ما شىڭرۇي كۆرگەزمە باشلانغانلىقىنى ئېلان قىلدى، ۋەن نو قاتناشتى
ئەركىن تۇنىياز قارشى ئېلىش سۆزى قىلدى، زۇمرەت ئوبۇل، خې جۇڭيوۋ، ساۋ خۇڭمىڭ، جاڭ جۇ قاتناشتى
6 - ئاينىڭ 26 - كۈنى، 2025 - يىللىق (جۇڭگو) ئاسىيا - ياۋروپا تاۋار سودا كۆرگەزمىسى شىنجاڭ خەلقئارا يىغىن - كۆرگەزمە مەركىزىدە باشلاندى. سۈرەتتە: ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى ما شىڭرۇي، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ئاپتونوم رايوننىڭ رەئىسى ئەركىن تۇنىياز قاتارلىقلار جۇڭگولۇق ۋە چەت ئەللىك ئەزىز مېھمانلار بىلەن بىرلىكتە كۆرگەزمە سارىيىنى ئارىلاپ كۆردى، نۇقتىلىق كۆرگەزمە رايونلىرىنىڭ تەسىس قىلىنىش ۋە كۆرگەزمە قىلىنىش ئەھۋالىنى كۆزدىن كەچۈردى. □ ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى سۈي جىجيەن فوتوسى
شىنجاڭ گېزىتى، ئۈرۈمچى، 6 - ئاينىڭ 26 - كۈنى خەۋىرى ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى ۋاڭ شىڭرۇي خەۋەر قىلىدۇ: 6 - ئاينىڭ 26 - كۈنى، «ئاسىيا - ياۋروپا ھەمكارلىقى ئۈستىدە ئورتاق كېڭىشىش، يىپەك يولىنىڭ گۈللىنىشىدىن ئورتاق بەھرىلىنىش» باش تېمىسىدىكى 2025 - يىللىق (جۇڭگو) ئاسىيا - ياۋروپا تاۋار سودا كۆرگەزمىسى شىنجاڭ خەلقئارا يىغىن - كۆرگەزمە مەركىزىدە باشلاندى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى ما شىڭرۇي پائالىيەتكە قاتناشتى ھەم كۆرگەزمىنىڭ باشلانغانلىقىنى ئېلان قىلدى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ئاپتونوم رايوننىڭ رەئىسى ئەركىن تۇنىياز قارشى ئېلىش سۆزى قىلدى.
تايلاند پارلامېنتىنىڭ رەئىسى، قوشۇمچە تۆۋەن پالاتاسىنىڭ باشلىقى ۋەن نو قاتناشتى. ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ مۇدىرى زۇمرەت ئوبۇل، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، بىڭتۇەننىڭ جېڭۋېيسى خې جۇڭيوۋ، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى خۇاچياۋلار كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىر ئەزاسى ساۋ خۇڭمىڭ، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ئۈرۈمچى شەھەرلىك پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى جاڭ جۇ قاتناشتى.
بۇ نۆۋەتلىك كۆرگەزمىدە «يۇقىرى سەۋىيەلىك ئېچىۋېتىشنى كېڭەيتىش، يېڭى تەرەققىيات ئەندىزىسى ئىستراتېگىيەلىك تىرەك نۇقتىسىنى بەرپا قىلىش، بازارلاشقان ئىقتىساد - سودا سۇپىسى قۇرۇش»تىن ئىبارەت ئورۇن بېكىتمىسىدە چىڭ تۇرۇلۇپ، «N + 10 + 1» كۆرگەزمە رايونىنى ئورۇنلاشتۇرۇش ئەندىزىسى ئىجادىي قوللىنىلىپ، يۇقىرى سەۋىيەلىك سىرتقا ئېچىۋېتىش ئوبرازىنى نامايان قىلىش باش تېمىسى گەۋدىلەندۈرۈلۈپ، شىنجاڭنىڭ «ئون چوڭ كەسىپ توپى» قۇرۇلۇشى نەتىجىلىرى سىستېمىلىق نامايان قىلىندى. كۆرگەزمە دۆلەت ئىچى ۋە سىرتىدىكى 2800دىن ئارتۇق كارخانىنى كۆرگەزمىگە، يىغىنغا قاتنىشىشقا جەلپ قىلدى، بۇ مەزگىلدە 60 نەچچە مەيدان سودىنى ئىلگىرى سۈرۈش پائالىيىتى ئۆتكۈزۈلىدۇ.
كۆرگەزمىنىڭ باشلىنىش پائالىيىتىدە ما شىڭرۇي، ئەركىن تۇنىياز قاتارلىقلار جۇڭگولۇق ۋە چەت ئەللىك ئەزىز مېھمانلار بىلەن بىرلىكتە كۆرگەزمە سارىيىنى كۆردى، نۇقتىلىق كۆرگەزمە رايونلىرىنىڭ تەسىس قىلىنىش ۋە كۆرگەزمە قىلىنىش ئەھۋالىنى كۆزدىن كەچۈردى. ما شىڭرۇي دۆلەت ئىچى - سىرتىدىن كېلىپ كۆرگەزمىگە قاتناشقان سودىگەرلەر بىلەن چوڭقۇر پىكىر ئالماشتۇردى، كۆپچىلىكنىڭ بۇ قېتىمقى كۆرگەزمىگە قاتنىشىپ، ھەمكارلىق پۇرسىتى ئۈستىدە ئىزدىنىپ، ئورتاق پايدا ئېلىپ تەرەققىي قىلىشنى ئىلگىرى سۈرۈشىنى قارشى ئالدى. ئۇ مۇنداق دېدى: رەئىس شى جىنپىڭنىڭ ۋە جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە، جۇڭگو شىنجاڭ كىشىنىڭ دىققىتىنى تارتىدىغان تەرەققىيات مۇۋەپپەقىيەتلىرىنى قولغا كەلتۈرۈپ، دۆلەت ئىچى - سىرتىدىكى كارخانىلارنىڭ ياقتۇرىدىغان تەرەققىيات ئېگىزلىكى، ئېچىۋېتىش ئالدىنقى سېپى، مەبلەغ سېلىش مۇنبەت تۇپرىقىغا ئايلانماقتا. بىز يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتتىن ئىبارەت باش ۋەزىپە ۋە ئېچىۋېتىش، ھەمكارلىشىشتىن ئىبارەت دەۋر باش تېمىسىنى مەھكەم ئىگىلەپ، ئۆزگىچە بايلىق ئۈستۈنلۈكى ۋە رايون ئورنى ئەۋزەللىكىگە تايىنىپ، ئىقتىسادىي تەرەققىياتنىڭ سۈپىتىنى ئۆستۈرۈپ ئۈنۈمىنى ئاشۇرۇشقا پۈتۈن كۈچ بىلەن تۈرتكە بولۇپ، «ئون چوڭ كەسىپ توپى»نى تىرەك قىلغان زامانىۋىلاشقان كەسىپ سىستېمىسىنى تېز بەرپا قىلىپ، ھەر تەرەپلىمە خەلقئارا ئالماشتۇرۇش، ھەمكارلىشىشنى دۇنيادا تېخىمۇ كەڭ دائىرىگە كېڭەيتتۇق. بۇ قېتىمقى تاۋار سودا كۆرگەزمىسى شىنجاڭنىڭ ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىيات مۇۋەپپەقىيەتلىرىنى نامايان قىلىدىغان، يۇقىرى سەۋىيەلىك ئىچكى - تاشقى ئېچىۋېتىشنى كېڭەيتىدىغان، جۇڭگو ۋە چەت ئەل كارخانىلىرى بىلەن يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى يادرولۇق رايونى پۇرسىتىدىن ئورتاق بەھرىلىنىدىغان، «بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق بەرپا قىلىشقا قول تۇتۇشۇپ سىڭىشىدىغان مۇھىم سۇپىسى. كۆرگەزمىگە قاتناشقان كەڭ سودىگەرلەرنىڭ ئەۋزەللىكى، خاسلىقىنى تولۇق نامايان قىلىپ، ئىقتىساد - سودىنى ئۇدۇللاشتۇرۇشنى چوڭقۇر قانات يايدۇرۇپ، كۆرگەزمىنى كېڭەيتىش، سېلىنما ھەمكارلىقى جەھەتتە تېخىمۇ مول نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈشىنى ئۈمىد قىلىمىز. جۇڭگو شىنجاڭ جۇڭگو ۋە چەت ئەل كارخانىلىرىنىڭ دائىم كېلىپ كۆزدىن كەچۈرۈپ، پىكىر ئالماشتۇرۇپ، ئەمەلىي ھەمكارلىقنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، گۈللىنىش، تەرەققىي قىلىشنى ئورتاق ئىشقا ئاشۇرۇشىنى سەمىمىي قارشى ئالىدۇ.
ئەركىن تۇنىياز سۆزىدە مۇنداق دېدى: ئاسىيا - ياۋروپا چوڭ قۇرۇقلۇقى «بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق بەرپا قىلىش خەلقئارا ھەمكارلىقىدىكى نۇقتىلىق رايون. 2 - نۆۋەتلىك جۇڭگو − ئوتتۇرا ئاسىيا باشلىقلار يىغىنىدا، رەئىس شى جىنپىڭ جۇڭگو − ئوتتۇرا ئاسىيا روھىنى جاكارلاپ، تېخىمۇ زىچ بولغان جۇڭگو − ئوتتۇرا ئاسىيا تەقدىر ئورتاق گەۋدىسىنى قول تۇتۇشۇپ بەرپا قىلىشنى ئىستراتېگىيەلىك يېتەكچىلىك ۋە مۇھىم قوللانما بىلەن تەمىنلىدى. جۇڭگو شىنجاڭ «بىر بەلباغ، بىر يول»دىكى يادرولۇق رايون بولۇش سۈپىتى بىلەن، يېقىنقى يىللاردىن بۇيان ئۆزگىچە رايون ئورنى ئەۋزەللىكىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، يۇقىرى سەۋىيەلىك سىرتقا ئېچىۋېتىشنى ئۈزلۈكسىز چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئاسىيا - ياۋروپا ئالتۇن يولى ۋە جۇڭگونىڭ غەربكە ئېچىۋېتىشتىكى كۆۋرۈك بېشى ئىستىھكامى بەرپا قىلىشنى تېزلىتىپ، سىرتقا ئېچىۋېتىلگەن دەرۋازىسىنى بارغانسېرى چوڭ ئېچىۋېتىپ، تېخىمۇ كۆپ دۆلەت ۋە رايونلارنىڭ گۈللىنىشى، تەرەققىي قىلىشىغا يېڭى پۇرسەت ئېلىپ كەلدى. بىز بۇ قېتىمقى كۆرگەزمىنى پۇرسەت بىلىپ، «بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق بەرپا قىلىدىغان دۆلەتلەر بىلەن بولغان يەرلىكلەر ئارا تېخىمۇ چوڭ دائىرە، تېخىمۇ كەڭ ساھە، تېخىمۇ چوڭقۇر قاتلاملىق ئىقتىساد - سودا ھەمكارلىقى ۋە ئادىمىيەت جەھەتتىكى ئالماشتۇرۇشنى سىجىل چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، يىپەك يولىنىڭ ئاۋاتلىقىنى ئورتاق يارىتىپ، ھەمكارلىق كاتتا پائالىيەتلىرى ئۈچۈن ئورتاق كۈچ چىقىرىپ، قول تۇتۇشۇپ ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىش ئۈچۈن تۆھپە قوشىمىز.
چېن ۋېيجۈن، قادېن كەبىن، ئاپتونوم رايوننىڭ ئالاقىدار رەھبەرلىرى، قازاقىستان، رۇسىيە، بېلارۇسىيە، ئېفىيوپىيە، ئۇرۇگۋاي، قىرغىزىستان، موڭغۇلىيە دۆلىتى، پاكىستان، تۈركىيە قاتارلىق دۆلەتلەردىن كەلگەن مىنىستىر دەرىجىلىك ئەزىز مېھمانلار ۋە جۇڭگودا تۇرۇشلۇق ئەلچىلەر، قىسمەن دۆلەتلەرنىڭ ھۆكۈمەت ۋە كارخانا ۋەكىللىرى، دۆلەتنىڭ ئالاقىدار مىنىستىرلىق، كومىتېتلىرىدىكى يولداشلار، ئاپتونوم رايوننىڭ ئالاقىدار ئورۇنلىرىدىكى مەسئۇل يولداشلار، قىسمەن ئۆلكە، ئاپتونوم رايون، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلەردىن كەلگەن ئەزىز مېھمانلار ۋە كۆرگەزمىگە قاتناشقان نۇقتىلىق سودىگەرلەر ۋەكىللىرى قاتارلىقلار كۆرگەزمىنىڭ باشلىنىش مۇراسىمىغا قاتناشتى.