ماتېرىيال كەسپىنىڭ تەرەققىيات ئەھۋالىنى ئىگىلىدى.

تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش جەريانىدا ئەركىن تۇنىياز مۇنداق تەكىتلىدى: پارتىيە 20 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 3 - ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى ئۆگىنىش، تەشۋىق قىلىش، ئىزچىللاشتۇرۇشنى باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ شىنجاڭ خىزمىتى توغرىسىدىكى مۇھىم سۆزى، مۇھىم يوليورۇقى، تەستىقىي يوليورۇقىنىڭ روھىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇش بىلەن بىرلەشتۈرۈپ، ئامما ياقتۇرىدىغان شەكىللەر ئارقىلىق ئومۇمىي يىغىننىڭ روھىي ماھىيىتى، يادرولۇق مۇھىم مەزمۇنىنى ياخشى تەشۋىق قىلىپ، ياخشى چۈشەندۈرۈپ، ھەر مىللەت ئاممىنى جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەپ، مىننەتدار بولۇپ جاسارەت بىلەن ئالغا ئىلگىرىلەپ، ھەقىقىي تۇتۇپ ئەمەلىي ئىشلەپ، باش شۇجى شى جىنپىڭ تۈزۈپ بەرگەن ئۇلۇغۋار پىلاننى گۈزەل رېئاللىققا ئايلاندۇرۇشقا يېتەكلەش كېرەك. مەۋقەنى تارباغاتاي ۋىلايىتىنىڭ ئەمەلىيىتىگە قويۇپ، يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا ئىدىيەدە ئازاد بولۇپ، قاراشنى ئۆزگەرتىپ، تارباغاتاينىڭ نۇقتىلىق ئېچىش - ئېچىۋېتىش سىناق رايونى قۇرۇلۇشىنى پۇختا ئالغا سىلجىتىپ، تىجارەت - سودا مۇھىتىنى سىجىل ئەلالاشتۇرۇپ، ئاممىنىڭ كىرىمىنى كۆپ خىل يوللار ئارقىلىق ئاشۇرۇپ، تىرىشىپ پۇل مۇئامىلە ئاپپاراتلىرى، ئۆي - زېمىن، بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش قاتارلىق ساھەلەردىكى خەۋپ - خەتەرنىڭ ئالدىنى ئېلىپ ۋە ئۇنى تۈگىتىپ، تېخىمۇ يۇقىرى سەۋىيەلىك ئوچۇق ئىقتىساد يېڭى تۈزۈلمىسىنى بەرپا قىلىش كېرەك.