ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەش 13 - نۆۋەتلىك كومىتېتى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 11 - قېتىملىق يىغىنى يېپىلدى
شىنجاڭنى مەدەنىيەت ئارقىلىق ئوزۇقلاندۇرۇشنى ئالغا سىلجىتىش ئۈچۈن كۈچ قوشۇش، بىرىكمە كۈچنى ئاشۇرۇش كېرەك
شىنجاڭ گېزىتى، ئۈرۈمچى، 6 - ئاينىڭ 27 - كۈنى خەۋىرى ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى جاڭ يەنفاڭ خەۋەر قىلىدۇ: 6 - ئاينىڭ 27 - كۈنى، ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەش 13 - نۆۋەتلىك كومىتېتى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 11 - قېتىملىق يىغىنى ئۈرۈمچىدە يېپىلدى، يىغىندا «مەدەنىيەتتە يېڭىلىق يارىتىش، ئىجاد قىلىش ھاياتىي كۈچىنى ئۇرغۇتۇپ، شىنجاڭنى مەدەنىيەت ئارقىلىق ئوزۇقلاندۇرۇشقا كۈچ قوشۇش» قارالما قىلىنىپ ھاكىمىيەت ئىشلىرى چوڭقۇر كېڭىشىلدى، مۇھاكىمە قىلىندى. ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەشنىڭ رەئىسى نۇرلان ئەبىلمەجىن يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى ھەم سۆز قىلدى.
نۇرلان ئەبىلمەجىن مۇنداق تەكىتلىدى: سىياسىي يۈكسەكلىكنى ئۆستۈرۈپ، «ئىككىنى تىكلەش»نىڭ ھەل قىلغۇچ ئەھمىيىتىنى چوڭقۇر ئۆزلەشتۈرۈپ، «تۆت ئاڭ»نى كۈچەيتىپ، «تۆت ئىشەنچ»نى چىڭىتىپ، «ئىككىنى قوغداش»نى ئىشقا ئاشۇرۇپ، شى جىنپىڭ مەدەنىيەت ئىدىيەسىنى ۋە پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭنى مەدەنىيەت ئارقىلىق ئوزۇقلاندۇرۇش خىزمىتى توغرىسىدىكى ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنلاشتۇرمىسىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئاپتونوم رايونلۇق 10 - نۆۋەتلىك پارتىيە كومىتېتىنىڭ ھەر قېتىملىق ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا مەدەنىيەت ئىشەنچىنى چىڭىتىپ، مەدەنىيەت ئارقىلىق كەسىپنى ئەۋج ئالدۇرۇش، مەدەنىيەت ئارقىلىق ئۇلنى چىڭىتىش، مەدەنىيەت ئارقىلىق ئىرادە تىكلەش، مەدەنىيەت ئارقىلىق روھنى تاۋلاشتا چىڭ تۇرۇپ، يېڭى دەۋردىكى مەدەنىيەت بۇرچىنى تېخىمۇ ياخشى زىممىگە ئېلىپ، شىنجاڭنى مەدەنىيەت ئارقىلىق ئوزۇقلاندۇرۇشنى ئالغا سىلجىتىش بىرىكمە كۈچىنى ئەڭ زور دەرىجىدە توپلاپ، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنىڭ شىنجاڭ ئەمەلىيىتىنى ئالغا سىلجىتىشنىڭ مەنىۋى كۈچىنى ئۈزلۈكسىز مۇجەسسەملەش كېرەك.
نۇرلان ئەبىلمەجىن مۇنداق تەلەپ قىلدى: سىياسىي كېڭەشنىڭ ئەۋزەللىكىنى جارى قىلدۇرۇپ، شىنجاڭنى مەدەنىيەت ئارقىلىق ئوزۇقلاندۇرۇشتىكى نۇقتىلىق ۋەزىپىلەرنى زىچ چۆرىدەپ، مەسئۇلىيەتنى تولۇق ئادا قىلىش كېرەك. جۇڭخۇا مەدەنىيىتىنى قەلبتىن ئېتىراپ قىلىشنى كۈچەيتىشكە كۈچ قوشۇپ، قەتئىي بوشاشماي شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسى بىلەن قەلبنى مۇجەسسەملەپ، روھنى تاۋلاپ، ئەزالار كىتاب ئوقۇش پائالىيىتى قاتارلىقلارنى دائىملىق قانات يايدۇرۇپ، ئىتتىپاقلىشىپ كۈرەش قىلىشنىڭ ئورتاق ئىدىيەۋى - سىياسىي ئاساسىنى يەنىمۇ پۇختىلاش كېرەك؛ جۇڭخۇا مىللىتى تارىخ قارىشىنى پۇختا تۇرغۇزۇشقا كۈچ قوشۇپ، «ئەزالار ئاساسىي قاتلامغا بېرىش» «تەشۋىقات، لېكسىيە، تەشۋىق - تەربىيە» پائالىيىتىنى چوڭقۇر قانات يايدۇرۇپ، جەمئىيەتتىكى ھەر ساھەنى جۇڭگو قەلبى، جۇڭخۇا روھىنى مۇستەھكەملەشكە يېتەكلەش كېرەك؛ زامانىۋى مەدەنىي تۇرمۇش ئۇسۇلىنى تەشەببۇس قىلىشقا كۈچ قوشۇپ، سوتسىيالىستىك يادرولۇق قىممەت قارىشىنى چوڭقۇر تەشۋىق قىلىپ، مەدەنىيەت ئارقىلىق كىشىلەرگە تەسىر كۆرسىتىش، كىشىلەرنى تەربىيەلەپ يېڭى كەيپىيات يارىتىش كېرەك؛ مەدەنىيەت ئىشلىرى ۋە مەدەنىيەت كەسىپلىرىنى گۈللەندۈرۈش ۋە راۋاجلاندۇرۇشقا كۈچ قوشۇپ، چوڭقۇر تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىپ، چوڭقۇر كېڭىشىپ، ھاكىمىيەت ئىشلىرىنى مۇھاكىمە قىلىپ، ھەرقايسى مىللەتلەرنىڭ ئارىلىشىشى، ئالماشتۇرۇشى، يۇغۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈشتە سىجىل كۈچ قوشۇش، بىرىكمە كۈچنى ئاشۇرۇش كېرەك. سىياسىي كېڭەشنىڭ تۈرلۈك خىزمەتلىرىنى پۇختا، ياخشى ئىشلەپ، مەركەزنىڭ سەككىز تۈرلۈك بەلگىلىمىسىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇش ئۆگىنىش - تەربىيەسىنى قاتتىق، ئەمەلىي قانات يايدۇرۇپ، ئۆگىنىش، تەكشۈرۈش، تۈزىتىشنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈپ ئالغا سىلجىتىشقا كۈچ سەرپ قىلىپ، ئۆگىنىشنىڭ سۈپىتى بولۇش، تەكشۈرۈشنىڭ سالمىقى بولۇش، تۈزىتىشنىڭ ئۈنۈمى بولۇشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. ئاپتونوم رايون قۇرۇلغانلىقىنىڭ 70 يىللىقىنى تەبرىكلەش پائالىيىتىگە پائال قاتنىشىپ، ساھە، ئامما ئارىسىغا چوڭقۇر چۆكۈپ، سىياسەتنى تەشۋىق قىلىش، چۈشەنچە بېرىپ گۇماننى تۈگىتىش خىزمىتىنى كۆپرەك ئىشلەپ، ئىتتىپاقلىشىپ كۈرەش قىلىش، تەرەققىياتنى ئورتاق ئىلگىرى سۈرۈش غەيرىتىنى كۆپرەك ئۇرغۇتۇش كېرەك. كېيىنكى يېرىم يىللىق سىياسىي كېڭەش خىزمىتىنى كۆڭۈل قويۇپ پىلانلاپ، تۈرلۈك كېڭىشىش، مەسئۇلىيەتنى ئادا قىلىش پائالىيەتلىرىنى ياخشى تەشكىللەپ ۋە ئۇنىڭغا ياخشى تەييارلىق قىلىپ، شىنجاڭنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتى ئۈچۈن ئەقىل - پاراسەت ۋە كۈچ قوشۇش كېرەك.
ئاۋازغا قويۇش ئارقىلىق، يىغىندا ئۆزگەرتىلگەندىن كېيىنكى «جۇڭگو خەلق سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق كومىتېتىنىڭ جەمئىيەت ئەھۋالى، خەلق رايى ئۇچۇرلىرىنى ئىنكاس قىلىش خىزمىتى نىزامى» ماقۇللاندى؛ ئالاقىدار كادىرلار ئىشلىرى ماقۇللاندى.
يېپىلىش يىغىنىدىن كېيىن، شىنجاڭ سىفەن داشۆسىنىڭ سابىق مۇئاۋىن مەكتەپ مۇدىرى سۈن شيۇلىڭ تەكلىپ بىلەن «شى جىنپىڭ مەدەنىيەت ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىپ، شىنجاڭنى مەدەنىيەت ئارقىلىق ئوزۇقلاندۇرۇشنى چوڭقۇر ئالغا سىلجىتايلى» دېگەن تېمىدا لېكسىيە سۆزلىدى.
ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەشنىڭ مۇئاۋىن رەئىسلىرىدىن جارۇللا ھېسامىدىن، كۇڭ شىڭلۇڭ، ياڭ يۇڭ، ئابدۇرېقىپ تۆمۈرنىياز، نۇرۇم ئىسمايىلقان، ئېزىز مۇسا، ليۇ جيەنمىڭ، پۇ شۆمېي، ھەسەنجان ئەخمەت، باش كاتىپ رېن چېڭ يىغىنغا قاتناشتى.