ئىسلاھات تەپەككۇرىنى مۇستەھكەملەپ، ئىسلاھات تەشەببۇسكارلىقىنى كۈچەيتىپ، شىنجاڭ كانچىلىقىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىدا يېڭى بۆسۈش ھاسىل قىلىشقا تۈرتكە بولۇش كېرەك

2024-10-28 :ۋاقىت
مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

ما شىڭرۇي پۈتۈن شىنجاڭنىڭ قېزىلما بايلىق خىزمىتىنى تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلغاندا مۇنداق تەكىتلىدى

ئىسلاھات تەپەككۇرىنى مۇستەھكەملەپ، ئىسلاھات تەشەببۇسكارلىقىنى كۈچەيتىپ، شىنجاڭ كانچىلىقىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىدا يېڭى بۆسۈش ھاسىل قىلىشقا تۈرتكە بولۇش كېرەك

ئەركىن تۇنىياز بىللە تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدى

10 - ئاينىڭ 26 - كۈنى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى ما شىڭرۇي، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ئاپتونوم رايوننىڭ رەئىسى ئەركىن تۇنىياز ئاپتونوم رايونلۇق تەبىئىي بايلىق نازارىتىگە كېلىپ، خىزمەت تونۇشتۇرۇشىنى ئاڭلاپ، كان قېزىش ھوقۇقى، كان چارلاش ھوقۇقىنى ھەقلىق بېرىش قاتارلىق كەسىپلەرنى تەستىقلاش تەرتىپى ئىسلاھاتىنىڭ ئىلگىرىلىشىنى تەپسىلىي ئىگىلىدى. □ ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى سۈي جىجيەن فوتوسى

شىنجاڭ گېزىتى، ئۈرۈمچى، 10 - ئاينىڭ 26 - كۈنى خەۋىرى ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى ۋاڭ شىڭرۇي خەۋەر قىلىدۇ: 10 - ئاينىڭ 26 - كۈنى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى ما شىڭرۇي شىنجاڭ قېزىلما بايلىق خىزمىتىنى چوڭقۇر تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدى. ئۇ مۇنداق تەكىتلىدى: پارتىيە 20 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 3 - ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى ئەستايىدىل ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئىسلاھات تەپەككۇرىنى مۇستەھكەملەپ، ئىسلاھات تەشەببۇسكارلىقىنى كۈچەيتىپ، شىنجاڭ قېزىلما بايلىق خىزمىتىنى ئىستراتېگىيە ۋە ئومۇملۇق يۈكسەكلىكىدە تۇرۇپ پىلانلاش، تۈرتكە بولۇشتا چىڭ تۇرۇپ، كۈچلۈك ئىسلاھات روھى ئارقىلىق شىنجاڭ كانچىلىقىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا يېتەكچىلىك قىلىپ، گېئولوگىيەلىك كان ئىزدەش، كانچىلىق ھوقۇقىنى باشقۇرۇش، ئىستراتېگىيەلىك قېزىلما بايلىقلارنى ئېچىپ پايدىلىنىش ۋە زاپىسىنى كۆپەيتىپ مەھسۇلات مىقدارىنى ئاشۇرۇش قاتارلىق تۈرلۈك خىزمەتلەردە يېڭى ۋەزىيەت يارىتىشقا تۈرتكە بولۇپ، شىنجاڭنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتى ئۈچۈن يېڭى تېخىمۇ زور تۆھپە قوشۇش كېرەك. ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ئاپتونوم رايوننىڭ رەئىسى ئەركىن تۇنىياز بىللە تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدى.

ما شىڭرۇي، ئەركىن تۇنىياز ئاپتونوم رايونلۇق تەبىئىي بايلىق نازارىتىگە كېلىپ، خىزمەت تونۇشتۇرۇشىنى ئاڭلىدى ھەم كانچىلىق ھوقۇقىنى باشقۇرۇش باشقارمىسى قاتارلىق ئالاقىدار باشقارما - ئىشخانىلارغا كىرىپ، ئاپپارات تەسىس قىلىش ۋە خىزمەتلەرنىڭ يۈرۈشۈش ئەھۋالىنى كۆزدىن كەچۈردى، ھەر مىللەت كادىرلار، ئىشچى - خىزمەتچىلەرنى يوقلىدى.

ما شىڭرۇي ئالاقىدار مەسئۇل يولداشلار بىلەن چوڭقۇر پىكىر ئالماشتۇرۇپ، كۆپچىلىك بىلەن بىرلىكتە شىنجاڭدىكى مۇھىم قېزىلما بايلىق، كانچىلىق ھوقۇقىنىڭ تارقىلىشى قاتارلىق ئەھۋاللارنى مۇھاكىمە قىلدى، كۆزدىن كەچۈردى، كان قېزىش ھوقۇقى، كان چارلاش ھوقۇقىنى ھەقلىق ئۆتۈنۈپ بېرىش قاتارلىق كەسىپلەرنى تەستىقلاش تەرتىپى ئىسلاھاتىنىڭ ئىلگىرىلىشىنى تەپسىلىي ئىگىلىدى. ما شىڭرۇي مۇنداق تەكىتلىدى: ئىدىيەدە ئازاد بولۇپ، دادىل يېڭىلىق يارىتىپ، دىققەتنى شىنجاڭنىڭ قېزىلما بايلىقىدىن ئىبارەت بۇ ئەۋزەل ساھەگە مەركەزلەشتۈرۈپ، قېزىلما بايلىقنى باشقۇرۇش ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشنى كانچىلىقتا تىپ ئۆزگەرتىپ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتنى ئىشقا ئاشۇرۇشتىكى ئاچقۇچلۇق تەدبىر قىلىپ، باشلامچىلىق بىلەن ئۆزگەرتىپ، دادىل ئۆزگەرتىپ، قەتئىي ئۆزگەرتىپ، شىنجاڭ خاسلىقىغا ئىگە ئىسلاھات يولىنى تېپىپ چىقىپ، پارتىيە 20 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 3 - ئومۇمىي يىغىنىنىڭ مۇھىم ئىسلاھات ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنىڭ ئەمەلىيلىشىپ ئۈنۈم ھاسىل قىلىشىغا تۈرتكە بولۇش كېرەك. بىر تۈركۈم قېزىلما بايلىق، كانچىلىق ھوقۇقىنى تەستىقلاش ھوقۇق چېكىنى ۋىلايەت، ئوبلاست، شەھەرلەرگە چۈشۈرۈپ بېرىشنى قانۇن - بەلگىلىمە بويىچە ئىزدىنىپ ۋە نۇقتىدا سىناق قىلىپ ئالغا سىلجىتىپ، ئاساسىي قاتلامنىڭ قېزىلما بايلىق ساھەسىدە ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىپ بۆسۈش ھاسىل قىلىش ئاكتىپلىقى، تەشەببۇسكارلىقىنى زور كۈچ بىلەن قوزغاپ، كانچىلىق تەرەققىياتىنىڭ ھاياتىي كۈچىنى ئۈنۈملۈك ئۇرغۇتۇش كېرەك. كانچىلىق ھوقۇقىنى تەستىقلاش تەرتىپىنى سىجىل ئەلالاشتۇرۇپ، تەستىقلاش ۋاقىت چېكىنى مۇۋاپىق قىسقارتىشقا يەنىمۇ تۈرتكە بولۇپ، مەمۇرىيەت مۇلازىمىتى ئۈنۈمىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈش كېرەك. ئىسلاھات ئارقىلىق قېزىلما بايلىق مەسئۇل تارماقلىرىنىڭ چوڭ ئىشلارنى تۇتۇش، چوڭ ئىشلارنى پىلانلاش ئىقتىدارىنى كۈچەيتىپ، ئىستراتېگىيەلىك قېزىلما بايلىقلارنى چارلاش - ئېچىش، چوڭ - چوڭ كانچىلىق تۈرلىرىنى ئالغا سىلجىتىش قاتارلىق ئاچقۇچلۇق خىزمەتلەرنى چۆرىدەپ، ئەۋزەل بايلىقنى مەركەزلەشتۈرۈپ كۈچنى مۇجەسسەملەپ ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىپ، ئۈزلۈكسىز يېڭى بۆسۈش ھاسىل قىلىش كېرەك.

ئارقىدىن، ما شىڭرۇي، ئەركىن تۇنىياز شىنجاڭ گېئولوگىيەلىك قېزىلما بايلىقلار مۇزېيى ۋە شىنجاڭ تەبىئىي بايلىق ماتېرىياللىرى ئارخىپ سارىيىغا كېلىپ، مەيدان - سارايلارنى پىلانلاش، قۇرۇش ئەھۋالىنى نەق مەيداندا كۆزدىن كەچۈردى، ماتېرىيال ئارخىپ سارىيىدىكى تاغ جىنىس ئەۋرىشكىسى ئامبىرى قاتارلىق قۇرۇلۇشلارنىڭ ئىلگىرىلەش ئەھۋالىنى ئىگىلىدى ھەم مۇزېيغا كىرىپ كۆرگەزمە، كۆرسىتىشنى كۆردى، ئالاقىدار تونۇشتۇرۇشلارنى ئاڭلىدى. ما شىڭرۇي مۇنداق دېدى: شىنجاڭنىڭ يېرى كەڭ، بايلىقى مول، تەبىئىي بايلىق ماتېرىياللىرىنى يىغىش، باشقۇرۇش ۋە قېزىلما بايلىقلارنى تەتقىق قىلىش، كۆرگەزمە قىلىش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە. مەيدان - ساراي قۇرۇلۇشى خىزمىتىنى ئىلمىي ياخشى ئىشلەپ، جەمئىيەتكە تەرتىپلىك ئېچىۋېتىپ، باشقۇرۇش، مۇلازىمەت قىلىش سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈپ، پەننى ئومۇملاشتۇرۇش تەربىيەسى، كۆرگەزمە قىلىش، تارقىتىش، ئىلمىي تەتقىقات قاتارلىق جەھەتلەردىكى فۇنكسىيەلىك رولىنى ھەقىقىي جارى قىلدۇرۇش كېرەك.

تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش جەريانىدا، ما شىڭرۇي شىنجاڭنىڭ تەبىئىي بايلىق مەسئۇل تارماقلىرى، گېئولوگىيەلىك چارلاش ئورۇنلىرى ۋە نۇقتىلىق كانچىلىق كارخانىلىرى قاتارلىقلاردىكى مەسئۇل يولداشلار بىلەن چوڭقۇر پىكىر ئالماشتۇرۇپ، پۈتۈن شىنجاڭنىڭ قېزىلما بايلىق خىزمىتى ئەھۋالىنى تەپسىلىي ئىگىلەپ، مۇھىم قېزىلما بايلىقلارنى ئېچىش تۈرلىرىنىڭ ئىلگىرىلەش ئەھۋالىنى سۈرۈشتۈرۈپ، ئالاقىدار خىزمەتلەر توغرىسىدا تەلەپلەرنى ئوتتۇرىغا قويدى. ئۇ مۇنداق تەكىتلىدى: ئېنېرگىيە بايلىقى شىنجاڭنىڭ ئەڭ روشەن ئەۋزەللىكى ۋە يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنىڭ مۇھىم تايانچى. پارتىيە 20 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 3 - ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇشنى باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ شىنجاڭ خىزمىتى توغرىسىدىكى مۇھىم سۆزى، مۇھىم يوليورۇقى، تەستىقىي يوليورۇقىنىڭ روھىنى ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈش بىلەن ئورگانىك بىرلەشتۈرۈپ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى تولۇق، دەل جايىدا، ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، قېزىلما بايلىق خىزمىتىنى ئىقتىساد، جەمئىيەتنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇش، شىنجاڭنىڭ دۆلەت ئومۇملۇقىدىكى ئىستراتېگىيەلىك ئورنىنى ئىشقا ئاشۇرۇشنىڭ مۇھىم مەزمۇنى قىلىپ، ئىسلاھ قىلىش، يېڭىلىق يارىتىشنى سىجىل چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، نۇقتىلىق ۋەزىپىلەرنى پۇختا ئالغا سىلجىتىپ، كانچىلىقنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇشتا ئۈزلۈكسىز يېڭى كەيپىيات يارىتىش كېرەك. چارلاش - ئېچىش ۋە زاپىسىنى كۆپەيتىپ مەھسۇلات مىقدارىنى ئاشۇرۇشنى زور كۈچ بىلەن ئالغا سىلجىتىپ، دىققەتنى دۆلەتنىڭ ئېھتىياجى، شىنجاڭنىڭ ئىقتىدارىغا مەركەزلەشتۈرۈپ، نۇقتىلىق كان تۈرلىرىنى چۆرىدەپ يېڭى بىر نۆۋەتلىك كان ئىزدەشتە بۆسۈش ھاسىل قىلىش ئىستراتېگىيەلىك ھەرىكىتىنى چوڭقۇر يولغا قويۇپ، بىر تۈركۈم ئىستراتېگىيەلىك قېزىلما بايلىق ۋە ئەۋزەل قېزىلما بايلىقلارنى چارلاپ تەكشۈرۈش - ئېچىش زاپاس رايونى، ئىستراتېگىيەلىك داۋاملاشما رايونىنى تېز شەكىللەندۈرۈپ، نۇقتىلىق قېزىلما بايلىقلارنىڭ زاپىسىنى كۆپەيتىپ مەھسۇلات مىقدارىنى ئاشۇرۇشنى سىجىل ئالغا سىلجىتىش كېرەك. يېشىل كانچىلىق كەسىپ توپىنى زورايتىشنى تېزلىتىپ، ئەۋزەل كانچىلىق كەسپىنىڭ زەنجىرنى ئۇزارتىش، زەنجىرنى تولۇقلاش، زەنجىرنى كۈچەيتىشىگە تۈرتكە بولۇپ، كەسىپ زەنجىرىنىڭ ئوتتۇرا - يۇقىرى دەرىجىلىك ساھە، يېڭى ماتېرىيال ساھەسى، قوشۇلما قىممىتى يۇقىرى ساھەگە قاراپ قەدەم ئېلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، شىنجاڭ كانچىلىقىدىكى باشلامچى كارخانىلارنى زورايتىپ، كۈچەيتىپ، كەسىپ تەرەققىياتىنىڭ ئومۇمىي ئەمەلىي كۈچى ۋە رىقابەت كۈچىنى ئاشۇرۇش كېرەك. جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ قېزىلما بايلىقلارنى ئېچىش، پايدىلىنىشىنى سىياسەت، بايلىق، تۈر قاتارلىق جەھەتلەردىن قوللاش سالمىقىنى زورايتىپ، ئېنېرگىيە بايلىقىنىڭ جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تىرەك بولۇش كۈچى، تۆھپە قوشۇش دەرىجىسىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈش كېرەك. مۇھىم كانچىلىق تۈرلىرى قۇرۇلۇشىنى پۈتۈن كۈچ بىلەن ئالغا سىلجىتىپ، تۈر قۇرۇلۇشىدىكى ئاساسىي گەۋدىلىك مەسئۇلىيەتنى چىڭىتىپ، پۇختىلاپ، مۇھىم ئامىل كاپالىتىنى كۈچەيتىپ، خىزمەت بىرىكمە كۈچى شەكىللەندۈرۈپ، تۈرلەرنىڭ بالدۇر پۈتۈشى، بالدۇر ئىشلەپچىقىرىشقا كىرىشتۈرۈلۈشى، بالدۇر ئۈنۈم بېرىشىگە تۈرتكە بولۇش كېرەك. ئەۋزەل بايلىقلارنى توپلاپ، مۇلازىمەت كاپالىتىنى كۈچەيتىپ، شىنجاڭغا ياردەم بېرىۋاتقان ئۆلكە، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلەردىكى كارخانا، ئىختىساسلىقلار، بايلىق قاتارلىق كۈچلەردىن ياخشى پايدىلىنىپ، زور كۈچ بىلەن شىنجاڭ قېزىلما بايلىق ساھەسىدىكى كەسپىي ئىختىساسلىقلار قوشۇنىنى كۈچلۈك قۇرۇپ، كانچىلىق تەرەققىياتىنىڭ ھەرقايسى تەرەپلىرىدىكى قوللاش، كاپالەتلەندۈرۈشنى كۈچەيتىپ، شىنجاڭ كانچىلىقىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇشتا ئۈزلۈكسىز يېڭى نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈش كېرەك.

چېن ۋېيجۈن تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىشقا قاتناشتى.