ما شىڭرۇي شىنجاڭنىڭ پۇقراۋى ئىگىلىكنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش سۆھبەت يىغىنىدا مۇنداق تەكىتلىدى
باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ پۇقراۋى كارخانىلار سۆھبەت يىغىنىدا قىلغان مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنىڭ شىنجاڭ ئەمەلىيىتىنى ئالغا سىلجىتىشتا كارامىتىنى كۆرسىتىش كېرەك
ئەركىن تۇنىياز رىياسەتچىلىك قىلدى، نۇرلان ئەبىلمەجىن، خې جۇڭيوۋ، جاڭ جۇ قاتناشتى
شىنجاڭ گېزىتى، ئۈرۈمچى، 5 - ئاينىڭ 9 - كۈنى خەۋىرى ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى ۋاڭ شىڭرۇي خەۋەر قىلىدۇ: 5 - ئاينىڭ 9 - كۈنى، ئاپتونوم رايون بىلەن بىڭتۇەن بىرلىكتە پۇقراۋى ئىگىلىكنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش سۆھبەت يىغىنىنى ئاچتى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى، بىڭتۇەن پارتىيە كومىتېتىنىڭ 1 - شۇجىسى، 1 - جېڭۋېي ما شىڭرۇي يىغىنغا قاتنىشىپ، پۈتۈن شىنجاڭدىكى پۇقراۋى كارخانىچىلار ۋەكىللىرى بىلەن بىللە باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ پۇقراۋى كارخانىلار سۆھبەت يىغىنىدا قىلغان مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئۆگەندى، ئىزچىللاشتۇردى، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ھازىرقى ئىقتىساد خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش توغرىسىدىكى تۈرلۈك تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى چۆرىدەپ، پىكىر - تەكلىپلەرنى يۈزتۇرا ئاڭلىدى، پۇقراۋى كارخانىلارنىڭ ئىشەنچنى چىڭىتىپ، پۇرسەتنى چىڭ تۇتۇپ، جاسارەت بىلەن نەتىجە يارىتىپ، شىنجاڭنىڭ پۇقراۋى ئىگىلىكنى تەرەققىي قىلدۇرۇش يېڭى ۋەزىيىتىنى ئۈزلۈكسىز يارىتىپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات ۋە زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشى ئومۇمىيىتىگە تېخىمۇ ياخشى مۇلازىمەت قىلىشىغا ئىلھام بەردى ۋە مەدەت بەردى.
ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ئاپتونوم رايوننىڭ رەئىسى ئەركىن تۇنىياز يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى. ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەشنىڭ رەئىسى نۇرلان ئەبىلمەجىن، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، بىڭتۇەننىڭ جېڭۋېيسى خې جۇڭيوۋ، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى جاڭ جۇ يىغىنغا قاتناشتى.
سۆھبەت يىغىنىدا شىنجاڭ ئېلېكتىر ئېنېرگىيەسى جابدۇق ياسىمىچىلىقى، ئېنېرگىيە پەن - تېخنىكىسى، نېفىت - تەبىئىي گازنى چارلاش - ئېچىش، رەڭلىك مېتال تاۋلاش، زامانىۋى يېزا ئىگىلىكى، ئۇچۇر تېخنىكىسى، يېشىل ھېسابلاش ئىقتىدارى، سودا ئەشيا ئوبوروتى قاتارلىق ساھەلەردىكى كارخانىچىلار ۋەكىللىرى ئىلگىرى - كېيىن سۆز قىلىپ، كارخانىنىڭ تىجارەت تەرەققىيات نەتىجىلىرىنى تونۇشتۇردى، ماسلاشتۇرۇپ ھەل قىلىشقا تېگىشلىك مەسىلىلەرنى ئوتتۇرىغا قويدى، سىياسەت مەدىتىنى كۈچەيتىش، كەسىپ ئورۇنلاشتۇرۇشىنى ئەلالاشتۇرۇش، تۈرلەرنىڭ ئەمەلىيلىشىشىنى ئالغا سىلجىتىش، تۈزۈلمە - مېخانىزم ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش قاتارلىقلارنى چۆرىدەپ پىكىر - تەكلىپلەرنى ئوتتۇرىغا قويدى.
كۆپچىلىكنىڭ سۆزىنى ئاڭلىغاندىن كېيىن، ما شىڭرۇي مۇنداق كۆرسەتتى: پۇقراۋى ئىگىلىك خەلق ئىگىلىكىنىڭ مۇھىم تەركىبىي قىسمى، پۇقراۋى ئىگىلىكنىڭ تەرەققىياتىنى قوللاش پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئىزچىل فاڭجېنى. بۇ يىل 2 - ئايدا، باش شۇجى شى جىنپىڭ پۇقراۋى كارخانىلار سۆھبەت يىغىنىغا يەنە بىر قېتىم قاتنىشىپ ھەم مۇھىم سۆز قىلىپ، ھازىرقى ۋە بۇنىڭدىن كېيىنكى بىر مەزگىلدىكى پۇقراۋى ئىگىلىكنىڭ ساغلام تەرەققىياتى، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈشنى ئومۇميۈزلۈك ئورۇنلاشتۇرما قىلىپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ پۇقراۋى ئىگىلىكنىڭ تەرەققىي قىلىپ زورىيىشىنى پۈتۈن كۈچ بىلەن قوللاشتىكى قەتئىي ئىرادىسى ۋە روشەن مەيدانىنى يەنىمۇ نامايان قىلدى. دۆلەت پۇقراۋى ئىگىلىكنى ئىلگىرى سۈرۈش قانۇنىنى چىقىرىپ، جەمئىيەتكە پۇقراۋى ئىگىلىكنى تەرەققىي قىلدۇرۇشنىڭ پارتىيە ۋە دۆلەت ئىزچىل داۋاملاشتۇرۇپ كېلىۋاتقان ھەم ئۇزاققىچە چىڭ تۇرىدىغان فاڭجېن - سىياسەت ئىكەنلىكىنى يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا ئىپادىلەپ بەردى. ھەقىقىي تۈردە ئىدىيە ۋە ھەرىكەتنى باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھىغا ۋە پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلىرىغا بىرلىككە كەلتۈرۈپ، «ئىككىدە قىلچە تەۋرەنمەسلىك»نى قەتئىي تەۋرەنمەي ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئىشەنچنى يەنىمۇ ئۇرغۇتۇپ، تولۇق غەيرەتكە كېلىپ، شىنجاڭ پۇقراۋى ئىگىلىكىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇش كېرەك.
ما شىڭرۇي مۇنداق كۆرسەتتى: يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، شىنجاڭ يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى تولۇق، دەل جايىدا، ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇشقا سىجىل كۈچ سەرپ قىلىپ، تەرەققىيات بىلەن بىخەتەرلىكنى، ئېچىۋېتىش بىلەن خەۋپسىزلىكنى بىرتۇتاش پىلانلاشتا چىڭ تۇرۇپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى بېكىتىپ بەرگەن «بەش چوڭ ئىستراتېگىيەلىك ئورۇن بېكىتمىسى»نى چىڭ كۆزلەپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇشنى تېزلەتتى. بىز تەرەققىيات بىلەن مۇقىملىقنىڭ، تەرەققىيات بىلەن خەلق تۇرمۇشىنىڭ، تەرەققىيات بىلەن كىشىلەر قەلبىنىڭ زىچ باغلىنىشىنى چوڭقۇر ئىگىلەپ، مۇقىم بولۇشنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇشتا چىڭ تۇرۇپ، پۈتۈن كۈچ بىلەن شىنجاڭنىڭ جەمئىيەت مۇقىملىقىنى قوغداش بىلەن بىللە، مەۋقەنى بايلىق ئۈستۈنلۈكى، رايون ئورنى ئەۋزەللىكى ۋە كەسىپ ئاساسىغا قويۇپ، شىنجاڭنىڭ خاسلىقى ۋە ئەۋزەللىكىنى نامايان قىلىدىغان زامانىۋىلاشقان كەسىپ سىستېمىسىنى كۈچەپ بەرپا قىلىپ، پۈتۈن كۈچ بىلەن زامانىۋىلاشقان ئۇل ئەسلىھە سىستېمىسى قۇرۇپ، زامانىۋى پۇل مۇئامىلە سىستېمىسى قۇرۇلۇشىنى پائال ئالغا سىلجىتىپ، سالماقنى زورايتىپ يۇقىرى سەۋىيەلىك سىرتقا ئېچىۋېتىشنى كېڭەيتىپ، مائارىپ قاتارلىق خەلق تۇرمۇشى ئىشلىرىنى تېز تەرەققىي قىلدۇرۇشقا تۈرتكە بولدۇق. سىجىل تىرىشىش ئارقىلىق، شىنجاڭنىڭ ئاساسلىق ئىقتىسادىي كۆرسەتكۈچلىرى مۇقىم، ساغلام ئېشىپ، ئىقتىسادىي تەرەققىيات ھاياتىي كۈچى كۈنسېرى كۈچىيىپ، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ كىرىمى سىجىل ئېشىپ، ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتى يېڭى پەللىگە كۆتۈرۈلدى. بولۇپمۇ شىنجاڭ بويىچە يۇقىرىدىن تۆۋەنگىچە پارتىيە قۇرۇلۇشىنى ئومۇميۈزلۈك كۈچەيتىپ، توغرا بولغان ئادەم تاللاش، ئادەم ئىشلىتىش يۆنىلىشىدە چىڭ تۇرۇپ، ئىستىل دۇرۇس، كەيپىيات توغرا سىياسىي ئېكولوگىيە بەرپا قىلىپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتنى كۈچلۈك كاپالەت بىلەن تەمىنلىدى. بۇ جەرياندا، كەڭ پۇقراۋى كارخانىلار پائال ئالغا ئىلگىرىلەپ، جۇش ئۇرۇپ تەرەققىي قىلدى، ئۇنىۋېرسال ئەمەلىي كۈچى تېز زورىيىپ، يېڭىلىق يارىتىش ئىقتىدارى ئۈزلۈكسىز ئېشىپ، تىجارەت سۈپىتى ۋە ئۈنۈمى سىجىل كۈچىيىپ، ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇش، ئاممىنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىپ كىرىمىنى ئاشۇرۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن مۇھىم تۆھپە قوشتى، نەتىجىلەرنى تولۇق مۇئەييەنلەشتۈرۈشكە ئەرزىيدۇ.
ما شىڭرۇي مۇنداق تەكىتلىدى: پۇقراۋى ئىگىلىك شىنجاڭنىڭ ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىدىكى مۇھىم تىرەككە ئايلاندى. ھازىر شىنجاڭنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات ۋەزىيىتى كۈچلۈك بولۇپ، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنىڭ شىنجاڭ ئەمەلىيىتىنى ئالغا سىلجىتىش يېڭى مۇساپىسىدە، كەڭ پۇقراۋى كارخانىلارنىڭ كارامىتىنى كۆرسىتىدىغان پەيتى يېتىپ كەلدى. ئومۇمىي يۈزلىنىشنى ئىگىلەپ، ئومۇملۇقنى كۆزدە تۇتۇپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى مۇقىملاشتۇرۇش، كارخانىنى مۇقىملاشتۇرۇش، بازارنى مۇقىملاشتۇرۇش، كۆزلىمىنى مۇقىملاشتۇرۇش توغرىسىدىكى ئورۇنلاشتۇرما تەلىپى بويىچە، ۋەزىيەتكە تايىنىپ ئالغا ئىلگىرىلەپ، پائال نەتىجە يارىتىپ، جەڭگىۋار قوشۇنلۇق رولىنى تېخىمۇ ياخشى جارى قىلدۇرۇشى كېرەك. كەڭ پۇقراۋى كارخانىچىلارنىڭ دۆلەت مۇھەببىتىنى چوڭقۇر يىلتىز تارتقۇزۇپ، كارخانىچىلار روھىنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، ئاساسىي كەسىپنى چىڭ ساقلاپ، ئوقەتچىلىكنى كۈچەيتىپ، يېڭىلىق يارىتىشنى كۈچەيتىپ، باشقۇرۇشنى ئەلالاشتۇرۇپ، سەمىمىي بولۇشنى ئاساس قىلىپ، قانۇنغا رىئايە قىلىپ تىجارەت قىلىپ، كارخانىنىڭ سۈپىتى، ئۈنۈمى ۋە يادرولۇق رىقابەت كۈچىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈپ، تىرىشىپ كۈچىيىشى، ئەلالىشىشى، زورىيىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.
ما شىڭرۇي مۇنداق تەكىتلىدى: ھەر دەرىجىلىك ھەرقايسى تارماقلار پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئورۇنلاشتۇرما تەلىپىنى ئەستايىدىل ئىزچىللاشتۇرۇپ، پۇقراۋى ئىگىلىكنىڭ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرىدىغان سىياسەت - تەدبىرلەرنى پۇختا ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، پۇقراۋى كارخانىلارغا مۇلازىمەت قىلىش، كاپالەتلىك قىلىش ئۈنۈمىنى ھەقىقىي ئۆستۈرۈشى كېرەك. بازار ئىجازىتى توسۇقىنى بۇزۇپ تاشلاپ، بازارلاشقان، قانۇنچىللاشقان، خەلقئارالاشقان تىجارەت - سودا مۇھىتىنى كۈچەپ بەرپا قىلىشى كېرەك. كارخانىلارنىڭ مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈشى قىيىن بولۇش، مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈشى قىممەت بولۇش مەسىلىسىنى ھەل قىلىپ، كارخانىلارنى قىيىنچىلىقتىن قۇتقۇزۇش ۋە ئۇلارغا نەپ يەتكۈزۈش سىياسىتىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، كارخانىلارنىڭ پۇلىنى نېسى قالدۇرۇش مەسىلىسىنى پائال ھەل قىلىپ، پۇقراۋى كارخانىلار ۋە پۇقراۋى كارخانىچىلارنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇق - مەنپەئىتىنى قانۇن بويىچە قوغدىشى كېرەك. يېقىن، پاك ھۆكۈمەت - سودىگەرلەر مۇناسىۋىتى بەرپا قىلىشنى دەل جايىدا ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، پۇقراۋى ئىگىلىكتىكى زاتلارنىڭ ساغلام ئۆسۈپ يېتىلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈشكە يېتەكچىلىك قىلىشى كېرەك.
ۋاڭ جيەنشىن، يۈسۈپجان مەمەت، ئېلزات ئەخمەتجان، قادېن كەبىن، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى، ھۆكۈمەت، سىياسىي كېڭەش، بىڭتۇەندىكى ئالاقىدار رەھبەرلەر، ئاپتونوم رايونلۇق سوت مەھكىمىسى، تەپتىش مەھكىمىسىدىكى ئالاقىدار مەسئۇل يولداشلار، ئاپتونوم رايون، بىڭتۇەن ۋە مەركەزنىڭ شىنجاڭدىكى ئالاقىدار ئورۇنلىرى، كارخانىلىرىدىكى مەسئۇل يولداشلار ئاساسىي يىغىن مەيدانىدا يىغىنغا قاتناشتى. ھەرقايسى ۋىلايەت، ئوبلاست، شەھەرلەر ۋە بىڭتۇەننىڭ ھەرقايسى شى، شەھەرلىرىدە شۆبە يىغىن مەيدانى تەسىس قىلىندى.