​ناھىيە، يېزىلارنىڭ خەلق قۇرۇلتىيى خىزمىتىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنى پۇختا ئالغا سىلجىتىش كېرەك

2025-05-11 :ۋاقىت
مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى ئىلىدا سۆھبەت - ئالماشتۇرۇش يىغىنى ئاچتى ھەم تەكشۈرۈش ۋە كۆزدىن كەچۈرۈشتە بولدى​

ناھىيە، يېزىلارنىڭ خەلق قۇرۇلتىيى خىزمىتىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنى پۇختا ئالغا سىلجىتىش كېرەك

شىنجاڭ گېزىتى، غۇلجا، 5 - ئاينىڭ 9 - كۈنى خەۋىرى ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى جاڭ لېي خەۋەر قىلىدۇ: 5 - ئاينىڭ 9 - كۈنى، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى غۇلجا شەھىرىدە ناھىيە، يېزىلارنىڭ خەلق قۇرۇلتىيى خىزمىتىنى كۈچەيتىپ پۈتۈن جەريانلىق خەلق دېموكراتىيەسىنىڭ ئاساسىي قاتلام ئەمەلىيىتىنى ئالغا سىلجىتىش بويىچە سۆھبەت - ئالماشتۇرۇش يىغىنى ئاچتى، يىغىندا، ناھىيە، يېزىلارنىڭ خەلق قۇرۇلتىيى خىزمىتىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنى ئالغا سىلجىتىشنى چۆرىدەپ تەجرىبە ئالماشتۇرۇلدى، خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ تۈزۈم ئەۋزەللىكىنى ئىدارە قىلىش ئۈنۈمىگە تېخىمۇ ياخشى ئايلاندۇرۇشقا تۈرتكە بولۇپ، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش مۇساپىسىدە گۈزەل شىنجاڭنى تېخىمۇ ياخشى قۇرۇپ چىقىش ئۈچۈن يېڭى تۆھپە قوشۇش تەلەپ قىلىندى.

ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ مۇدىرى زۇمرەت ئوبۇل يىغىنغا قاتناشتى ھەم سۆز قىلدى.

يىغىندا مۇنداق كۆرسىتىلدى: يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، پۈتۈن شىنجاڭدىكى ناھىيەلىك، يېزىلىق خەلق قۇرۇلتايلىرى پارتىيە رەھبەرلىك قىلىش، خەلق ئۆز ئىشىغا ئۆزى ئىگە بولۇش، دۆلەتنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىشنىڭ ئورگانىك بىرلىكىدە چىڭ تۇرۇپ، توغرىلىرىنى ساقلاپ يېڭىلىق يارىتىش، تەرەققىياتنى مۇكەممەلەشتۈرۈشتە چىڭ تۇرۇپ، قانۇن بويىچە مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىش، ھوقۇق يۈرگۈزۈشنى تېخىمۇ قېلىپلاشتۇرۇپ، ۋەكىللەرنىڭ رولىنى تېخىمۇ تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، ئاساسىي قاتلامنىڭ دېموكراتىيە ئەمەلىيىتىنى تېخىمۇ جانلاندۇرۇپ، يەرلىكنىڭ ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتى ۋە ئاساسىي قاتلامنىڭ دېموكراتىك قانۇنچىللىق قۇرۇلۇشى ئۈچۈن پائال تۆھپە قوشتى.

يىغىندا مۇنداق تەكىتلەندى: پارتىيەنىڭ ئومۇميۈزلۈك رەھبەرلىكىدە چىڭ تۇرۇپ، بايراق روشەن ھالدا سىياسىيغا ئەھمىيەت بېرىپ، خەلق قۇرۇلتىيى خىزمىتىنىڭ توغرا سىياسىي يۆنىلىشىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. خىزمەت ھوقۇقىنى قانۇنچىلىق رامكىسى ئىچىدە قاتتىق يۈرگۈزۈپ، ناھىيە، يېزىلارنىڭ خەلق قۇرۇلتىيى يىغىنلىرىنى قانۇن بويىچە تەشكىللەپ، نازارەت قىلىش ھوقۇقى، چوڭ - چوڭ ئىشلارنى قارار قىلىش ھوقۇقى ۋە سايلاش، تەيىنلەش - قالدۇرۇش ھوقۇقىنى قانۇن بويىچە يۈرگۈزۈش كېرەك. ۋەكىللەرنىڭ خىزمەت ئىقتىدارى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، «ئىككى بىلەن ئالاقە باغلاش» تۈزۈم - مېخانىزمىنى كېڭەيتىپ ۋە چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ۋەكىللەر تەكلىپ - تەۋسىيە بېرىش خىزمىتىگە يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ، ۋەكىللەر ئائىلىسى پونكىتى ۋە ئاساسىي قاتلام نىزام چىقىرىش ئالاقە نۇقتىسىنى ياخشى قۇرۇش ۋە ئۇنىڭدىن ياخشى پايدىلىنىش كېرەك. ئاپپارات تەسىس قىلىش ۋە خىزمەت تۈزۈمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئاساسىي قاتلام خەلق قۇرۇلتىيى خىزمىتىنىڭ تۈزۈملىشىشى، قېلىپلىشىشىغا تۈرتكە بولۇش كېرەك.

يىغىندا مۇنداق تەكىتلەندى: تۈزۈم ئەۋزەللىكىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇش، مەسئۇلىيىتىنى قانۇن بويىچە ئادا قىلىش نۇقتىسىدىن باشلىنىش نۇقتىسى ۋە بۆسۈش ئېغىزىنى دەل جايىدا تېپىپ، شىنجاڭنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش، شىنجاڭنى ئىتتىپاقلىشىپ مۇقىم قىلىش، شىنجاڭنى مەدەنىيەت ئارقىلىق ئوزۇقلاندۇرۇش، خەلقنى بېيىتىپ شىنجاڭنى روناق تاپتۇرۇش، شىنجاڭنى ئۇزاققىچە گۈللەندۈرۈشنى چۆرىدەپ، جەمئىيەت مۇقىملىقىنى قوغداش، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەش، زامانىۋى مەدەنىيلىك تەرەققىياتىنى ئالغا سىلجىتىش، ئىقتىسادنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇش ۋە ئاساسىي قاتلامنى ئىدارە قىلىشنى زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئالغا سىلجىتىش داۋامىدا ئەۋزەللىكىمىز ۋە رولىمىزنى جارى قىلدۇرۇشىمىز كېرەك. «تۆت ئورگان» ئورۇن بېكىتمىسى تەلىپى بويىچە، سىياسىي قۇرۇلۇشنى بىرتۇتاش يېتەكچى قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، ئۆز قۇرۇلۇشىمىزنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، سىياسىي جەھەتتە قەتئىي، خەلق ئۈچۈن خىزمەت قىلىدىغان، قانۇنچىللىقنى ئۇلۇغلايدىغان، دېموكراتىيەنى جارى قىلدۇرىدىغان، مەسئۇلىيىتىنى تىرىشىپ تولۇق ئادا قىلىدىغان خەلق قۇرۇلتىيى خىزمەت قوشۇنىنى كۈچەپ بەرپا قىلىپ، ھەقىقىي تۈردە ئاساسىي قاتلام خەلق قۇرۇلتىيى خىزمىتىنىڭ ئىقتىدارى ۋە سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈشىمىز كېرەك.

يىغىندا، ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستلىق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى قاتارلىق سەككىز ئورۇن پىكىر ئالماشتۇرۇپ سۆز قىلدى.

لى نىڭپىڭ يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى، ياڭ شيۇلى سۆز قىلدى. ھەرقايسى ئوبلاستلىق، شەھەرلىك، بىۋاسىتە قاراشلىق ناھىيە دەرىجىلىك شەھەرلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى (ۋىلايەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى خىزمەت كومىتېتى)لىرىدىكى مەسئۇل يولداشلار، ئالاقىدار خىزمەت ئاپپاراتلىرىنىڭ مەسئۇللىرى يىغىنغا قاتناشتى.

يىغىندىن ئىلگىرى، يىغىنغا قاتناشقۇچىلار قورغاس ناھىيەسى، غۇلجا شەھىرى ۋە كۆكدالا شەھىرىگە بېرىپ، ناھىيەلىك، يېزىلىق خەلق قۇرۇلتايلىرىنىڭ قانۇن بويىچە مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىشى، ۋەكىللەر ئائىلىسى پونكىتى ۋە ئاساسىي قاتلام نىزام چىقىرىش ئالاقە نۇقتىلىرىنىڭ يۈرۈشۈشى، ۋەكىللەرنىڭ رولىنى جارى قىلدۇرۇشى قاتارلىق خىزمەتلەرنى تەكشۈردى، كۆزدىن كەچۈردى.