ئەركىن تۇنىياز سىپرۇس تاراتقۇ ۋەكىللەر ئۆمىكى بىلەن كۆرۈشتى

2024-10-25 :ۋاقىت
مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

   شىنجاڭ گېزىتى، ئۈرۈمچى، 10 - ئاينىڭ 23 - كۈنى خەۋىرى ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى لى ياڭ خەۋەر قىلىدۇ: 10 - ئاينىڭ 23 - كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ئاپتونوم رايوننىڭ رەئىسى ئەركىن تۇنىياز ئۈرۈمچىدە شىنجاڭغا ئېكسكۇرسىيە - زىيارەتتە بولۇش ئۈچۈن كەلگەن سىپرۇس تاراتقۇ ۋەكىللەر ئۆمىكىدىكىلەر بىلەن كۆرۈشتى.

ئەركىن تۇنىياز مۇنداق دېدى: جۇڭگو بىلەن سىپرۇس ئىككى دۆلەتنىڭ دوستلۇقى ئۇزاق تارىخقا ئىگە، ئۇزاق تارىخىي جەرياندا مۇستەھكەملەنگەن. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، ئىككى دۆلەت دۆلەت باشلىقلىرىنىڭ ئىستراتېگىيەلىك يېتەكچىلىكىدە، جۇڭگو شىنجاڭ بىلەن سىپرۇسنىڭ يەرلىكلەر ئارا ئالماشتۇرۇشى، ئالاقىسى سىجىل چوڭقۇرلاشتى. رەئىس شى جىنپىڭنىڭ ۋە جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە، جۇڭگو شىنجاڭ يېڭى دەۋردىكى جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى تولۇق، دەل جايىدا، ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇردى، جەمئىيەت ئومۇمىيىتى سىجىل مۇقىم بولدى، ئىقتىساد، جەمئىيەت يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىي قىلدى، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ئۈزلۈكسىز مۇستەھكەملەندى، كۆپ خىل دىن ئىناق تەرەققىي قىلدى، تىيانشاننىڭ جەنۇبى - شىمالىدا يېڭى كەيپىيات بارلىققا كەلدى. ئامېرىكا قاتارلىق غەرب دۆلەتلىرى جان - جەھلى بىلەن شىنجاڭغا ئالاقىدار يالغان - ياۋىداق سۆزلەرنى ئويدۇرۇپ چىقىرىپ، شىنجاڭغا خالىغانچە بوھتان چاپلىدى، قارا سۈركىدى، بۇنىڭ ئارقىسىغا «شىنجاڭ ئىشلىرىغا ئارىلىشىش ئارقىلىق جۇڭگونىڭ تەرەققىياتىنى چەكلەشكە ئۇرۇنۇش» تىن ئىبارەت سىياسىي سۇيىقەستى يوشۇرۇنغان. بىز يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا جۇڭگو شىنجاڭ بىلەن سىپرۇسنىڭ يەرلىكلەر ئارا ئالماشتۇرۇشى، ئالاقىسىنى كۈچەيتىپ، يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا مەدەنىيەت، ئىقتىساد - سودا، ساياھەت قاتارلىق ساھەلەردىكى ھەمكارلىق سەۋىيەسىنى ئۆستۈرىمىز. شۇنداقلا كۆپچىلىكنىڭ ئۆز كۆزى بىلەن كۆرگەن، ئۆز قۇلىقى بىلەن ئاڭلىغان، بىۋاسىتە ھېس قىلغان ھەقىقىي شىنجاڭنى ئەتراپىدىكى تېخىمۇ كۆپ كىشى ۋە دوستلارغا تونۇشتۇرۇپ، خەلقئارا جەمئىيەتنى گۈللەنگەن، مۇقىم، ھاياتىي كۈچكە تولغان، ئېچىۋېتىلگەن، ئۆزىگە ئىشىنىدىغان گۈزەل شىنجاڭنى ئومۇميۈزلۈك، ئوبيېكتىپ چۈشىنىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىشىنى ئۈمىد قىلىمىز.

سىپرۇس «سۈبھى گېزىتى»نىڭ مەسئۇل مۇھەررىرى، ئەمگەكچى خەلق تەرەققىيپەرۋەرلەر پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ئەزاسى، قوشۇمچە نىكوسىيە شەھەرلىك پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى ناۋفىتوس ناۋفىتو مۇنداق دېدى: ئېكسكۇرسىيە - زىيارەتتە بولغان مەزگىلدە، تېخىمۇ ھەقىقىي بولغان جۇڭگو شىنجاڭ توغرىسىدا يەنىمۇ چۈشەنچىگە ئىگە بولىمەن، ھەم جۇڭگو شىنجاڭنىڭ جەمئىيەت مۇقىملىقى، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى قوغداش قاتارلىق جەھەتلەردىكى ئۇسۇللىرىنى پائال ئۆگىنىمەن ۋە ئۆرنەك قىلىمەن. سىپرۇس - جۇڭگو دوستلۇقىنىڭ مەڭگۈ ياشناپ تۇرۇشىنى چىن دىلىمدىن ئۈمىد قىلىمەن، جۇڭگو شىنجاڭنىڭ كەلگۈسىنىڭ تېخىمۇ گۈزەل بولۇشىغا تىلەكداشمەن.

ئاپتونوم رايوننىڭ ئالاقىدار تارماقلىرىدىكى مەسئۇل يولداشلار كۆرۈشۈشكە قاتناشتى.