شىنجاڭنى مەدەنىيەت ئارقىلىق ئوزۇقلاندۇرۇشقا كۈچ قوشۇشنى چۆرىدەپ كېڭەشتى، ھاكىمىيەت ئىشلىرىنى مۇھاكىمە قىلدى

2025-06-28 :ۋاقىت
مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەش 13 - نۆۋەتلىك كومىتېتى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 1 - قېتىملىق يىغىنى ئېچىلدى

شىنجاڭنى مەدەنىيەت ئارقىلىق ئوزۇقلاندۇرۇشقا كۈچ قوشۇشنى چۆرىدەپ كېڭەشتى، ھاكىمىيەت ئىشلىرىنى مۇھاكىمە قىلدى

شىنجاڭ گېزىتى، ئۈرۈمچى، 6 - ئاينىڭ 26 - كۈنى خەۋىرى ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى جاڭ يەنفاڭ خەۋەر قىلىدۇ: 6 - ئاينىڭ 26 - كۈنى، ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەش 13 - نۆۋەتلىك كومىتېتى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 11 - قېتىملىق يىغىنى ئۈرۈمچىدە ئېچىلدى. يىغىندا شى جىنپىڭ مەدەنىيەت ئىدىيەسى چوڭقۇر ئۆگىنىلدى، ئىزچىللاشتۇرۇلدى، مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەش 14 - نۆۋەتلىك كومىتېتى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 12 - قېتىملىق يىغىنىنىڭ روھى يەتكۈزۈلدى، ئۆگىنىلدى، ئاپتونوم رايونلۇق 10 - نۆۋەتلىك پارتىيە كومىتېتى ھەر قېتىملىق ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھى ئىزچىللاشتۇرۇلدى، ئەمەلىيلەشتۈرۈلدى، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرى تولۇق، دەل جايىدا، ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇلدى، «مەدەنىيەتتە يېڭىلىق يارىتىش، ئىجاد قىلىش ھاياتىي كۈچىنى ئۇرغۇتۇپ، شىنجاڭنى مەدەنىيەت ئارقىلىق ئوزۇقلاندۇرۇشقا كۈچ قوشۇش»نى چۆرىدەپ كېڭىشىلدى، ھاكىمىيەت ئىشلىرى مۇھاكىمە قىلىندى. ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەشنىڭ رەئىسى نۇرلان ئەبىلمەجىن يىغىنغا قاتناشتى.

ئاپتونوم رايوننىڭ مۇئاۋىن رەئىسى مۇقىيات جارمۇقامەت تەكلىپ بىلەن يىغىنغا قاتناشتى ھەم ئاپتونوم رايوننىڭ شىنجاڭنى مەدەنىيەت ئارقىلىق ئوزۇقلاندۇرۇشنى چوڭقۇر يولغا قويۇشقا ئالاقىدار ئەھۋاللار توغرىسىدا دوكلات بەردى. ئون نەپەر سىياسىي كېڭەش دائىمىي كومىتېتى ئەزاسى، ئەزا، ئاساسىي قاتلام سىياسىي كېڭەش ۋەكىلى يىغىندا سۆز قىلدى. دائىمىي كومىتېت ئەزاسى جاڭ شۈ مۇنداق تەكلىپ بەردى: توغرىلىرىنى ساقلاپ يېڭىلىق يارىتىپ، مېخانىزمنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، چوڭقۇر يۇغۇرۇلۇپ، مەدەنىيەتتە يېڭىلىق يارىتىش، ئىجاد قىلىش ھاياتىي كۈچىنى تولۇق ئۇرغۇتۇش كېرەك؛ دائىمىي كومىتېت ئەزاسى ئەركىن بارات مۇنداق تەكلىپ بەردى: تۇرپانشۇناسلىق تەتقىقاتىغا تايىنىپ، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەش خىزمىتىنى ئىلگىرى سۈرۈشنى يەنە يېڭى پەللىگە كۆتۈرۈش كېرەك؛ ئەزا لى سۈيلىڭ مۇنداق تەكلىپ بەردى: مەدەنىيەت ئىشەنچىنى چىڭىتىپ، ئومۇمىي خەلق كىتاب ئوقۇشنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇش كېرەك؛ دائىمىي كومىتېت ئەزاسى ئايزۆھرە ئابلىتىپ مۇنداق تەكلىپ بەردى: ئالىي، ئوتتۇرا، باشلانغۇچ مەكتەپلەرنىڭ ئىدىيەۋى - سىياسىي دەرسىنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈش قۇرۇلۇشىنى چوڭقۇر ئالغا سىلجىتىپ، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەش تەربىيەسى ئاساسىي بازىسىنى مۇستەھكەملەش كېرەك؛ ئەزا خۇڭ چۇنخۇا جۇڭگو دېموكراتىيەنى ئىلگىرى سۈرۈش جەمئىيىتى شىنجاڭ رايونلۇق كومىتېتىغا ۋاكالىتەن مۇنداق تەكلىپ بەردى: كۆپ خىل تەدبىرنى تەڭ قوللىنىپ، كەسپىي مائارىپ دۆلەت ئورتاق تىل - يېزىقى سەۋىيەسىنى پۇختا ئۆستۈرۈش كېرەك؛ دائىمىي كومىتېت ئەزاسى يۆ فېڭ مۇنداق تەكلىپ بەردى: رەقەم ئارقىلىق كۈچ قوشۇپ، مەدەنىيەتنىڭ ئىجادىي تەرەققىياتىنى ئالغا سىلجىتىش كېرەك؛ دائىمىي كومىتېت ئەزاسى مېڭ چىڭسەي جۇڭگو دېھقان - ئىشچىلار دېموكراتىك پارتىيەسى شىنجاڭ رايونلۇق كومىتېتىغا ۋاكالىتەن مۇنداق تەكلىپ بەردى: ئاساسىي گەۋدىلەرنىڭ ماسلىشىش ئۈنۈمىنى كۈچەيتىپ، مەدەنىيەت - ساياھەت كەسپىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش ئارقىلىق ھەرقايسى مىللەتلەرنىڭ ئارىلىشىشى، ئالماشتۇرۇشى، يۇغۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك؛ دائىمىي كومىتېت ئەزاسى ئاينۇر مەۋلۇت مۇنداق تەكلىپ بەردى: خەلقنى مەركەز قىلغان ئىجادىيەت يۆنىلىشىدە چىڭ تۇرۇپ، ئەدەبىيات - سەنئەت نادىر مەھسۇلاتلىرىنى يېتىلدۈرۈش ۋە تارقىتىشنى كۈچەيتىش كېرەك؛ ئاساسىي قاتلام سىياسىي كېڭەش ۋەكىلى چاڭ يۈشۈەن مۇنداق تەكلىپ بەردى: كۈسەن مەدەنىيىتىنىڭ ماھىيەتلىك مەزمۇنىنى چوڭقۇر قېزىپ، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى ئوبرازلىق، تەسىرلىك، ئۈنۈملۈك مۇستەھكەملەش كېرەك؛ دائىمىي كومىتېت ئەزاسى خوۋ خەنمىن مۇنداق تەكلىپ بەردى: خاس مەدەنىيەت - ساياھەت ماركىسى يارىتىپ، يېڭى كەسىپ ھالىتىنى يېتىلدۈرۈپ، مەدەنىيەت - ساياھەت كەسپىدە ئۈزلۈكسىز يېڭىلىق يارىتىپ تەرەققىي قىلىشقا تۈرتكە بولۇش كېرەك.

يىغىندا ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەش رەئىسلەر يىغىنىنىڭ ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەشنىڭ 2025 - يىلىنىڭ ئالدىنقى يېرىم يىللىق خىزمەت ئەھۋالى توغرىسىدىكى دوكلاتى، ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەشتىكى ئالاقىدار مەخسۇس كومىتېتلارنىڭ تەكشۈرۈش ۋە نۇقتىلىق تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىشنى قانات يايدۇرۇش ئەھۋالى توغرىسىدىكى دوكلاتى ئاڭلاپ ئۆتۈلدى؛ ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەشنىڭ 2024 - يىللىق ياخشى تەكلىپلەرنى تاللاش نەتىجىسى ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش قىلىندى؛ «ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەشنىڭ جەمئىيەت ئەھۋالى، خەلق رايى ئۇچۇرلىرىنى ئىنكاس قىلىش خىزمىتى نىزامى (ئۆزگەرتىلگەن لايىھەسى)»نى تەييارلاش ئەھۋالى توغرىسىدىكى ئىزاھات، ئەزالارنىڭ كادىرلار ئىشلىرى، كادىرلارنى ۋەزىپىگە تەيىنلەش - قالدۇرۇش ئىشلىرى توغرىسىدىكى ئىزاھات ئاڭلاپ ئۆتۈلدى.

يىغىن مەزگىلىدە، سىياسىي كېڭەش دائىمىي كومىتېتى تەركىبىدىكىلەر بەش مەخسۇس تېمىنى چۆرىدەپ گۇرۇپپىلارغا بۆلۈنۈپ مۇزاكىرە قىلىدۇ.

ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەشنىڭ مۇئاۋىن رەئىسلىرىدىن جارۇللا ھېسامىدىن، كۇڭ شىڭلۇڭ، ياڭ يۇڭ، ئابدۇرېقىپ تۆمۈرنىياز، نۇرۇم ئىسمايىلقان، ئېزىز مۇسا، ليۇ جيەنمىڭ، پۇ شۆمېي، ھەسەنجان ئەخمەت، جىن جىجېن، باش كاتىپ رېن چېڭ يىغىنغا قاتناشتى.