«1-ماي» دەم ئېلىش مەزگىلىدە، شىنجاڭ قاتناش مەبلەغ سېلىش گۇرۇھى 4 مىليون 490 مىڭ قېتىمدىن ئارتۇق كىچىك تىپتىكى ئاپتوموبىلدىن يول يۈرۈش ھەققى ئېلىشنى كەچۈرۈم قىلدى

2025-05-09 :ۋاقىت
مەنبە: تىيانشان تورى

    ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى (مۇخبىر لۇ فېڭباۋ خەۋەر قىلىدۇ) مۇخبىرنىڭ شىنجاڭ قاتناش مەبلەغ سېلىش (گۇرۇھى) چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىدىن ئىگىلىشىچە، «1-ماي» دەم ئېلىش مەزگىلىدە، شىنجاڭ قاتناش مەبلەغ سېلىش (گۇرۇھى) چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىگە قاراشلىق دۆلەت، ئۆلكە غول لىنىيەلىرى ھەم يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيوللاردىكى ئومۇمىي ئاپتوموبىل ئېقىم مىقدارى 5 مىليون 430 مىڭغا يەتكەن، بۇنىڭ ئىچىدە 4 مىليون 490 مىڭ قېتىمدىن ئارتۇق يەتتە كىشىلىك (يەتتە كىشىلىكنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ) ھەم ئۇنىڭدىن تۆۋەن كىچىك تىپتىكى يولۇچىلار ئاپتوموبىلى ھەق ئېلىنىدىغان تاشيوللاردىن ھەقسىز ئۆتۈپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %4.51 ئاشقان.

    ئەمدىلا ئۆتۈپ كەتكەن «1-ماي» دەم ئېلىش مەزگىلىدە، ئاممىنىڭ سەپەرگە چىقىش ئېھتىياجى ئاشتى، شىنجاڭ قاتناش مەبلەغ سېلىش گۇرۇھىغا قاراشلىق تاشيوللاردا كۈندىلىك ئەڭ كۆپ ئاپتوموبىل ئېقىمى 1 مىليون 271 مىڭ 100 ئاپتوموبىل قېتىمغا، كۈندىلىك ئوتتۇرىچە قاتناش مىقدارى 1 مىليون 80 مىڭ ئاپتوموبىل قېتىمغا يېتىپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %2.75 ئاشتى. بۇ گۇرۇھ ئىلگىرىكى يىللاردىكى ئاممىنىڭ سەپەرگە چىقىش ئالاھىدىلىكى ھەم بۇ يىللىق قاتناش مىقدارى ئەھۋالىغا ئاساسەن، «1-ماي» مەزگىلىدىكى يول تورىنىڭ يۈرۈشۈش ئەھۋالىغا ئىلمىي ھۆكۈم قىلىپ، سەپەرگە چىقىش ۋە قايتىش كۆرسەتمىسى، ئەسكەرتىش ئۇچۇرى، ئەمەلىي يول ئەھۋالى قاتارلىق مۇلازىمەت ئۇچۇرلىرىنى ۋاقتىدا ئېلان قىلىپ، شوپۇرلارنى بىخەتەر، تېز، قولايلىق سەپەرگە چىقىشقا يېتەكلىدى.

   يول تورىنىڭ يۈرۈشۈشىگە ھۆكۈم قىلىش ئەھۋالىغا ئاساسەن، شىنجاڭ قاتناش مەبلەغ سېلىش گۇرۇھى تەۋەلىكتىكى ئاسان توسۇلۇپ قالىدىغان يول بۆلەكلىرى، تۈگۈنلەرنى رەتلەپ، «بىر بېكەتكە بىر تەدبىر» قوللىنىش ئارقىلىق قاتناش قىستاڭچىلىقىنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تۈزەش لايىھەسىنى ئەلالاشتۇرۇپ ۋە تەڭشەپ، تەپسىلىي، يولغا قويۇشقا بولىدىغان قاتناش راۋانلىقىغا كاپالەتلىك قىلىش تەدبىرلىرىنى تۈزۈپ چىقتى.
    بۇ گۇرۇھ نۇقتىلىق يول بۆلەكلىرى، مۇھىم بېكەت، نۇقتىلاردىكى ئاسان قاتناش قىستاڭچىلىقى يۈزبېرىش ئەھۋالى ھەمدە ناچار ھاۋارايى ۋە قاتناش ھادىسىسى قاتارلىق ئامىللارغا قارىتا، تاشيول تاسادىپىي ۋەقەلىرى، تەبىئىي ئاپەت قاتارلىق ئۇنىۋېرسال جىددىي تاقابىل تۇرۇش لايىھەسىنى ئورنىتىپ ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈپ، جىددىي تاقابىل تۇرۇش قوشۇنى، جابدۇق، ماددىي ئەشيا تەييارلىقىنى ياخشى ئىشلەپ، تاشيول قاتناش ئاپىتى قاتارلىق جىددىي ۋەقەلەر يۈز بەرگەندە، جىددىي تاقابىل تۇرۇش لايىھەسىنى تېزدىن قوزغىتىپ، ئادەم، ماشىنا، ماددىي ئەشيالارنى تەشكىللەپ جىددىي رېمونت قىلىپ، خەلقنىڭ ھاياتى ۋە مال-مۈلۈك بىخەتەرلىكىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلدى. يوللارغا يول يۈرۈشكە يېتەكلەش بەلگىسى، كۆرسەتمە ئورنىتىپ، شارائىتى بار ھەق ئېلىش پونكىتلىرىدا كىچىك تىپتىكى يولۇچىلار ئاپتوموبىللىرى ھەقسىز ماڭىدىغان مەخسۇس يول تەسىس قىلىپ، قوماندانلىق قىلىشقا مەخسۇس ئادەم ئورۇنلاشتۇرۇپ، ئاپتوموبىللارنى تېز يۈرۈشكە يېتەكلىدى.

«ئانار بۇلۇت»تىن ئېلىپ تەرجىمە قىلىندى