جۇڭگو پەنلەر ئاكادېمىيەسى 7 ـ نۆۋەتلىك ئىلىم ـ پەن بايرىمى شىنجاڭ بۆلەك رايونى پائالىيىتى قوزغىتىلدى

2024-10-29 :ۋاقىت
مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

   شىنجاڭ گېزىتى، ئۈرۈمچى، 10 ـ ئاينىڭ 27 ـ كۈنى خەۋىرى ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى شيې خۇيبيەن خەۋەر قىلىدۇ: 10 ـ ئاينىڭ 26 ـ كۈنى، جۇڭگو پەنلەر ئاكادېمىيەسى 7 ـ نۆۋەتلىك ئىلىم ـ پەن بايرىمى شىنجاڭ بۆلەك رايونى پائالىيىتى ئۈرۈمچى شەھىرى ئۆسۈملۈكلەر باغچىسىدا قوزغىتىلدى.

بۇ قېتىمقى پائالىيەتتە «ھەي، ئىلىم ـ پەن! − قىزىقىپ نامەلۇملۇق ئۈستىدە ئىزدىنىش، ئىلىم ـ پەن ئارقىلىق كەلگۈسىنى تۇتاشتۇرۇش» باش تېما قىلىنىپ، «ئىلىم ـ پەن ماھارەتلىرى» «پەن ـ تېخنىكا ئىجادىيەت كۆرگەزمىسى» «ئىلىم ـ پەن بىلەن نۆل ئارىلىقتا ئۇچراشتىم» «ئىلىم ـ پەن گۈزەللىكىدىن بەھرىلىنىش»تىن ئىبارەت ھەرقايسىسى ئۆزگىچە ئالاھىدىلىككە ئىگە تۆت نامايان قىلىش بۆلىكى ۋە ھەمتۈرتكىلىك ھېس قىلىش رايونى تەسىس قىلىندى.

نەق مەيداندا، ئامما گۇچۇڭ رادىيو تېلېسكوپى، پىروتون تېزلەتكۈچ قاتارلىقلارنى چۈشىنىپ، يېقىنقى يىللاردىن بۇيانقى جۇڭگو پەنلەر ئاكادېمىيەسى شىنجاڭ شۆبىسى سىستېمىسىنىڭ يۈرۈشلۈك پەن تەتقىقات نەتىجىلىرىنى چوڭقۇر يەردىن چوڭقۇر ئالەم بوشلۇقىغىچە، چوڭ دۆلەت مۇھىم قوراللىرىنىڭ ئالەمنىڭ سىرى ئۈستىدە قانداق ئىزدىنىشىدىن ئېكولوگىيەنى ئەسلىگە كەلتۈرۈپ دۆلەتنىڭ ئاشلىق بىخەتەرلىكى، ئېكولوگىيە بىخەتەرلىكىگە كۈچ قوشقانلىقىغىچە، يۇقىرى ئىقتىدارلىق ماتېرىيال تەييارلاپ دۆلەتنىڭ ئىستراتېگىيەلىك تەرەققىياتىغا كۈچ قوشۇشتىن مىللەتلەر تېبابىتى ـ دورىگەرلىكىنى زامانىۋىلاشتۇرۇپ خەلقنىڭ ھاياتى، ساغلاملىقىنى قوغداش قاتارلىقلارغىچە ھەر تەرەپلىمە، يېقىن ئارىلىقتىن ئىگىلىيەلەيدۇ، يەنە قىممەتلىك ئۆسۈملۈك ۋە ھاشارات ئەۋرىشكىلىرىنى ئېكسكۇرسىيە قىلالايدۇ، ئەۋرىشكە ياساش بىلىملىرى قاتارلىقلارنى ئۆگىنەلەيدۇ.

ئۈرۈمچى شەھەرلىك 76 ـ باشلانغۇچ مەكتەپنىڭ 4 ـ يىللىق ئوقۇغۇچىسى لى فېي ئائىلىسىدىكىلەر بىلەن پائالىيەت نەق مەيدانىغا بالدۇرلا كەلدى. «تۇرمۇشنىڭ ھەممىلا يېرىدە بىلىم باردەك ھېس قىلىۋاتىمەن، نەق مەيداندىكى ئىلمىي تەجرىبىلەرنىڭ كۆپىنچىسى تۇرمۇشتىن كەلگەن، تولىمۇ ئاجايىپ ئىكەن، ئۆسۈملۈكلەر باغچىسىدا ھەر كۈنى دېگۈدەك كۆرگىلى بولىدىغان ئۆسۈملۈكلەرگىمۇ نۇرغۇن بىلىم يوشۇرۇنغان ئىكەن» دېدى لى فېي.

كەلگۈسى بىر ھەپتىدە، جۇڭگو پەنلەر ئاكادېمىيەسى شىنجاڭ شۆبىسى سىستېمىسىدىكى ئورۇنلار يەنە خوتەن ۋىلايىتىنىڭ قاراقاش ناھىيەسى، بايىنغولىن موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستىنىڭ لوپنۇر ناھىيەسى، ئۈرۈمچى شەھىرى قاتارلىق جايلارغا كىرىپ، «پەننى ئومۇملاشتۇرۇشنى مەكتەپلەرگە كىرگۈزۈش» «پەننى ئومۇملاشتۇرۇشنى يېزا ـ كەنتلەرگە كىرگۈزۈش» «پەننى ئومۇملاشتۇرۇشنى مەھەللىلەرگە كىرگۈزۈش» قاتارلىق يۈرۈشلۈك پائالىيەتلەرنى قانات يايدۇرۇپ، كەڭ ئاممىغا ئىلىم ـ پەن بىلەن يېقىن ئارىلىقتا ئۇچرىشىش، ئىلىم ـ پەننىڭ جەلپ قىلىش كۈچىنى ھېس قىلىش سەھنىسى ھازىرلاپ، پۈتكۈل جەمئىيەتتە ئىلىم ـ پەن ئۆگىنىدىغان، ئىلىم ـ پەننى سۆيىدىغان، ئىلىم ـ پەندىن پايدىلىنىدىغان قويۇق كەيپىيات يارىتىدۇ.

جۇڭگو پەنلەر ئاكادېمىيەسى ئىلىم ـ پەن بايرىمى جۇڭگو پەنلەر ئاكادېمىيەسى 2018 ـ يىلى بەرپا قىلغان، جەمئىيەتتىكى ئاممىغا يۈزلەنگەن چوڭ تىپتىكى ئىلىم ـ پەن كاتتا مەرىكە پائالىيىتى بولۇپ، ئاساسىي مەيدان پائالىيىتى ۋە تەتقىقات ئورۇنلىرىنىڭ بىر قاتار پەننى ئومۇملاشتۇرۇش پائالىيەتلىرىدىن تەركىب تاپقان، جۇڭگو پەنلەر ئاكادېمىيەسىنىڭ يۈرۈشلۈك مۇھىم پەننى ئومۇملاشتۇرۇش پائالىيەتلىرىنىڭ بىرى. بۇ قېتىمقى شىنجاڭ بۆلەك رايونى پائالىيىتىگە جۇڭگو پەنلەر ئاكادېمىيەسى ئاكادېمىكلار بۆلۈمى خىزمىتى ئىدارىسى يېتەكچىلىك قىلغان، جۇڭگو پەنلەر ئاكادېمىيەسى شىنجاڭ شۆبىسى سىستېمىسىدىكى ئورۇنلار ئۈرۈمچى شەھىرى ئۆسۈملۈكلەر باغچىسى بىلەن بىرلىكتە مەسئۇل بولۇپ ئۆتكۈزگەن.