باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ ۋە پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، دۆلەتنىڭ سىياسىي بىخەتەرلىكىنى قەتئىي قوغداپ، شىنجاڭنىڭ جەمئىيەت مۇقىملىقىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك

2025-06-30 :ۋاقىت
مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

ما شىڭرۇي، ئەركىن تۇنىياز ئاپتونوم رايونلۇق گۇڭئەن نازارىتىدە بىخەتەرلىك، مۇقىملىق خىزمىتىنى تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدى ۋە ئورۇنلاشتۇردى

باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ ۋە پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، دۆلەتنىڭ سىياسىي بىخەتەرلىكىنى قەتئىي قوغداپ، شىنجاڭنىڭ جەمئىيەت مۇقىملىقىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك

خې جۇڭيوۋ، جاڭ جۇ، چېن مىڭگو قاتناشتى

شىنجاڭ گېزىتى، ئۈرۈمچى، 6 - ئاينىڭ 28 - كۈنى خەۋىرى ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى ۋاڭ شىڭرۇي خەۋەر قىلىدۇ: 6 - ئاينىڭ 28 - كۈنى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى، بىڭتۇەن پارتىيە كومىتېتىنىڭ 1 - شۇجىسى، 1 - جېڭۋېي ما شىڭرۇي، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ئاپتونوم رايوننىڭ رەئىسى ئەركىن تۇنىياز ئاپتونوم رايونلۇق گۇڭئەن نازارىتىگە كېلىپ، جەمئىيەت ئومۇمىيىتىنىڭ مۇقىملىقىنى قوغداش، يوشۇرۇن خەۋپ - خەتەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تۈگىتىش قاتارلىق خىزمەتلەرنى چوڭقۇر تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدى ۋە ئورۇنلاشتۇردى. ما شىڭرۇي مۇنداق تەكىتلىدى: باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ ۋە پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭ خىزمىتى توغرىسىدىكى مۇھىم تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىسىنى، بولۇپمۇ «جەمئىيەت مۇقىملىقىنى قوغداشنى باشتىن - ئاخىر باش ئورۇنغا قويۇش» مۇھىم تەلىپىنى كەم - كوتسىز ئىزچىللاشتۇرۇپ، دۆلەتنىڭ سىياسىي بىخەتەرلىكى ۋە شىنجاڭنىڭ جەمئىيەت مۇقىملىقىنى قوغداش مەسئۇلىيىتى ۋە بۇرچىنى قەتئىي زىممىگە ئېلىپ، ۋەزىيەت، ۋەزىپىلەرنى دەل جايىدا تەھلىل قىلىپ ۋە ھۆكۈم قىلىپ، مۇقىملىقنى قوغداش تەدبىرلىرىنى كۈچلۈك، ئۈنۈملۈك ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ھەرقايسى ساھەلەردىكى زور يوشۇرۇن خەۋپ - خەتەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تۈگىتىشنى بىرتۇتاش پىلانلاپ، سىستېما خاراكتېرلىك خەۋپ - خەتەر كۆرۈلمەسلىك تۆۋەن چېكىنى مەھكەم ساقلاپ، ھەقىقىي تۈردە يۇقىرى سەۋىيەلىك بىخەتەرلىك ئارقىلىق يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.

ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، بىڭتۇەننىڭ جېڭۋېيسى خې جۇڭيوۋ، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ئۈرۈمچى شەھەرلىك پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى جاڭ جۇ، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، سىياسىي - قانۇن كومىتېتىنىڭ شۇجىسى چېن مىڭگو قاتناشتى.

تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش ۋە ئورۇنلاشتۇرۇش جەريانىدا، ما شىڭرۇي، ئەركىن تۇنىياز پۈتۈن شىنجاڭدىكى ھەرقايسى جايلار، ھەرقايسى ئالاقىدار تارماقلارنىڭ مۇقىملىقنى قوغداشتىكى نۇقتىلىق خىزمەتلەرنى قانات يايدۇرۇش ئەھۋالىنى چوڭقۇر ئىگىلەپ، ئالاقىدار مەسئۇل يولداشلار بىلەن پىكىر ئالماشتۇرۇپ، ۋەزىيەتنى ئورتاق تەھلىل قىلىپ ۋە ھۆكۈم قىلىپ، نۇقتىلىق خىزمەتلەرنى ئالغا سىلجىتىشنى ئورۇنلاشتۇرما قىلدى. ما شىڭرۇي مۇنداق كۆرسەتتى: ھازىر شىنجاڭنىڭ جەمئىيەت ئومۇمىيىتى ئومۇمىي جەھەتتىن مۇقىم بولۇۋاتىدۇ، لېكىن تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش، مۇقىملىقنى قوغداش خىزمىتى يېڭى ۋەزىيەت ۋە ۋەزىپىگە دۇچ كېلىۋاتىدۇ، ھەرقانداق بىخۇدلۇق ئىدىيەسى، تەلەي سىناش پىسخىكىسىدا بولۇشقا بولمايدۇ. جەزمەن يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا سىياسىي يۈكسەكلىكنى ئۆستۈرۈپ، كاللىنى سەگەك تۇتۇپ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى تولۇق، دەل جايىدا، ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، جەمئىيەت مۇقىملىقى ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى مەھكەم ئىگىلەپ، «مۇقىم بولۇشنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇش»تا ئىدىيەنى بىرلىككە كەلتۈرۈپ، قەدەمنى بىرلىككە كەلتۈرۈپ، ھەرىكەتنى بىرلىككە كەلتۈرۈپ، تۆۋەن چەك تەپەككۇرى، ئاخىرقى چەك تەپەككۇرىنى كۈچەيتىپ، خەۋپ - خەتەر ۋەزىيىتىگە چوڭقۇر ھۆكۈم قىلىپ، تۈرلۈك خىزمەت تەدبىرلىرىنى پۇختا ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، بىخەتەرلىك، مۇقىملىق تۆۋەن چېكىنى قەتئىي ساقلاش كېرەك.

ما شىڭرۇي مۇنداق تەكىتلىدى: «دائىم غېمىدە بولۇش» مەسئۇلىيەت تۇيغۇسىنى كۈچەيتىپ، تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش، مۇقىملىقنى قوغداشتىن ئىبارەت بۇ كىرىچنى ھەر ۋاقىت چىڭىتىپ، ئاگاھ سىگنالىنى ئۇزاققىچە ياڭرىتىپ، ھوشيارلىقنى دائىم ساقلاپ، تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش، مۇقىملىقنى قوغداشنى قانۇنچىللاشتۇرۇش، دائىملاشتۇرۇش مېخانىزمىنىڭ ئۈزلۈكسىز مۇكەممەللىشىشىگە، تەدبىرلەرنىڭ دەل جايىدا ئەمەلىيلىشىشىگە، ئۈنۈمنىڭ سىجىل ئېشىشىغا تۈرتكە بولۇپ، شىنجاڭنىڭ جەمئىيەت ئومۇمىيىتىنىڭ سىجىل مۇقىملىقىنى قەتئىي ساقلاش كېرەك. «ئۈچ خىل كۈچ»كە قانۇن بويىچە قاتتىق زەربە بېرىش يۇقىرى بېسىم ھالىتىنى قەتئىي تەۋرەنمەي ساقلاپ، باش كۆتۈرگەن ھامان زەربە بېرىش، قىلچە يۇمشاق قوللۇق قىلماسلىقتا چىڭ تۇرۇپ، زوراۋانلىق، تېررورلۇق خەۋپ - خەتىرىنى ئالدىن مۆلچەرلەش، ئۇنىڭغا ئالدىن ھۆكۈم قىلىشنى ۋە مەنبەدىن تۈزەشنى كۈچەيتىپ، بالدۇر زەربە بېرىپ، كىچىكىدە زەربە بېرىپ، بىخ ھالىتىدە زەربە بېرىپ، چېگرا سىرتىدىن كىرىش خاراكتېرلىك تېررورلۇق ھۇجۇمى خەۋپ - خەتىرىدىن قاتتىق مۇداپىئەلىنىپ، ئەسەبىيلىكنى تۈگىتىشنى چوڭقۇر ئالغا سىلجىتىپ، دىنىي ئەسەبىزمنى قانۇن بويىچە جازالاش كېرەك. جەمئىيەت ئامانلىقى بويىچە ئومۇميۈزلۈك ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەشنى كۈچەيتىپ، مەخسۇس ئورگانلار ئالدىنى ئېلىش بىلەن ئامما ئالدىنى ئېلىشنى بىرلەشتۈرۈش، بىرلىشىپ ئالدىنى ئېلىش، بىرلىشىپ تىزگىنلەشتە چىڭ تۇرۇپ، ئاساسىي قاتلامغا يۈزلەنگەن ساقچى كۈچىنىڭ فۇنكسىيەلىك رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، ساقچىلارنى ئۇچرىتىش نىسبىتى، ئىش باشقۇرۇش نىسبىتى، چۆچۈتۈش كۈچىنى ئۆستۈرۈپ، چوڭ - چوڭ پائالىيەت، مۇھىم ۋاقىت بۆلىكى، ئادەم توپلاشقان جاي قاتارلىقلارنى چارلاش، ئالدىنى ئېلىش، باشقۇرۇش - تىزگىنلەشنى چوڭقۇر، ئىنچىكە، ياخشى ئىشلەپ، جىددىي تاقابىل تۇرۇش، تاسادىپىي ۋەقەلەرنى بىر تەرەپ قىلىش ئىقتىدارى، سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈش كېرەك. زىددىيەت، ماجىرالارنى بىرمۇبىر تەكشۈرۈپ ھەل قىلىشنى چوڭقۇر ئالغا سىلجىتىپ، شەھەر - يېزىلارنىڭ مەھەللە قۇرۇلۇشى ۋە دائىرىلەشتۈرۈپ باشقۇرۇش مۇلازىمىتىنى كۈچەيتىپ، ئاممىنىڭ ئىلتىماس - تەلىپىنى ئىپادىلەش، مەنپەئىتىنى ماسلاشتۇرۇش، ھوقۇق - مەنپەئىتىنى كاپالەتلەندۈرۈش يوللىرىنى راۋانلاشتۇرۇپ ۋە قېلىپلاشتۇرۇپ، بېسىلىپ قالغان ئەرزىيەت دېلولىرىنى كۈچەپ ھەل قىلىپ، ئامما ئالدىراۋاتقان، قىينىلىۋاتقان، غەم قىلىۋاتقان، ئارزۇ قىلىۋاتقان مەسىلىلەرنى ھەل قىلىپ، ھەقىقىي تۈردە زىددىيەتلەرنى بىخ ھالىتىدە ھەل قىلىپ، ئاساسىي قاتلامدا تۈگىتىپ، چەكتىن ئاشقان ۋەقەلەرنىڭ يۈزبېرىشىنىڭ قاتتىق ئالدىنى ئېلىش كېرەك. تور ئىدېئولوگىيەسى بىخەتەرلىكىنى قەتئىي قوغداپ، ئاكتىپ كۈچ ئومۇمىي تەلەپ، باشقۇرالايدىغان بولۇش قاتتىق داۋلى، ياخشى ئىشلىتىش ھەقىقىي قابىلىيەت بولۇشتا چىڭ تۇرۇپ، تور بوشلۇقىنى ئىدارە قىلىش ۋە تور مەزمۇنى قۇرۇلۇشىنى قانۇن بويىچە كۈچەيتىپ، كۆزىتىپ ئۆلچەش - ئالدىن سىگنال بېرىش خىزمىتىنى چوڭقۇر ياخشى ئىشلەپ، تور ئاممىۋى پىكىر يېتەكچىلىكىنى كۈچەيتىپ، جەمئىيەت كۆڭۈل بۆلۈۋاتقان مەسىلىلەرگە ۋاقتىدا ئىنكاس قايتۇرۇپ، پاكىز تور بوشلۇقى بەرپا قىلىش كېرەك. بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىشتىكى تۈرلۈك خىزمەتلەرنى پۇختا تۇتۇپ، ئىنچىكە تۇتۇپ، بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش مەسئۇلىيەت تۈزۈمىنى قاتتىق ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، يول قاتنىشى بىخەتەرلىكى بويىچە ھەر تەرەپلىمە تۈزەشنى كۈچەيتىپ، كۆمۈرلۈك رايونىدىكى كانلار، باغچە رايونىدىكى كارخانىلار، خەتەرلىك خىمىيەلىك بۇيۇملار، بىناكارلىق قۇرۇلۇشى، مەنزىرە رايونى، مەنزىرە نۇقتىسى قاتارلىق نۇقتىلىق ساھەلەردىكى يوشۇرۇن خەۋپ - خەتەرنى كۈچەپ بىرمۇبىر تەكشۈرۈپ تۈزەپ، ئورمان، ئوتلاق ئوت ئاپىتىنىڭ ئالدىنى ئېلىش، ئاپەت زىيىنىنى ئازايتىش قاتارلىق خىزمەتلەرنى ئومۇميۈزلۈك ياخشى ئىشلەپ، ئاممىنىڭ ھاياتى، مال - مۈلۈك بىخەتەرلىكىنى ھەقىقىي كاپالەتلەندۈرۈش كېرەك. جەمئىيەت مۇقىملىقىنى قوغداش مەسئۇلىيەت تۈزۈمىنى ئومۇميۈزلۈك ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، تەۋەلىك مەسئۇلىيىتى، مەسئۇل نازارەت قىلىش - باشقۇرۇش تارماقلىرىنىڭ مەسئۇلىيىتى، سىياسىي - قانۇن ئورگانلىرىنىڭ مەسئۇلىيىتىنى چىڭىتىپ، مۇقىملىققا ئالاقىدار زور خەۋپ - خەتەرنىڭ ئۈنۈملۈك ئالدىنى ئېلىش، بولۇپمۇ ھەر دەرىجىلىك پارتىيە كومىتېتى، ھۆكۈمەتتىكى ئاساسلىق مەسئۇل يولداشلار ئۆزى تەتقىق قىلىپ تۈرتكە بولۇپ، تەشەببۇسكارلىق بىلەن مەسئۇلىيەتنى زىممىگە ئېلىپ نەتىجە يارىتىپ، مەسئۇلىيەتنى زىممىگە ئېلىشى، مەسئۇلىيەت ئالدىدا جاۋابكار بولۇشى، مەسئۇلىيەتنى تولۇق ئادا قىلىشى كېرەك. ھەر دەرىجىلىك رەھبىرىي كادىرلار قانۇن - بەلگىلىمە بويىچە، ئىلمىي، دەل جايىدا بولۇشتا چىڭ تۇرۇپ، ئەمەلىيەتتىن ئايرىلىپ قېلىش، قارىغۇلارچە ئىش قىلىشنىڭ قەتئىي ئالدىنى ئېلىپ، ئاددىيلاشتۇرۇۋېتىش، ھەممىنى بىر تاياقتا ھەيدەش، قاتلاممۇقاتلام يۈكلەشنى قەتئىي تۈگىتىپ، راستچىل - ئەمەلىيەتچىل بولۇپ، تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش، مۇقىملىقنى قوغداش ۋە زور يوشۇرۇن خەۋپ - خەتەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تۈگىتىشتىكى تۈرلۈك ۋەزىپىلەرنى دەل جايىدا ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە تۈرتكە بولۇشى كېرەك.

قادېن كەبىن، ئاپتونوم رايوننىڭ ئالاقىدار رەھبەرلىرى قاتارلىقلار تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش ۋە ئورۇنلاشتۇرۇشقا قاتناشتى.