زۇمرەت ئوبۇل، نۇرلان ئەبىلمەجىن، خې جۇڭيوۋ كۆرۈشۈشكە قاتناشتى
شىنجاڭ گېزىتى، ئۈرۈمچى، 5 ـ ئاينىڭ 13 ـ كۈنى خەۋىرى ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى ۋاڭ شىڭرۇي خەۋەر قىلىدۇ: 5 ـ ئاينىڭ 12 ـ كۈنى چۈشتىن كېيىن، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى ما شىڭرۇي، مائارىپ مىنىستىرلىقى پارتىيە گۇرۇپپىسىنىڭ شۇجىسى، مىنىستىر خۇەي جىنپېڭ ئۈرۈمچىدە تۇنجى نۆۋەتلىك جۇڭگو − ئوتتۇرا ئاسىيا مائارىپ مىنىستىرلىرى يىغىنى، 9 ـ نۆۋەتلىك شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىغا ئەزا دۆلەتلەر مائارىپ مىنىستىرلىرى يىغىنى ۋە 2025 ـ يىللىق جۇڭگو − ئوتتۇرا ئاسىيا ئىشلەپچىقىرىش ـ ئوقۇتۇش ـ تەتقىقات ـ قوللىنىش ھەمكارلىق يىغىنىغا قاتنىشىش ئۈچۈن شىنجاڭغا كەلگەن جۇڭگو ۋە چەت ئەللىك مۇھىم ئەزىز مېھمانلار بىلەن كۆرۈشتى.
ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ مۇدىرى زۇمرەت ئوبۇل، ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەشنىڭ رەئىسى نۇرلان ئەبىلمەجىن، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، بىڭتۇەننىڭ جېڭۋېيسى خې جۇڭيوۋ كۆرۈشۈشكە قاتناشتى.
ما شىڭرۇي جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق كومىتېتى ۋە ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتىگە ۋاكالىتەن ئەزىز مېھمانلارنىڭ كەلگەنلىكىنى قارشى ئالدى. ئۇ مۇنداق دېدى: رەئىس شى جىنپىڭ ۋە جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى شىنجاڭ خىزمىتىگە يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ، يېڭى دەۋردىكى جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى بېكىتىپ، شىنجاڭنىڭ دۆلەت ئومۇملۇقىدىكى «بەش چوڭ ئىستراتېگىيەلىك ئورۇن بېكىتمىسى»نى بەلگىلەپ بېرىپ، شىنجاڭنى ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىدا مىسلىسىز مۇۋەپپەقىيەتلەرنى قولغا كەلتۈرۈشكە يېتەكلىدى. بولۇپمۇ رەئىس شى جىنپىڭ شىنجاڭنىڭ مائارىپ ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتىغا ئالاھىدە كۆڭۈل بۆلۈپ ۋە مەدەت بېرىپ، پۈتۈن مەملىكەتنىڭ كۈچى بىلەن شىنجاڭنىڭ مائارىپ ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتىنى تېزلىتىشكە ياردەم بەردى. شىنجاڭ تاپشۇرۇقنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، مىننەتدار بولۇپ جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەپ، مائارىپ، پەن ـ تېخنىكا، ئىختىساسلىقلارنى جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنىڭ شىنجاڭ ئەمەلىيىتىنى ئالغا سىلجىتىشتىكى ئىستراتېگىيەلىك تىرەك قىلىپ، يېڭىلىق يارىتىش ئارقىلىق تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇش ئىستراتېگىيەسى، شىنجاڭنى پەن ـ مائارىپ ئارقىلىق گۈللەندۈرۈش ئىستراتېگىيەسى، ئىختىساسلىقلار كۈچلۈك رايونى ئىستراتېگىيەسىنى چوڭقۇر يولغا قويۇپ، مائارىپ، پەن ـ تېخنىكا، ئىختىساسلىقلار ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتىدا بۆسۈش خاراكتېرلىك ئىلگىرىلەشلەرنى قولغا كەلتۈرۈشكە تۈرتكە بولدى. جۇڭگونىڭ ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرى ۋە شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىغا ئەزا دۆلەتلەر بىلەن بولغان ئالماشتۇرۇشى، ھەمكارلىقىنىڭ ئۈزلۈكسىز چوڭقۇرلىشىشىغا ئەگىشىپ، شىنجاڭنىڭ مائارىپ، پەن ـ تېخنىكا، ئىختىساسلىقلارنى ئېچىۋېتىش ۋە تەرەققىي قىلدۇرۇش خىزمىتى يېڭى پۇرسەتنى كۈتۈۋالدى. بىز ئۆزگىچە رايون ئورنى ئەۋزەللىكىمىزنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، دىققەتنى جۇڭگو مائارىپىنىڭ «<بىر بەلباغ، بىر يول>نى ئورتاق بەرپا قىلىدىغان دۆلەتلەرگە يۈزلەنگەن ئېچىۋېتىش، ھەمكارلىشىش كۆۋرۈك بېشى ئىستىھكامى» ۋە «مائارىپ تاشقى ھەمكارلىق ئىستراتېگىيەلىك ئېگىزلىكى»نى بەرپا قىلىشقا مەركەزلەشتۈرۈپ، ھەرقايسى دۆلەتلەر بىلەن بولغان يەرلىكلەر ئارا ئەمەلىي ھەمكارلىقنى سىجىل چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، رايوننىڭ مائارىپ، پەن ـ تېخنىكا، ئىختىساسلىقلارنى يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىي قىلدۇرۇشىغا كۈچ قوشىمىز.
خۇەي جىنپېڭ مۇنداق بىلدۈردى: جۇڭگو − ئوتتۇرا ئاسىيا، شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ كۆپ تەرەپلىك مېخانىزمىدا، جۇڭگونىڭ ھەرقايسى دۆلەتلەر بىلەن رايون مائارىپ ھەمكارلىقى تەرەققىياتى زور پىلانى ئۈستىدە چوڭقۇر ئىزدىنىشى ۋە مۇھاكىمە قىلىشى ھەرقايسى تەرەپلەرنىڭ قول تۇتۇشۇپ رايون مائارىپ ھەمكارلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈشتىن ئىبارەت كۈچلۈك ئارزۇسى ۋە قەتئىي ئىرادىسىنى نامايان قىلدى. جۇڭگو − ئوتتۇرا ئاسىيا مائارىپ مىنىستىرلىرى يىغىنى، جۇڭگو − ئوتتۇرا ئاسىيا ئىشلەپچىقىرىش ـ ئوقۇتۇش ـ تەتقىقات ـ قوللىنىش ھەمكارلىق يىغىنى قاتارلىق پائالىيەتلەردە مول نەتىجىلەر قولغا كەلتۈرۈلۈپ، كەلگۈسىدىكى تېخىمۇ چوڭقۇر ھەمكارلىق تەرەققىياتىغا پۇختا ئاساس سېلىندى. ھەرقايسى تەرەپلەرنىڭ بىرلىكتە مېخانىزم قۇرۇلۇشى، بايلىقنى بىرىكتۈرۈش، نەتىجىلەرنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش قاتارلىق ھالقىلاردا سىجىل كۈچەپ، ھەمكارلىق يولىنى ئايدىڭلاشتۇرۇپ، يولغا قويۇش باسقۇچلىرىنى ئىنچىكىلەشتۈرۈپ، ھەمكارلىق مەزمۇنىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، تۈرلەرنىڭ «پۇت تىرەپ تۇرۇشى» «ئۇزاققىچە داۋاملىشىشى» «كەڭ مەنپەئەت يەتكۈزۈشى»گە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىشىنى ئۈمىد قىلىمەن. بۇ قېتىم قۇرۇلۇش باشلانغان شىنجاڭ ئالىي تەتقىقات ئورنى جۇڭگونىڭ ھەرقايسى تەرەپلەر بىلەن بولغان ھەمكارلىشىش، ئالماشتۇرۇشنى كۈچەيتىشىدىكى مۇھىم سۇپا ۋە ۋاسىتە. تەتقىقات ئورنىنىڭ رايون ئورنى ئەۋزەللىكىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، مەۋقەنى شىنجاڭ ئىچىگە قويۇپ، ياۋروپا ـ ئاسىياغا يۈزلىنىپ، رايوندىكى دۆلەتلەرنىڭ گۈللىنىشى، تەرەققىياتىغا تىرەك بولىدىغان يېڭىچە مائارىپ پەن تەتقىقات ئاپپاراتىغا ئايلىنىپ، «بىر بەلباغ، بىر يول»نى يۇقىرى سۈپەتلىك ئورتاق بەرپا قىلىش ئۈچۈن كۈچ قوشۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن. جۇڭگو مائارىپ مىنىستىرلىقى ئوتتۇرا ئاسىيا، شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىغا ئەزا دۆلەتلەر بىلەن بولغان مائارىپ ھەمكارلىقىغا يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىدۇ، ھەرقايسى تەرەپلەر بىلەن بىرلىكتە، ئەمەلىي ھەرىكىتى ئارقىلىق ھەمكارلىق ئورتاق تونۇشىنىڭ ئەمەلىيلىشىپ يىلتىز تارتىشىغا تۈرتكە بولۇپ، قول تۇتۇشۇپ ئورتاق پايدا ئالىدىغان كەلگۈسىنى ئېچىشنى خالايدۇ.
ئوتتۇرا ئاسىيادىكى بەش دۆلەت ۋە بېلارۇسىيە، ئىران، رۇسىيە مائارىپ تارماقلىرىنىڭ مەسئۇللىرى، پاكىستاننىڭ جۇڭگودا تۇرۇشلۇق ئەلچىخانىسىنىڭ مائارىپ مەخسۇس خادىمى ئايرىم ـ ئايرىم سۆز قىلىپ، بۇ قېتىم جۇڭگو شىنجاڭدا ئۆتكۈزۈلگەن مائارىپ ھەمكارلىقى يۈرۈشلۈك پائالىيەتلىرىگە يۈكسەك باھا بەردى. كۆپچىلىك مۇنداق بىلدۈردى: ھەرقايسى دۆلەتلەر شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى ۋە جۇڭگو − ئوتتۇرا ئاسىيا باشلىقلار يىغىنى مېخانىزمى رامكىسىدا ھەرقايسى ساھە ھەمكارلىقىنى قانات يايدۇرۇشقا ئىنتايىن ئەھمىيەت بېرىپ، ھەرقايسى تەرەپلەرنىڭ ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىياتىغا ئۈزلۈكسىز تۈرتكە بولۇپ، ئۆزئارا دوستلۇق مۇناسىۋىتىنى مۇستەھكەملىدى. يېڭى بىر نۆۋەتلىك پەن ـ تېخنىكا ئىنقىلابى ۋە كەسىپ ئۆزگىرىشىنىڭ چوڭقۇر تەرەققىي قىلىشىغا ئەگىشىپ، ھەرقايسى دۆلەتلەر مائارىپ، پەن ـ تېخنىكا ساھەسىدە جۇڭگو بىلەن تېخىمۇ كۆرۈنەرلىك ئۈنۈملۈك ھەمكارلىقنى قانات يايدۇرۇپ، ئورتاق تىرىشىپ بۇ قېتىمقى يۈرۈشلۈك يىغىندا بېكىتىلگەن ھەمكارلىق تۈرلىرىنىڭ ئەمەلىيلىشىشىگە تۈرتكە بولۇپ، ئەمەلىي نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈپ، رايوننىڭ ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن ئۈزلۈكسىز يېڭى قۇۋۋەت قوشۇشنى ئۈمىد قىلىدۇ.
شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ مۇئاۋىن باش كاتىپى جانىش كائىن قاتارلىق چەت ئەللىك ئەزىز مېھمانلار كۆرۈشۈشكە قاتناشتى.
مائارىپ مىنىستىرلىقىنىڭ مۇئاۋىن مىنىستىرى ۋۇ يەن، ئاپتونوم رايون رەھبەرلىرىدىن چېن ۋېيجۈن، ۋاڭ جيەنشىن، قادېن كەبىن، قەيسەر ئابدۇكېرىم، بېيجىڭ داشۆ، چىڭخۇا داشۆ، شىئەن قاتناش داشۆسى، خاربىن سانائەت داشۆسى، تيەنجىن داشۆ، غەربىي شىمال دېھقانچىلىق ـ ئورمانچىلىق پەن ـ تېخنىكا داشۆسى، شەندۇڭ داشۆ قاتارلىق بىر قىسىم ئالىي مەكتەپلەردىكى مەسئۇل يولداشلار، مائارىپ مىنىستىرلىقى ۋە ئاپتونوم رايوننىڭ ئالاقىدار تارماقلىرىدىكى مەسئۇل يولداشلار كۆرۈشۈشكە قاتناشتى.