شىنجاڭ گېزىتى، ئۈرۈمچى، 6 - ئاينىڭ 25 - كۈنى خەۋىرى ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى خېي خۇڭۋېي خەۋەر قىلىدۇ: 6 - ئاينىڭ 25 - كۈنى، «ئاسىيا - ياۋروپانى تۇتاشتۇرۇش . جۇڭگوغا مەبلەغ سېلىش . شىنجاڭغا كىرىش» باش تېما قىلىنغان جۇڭگو خەلقئارا سودىگەرلەر ئۇيۇشمىسى شىنجاڭ سودىگەرلەر ئۇيۇشمىسىنىڭ 2025 - يىللىق سودىغا مەبلەغ سېلىشنى ئىلگىرى سۈرۈش يىغىنى ئۈرۈمچىدە ئېچىلدى.
ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، ئاپتونوم رايوننىڭ دائىمىي مۇئاۋىن رەئىسى چېن ۋېيجۈن يىغىنغا قاتناشتى ھەم سۆز قىلدى.
چېن ۋېيجۈن مۇنداق كۆرسەتتى: شىنجاڭ «بىر بەلباغ، بىر يول»دىكى يادرولۇق رايون بولۇش سۈپىتى بىلەن، ئاڭلىق ھالدا شىنجاڭ خىزمىتىنى جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش ئومۇملۇقىغا قويۇپ پىلانلاپ، شىنجاڭنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش، شىنجاڭنى ئىتتىپاقلىشىپ مۇقىم قىلىش، شىنجاڭنى مەدەنىيەت ئارقىلىق ئوزۇقلاندۇرۇش، خەلقنى بېيىتىپ شىنجاڭنى روناق تاپتۇرۇش، شىنجاڭنى ئۇزاققىچە گۈللەندۈرۈشنى پۇختا ئالغا سىلجىتتى. شىنجاڭ ئىچكى قۇرۇقلۇق مەركىزىدىن ھالقىپ ئېچىۋېتىشنىڭ ئالدىنقى سېپىگە ئايلاندى، دۇنيادىكى ئەزىز مېھمانلار ۋە كارخانىچىلارنىڭ شىنجاڭغا مەبلەغ سېلىش ئورۇنلاشتۇرۇشىنى زورايتىپ، «ئون چوڭ كەسىپ توپى» قۇرۇلۇشىغا چوڭقۇر قاتنىشىشىنى قىزغىن قارشى ئالىدۇ. شىنجاڭ ئالدىنقى قاتاردا تۇرىدىغان تىجارەت - سودا مۇھىتىنى سىجىل بەرپا قىلىپ، پۈتۈن دەۋرىيلىك مۇلازىمەت كاپالىتى بىلەن تەمىنلەپ، كارخانىلارنى خاتىرجەم مەبلەغ سېلىش، خاتىرجەم يىلتىز تارتىش، كۆڭۈلدىكىدەك تەرەققىي قىلىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىدۇ.
جۇڭگو خەلقئارا سودىگەرلەر ئۇيۇشمىسىنىڭ باش كاتىپى سۈن شياۋ مۇنداق بىلدۈردى: شىنجاڭ ئۆزگىچە رايون ئورنى ۋە مول بايلىققا تايىنىپ، دۆلەتنىڭ غەربكە ئېچىۋېتىشتىكى يادرولۇق تۈگۈنىگە ئايلىنىشىنى تېزلەتمەكتە. جۇڭگو خەلقئارا سودىگەرلەر ئۇيۇشمىسى شىنجاڭغا يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ، شىنجاڭ پۇرسىتىنى پائال تەشۋىق قىلىپ، ھەرقايسى دۆلەت سودا - سانائەت ساھەسىدىكىلەرنىڭ «شىنجاڭغا كىرىشى، شىنجاڭنى چۈشىنىشى، شىنجاڭغا مەبلەغ سېلىشى»نى قوللايدۇ ھەم شىنجاڭ بىلەن قول تۇتۇشۇپ تىجارەت ئاساسىي گەۋدىلىرى ئۈچۈن تېخىمۇ ئەلا سۇپا بەرپا قىلىدۇ.
جۇڭگو يېزا ئىگىلىك بانكىسى پاي چەكلىك شىركىتى، قىرغىزىستان دۆلەت سودا - سانائەتچىلەر جەمئىيىتى، رۇمىنىيە − جۇڭگو سودا - سانائەتچىلەر جەمئىيىتى، پورتۇگالىيە − جۇڭگو سودا - سانائەتچىلەر جەمئىيىتى، خاڭجوۋ يۈشۇ پەن - تېخنىكا پاي چەكلىك شىركىتى قاتارلىقلارنىڭ ئالاقىدار مەسئۇللىرى يىغىندا پىكىر ئالماشتۇرۇپ سۆز قىلدى. ھىندىستان، ئۇرۇگۋاي قاتارلىق دۆلەتلەردىن كەلگەن سودا - سانائەت ساھەسىدىكى ۋەكىللەر، جۇڭگودا تۇرۇشلۇق ئەلچىلەر ھەم دۆلەت ئىچى - سىرتىدىكى داڭلىق كارخانىلارنىڭ ئالاقىدار مەسئۇللىرى يىغىنغا قاتناشتى.