​باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم تەبرىك خېتىنىڭ روھى ۋە پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلىرى ئۆگىنىلدى، ئىزچىللاشتۇرۇلدى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش نەتىجىلىرىنى مۇستەھكەملەش، كېڭەيتىش ۋە ئاشلىق بىخەتەرلىكى خىزمىتىنى ئالغا سىلجىتىش مۇھاكىمە قىلىندى

2025-06-29 :ۋاقىت
مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى دائىمىي كومىتېتى يىغىن ئاچتى

​باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم تەبرىك خېتىنىڭ روھى ۋە پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلىرى ئۆگىنىلدى، ئىزچىللاشتۇرۇلدى  نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش نەتىجىلىرىنى مۇستەھكەملەش، كېڭەيتىش ۋە ئاشلىق بىخەتەرلىكى خىزمىتىنى ئالغا سىلجىتىش مۇھاكىمە قىلىندى

يول قاتناش بىخەتەرلىكىنى ئۇنىۋېرسال تۈزەش خىزمىتى مۇھاكىمە قىلىندى​

ما شىڭرۇي يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى

شىنجاڭ گېزىتى، ئۈرۈمچى، 6 - ئاينىڭ 27 - كۈنى خەۋىرى ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى ۋاڭ شىڭرۇي خەۋەر قىلىدۇ: ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى دائىمىي كومىتېتى 6 - ئاينىڭ 27 - كۈنى چۈشتىن بۇرۇن يىغىن ئاچتى، يىغىندا باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ جۇڭگو − ئافرىقا ھەمكارلىق مۇنبىرى نەتىجىلىرىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش بويىچە ماسلاشتۇرغۇچىلار مىنىستىر دەرىجىلىكلەر يىغىنى، 34 - نۆۋەتلىك ئەرەب دۆلەتلىرى ئىتتىپاقى باشلىقلار كېڭىشى يىغىنىغا ئەۋەتكەن مۇھىم تەبرىك خېتىنىڭ روھى ئۆگىنىلدى، ئىزچىللاشتۇرۇلدى، مەركەزنىڭ دۆلەتكە تۆھپە قوشقانلار، شەرەپ كەلتۈرگەنلەرنى تەقدىرلەش، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش نەتىجىلىرىنى مۇستەھكەملەش، كېڭەيتىشنى يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش بىلەن ئۈنۈملۈك جىپسىلاشتۇرۇش، تېرىلغۇ يەرنى قوغداش ۋە ئاشلىق بىخەتەرلىكى خىزمىتى توغرىسىدىكى ئورۇنلاشتۇرما تەلىپى ئىزچىللاشتۇرۇلدى، ئەمەلىيلەشتۈرۈلدى، يول قاتناش بىخەتەرلىكىنى ئۇنىۋېرسال تۈزەش خىزمىتى مۇھاكىمە قىلىندى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى ما شىڭرۇي يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى.

يىغىندا مۇنداق تەكىتلەندى: باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم تەبرىك خېتىنىڭ روھىنى ئەستايىدىل ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، تەرەققىيات بىلەن بىخەتەرلىك، ئېچىۋېتىش بىلەن خەۋپسىزلىكنى بىرتۇتاش پىلانلاپ، «بىر بەلباغ، بىر يول»نى يۇقىرى سۈپەتلىك ئورتاق بەرپا قىلىشقا تايىنىپ، ئافرىقا، ئەرەب دۆلەتلىرى بىلەن بولغان يەرلىكلەر ئارا ئەمەلىي ھەمكارلىقنى كۈچەيتىشنى تەشەببۇسكارلىق بىلەن پىلانلاپ، «تەكلىپ قىلىش» «سىرتقا چىقىرىش» سالمىقىنى زورايتىپ، ئۈزلۈكسىز تۈردە شىنجاڭنىڭ تاشقى سودىسى ئۈچۈن تېخىمۇ چوڭ بوشلۇق ئېچىش كېرەك. 2 - نۆۋەتلىك جۇڭگو − ئوتتۇرا ئاسىيا باشلىقلار يىغىنىنىڭ نەتىجە تىزىملىكىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى تۇتقا قىلىپ، ھەرقايسى ۋىلايەت، ئوبلاست، شەھەرلەرنىڭ ئىمپورت - ئېكسپورتىدا قۇرۇلمىنى ئەلالاشتۇرۇش، سۈپەت ۋە ئۈنۈمنى ئۆستۈرۈشكە تۈرتكە بولۇشنى پائال تەتقىق قىلىپ، شىنجاڭنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتى ۋە يۇقىرى سەۋىيەلىك ئېچىۋېتىشىنىڭ يېڭى پەللىگە كۆتۈرۈلۈشىگە تۈرتكە بولۇش كېرەك.

يىغىندا مۇنداق تەكىتلەندى: پارتىيە ۋە دۆلەتكە تۆھپە كۆرسەتكەنلەر، شەرەپ كەلتۈرگەنلەرنى تەقدىرلەش تۈزۈمىنى تاكامۇللاشتۇرۇشنىڭ مۇھىم ئەھمىيىتىنى چوڭقۇر تونۇپ، دۆلەتكە تۆھپە كۆرسەتكەنلەر، شەرەپ كەلتۈرگەنلەرنى تەقدىرلەشكە دائىر تۈرلۈك پىرىنسىپ ۋە بەلگىلىمە، تەلەپلەرنى قاتتىق ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، شىنجاڭنىڭ تەقدىرلەش خىزمىتىنى ئىلمىي، ئۆلچەملىك، تەرتىپلىك قانات يايدۇرۇشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىپ، تۆھپە كۆرسەتكەنلەر، شەرەپ كەلتۈرگەنلەرنى تەقدىرلەشنىڭ كەسكىنلىكى، نوپۇزىنى ھەقىقىي قوغداش كېرەك. دۆلەتكە تۆھپە كۆرسەتكەنلەر، شەرەپ كەلتۈرگەنلەرنىڭ ئىش ئىزلىرىنى تەشۋىق قىلىش خىزمىتىنى چوڭقۇر ياخشى ئىشلەپ، مىللەت روھى ۋە دەۋر روھىنى زور كۈچ بىلەن ئەۋج ئالدۇرۇپ، ھەر مىللەت خەلقنى بىر مەقسەتتە ھەمكارلىشىپ، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنىڭ شىنجاڭ ئەمەلىيىتىنى ئالغا سلجىتىشقا تېخىمۇ ياخشى رىغبەتلەندۈرۈش كېرەك.

يىغىندا مۇنداق تەكىتلەندى: بۇ يىل نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش نەتىجىلىرىنى مۇستەھكەملەش، كېڭەيتىشنى يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش بىلەن ئۈنۈملۈك جىپسىلاشتۇرۇشتىكى ئۆتكۈنچى مەزگىلنىڭ ئەڭ ئاخىرقى بىر يىلى، جەزمەن تۈرلۈك خىزمەتلەرنى قىلچە بوشاشماي ياخشى تۇتۇپ، كۆلەملىك قايتا نامراتلىشىپ كېتىش يۈزبەرمەسلىك تۆۋەن چېكىنى ئۇزاققىچە چىڭ ساقلاشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ يېزا ئىگىلىكى، يېزا، دېھقانلار خىزمىتى توغرىسىدىكى مۇھىم بايانلىرىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، دىققەتنى جەنۇبىي شىنجاڭدىكى نۇقتىلىق رايونلارغا مەركەزلەشتۈرۈپ، كۆزىتىش - ئۆلچەش سىستېمىسىنى ئەلالاشتۇرۇپ، دەل جايىدا يار - يۆلەك بولۇش تەدبىرلىرىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، تۈرلۈك يار - يۆلەك بولۇش سىياسەتلىرىنى ئەلالاشتۇرۇش ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈشنى تۈرگە ئايرىپ تەرتىپلىك ئالغا سىلجىتىپ، مۇقىم، تەرتىپلىك جىپسىلاشتۇرۇش ئارقىلىق، دائىملىق يار - يۆلەك بولۇشنى ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەك. تەرەققىيات شەكلى ئارقىلىق يار - يۆلەك بولۇشنى ئەڭ مۇھىم ئورۇنغا قويۇپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلغان رايونلارنىڭ ئەمەلىيىتىگە بىرلەشتۈرۈپ، شارائىتقا قاراپ ئىش كۆرۈپ ناھىيە رايونى خاس كەسىپلىرى، ئەمگەك كۆجۈملەشكەن كەسىپلەر، يېزا - كەنتلەرنىڭ خەلقنى بېيىتىش كەسىپلىرىنى راۋاجلاندۇرۇپ، تۈرلۈك چارە - تەدبىرلەرنى قوللىنىپ يېقىن ئەتراپتا، ئۆز جايىدا ئىشقا ئورۇنلىشىشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، دېھقانلارنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇش يوللىرىنى كېڭەيتىپ، يېزا - كەنتلەرنى ئومۇميۈزلۈك گۈللەندۈرۈشنى پۇختا ئالغا سىلجىتىش كېرەك. دۆلەتنىڭ تەكشۈرۈپ باھالىشىدا قايتما ئىنكاس قىلىنغان مەسىلىلەرنى تۈزىتىشنى ياخشى تۇتۇشنى مۇھىم سىياسىي ۋەزىپە قىلىپ، پارتىيە كومىتېتى، ھۆكۈمەتتىكى ئاساسلىق مەسئۇل يولداشلارنىڭ 1 - جاۋابكارلىق مەسئۇلىيىتىنى چىڭىتىپ، ھەقىقەتنى ئەمەلىيەتتىن ئىزدەش، كەسكىن، ئەستايىدىل بولۇش ئاساسىدا ئومۇميۈزلۈك تۈزىتىش، ئۈزۈل - كېسىل تۈزىتىشنى ئالغا سىلجىتىپ، گەۋدىلىك مەسىلىلەرنى كۈچەپ ھەل قىلىپ، تۈزىتىش - ئەمەلىيلەشتۈرۈش داۋامىدا يېزا ئىگىلىكى، يېزا، دېھقانلار خىزمىتىنى تۇتۇش ئىقتىدارى، سەۋىيەسىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈش كېرەك.

يىغىندا مۇنداق تەكىتلەندى: باشتىن - ئاخىر دۆلەتنىڭ ئاشلىق بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن تېخىمۇ كۆپ شىنجاڭ تۆھپىسى قوشۇشتىن ئىبارەت سىياسىي يۈكسەكلىكتە تۇرۇپ، مەملىكەت بويىچە ئەلا سۈپەتلىك دېھقانچىلىق، چارۋىچىلىق مەھسۇلاتلىرى تەمىنات مۇھىم بازىسى بەرپا قىلىشنى چۆرىدەپ، تېرىلغۇ يەرنى قوغداش ۋە ئاشلىق بىخەتەرلىكى جەھەتتىكى سىياسىي مەسئۇلىيەتنى ھەقىقىي تۈردە پۇختا زىممىگە ئېلىش كېرەك. «ئاشلىق ئىشلەپچىقىرىشنى يەرگە باغلاش، ئاشلىق ئىشلەپچىقىرىشنى تېخنىكىغا باغلاش» ئىستراتېگىيەسىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، يۇقىرى ئۆلچەملىك ئېتىز قۇرۇلۇشىنى سىجىل ئالغا سىلجىتىپ، يېڭى بىر نۆۋەتلىك ئاشلىق ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈش ھەرىكىتىنى چوڭقۇر يولغا قويۇپ، «كۆلەمنى مۇقىملاشتۇرۇش، قۇرۇلمىنى ئەلالاشتۇرۇش، بىرلىك ھوسۇلنى ھۇجۇم نىشانى قىلىش، ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈش، ئۈنۈمنى ئاشۇرۇش»قا پۇختا تۈرتكە بولۇپ، سۇ بايلىقىدىن ئىلمىي، يۇقىرى ئۈنۈملۈك پايدىلىنىش ۋە ئېتىز سۇچىلىق قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، ئاشلىق ئىشلەپچىقىرىشنى مۇقىملاشتۇرۇش، ھوسۇلنى ئاشۇرۇش ئاساسىنى ئۈزلۈكسىز پۇختىلاپ، شىنجاڭنىڭ ئاشلىق ئۇنىۋېرسال ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارىنى پۇختا قەدەم بىلەن ئۆستۈرۈش كېرەك.

يىغىندا شىنجاڭنىڭ يول قاتناش ھادىسىلىرىنى تەھلىل قىلىش، تەتقىق قىلىش ۋە ئالدىنى ئېلىش، تاقابىل تۇرۇش ئەھۋالى توغرىسىدىكى دوكلات ئاڭلاپ ئۆتۈلۈپ، مۇنداق تەكىتلەندى: خەلقنى ھەممىدىن ئەلا بىلىش، ھاياتلىقنى ھەممىدىن ئەلا بىلىشتە چىڭ تۇرۇپ، يول قاتناش بىخەتەرلىكىنى شىنجاڭنىڭ بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش خىزمىتىدە مۇھىم ئورۇنغا قويۇپ، يوشۇرۇن خەۋپ - خەتەرنى بىرمۇبىر تەكشۈرۈپ تۈزەش ۋە خىزمەت تەدبىرلىرىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش، دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشنى پۇختا ئالغا سىلجىتىپ، شىنجاڭنىڭ يول قاتناش بىخەتەرلىكى سەۋىيەسىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈش كېرەك. ھەرقايسى ۋىلايەت، ئوبلاست، شەھەرلەر ئاساسىي گەۋدىلىك مەسئۇلىيەتنى ھەقىقىي زىممىگە ئېلىشى، ئاساسلىق مەسئۇل يولداشلار چوڭقۇر تەتقىق قىلىشقا تەشكىللەپ، مەسىلىنىڭ تۈگۈنىنى توغرا تېپىپ، ھەقىقىي ئەسقاتىدىغان ھەقىقىي تەدبىر، ئەمەلىي تەدبىر قوللىنىپ، دىققەتنى «ئادەم، ئاپتوموبىل، يول، كارخانا، باشقۇرۇش» قاتارلىق ئامىللارغا مەركەزلەشتۈرۈپ، ھەر تەرەپلىمە ئۇنىۋېرسال تۈزەشنى قانات يايدۇرۇپ، يول ئاگاھ بەلگىلىرىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش، يولدا ساقچىلارنى ئۇچرىتىش نىسبىتىنى ئۆستۈرۈش، نۇقتىلىق ئاپتوموبىللارنى ھەرىكەت ھالىتىدە نازارەت قىلىش - باشقۇرۇشنى كۈچەيتىش، قاتناشتىكى قانۇنغا خىلاپ قىلمىشلارنى تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىش سالمىقىنى زورايتىش، قاتناش بىخەتەرلىكى بويىچە تەشۋىق قىلىش، يېتەكلەش ۋە تەربىيەلەش، يېتىشتۈرۈشنى كۈچەيتىش قاتارلىق نۇقتىلىق خىزمەتلەرنى تېخىمۇ چوڭقۇر، ئىنچىكە ياخشى ئىشلەپ، كۆپ خىل تەدبىر قوللىنىپ، يول قاتناش بىخەتەرلىكىنى باشقۇرۇش ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈپ، خەلق ئاممىسىنىڭ ھاياتى ۋە مال - مۈلۈك بىخەتەرلىكىگە قەتئىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.