ما شىڭرۇي سۆز قىلدى، خۇەي جىنپېڭ ئاساسىي مەقسەت سۆزى قىلدى، ئوتتۇرا ئاسىيادىكى بەش دۆلەت مائارىپ تارماقلىرىنىڭ مەسئۇللىرى سۆز قىلدى، خې جۇڭيوۋ قاتناشتى
5 - ئاينىڭ 12 - كۈنى، تۇنجى نۆۋەتلىك جۇڭگو − ئوتتۇرا ئاسىيا مائارىپ مىنىستىرلىرى يىغىنى ئۈرۈمچىدە ئۆتكۈزۈلدى. سۈرەتتە: ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى ما شىڭرۇي سۆز قىلماقتا. □ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى سۈي جىجيەن فوتوسى
شىنجاڭ گېزىتى، ئۈرۈمچى، 5 - ئاينىڭ 12 - كۈنى خەۋىرى ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى ۋاڭ شىڭرۇي خەۋەر قىلىدۇ: 5 - ئاينىڭ 12 - كۈنى، تۇنجى نۆۋەتلىك جۇڭگو − ئوتتۇرا ئاسىيا مائارىپ مىنىستىرلىرى يىغىنى ئۈرۈمچىدە ئۆتكۈزۈلدى، يىغىندا، جۇڭگو − ئوتتۇرا ئاسىيا باشلىقلار يىغىنى دۆلەت باشلىقلىرىنىڭ ئورتاق تونۇشىنى چوڭقۇر ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، جۇڭگو بىلەن ئوتتۇرا ئاسىيانىڭ مائارىپ ھەمكارلىق تەرەققىيات ئۇلۇغۋار پىلانى ئۈستىدە ئورتاق كېڭىشىپ، قول تۇتۇشۇپ تېخىمۇ زىچ بولغان جۇڭگو − ئوتتۇرا ئاسىيا تەقدىر ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىش ئۈچۈن مائارىپ كۈچىنى قوشتى.
ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى ما شىڭرۇي سۆز قىلدى، مائارىپ مىنىستىرلىقى پارتىيە گۇرۇپپىسىنىڭ شۇجىسى، مىنىستىر خۇەي جىنپېڭ ئاساسىي مەقسەت سۆزى قىلدى.
قازاقىستان ئىلىم - پەن ۋە ئالىي مائارىپ مىنىستىرلىقىنىڭ مىنىستىرى نۇربېك، قازاقىستان مائارىپ مىنىستىرلىقىنىڭ مىنىستىرى بېيسېمبايېف، قىرغىزىستان مائارىپ ۋە ئىلىم - پەن مىنىستىرلىقىنىڭ مىنىستىرى كېنجىربايېۋا، تاجىكىستان مائارىپ ۋە ئىلىم - پەن مىنىستىرلىقىنىڭ مىنىستىرى سەئىدزادە، تۈركمەنىستان مائارىپ مىنىستىرلىقىنىڭ مىنىستىرى قۇربانگەردىيېف، ئۆزبېكىستان ئالىي مائارىپ، ئىلىم - پەن ۋە يېڭىلىق يارىتىش مىنىستىرلىقىنىڭ مىنىستىرى شەرىپوف ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ سۆز قىلدى.
ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، بىڭتۇەننىڭ جېڭۋېيسى خې جۇڭيوۋ قاتناشتى.
ما شىڭرۇي جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق كومىتېتى ۋە ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتىگە ۋاكالىتەن، جۇڭگولۇق ۋە چەت ئەللىك ئەزىز مېھمانلارنى قارشى ئالدى، ئۇزاقتىن بۇيان شىنجاڭنىڭ مائارىپ ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتىغا كۆڭۈل بۆلگەن، قوللاپ كەلگەن مائارىپ مىنىستىرلىقى، قېرىنداش ئۆلكە، ئاپتونوم رايون، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلەر ۋە دۆلەت ئىچى - سىرتىدىكى دوستلارغا رەھمەت ئېيتتى. ئۇ مۇنداق كۆرسەتتى: جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى 18 - قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، رەئىس شى جىنپىڭ ۋە جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى مائارىپنى دۆلەتنىڭ ئۇلۇغۋار پىلانى، پارتىيەنىڭ ئۇلۇغۋار پىلانى قىلىشتا باشتىن - ئاخىر چىڭ تۇرۇپ، دۆلەتنى پەن - مائارىپ ئارقىلىق گۈللەندۈرۈش ئىستراتېگىيەسىنى چوڭقۇر يولغا قويۇش، مائارىپنى زامانىۋىلاشتۇرۇشنى تېزلىتىش توغرىسىدا مۇھىم ئورۇنلاشتۇرما قىلىپ، يېڭى دەۋر مائارىپ ئىشلىرىدا تارىخىي مۇۋەپپەقىيەتلەرنى قولغا كەلتۈرۈش، ئەندىزە خاراكتېرلىك ئۆزگىرىش ھاسىل قىلىشقا تۈرتكە بولدى. شىنجاڭ رەئىس شى جىنپىڭنىڭ ۋە جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنلاشتۇرمىسىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، مائارىپنى ئەبەدىي ئەمىنلىككە مۇناسىۋەتلىك نېگىزلىك، ئۇللۇق، ئۇزاق مەزگىللىك خىزمەت قىلىپ، مائارىپ كۈچلۈك رايونى قۇرۇلۇشىنى زور كۈچ بىلەن ئالغا سىلجىتىپ، «بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق بەرپا قىلىدىغان دۆلەتلەر، بولۇپمۇ ئوتتۇرا ئاسىيادىكى بەش دۆلەت بىلەن بولغان مائارىپ ھەمكارلىقىنى سىجىل چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، مائارىپ ئىشلىرىدا بۆسۈش خاراكتېرلىك ئىلگىرىلەشنى قولغا كەلتۈرۈشكە تۈرتكە بولدى. مائارىپ ھەمكارلىقى ھەرقايسى دۆلەت خەلقىنىڭ چۈشىنىشى ۋە دوستلۇقىنى ئىلگىرى سۈرىدىغان مۇھىم ۋاسىتە. شىنجاڭ ئۆزگىچە رايون ئورنى ئەۋزەللىكىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، دىققەتنى جۇڭگو مائارىپى «<بىر بەلباغ، بىر يول>نى ئورتاق بەرپا قىلىدىغان دۆلەتلەرگە يۈزلەنگەن ئېچىۋېتىش، ھەمكارلىشىش كۆۋرۈك بېشى ئىستىھكامى» ۋە «مائارىپ تاشقى ھەمكارلىق ئىستراتېگىيەلىك ئېگىزلىكى» بەرپا قىلىشقا مەركەزلەشتۈرۈپ، ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرى بىلەن بولغان يۇقىرى سەۋىيەلىك مائارىپ، پەن - تېخنىكا، ئىختىساسلىقلار ھەمكارلىقىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، شىنجاڭدىكى ئالىي مەكتەپلەر بىلەن ھەرقايسى دۆلەتلەردىكى ئالىي مەكتەپلەرنىڭ دائىملىق ئالماشتۇرۇشىنى قوللاپ، كۇڭزى شۆيۈەنى، «يىپەك يولى ھۈنەرخانىسى»نى ئورتاق قۇرۇپ، چەت ئەللىك ئوقۇغۇچىلارنى قوبۇل قىلىش كۆلىمىنى كېڭەيتىپ، مائارىپ ئارقىلىق ئادىمىيەت جەھەتتىكى ئالماشتۇرۇش، خەلق رىشتىنى تۇتاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، گۈزەل كەلگۈسىنى ئورتاق يارىتىدۇ.
خۇەي جىنپېڭ مۇنداق كۆرسەتتى: رەئىس شى جىنپىڭ جۇڭگو − ئوتتۇرا ئاسىيا ھەمكارلىقىغا يۈكسەك ئەھمىيەت بەردى، جۇڭگو − ئوتتۇرا ئاسىيا مېخانىزمىنى ئۈزلۈكسىز ئەلالاشتۇرۇپ، كۈچەيتىپ، جۇڭگو − ئوتتۇرا ئاسىيا ھەمكارلىقىدا تېخىمۇ كۆپ يېڭى نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈشكە تۈرتكە بولۇش كېرەك، دەپ كۆپ قېتىم تەكىتلىدى. جۇڭگو بىلەن ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرىنىڭ مائارىپى بىردەك دۆلەتنى گۈللەندۈرۈش، تەرەققىي قىلدۇرۇش ۋە ئادىمىيەت جەھەتتىكى ئالماشتۇرۇشتىن ئىبارەت مۇھىم بۇرچنى زىممىسىگە ئالغان بولۇپ، كەڭ ئورتاق مەنپەئەتكە ئىگە. جۇڭگو ئوتتۇرا ئاسىيادىكى دۆلەتلەر بىلەن بولغان مائارىپ ھەمكارلىقىغا يۈكسەك ئەھمىيەت بەردى، يېقىنقى ئىككى يىلدىن بۇيان، دوستانە ھەمكارلىشىش، ئىجادىي تەرەققىي قىلىش، مەدەنىيلىك جەھەتتە ئۆزئارا ئۆرنەك ئېلىش ئىدىيەسى بويىچە، جۇڭگو بىلەن ئوتتۇرا ئاسىيادىكى بەش دۆلەتنىڭ مائارىپ ساھەسىدىكى ئالماشتۇرۇش، ھەمكارلىقى تېخىمۇ قويۇقلاشتى، نەتىجىلەر تېخىمۇ مول بولدى. ھازىر، دۇنيادا يۈز يىلدىمۇ بولۇپ باقمىغان چوڭ ئۆزگىرىش ۋەزىيىتى تېز سۈرئەتتە ئۆزگەرمەكتە، دۇنياۋى خىرىسلار ئۈزۈلمىدى. جۇڭگو دۇنيادىكى ئىككىنچى چوڭ ئىقتىسادىي گەۋدە ۋە مەسئۇلىيەتچان چوڭ دۆلەت بولۇش سۈپىتى بىلەن، خەلقئارا ۋەزىيەتتە قانداق ئۆزگىرىش بولۇشىدىن قەتئىينەزەر، قەتئىي تەۋرەنمەي يۇقىرى سەۋىيەلىك سىرتقا ئېچىۋېتىشنى ئالغا سىلجىتىپ، قوشنا دۆلەتلەر بىلەن تەرەققىيات ئۈستىدە ئورتاق ئىزدىنىپ، دۇنيا بىلەن بىللە پۇرسەتتىن ئورتاق بەھرىلىنىدۇ. خۇەي جىنپېڭ جۇڭگو − ئوتتۇرا ئاسىيا مائارىپ ھەمكارلىقىنى يەنىمۇ چوڭقۇرلاشتۇرۇش، جۇڭگو − ئوتتۇرا ئاسىيا مائارىپ ھەمكارلىق ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىش توغرىسىدا بەش تۈرلۈك تەشەببۇسنى ئوتتۇرىغا قويدى: بىرىنچى، ھەر تەرەپلىمە، كۆپ ساھەلىك ئالماشتۇرۇش - ھەمكارلىشىش يېڭى سۇپىسى بەرپا قىلىش. ئىككىنچى، ئىختىساسلىقلارنى ئورتاق يېتىشتۈرىدىغان ئالىي مائارىپ ھەمكارلىق يېڭى سىستېمىسى بەرپا قىلىپ، شىنجاڭدا ئالىي تەتقىقات ئورنى تەسىس قىلىپ، شىنجاڭنىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈن مۇلازىمەت قىلىش، جۇڭگو − ئوتتۇرا ئاسىيا ھەمكارلىقى ئۈچۈن مۇلازىمەت قىلىش. ئۈچىنچى، شارائىتقا قاراپ ئىش كۆرىدىغان كەسپىي مائارىپ ھەمكارلىق يېڭى يوشۇرۇن كۈچىنى قېزىش. تۆتىنچى، بايلىقتىن ھەمبەھرىلىنىدىغان رەقەملىك مائارىپ ھەمكارلىق يېڭى ساھەسىنى ئېچىش. بەشىنچى، مەدەنىيلىكتە ئۆزئارا ئۆرنەك ئالىدىغان ئادىمىيەت جەھەتتىكى ئالماشتۇرۇش - ھەمكارلىشىش يېڭى ئەمەلىيىتى ئۈستىدە ئىزدىنىش.
جۇڭگو − ئوتتۇرا ئاسىيا مېخانىزمى كاتىبات باشقارمىسىنىڭ باش كاتىپى سۈن ۋېيدۇڭ سۆز قىلىپ، جۇڭگو − ئوتتۇرا ئاسىيا مېخانىزمى كاتىبات باشقارمىسىغا ۋاكالىتەن يىغىننىڭ ئېچىلغانلىقىنى تەبرىكلىدى.
ئوتتۇرا ئاسىيادىكى بەش دۆلەت مائارىپ تارماقلىرىنىڭ مەسئۇللىرى تۇنجى نۆۋەتلىك جۇڭگو − ئوتتۇرا ئاسىيا مائارىپ مىنىستىرلىرى يىغىنىنى ئۆتكۈزۈشنىڭ مۇھىم ئەھمىيىتىگە ئىجابىي باھا بەردى. ئۇلار مۇنداق بىلدۈردى: مائارىپ دۆلەتنىڭ ئىقتىساد، جەمئىيىتىنىڭ ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىياتىنىڭ مۇھىم ئاساسى. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، جۇڭگو ۋە ئوتتۇرا ئاسىيادىكى ھەرقايسى دۆلەتلەر مائارىپنى ئۆزئارا ھەمكارلىشىشتىكى مۇھىم مەزمۇن قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، بىر قاتار ئالاھىدە ئۈنۈملۈك خىزمەتلەرنى قانات يايدۇرۇپ، خەلق رىشتىنى تۇتاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈش، ئورتاق تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇشتا مۇھىم رولىنى جارى قىلدۇردى. ھازىرقى خەلقئارا ۋەزىيەت ئالدىدا، جۇڭگو ۋە ئوتتۇرا ئاسىيادىكى ھەرقايسى دۆلەتلەر مائارىپ ھەمكارلىقىنى سىجىل چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، يۇقىرى ساپالىق ئىختىساسلىقلارنى ئورتاق يېتىشتۈرۈپ، خەلقئارا مەدەنىيەت ئالماشتۇرۇش ۋە مەدەنىيلىكتە ئۆزئارا ئۆرنەك ئېلىشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، جۇڭگو − ئوتتۇرا ئاسىيا تەقدىر ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىشقا كۈچ قوشۇشى كېرەك.
ھەرقايسى دۆلەت مائارىپ تارماقلىرىنىڭ مەسئۇللىرى مۇنداق بىلدۈردى: جۇڭگو شىنجاڭ ئەزەلدىنلا جۇڭگو بىلەن ئوتتۇرا ئاسىيانىڭ ئالماشتۇرۇش، ھەمكارلىقىدىكى مەركىزىي تۈگۈن، جۇڭگو شىنجاڭ بىلەن بولغان مائارىپ ساھەسىدىكى ھەمكارلىقنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، قول تۇتۇشۇپ مائارىپ جەھەتتىكى خەلقئارا ئالماشتۇرۇش، ھەمكارلىقنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولىمىز.
يىغىندا «جۇڭگو − ئوتتۇرا ئاسىيا مائارىپ مىنىستىرلىرى يىغىنى مېخانىزمىنىڭ خىزمەت نىزامنامىسى» ۋە «تۇنجى نۆۋەتلىك جۇڭگو − ئوتتۇرا ئاسىيا مائارىپ مىنىستىرلىرى يىغىنىنىڭ ئۈرۈمچى خىتابنامىسى» ماقۇللاندى.
يىغىندا، جۇڭگو − ئوتتۇرا ئاسىيا ئىشلەپچىقىرىش بىلەن ئوقۇتۇشنى يۇغۇرۇش ئىتتىپاقى، دۇنيا ئوقۇتقۇچىلار تەرەققىيات شۆيۈەنى ئوتتۇرا ئاسىيا شۆيۈەنىنىڭ يوپۇقى ئېچىلىپ قۇرۇلدى، كېلىشىم ئىمزالاپ جۇڭگو - قازاقىستان ئالاھىدە ئىنژېنېرلار شۆيۈەنى قۇرۇلدى.
ئاستانا خەلقئارا تېببىي ئىلىم مەركىزى، يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى سۇ بايلىقىدىن يۇقىرى ئۈنۈملۈك پايدىلىنىش ۋە دەريا - كۆل ساغلاملىقى خەلقئارا ھەمكارلىق بىرلەشمە تەجرىبىخانىسى، يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى زىرائەت - بىيوسورت يېتىشتۈرۈش خەلقئارا ھەمكارلىق بىرلەشمە تەجرىبىخانىسى، جۇڭگو − ئوتتۇرا ئاسىيا ئېنېرگىيە - ئېلېكتىر ئېنېرگىيەسى يېڭىلىق يارىتىش ئىتتىپاقىنىڭ كوللېكتىپ يوپۇقى ئېچىلدى.
جۇڭگو ۋە چەت ئەلدىكى ئالاقىدار ئالىي مەكتەپلەر يەنە كۆپ تۈرلۈك ھەمكارلىق كېلىشىمى ئىمزالىدى.
يىغىنغا مائارىپ مىنىستىرلىقىنىڭ مۇئاۋىن مىنىستىرى ۋۇ يەن رىياسەتچىلىك قىلدى. ۋاڭ جيەنشىن، قادېن كەبىن، ئاپتونوم رايونلۇق ھۆكۈمەت ۋە بىڭتۇەندىكى ئالاقىدار رەھبەرلەر، مائارىپ مىنىستىرلىقىدىكى ئالاقىدار يولداشلار، دۆلەت ئىچىدىكى قىسمەن ئالىي مەكتەپلەرنىڭ مەسئۇللىرى ھەم ۋەكىللىرى، غەربىي شىمالدىكى بەش ئۆلكە، ئاپتونوم رايوندىكى مائارىپ تارماقلىرىنىڭ ۋەكىللىرى قاتارلىقلار يىغىنغا قاتناشتى.
ئوتتۇرا ئاسىيادىكى بەش دۆلەت مائارىپ تارماقلىرى ۋە ئالىي مەكتەپلەرنىڭ ۋەكىللىرى، جۇڭگودا تۇرۇشلۇق ئەلچىخانا خادىملىرى قاتارلىقلار يىغىنغا قاتناشتى.