ما شىڭرۇي، ئەركىن تۇنىياز، خې جۇڭيوۋ پائالىيەتكە قاتناشتى
شىنجاڭ گېزىتى، ئۈرۈمچى، 7 - ئاينىڭ 30 - كۈنى خەۋىرى ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى ۋاڭ شىڭرۇي خەۋەر قىلىدۇ: جۇڭگو خەلق ئازادلىق ئارمىيەسى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 97 يىللىقى يېتىپ كېلىش پەيتىدە، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى ۋە ھۆكۈمەت يېقىندا «1 - ئاۋغۇست» ئارمىيە بايرىمىلىق زىيارەت قىلىش، ھال سوراش پائالىيىتىنى قانات يايدۇردى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى ما شىڭرۇي، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ئاپتونوم رايوننىڭ رەئىسى ئەركىن تۇنىياز، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، بىڭتۇەن پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى خې جۇڭيوۋ قاتارلىق ئاپتونوم رايون رەھبەرلىرى ۋىلايەت، ئوبلاستلارغا چوڭقۇر چۆكۈپ، شىنجاڭدا تۇرۇشلۇق قىسىملاردىكى ئوفىتسېر - ئەسكەرلەرنى زىيارەت قىلدى ۋە ئۇلاردىن ھال سورىدى، پېشقەدەم جەڭچىلەر، خىزمەت ئۈستىدە قۇربان بولغان ھەربىيلەرنىڭ ئائىلە تەۋەلىرى قاتارلىق نەپىقە بېرىش ئوبيېكتلىرىنى يوقلىدى ۋە ئۇلاردىن ھال سورىدى، شىنجاڭدا تۇرۇشلۇق خەلق ئازادلىق ئارمىيەسىنىڭ كوماندىر - جەڭچىلىرى، قوراللىق ساقچى قىسىم ئوفىتسېر - ئەسكەرلىرى، خەلق ئەسكەرلىرى - زاپاس ھەربىيلەر، پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى پېشقەدەم قىزىل ئارمىيە جەڭچىلىرى، ئارمىيەدىن دەم ئېلىشقا، پېنسىيەگە چىققان كادىرلار، خىزمەت ئۈستىدە قۇربان بولغان ھەربىيلەرنىڭ ئائىلە تەۋەلىرى، يارىلانغان - مېيىپ بولغان ھەربىيلەر، كەسىپ ئالماشتۇرغان، ئارمىيەدىن قايتقان، ئارمىيەدىن چېكىنگەن ھەربىيلەر قاتارلىقلارنىڭ بايرىمىنى تەبرىكلىدى ۋە ئۇلارغا سەمىمىي سالام يوللىدى، ئۇلارنىڭ شىنجاڭنىڭ جەمئىيەت مۇقىملىقى ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكى ئۈچۈن قوشقان مۇھىم تۆھپىسىگە رەھمەت ئېيتتى.
ئاپتونوم رايون رەھبەرلىرى ئايرىم - ئايرىم ھالدا قەشقەر ۋىلايىتى ۋە ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستىغا كېلىپ، جەنۇبىي شىنجاڭ ھەربىي رايونى ئورگىنى، قەشقەردە تۇرۇشلۇق ھاۋا ئارمىيە قىسمى، قەشقەردە تۇرۇشلۇق قوراللىق ساقچى قىسىم شىنجاڭ باش ئەترىتىنىڭ مەلۇم تارماق ئەترىتى، جۇڭگو خەلق ئازادلىق ئارمىيەسىنىڭ 69349 - قىسمى، ئىلىدا تۇرۇشلۇق قوراللىق ساقچى قىسىم شىنجاڭ باش ئەترىتىنىڭ مەلۇم تارماق ئەترىتى، جۇڭگو خەلق ئازادلىق ئارمىيەسىنىڭ 93975 - قىسمى 74 - شۆبە ئەترىتىنى زىيارەت قىلىپ، قىسىمدىكى ئوفىتسېر - ئەسكەرلەرنى يوقلىدى، ئۇلارنىڭ ئۇرۇشقا تەييارلىق قىلىش مەشىقى، خىزمەت، تۇرمۇش، ئۆگىنىش ئەھۋالىنى ئىگىلىدى. ئاپتونوم رايون رەھبەرلىرى يەنە ئامېرىكا جاھانگىرلىكىگە قارشى تۇرۇپ چاۋشيەنگە ياردەم بېرىش ئۇرۇشىغا قاتناشقان پېشقەدەم جەڭچىلەر ۋەكىللىرى، ئىنقىلابىي قۇربانلار ئائىلە تەۋەلىرى ۋەكىللىرى قاتارلىقلارنى سەمىمىي يوقلاپ ۋە ئۇلاردىن ھال سوراپ، ئۇلارغا پارتىيە ۋە ھۆكۈمەتنىڭ ئىللىقلىقى ۋە غەمخورلۇقىنى يەتكۈزدى.
ما شىڭرۇي يوقلاش، ھال سوراش جەريانىدا مۇنداق كۆرسەتتى: ئۇزاقتىن بۇيان، شىنجاڭدا تۇرۇشلۇق قىسىملار شى جىنپىڭ ئارمىيەنى قۇدرەت تاپقۇزۇش ئىدىيەسىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئارمىيەنى سىياسىي جەھەتتىن قۇرۇش، ئارمىيەنى ئىسلاھات ئارقىلىق قۇدرەت تاپقۇزۇش، ئارمىيەنى پەن - تېخنىكا ئارقىلىق قۇدرەت تاپقۇزۇش، ئارمىيەنى ئىختىساسلىقلار ئارقىلىق قۇدرەت تاپقۇزۇش، ئارمىيەنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىشنى ئۈزلۈكسىز يەنىمۇ كۈچەيتىپ، ھەربىي مەشىق ۋە ئۇرۇش تەييارلىقىنى ئومۇميۈزلۈك كۈچەيتىپ، تىرىشىپ سەرخىل قوشۇننى تاۋلاپ چىقىپ، غەلىبە قىلىش ئىقتىدارىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈپ، پارتىيە ۋە خەلق تاپشۇرغان بۇرچ، ۋەزىپىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك تاماملىدى. كەڭ خەلق پەرزەنت ئەسكەرلىرى تۇرۇشلۇق جايىنى يۇرتى، ئاممىنى تۇغقىنى دەپ بىلىپ، مەسئۇلىيىتى، بۇرچىنى سادىقلىق بىلەن ئادا قىلىپ، شىنجاڭنىڭ ئىسلاھات، تەرەققىيات، مۇقىملىققا دائىر تۈرلۈك ئىشلىرىغا پائال قاتنىشىپ ۋە مەدەت بېرىپ، مۇقىملىقنى قوغداش، چېگرا مۇداپىئەسىنى كۈچەيتىش ۋە مۇستەھكەملەش، جىددىي ئىشلارغا تاقابىل تۇرۇش، تاسادىپىي ۋەقەلەرنى بىر تەرەپ قىلىش، تەرەققىياتقا كۈچ قوشۇش، ئاممىغا مۇلازىمەت قىلىش قاتارلىق جەھەتلەردە مۇھىم تۆھپە قوشتى. ھازىر شىنجاڭ پارتىيە 20 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 3 - ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، تەشۋىق قىلىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ شىنجاڭ خىزمىتى توغرىسىدىكى مۇھىم سۆزى، مۇھىم يوليورۇقى، تەستىقىي يوليورۇقىنىڭ روھىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى تولۇق، دەل جايىدا، ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، دۆلەت پۈتۈن ۋەزىيىتىدىكى ئىستراتېگىيەلىك ئورنىنى چىڭ كۆزلەپ، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنىڭ شىنجاڭ سەھىپىسىنى جاسارەت بىلەن پۈتمەكتە. يېڭى مۇساپىدە گۈزەل شىنجاڭنى تېخىمۇ ياخشى قۇرۇپ چىقىش شىنجاڭدا تۇرۇشلۇق قىسىملاردىكى ئوفىتسېر - ئەسكەرلەرنىڭ زور كۈچ بىلەن قوللىشى ۋە قاتنىشىشىدىن ئايرىلالمايدۇ. شىنجاڭدا تۇرۇشلۇق قىسىملارنىڭ شىنجاڭ خىزمىتىگە ئىلگىرىكىدەكلا كۆڭۈل بۆلۈپ ۋە مەدەت بېرىپ، شەرەپلىك ئەنئەنىنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، ئۆز ئەۋزەللىكىنى جارى قىلدۇرۇپ، شىنجاڭنىڭ جەمئىيەت مۇقىملىقى ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكنى ئىشقا ئاشۇرۇشى، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات ۋە زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىنى ئالغا سىلجىتىشى ئۈچۈن يېڭى، تېخىمۇ زور تۆھپە قوشۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن. بىز باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ ئىككىنى ھىمايە قىلىش خىزمىتى توغرىسىدىكى مۇھىم بايانلىرىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، دۆلەت مۇداپىئەسى ۋە ئارمىيە قۇرۇلۇشىنى پۈتۈن كۈچ بىلەن قوللاپ، ئارمىيەنى ھىمايە قىلىش، ئائىلە تەۋەلىرىگە ئېتىبار بېرىش خىزمىتىنى چىن قەلب، چىن ھېسسىيات بىلەن ياخشى ئىشلەپ، قىسىم بىلەن قول تۇتۇشۇپ يېڭى دەۋردىكى ئارمىيە بىلەن ھۆكۈمەت، ئارمىيە بىلەن خەلق ئىتتىپاقلىقىنىڭ يېڭى ۋەزىيىتىنى يارىتىمىز.
شىنجاڭدا تۇرۇشلۇق قىسىملاردىكى ئالاقىدار مەسئۇل يولداشلار ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى ۋە ھۆكۈمەتنىڭ قىسىم خىزمىتىگە كۆڭۈل بۆلگەنلىكى ۋە مەدەت بەرگەنلىكىگە رەھمەت ئېيتتى، شىنجاڭنىڭ ئىقتىساد، جەمئىيىتىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتى، ئارمىيە بىلەن يەرلىكنىڭ ئىككىنى ھىمايە قىلىش بويىچە ئورتاق بەرپا قىلىش خىزمىتىدە قولغا كەلتۈرۈلگەن كۆرۈنەرلىك نەتىجىلەر، نامايان بولغان ياخشى ۋەزىيەتكە يۈكسەك باھا بەردى، شى جىنپىڭ ئارمىيەنى قۇدرەت تاپقۇزۇش ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، يېڭى دەۋردىكى ھەربىي ئىشلار ئىستراتېگىيەلىك فاڭجېنىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ھەربىي مەشىق ۋە ئۇرۇش تەييارلىقىنى ئومۇميۈزلۈك كۈچەيتىش بىلەن بىللە، يەرلىكنىڭ ئىسلاھات، تەرەققىيات، مۇقىملىققا دائىر تۈرلۈك خىزمەتلىرىگە پائال مەدەت بېرىپ ۋە قاتنىشىپ، ئورتاق ھالدا جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنىڭ شىنجاڭ ئەمەلىيىتىنى ئالغا سىلجىتىش ئۈچۈن تېخىمۇ زور كۈچ قوشىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
ياڭ چېڭ، چېن ۋېيجۈن، چېن مىڭگو، قادېن كەبىن، مۇقىيات جارمۇقامەت، شۆ بىن قاتناشتى ياكى ئۆمەك باشلاپ زىيارەت قىلىش، ھال سوراش پائالىيىتىنى قانات يايدۇردى.