شىنجاڭ گېزىتى، ئۈرۈمچى، 6 - ئاينىڭ 26 - كۈنى خەۋىرى ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى ۋاڭ شىڭرۇي خەۋەر قىلىدۇ: ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى ما شىڭرۇي 6 - ئاينىڭ 26 - كۈنى ئۈرۈمچىدە «دۇنيا خەنشۇناسلار جۇڭگوغا نەزەر سېلىش . شىنجاڭ سەپىرى» ئېكسكۇرسىيە - زىيارەت ئۆمىكىدىكىلەر بىلەن كۆرۈشتى.
ما شىڭرۇي مۇنداق دېدى: ھەرقايسى خەنشۇناسلار بىلەن شىنجاڭدا كۆرۈشكەنلىكىمدىن ناھايىتى خۇشالمەن. كۆپچىلىكنىڭ ھەممىسى جۇڭگو - چەت ئەل مەدەنىيىتىنى ئالماشتۇرىدىغان، تارقىتىدىغان ئەلچىلەر، مەن جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق كومىتېتى ۋە ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتىگە ۋاكالىتەن سىلەرنىڭ كەلگىنىڭلارنى قارشى ئالىمەن. ما شىڭرۇي مۇنداق دېدى: شىنجاڭ ئەزەلدىن كۆپ مىللەت توپلىشىپ ئولتۇراقلاشقان، كۆپ خىل مەدەنىيەت ئالماشتۇرۇلغان، كۆپ خىل دىن تەڭ مەۋجۇت بولۇپ تۇرغان رايون، تارىخى چوڭقۇر، مەدەنىيىتى كۆپ خىل، ئۆزگىچە خاسلىققا ئىگە، بۇ قېتىمقى سەپەر ھەرقايسى خەنشۇناسلارنىڭ ئىلمىي تەتقىقاتنى قانات يايدۇرۇپ، جۇڭگونى تېخىمۇ ياخشى تونۇشىدا مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە. جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى 18 - قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، رەئىس شى جىنپىڭ چېگرا رايوننى ئىدارە قىلىش خىزمىتىگە يۈكسەك ئەھمىيەت بەردى، بولۇپمۇ شىنجاڭ خىزمىتىگە ئالاھىدە غەمخورلۇق قىلىپ، يېڭى دەۋردىكى جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى بېكىتتى، شىنجاڭنىڭ دۆلەت ئومۇملۇقىدىكى «بەش چوڭ ئىستراتېگىيەلىك ئورۇن بېكىتمىسى»نى بېكىتىپ، يېڭى مۇساپىدە گۈزەل شىنجاڭ قۇرۇپ چىقىشنىڭ گۈزەل ئۇلۇغۋار پىلانىنى تۈزۈپ بەردى. شىنجاڭ تاپشۇرۇقنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، مىننەتدار بولۇپ جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەپ، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش ئۇلۇغۋار نىشانىنى چىڭ كۆزلەپ، دىققەتنى يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات باش ۋەزىپىسىگە مەركەزلەشتۈرۈپ، تەرەققىيات بىلەن بىخەتەرلىك، ئېچىۋېتىش بىلەن خەۋپسىزلىكنى بىرتۇتاش پىلانلاپ، ئىسلاھات، تەرەققىيات، مۇقىملىققا دائىر تۈرلۈك خىزمەتلەرنى پۇختا ئالغا سىلجىتىپ، تىيانشاننىڭ جەنۇبى - شىمالىدا تىنچ - ئىناق بولغان، جۇش ئۇرۇپ راۋاجلانغان يېڭى كەيپىياتنى نامايان قىلدى. ھەرقايسى خەنشۇناسلار بۇ قېتىم جۇڭگو شىنجاڭنى نەق مەيداندا زىيارەت قىلىپ، يېڭى تونۇش ۋە تەسىراتقا ئىگە بولدى. كۆپچىلىكنىڭ شىنجاڭغا سىجىل كۆڭۈل بۆلۈپ، شىنجاڭنى چوڭقۇر چۈشىنىپ، شىنجاڭنىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىرى ۋە ئۆزگىرىشلىرىنى دۇنيادىكى ھەرقايسى دۆلەتلەرگە ئوبيېكتىپ، ھەقىقىي تونۇشتۇرۇشىنى ئۈمىد قىلىمىز. شىنجاڭ دۇنيادىكى تېخىمۇ كۆپ خەنشۇناسلار ۋە ھەر ساھە زاتلىرىنىڭ زىيارەتكە كېلىپ، چۈشىنىش ۋە دوستلۇقنى تېخىمۇ ياخشى كۈچەيتىشى، ئالماشتۇرۇش ۋە ھەمكارلىقنى تېخىمۇ ياخشى ئىلگىرى سۈرۈشىنى قارشى ئالىدۇ.
جۇڭگو نەشرىيات گۇرۇھىنىڭ باش دىرېكتورى چاڭ بو ئېكسكۇرسىيە - زىيارەت ئۆمىكىنىڭ بۇ قېتىمقى سەپىرىگە ئالاقىدار ئەھۋاللارنى تونۇشتۇردى. تۈركىيە، مىسىر، فىرانسىيە، ئىران، نېپال، رۇمىنىيە، ئىراق، رۇسىيە، ۋېنگىرىيە، ئىتالىيە، شىمالىي ماكېدونىيە، بىرما قاتارلىق دۆلەتلەردىن كەلگەن خەنشۇناسلار ئىلگىرى - كېيىن سۆز قىلىپ، ئۆزىنىڭ شىنجاڭغا باغلانغان رىشتى ۋە بۇ قېتىمقى زىيارىتىدە كۆرگەن - ئاڭلىغانلىرى توغرىسىدا كەڭ - كۇشادە توختالدى. كۆپچىلىك مۇنداق بىلدۈردى: شىنجاڭنىڭ ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىدا كۆرۈنەرلىك مۇۋەپپەقىيەتلەر قولغا كەلتۈرۈلۈپتۇ، غايەت زور ئۆزگىرىشلەر بارلىققا كەپتۇ، چوڭقۇر ئېكسكۇرسىيە - زىيارەتتە بولۇش ئارقىلىق شىنجاڭنىڭ مۇقىم، خاتىرجەم جەمئىيەت كەيپىياتىنى ھەقىقىي ھېس قىلدۇق، ئىقتىسادىي تەرەققىيات ۋە ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشى كۈنسايىن يېڭىلىنىپتۇ، ئوخشاش بولمىغان مىللەت ئاممىسى ئىناق ئۆتۈپ، بەختلىك تۇرمۇش كەچۈرۈۋېتىپتۇ، ھەممە جايدا ئىناق، گۈزەل بولغان، ئېچىۋېتىلگەن، سىغدۇرۇشچان كەيپىيات نامايان بوپتۇ. بۇ تەرەققىيات ۋە ئۆزگىرىشلەر شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسى ۋە جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ ئەسلىي مەقسىتى، بۇرچىنىڭ شىنجاڭدىكى جانلىق ئىپادىسى. بولۇپمۇ نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش، نامرات نوپۇسنى ئازايتىش، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈش، ئېكولوگىيە - مۇھىتنى قوغداش، مىللەتلەر مەدەنىيىتىنى قوغداش ۋە ئۇنىڭغا ۋارىسلىق قىلىش قاتارلىق جەھەتلەردىكى ئۇسۇلى ۋە تەجرىبىلىرى ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ ئۆگىنىشى ۋە ئۆرنەك قىلىشىغا ئەرزىيدۇ. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، غەربتىكى بىر قىسىم تاراتقۇلار جۇڭگو شىنجاڭغا ئارقا - ئارقىدىن بوھتان ۋە قارا چاپلىدى، بۇ، پۈتۈنلەي ئەمەلىيەتكە ئۇيغۇن ئەمەس. پەقەت ئۆزى بۇ جايغا كېلىپ، خەلقنىڭ خاتىرجەم، گۈزەل تۇرمۇشىنى، كىشىلەرنىڭ چېھرىدە جىلۋىلەنگەن تەبەسسۇمنى كۆرگەندە، ئاندىن ھەقىقىي شىنجاڭنىڭ قانداق ئىكەنلىكىنى بىلەلەيدۇ. جۇڭگو شىنجاڭنى تېخىمۇ كۆپ چۈشىنىپ، شىنجاڭ كىلاسسىك ئەسەرلىرىنى تەرجىمە قىلىپ، شىنجاڭغا ئالاقىدار كىتابلارنى نەشر قىلىپ، شىنجاڭ ھېكايىلىرىنى ياخشى سۆزلەپ، ھەقىقىي شىنجاڭنى دۇنياغا تونۇشتۇرۇپ، ھەرقايسى دۆلەتلەر بىلەن جۇڭگونىڭ ئالماشتۇرۇش ۋە ھەمكارلىقىدىكى ياخشى كۆۋرۈك - ۋاسىتە بولۇشنى ئۈمىد قىلىمىز.
ۋاڭ جيەنشىن، قەيسەر ئابدۇكېرىم، ليۇ جيەنمىڭ، جۇڭگو نەشرىيات گۇرۇھىدىكى ئالاقىدار يولداشلار، ئاپتونوم رايوننىڭ ئالاقىدار ئورۇنلىرىدىكى مەسئۇل يولداشلار كۆرۈشۈشكە قاتناشتى.