زۇمرەت ئوبۇل كۆرۈشۈشكە قاتناشتى
شىنجاڭ گېزىتى، ئۈرۈمچى، 6 - ئاينىڭ 25 - كۈنى خەۋىرى ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى ۋاڭ شىڭرۇي خەۋەر قىلىدۇ: ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى ما شىڭرۇي، ئاپتونوم رايوننىڭ رەئىسى ئەركىن تۇنىياز 6 - ئاينىڭ 25 - كۈنى ئۈرۈمچىدە شىنجاڭدا تەكشۈرۈشتە بولۇش ھەم 2025 - يىللىق (جۇڭگو) ئاسىيا - ياۋروپا تاۋار سودا كۆرگەزمىسىگە قاتنىشىش ئۈچۈن كەلگەن تايلاند پارلامېنتىنىڭ رەئىسى، قوشۇمچە تۆۋەن پالاتاسىنىڭ باشلىقى ۋەن نو ۋە ئۇنىڭ ھەمراھلىرى بىلەن كۆرۈشتى.
ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ مۇدىرى زۇمرەت ئوبۇل، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى خۇاچياۋلار كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىر ئەزاسى ساۋ خۇڭمىڭ كۆرۈشۈشكە قاتناشتى.
ما شىڭرۇي جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق كومىتېتى ۋە ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتىگە ۋاكالىتەن ۋەن نو ۋە ئۇنىڭ ھەمراھلىرىنىڭ كەلگەنلىكىنى قارشى ئالدى. ئۇ مۇنداق دېدى: بۇ يىل جۇڭگو بىلەن تايلاند دىپلوماتىك مۇناسىۋت ئورناتقانلىقىنىڭ 50 يىللىقى، رەئىس شى جىنپىڭ ۋە تايلاند رەھبىرى جۇڭگو - تايلاند تەقدىر ئورتاق گەۋدىسى قۇرۇلۇشىنى ئالغا سىلجىتىش توغرىسىدا مۇھىم ئورتاق تونۇش ھاسىل قىلىپ، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈن يۆنىلىشنى يەنىمۇ ئېنىق كۆرسىتىپ بەردى، شۇنداقلا ئىككى دۆلەتنىڭ يەرلىكلەر ئارا ھەمكارلىقنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشى ئۈچۈن تېخىمۇ كۆپ پۇرسەت يارىتىپ بەردى. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، شىنجاڭ يېڭى دەۋردىكى جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى تولۇق، دەل جايىدا، ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، دۆلەت ئومۇملۇقىدىكى «بەش چوڭ ئىستراتېگىيەلىك ئورۇن بېكىتمىسى»نى چىڭ كۆزلەپ، تەرەققىيات بىلەن بىخەتەرلىك، ئېچىۋېتىش بىلەن خەۋپسىزلىكنى بىرتۇتاش پىلانلاپ، تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش، مۇقىملىقنى قوغداشنى قانۇنچىللاشتۇرۇش، دائىملاشتۇرۇشنى سىجىل ئالغا سىلجىتىپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى، دىنلار ئىناقلىقىنى زور كۈچ بىلەن ئىلگىرى سۈرۈپ، بايلىق ۋە رايون ئورنى ئەۋزەللىكىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، زامانىۋىلاشقان كەسىپ سىستېمىسى بەرپا قىلىشنى تېزلىتىپ، خەلق تۇرمۇشىنى كۈچەپ كاپالەتلەندۈرۈپ ۋە ياخشىلاپ، شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا دۆلەتلىرى ئىتتىپاقىغا يۈزلەنگەن يۇقىرى سەۋىيەلىك سىرتقا ئېچىۋېتىشنى سىجىل كېڭەيتىپ، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنىڭ شىنجاڭ ئەمەلىيىتىدە پۇختا قەدەم تاشلىدى. جۇڭگو شىنجاڭ تايلاند بىلەن بولغان يەرلىكلەر ئارا دوستلۇق مۇناسىۋىتىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشقا يۈكسەك ئەھمىيەت بەردى، ئىككى تەرەپنىڭ ئالماشتۇرۇش، ھەمكارلىشىش ۋەزىيىتى كۈنسېرى ئاكتىپلاشتى. ئىككى تەرەپنىڭ ئىككى دۆلەت رەھبەرلىرىنىڭ مۇھىم ئورتاق تونۇشىنى يەنىمۇ ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ھەرقايسى قاتلام - دەرىجىلىكلەرنىڭ ئالاقىلىشىش، ھەمتۈرتكە بولۇشىنى قويۇقلاشتۇرۇپ، نىزام چىقىرىش ئاپپاراتلىرىنىڭ ئالماشتۇرۇشىنى كۈچەيتىپ، «بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق بەرپا قىلىشنى چۆرىدەپ ئىقتىساد - سودا ھەمكارلىقىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، مۇھىم يىغىن - كۆرگەزمە پائالىيەتلىرى جەھەتتىكى ئالماشتۇرۇشقا پائال تۈرتكە بولۇپ، مۇھىم پىرىنسىپال مەسىلىلەردە ئۆزئارا چۈشىنىش ۋە قوللاشنى كۈچەيتىپ، ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈش ئاساسىدا ھەمكارلىشىش، ئورتاق پايدا ئېلىپ تەرەققىي قىلىش كەڭ بوشلۇقىنى ئۈزلۈكسىز كېڭەيتىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.
ۋەن نو شىنجاڭ تەرەپنىڭ قىزغىن كۈتۈۋالغانلىقىغا رەھمەت ئېيتتى. ئۇ مۇنداق بىلدۈردى: تايلاند بىلەن جۇڭگو ئىككى دۆلەتنىڭ ئالاقىسى چوڭقۇر، ئىككى تەرەپنىڭ دوستانە، زىچ مۇناسىۋىتى ۋاقىت ئۇزارغانسېرى يېڭىلاندى، تايلاند بىلەن جۇڭگونىڭ دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقانلىقىنىڭ 50 يىللىقىنى كۈتۈۋېلىشىغا ئەگىشىپ، مۇقەررەر تېخىمۇ يۇقىرى پەللىگە كۆتۈرۈلىدۇ. ئىقتىساد - سودا، ئادىمىيەت جەھەتتىكى ھەمكارلىق تايلاند - جۇڭگو مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىياتىدىكى مۇھىم مەزمۇن. تايلاند بىلەن جۇڭگو شىنجاڭ مول يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى ۋە مەدەنىيەت - ساياھەت بايلىقىغا ئىگە، ئىككى تەرەپنىڭ سودا ھەمكارلىقىنى كۈچەيتىپ، تېخىمۇ كۆپ ئەلا سۈپەتلىك مەھسۇلاتلىرىنىڭ بىر - بىرىنىڭ بازىرىغا كىرىشىگە تۈرتكە بولۇپ، ئادىمىيەت جەھەتتىكى ئالماشتۇرۇش ۋە مائارىپ قاتارلىق ساھەلەردىكى ھەمكارلىقنى سىجىل كۈچەيتىپ، ئىككى جاي خەلقىگە تېخىمۇ ياخشى بەخت يارىتىشىنى ئۈمىد قىلىمەن. جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ رەھبەرلىكىدە، شىنجاڭنىڭ تۈرلۈك خىزمەتلىرىدە كۆرۈنەرلىك ئۆزگىرىشلەر بارلىققا كەلدى. بىز ھەقىقىي جۇڭگو شىنجاڭنى پائال بايان قىلىپ، تايلاند خەلقىنى خەلقئارادىكى بەزى ساختا ئۇچۇرلارنىڭ قايمۇقتۇرۇشىدىن ساقلايمىز.
چېن ۋېيجۈن، ئېلزات ئەخمەتجان، مەمتىمىن قادىر، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىدىكى ئالاقىدار يولداشلار، ئۈرۈمچى شەھىرى ھەم ئاپتونوم رايوننىڭ ئالاقىدار ئورۇنلىرىدىكى مەسئۇل يولداشلار كۆرۈشۈشكە قاتناشتى.