− 2025 - يىللىق (جۇڭگو) ئاسىيا - ياۋروپا تاۋار سودا كۆرگەزمىسى باشلىنىش پەيتىدە
2025 - يىللىق (جۇڭگو) ئاسىيا - ياۋروپا تاۋار سودا كۆرگەزمىسى باشلىنىش ئالدىدا تۇرماقتا، شىنجاڭ خەلقئارا يىغىن - كۆرگەزمە مەركىزى كاتتا بېزىلىپ مېھمانلارنى كۈتۈۋالدى (6 - ئاينىڭ 25 - كۈنى تارتىلغان). □ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى لى شيۇڭشىن فوتوسى
□ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى خېي خۇڭۋېي
6 - ئاينىڭ 26 - كۈنى، «ئاسىيا - ياۋروپا ھەمكارلىقى ئۈستىدە ئورتاق كېڭىشىش، يىپەك يولىنىڭ گۈللىنىشىدىن ئورتاق بەھرىلىنىش» باش تېمىسىدىكى 2025 - يىللىق (جۇڭگو) ئاسىيا - ياۋروپا تاۋار سودا كۆرگەزمىسى شىنجاڭ خەلقئارا يىغىن - كۆرگەزمە مەركىزىدە باشلىنىدۇ.
جۇڭگو − ئاسىيا - ياۋروپا كۆرگەزمىسىنىڭ مۇھىم تەركىبىي قىسمى بولغان بۇ نۆۋەتلىك تاۋار سودا كۆرگەزمىسىنى جۇڭگو − ئاسىيا - ياۋروپا كۆرگەزمىسى كاتىبات باشقارمىسى ۋە سودا مىنىستىرلىقى تاشقى سودا تەرەققىيات ئىشلىرى ئىدارىسى بىرلىكتە ئۆتكۈزۈشكە مەسئۇل بولغان بولۇپ، دىققەت شىنجاڭنىڭ «ئون چوڭ كەسىپ توپى» قۇرۇلۇشىغا مۇلازىمەت قىلىشتىن ئىبارەت يادرولۇق ۋەزىپىگە مەركەزلەشتۈرۈلۈپ، يۇقىرى سەۋىيەلىك ئېچىۋېتىشنى كېڭەيتىشكە كۈچ قوشىدۇ.
1800دىن ئارتۇق كارخانا كۆرگەزمىگە قاتنىشىدۇ، 1000دىن ئارتۇق كارخانا يىغىنغا قاتنىشىدۇ، چېگرا ئىچى - سىرتىدىكى 8000دىن ئارتۇق سېتىۋېلىش سودىگىرى جەم بولدى، 140 مىڭ كىۋادرات مېتىرلىق كۆرگەزمە رايونى تەسىس قىلىندى... بۇ نۆۋەتلىك تاۋار سودا كۆرگەزمىسىنىڭ خەلقئارالىشىش سەۋىيەسى ۋە كۆلىمى ئۆتكەن ھەر نۆۋەتتىكىدىن ھالقىپ كەتتى. ئېچىۋېتىلگەن شىنجاڭ تېخىمۇ سىغدۇرۇشچان ۋە ئۆزىگە تېخىمۇ ئىشىنىدىغان قىياپەتتە تەرەپ - تەرەپتىن كەلگەن ئەزىز مېھمانلار بىلەن ھەمكارلىشىپ ئورتاق پايدا ئېلىش يېڭى سەھىپىسىنى بىرلىكتە پۈتمەكتە.
دىققەتنى «ئون چوڭ كەسىپ توپى»غا مەركەزلەشتۈرۈش
يېڭى سۈپەتلىك ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرىنى راۋاجلاندۇرۇش
شىنجاڭنىڭ «ئون چوڭ كەسىپ توپى» قۇرۇلۇشىغا مۇلازىمەت قىلىش بۇ نۆۋەتلىك تاۋار سودا كۆرگەزمىسىنىڭ روشەن ئاساسىي لىنىيەسى. بۇ نۆۋەتلىك تاۋار سودا كۆرگەزمىسىدە «N + 10 + 1» كۆرگەزمە رايونى ئورۇنلاشتۇرۇش ئەندىزىسى قوللىنىلدى: «1» يۇقىرى سەۋىيەلىك سىرتقا ئېچىۋېتىش ئوبرازىنى گەۋدىلەندۈرۈشكە؛ «10» دىققەتنى شىنجاڭنىڭ «ئون چوڭ كەسىپ توپى» ھەم كەسىپ زەنجىرى تەرەققىياتىغا مەركەزلەشتۈرۈشكە؛ «N» كەلگۈسى كەسىپلەر، ماشىنا - جابدۇق قاتارلىق خاس ساھەلەرنى كېڭەيتىشكە ۋەكىللىك قىلىدۇ.
ئاساسىي مەيدان - ساراي بولغان شىنجاڭ خەلقئارا يىغىن - كۆرگەزمە مەركىزىدە، زال ئىچى كۆرگەزمە سارىيى بىر نۇقتىلىق كەسىپلەر توپى بىر كەسپىي ساراي شەكلى بويىچە ئورۇنلاشتۇرۇلغان بولۇپ، مەزمۇنى يېڭى تىپتىكى ئېلېكتىر ئېنېرگىيە سىستېمىسى ھەم يېڭى ئېنېرگىيە، يېشىل كانچىلىق ھەم پىششىقلاش، ئىلغار ياسىمىچىلىق ۋە يېڭى ماتېرىيال، پاختا ۋە توقۇمىچىلىق، كىيىم - كېچەك، ئاشلىق ۋە يېمەكلىك پىششىقلاش قاتارلىق نۇقتىلىق ساھەلەرنى قاپلىغان؛ زال سىرتى كۆرگەزمە رايونىدا چوڭ تىپتىكى ماشىنا - ئۈسكۈنىلەرنى كۆرگەزمە قىلىش ئاساس قىلىنغان.
بۇ نۆۋەتلىك تاۋار سودا كۆرگەزمىسىگە قاتنىشىدىغان سودىگەرلەر سېپى كۈچلۈك بولۇپ، شىنجاڭنىڭ «ئون چوڭ كەسىپ توپى»دىكى زەنجىر باشلامچى كارخانىلىرىدىن باشقا، دۆلەت ئېنېرگىيە گۇرۇھى، جۇڭگو يادرو سانائىتى گۇرۇھى، جۇڭگو ئالەم قاتنىشى پەن - تېخنىكا گۇرۇھى، خۇارۇن گۇرۇھى، جۇڭگو يېزا ئىگىلىك بانكىسى قاتارلىق دۇنيادىكى 500 كۈچلۈك كارخانا قاتارىغا كىرگەن بىر تۈركۈم مەركەز كارخانىلىرى تۈرلۈك يېڭى مەھسۇلاتلىرى ۋە يېڭى مۇلازىمىتىنى نامايان قىلىدۇ، جۇڭگو ھەتتا دۇنيادا ئالدىنقى سەۋىيەگە ۋەكىللىك قىلىدىغان بىر تۈركۈم ئىلغار تېخنىكىلار ۋە جابدۇقلار مەركەزلىك نامايان قىلىنىدۇ، كەسىپ زەنجىرىنىڭ يېشىل، تۆۋەن كاربونلۇق تىپ ئۆزگەرتىشى ۋە ئەقلىي ئىقتىدارلىق دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشىگە تۈرتكە بولىدىغان ئالدىنقى قاتاردىكى نەتىجىلەر نامايان قىلىنىدۇ:
− جۇڭگو يادرو سانائىتى گۇرۇھى چەكلىك شىركىتى يادرو ئېنېرگىيەسى پۈتۈن كەسىپ زەنجىرىدە يېڭىلىق يارىتىش ئەمەلىي كۈچى ۋە كۆپ خىل ئەمەلىي قوللىنىشنى ئېلىپ كېلىپ، «يادرو ئېنېرگىيەسى + ھاسىلىي ئېنېرگىيە» ھەمكارلىق ئەندىزىسى ئۈستىدە ئىزدىنىپ، يېشىل كانچىلىقنىڭ تۆۋەن كاربونلۇق تىپ ئۆزگەرتىشىگە تۈرتكە بولىدۇ؛
− شۈگۇڭ گۇرۇھى قۇرۇلۇش ماشىنىلىرى پاي چەكلىك شىركىتى پاكىز ئېنېرگىيەنى قېزىش - توشۇش جابدۇقى، شوپۇرسىز ھەيدەپ توشۇش ھەم ئاقىل كان باشقۇرۇش - تىزگىنلەش سىستېمىسى قاتارلىق ئەقلىي ئىقتىدارلىق لايىھەلەرنى ئېلىپ كېلىپ، كاننى پۈتۈن دەۋرىيلىك ئېچىش - يۈرۈشتۈرۈشكە كۈچ قوشىدۇ؛
− جولاڭ ئەقلىي ئىقتىدارلىق ماشىنىسازلىق پاي چەكلىك شىركىتى تولۇق ئاپتوماتىك ئايلانما لوڭقىسىمان يىپ ئېگىرىش ماشىنىسى، لۇڭمېن پاختا تالاسى ئايرىش ماشىنىسى، پاختا تىتىش ماشىنىسى قاتارلىق ئىجادىي مەھسۇلاتلارنى ئېلىپ كېلىپ، پاختا توقۇمىچىلىق كەسىپ زەنجىرىنىڭ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشكە تۈرتكە بولىدۇ؛
− شەنشى جۇڭتيەن راكېتا تېخنىكىسى پاي چەكلىك شىركىتى تۆۋەن بوشلۇق ساھەسى تېخنىكىسىنى ئەمەلىي قوللىنىش نەتىجىسىنى ئېلىپ كېلىپ، ئۆزىنىڭ يامغۇر ياغدۇرۇش، مۆلدۈردىن مۇداپىئەلىنىش راكېتاسى بىلەن يېزا ئىگىلىكىگە ئالاقىدار كەسىپ توپىنىڭ تەرەققىياتىغا مۇلازىمەت قىلىپ، ئىلغار ياسىمىچىلىق ۋە يېڭى ماتېرىيال قاتارلىق ئىستراتېگىيەلىك يېڭىدىن گۈللەنگەن كەسىپلەر توپىنىڭ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشكە تىرەك بولىدۇ.
شىنجاڭ خەلقئارا كۆرگەزمە ئىشلىرى ئىدارىسىنىڭ باشلىقى فۇ يۈنيەن مۇنداق تونۇشتۇردى: كۆرگەزمىدە يەنە تۇنجى قېتىم مەخسۇس تېمىلىق كۆرگەزمە رايونى تەسىس قىلىنىپ، سۈنئىي ئەقلىي ئىقتىدار، تۆۋەن بوشلۇق ئىقتىسادى، يېڭى تىپتىكى كۆرسىتىش قاتارلىق ساھەلەردىكى بۆسۈش خاراكتېرلىك نەتىجىلەر نامايان قىلىنىدۇ. لۈنېڭ خۇيچۇڭ، ئاۋيى پەن - تېخنىكىسى، مەيبۇ ماشىنا ئادىمى قاتارلىق كارخانىلار ئېلىپ كەلگەن ئېغىر يۈك كۆتۈرەلەيدىغان قوش پىرقىرىما قاناتلىق ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلان، ئەقلىي ئىقتىدارلىق ئەپچىل قول، ھەقىقىي ئادەم سىياقلىق ماشىنا ئادەم، داۋالاش ئارقىلىق سالامەتلىكنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشكە ياردەم بېرىش ماشىنا ئادىمى قاتارلىق يۇقىرى تېخنىكىلىق، يۇقىرى ئۈنۈملۈك، يۇقىرى سۈپەتلىك مەھسۇلاتلار كۆرگەزمىنىڭ «يېڭىلىق تەركىبى، ئەقلىي ئىقتىدارلىق تەركىبى، يېشىللىق تەركىبى»نى كۆرۈنەرلىك ئۆستۈردى.
قوش يۆنىلىشلىك مەبلەغ سېلىشنى يۇقىرى ئۈنۈملۈك ئۇدۇللاشتۇرۇش
قوش ئايلىنىشتا يېڭىلىق يارىتىش ۋە ئۇنى جانلاندۇرۇش
بۇ نۆۋەتلىك تاۋار سودا كۆرگەزمىسىدە سودىگەرلەرگە ئەھمىيەت بېرىدىغان، سودىگەرلەرگە مايىللىشىدىغان كەيپىيات كۈچەپ يارىتىلىپ، دۆلەت ئىچى، خەلقئارادىن ئىبارەت قوش ئايلىنىشنى راۋانلاشتۇرۇشقا كۈچ چىقىرىلىپ، قوش يۆنىلىشلىك مەبلەغ سېلىشنى ئىلگىرى سۈرۈش ۋە ئىستېمالنى جانلاندۇرۇشتا بۆسۈش ھاسىل قىلىش ئۈستىدە ئىزدىنىلىدۇ. كۆڭۈل قويۇپ پىلانلانغان 60 نەچچە مەيدان چېگرا ئىچى - سىرتىدىكى سودىغا مەبلەغ سېلىشنى ئىلگىرى سۈرۈش پائالىيىتى تونۇشتۇرۇش، كېڭىشىش، كېلىشىم ئىمزالاش قاتارلىق ھالقىلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بولۇپ، كارخانىلارنىڭ دۇنياۋى بازارغا يۇقىرى ئۈنۈملۈك ئۇدۇللىشىشىغا كۈچ قوشىدۇ.
دىققەت «تۇنجى يارىتىش ئىقتىسادى»غا مەركەزلەشتۈرۈلۈپ، بۇ نۆۋەتلىك تاۋار سودا كۆرگەزمىسىدە تۇنجى قېتىم يېڭى مەھسۇلات، يېڭى تېخنىكا، يېڭى نەتىجىلەرنى ئېلان قىلىش سۇپىسى تەسىس قىلىنىپ، سۈنئىي ئەقلىي ئىقتىدار، يېڭى تىپتىكى ئېلېكتىر ئېنېرگىيەسى، بىيوتېببىي دورا قاتارلىق يېڭىدىن گۈللەنگەن كەسىپلەر ساھەسىدىكى ئېسىل مەھسۇلاتلارنى تۇنجى قېتىم ئېلان قىلىشقا تۈرتكە بولۇنۇپ، كۆپ ساھەگە كېڭىيىپ تەرەققىي قىلىشىغا كۈچ قوشۇلىدۇ. كارخانىلار «بىرگە بىر» كۆرگەزمىدىن ئىلگىرىكى، كۆرگەزمە مەزگىلىدىكى ئۇدۇللاشتۇرۇش مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلىنىپ، «ئاددىي ھەم گۈزەل» «سەرخىل ھەم مەخسۇس» ئىقتىساد - سودا پائالىيىتى ئۆتكۈزۈلۈپ، مەبلەغ سېلىش ھەمكارلىق مۇددىئانامىسى ھاسىل قىلىش ئىلگىرى سۈرۈلىدۇ.
«تاۋار سودا كۆرگەزمىسى سۇپىسى ئارقىلىق، تېخىمۇ كۆپ يوشۇرۇن ھەمكارلىق ھەمراھلىرى بىلەن سودا كېڭىشىشى ئېلىپ بېرىپ، يېڭى ھەمكارلىق پۇرسىتى ئۈستىدە ئىزدىنىشنى ئۈمىد قىلىمەن» دېدى شىنجاڭ خۇياڭ كابېل ياساش چەكلىك شىركىتى پىلان - تەشۋىقات بۆلۈمىنىڭ مۇدىرى لۇ لىخۇڭ.
تاۋار سودا كۆرگەزمىسى بىر مەيدان سودا كاتتا مەرىكىسى بولۇپلا قالماي، تېخىمۇ مۇھىمى بىر مەيدان مەدەنىيەت كۆرىكى. كۆرگەزمە سارىيى ئىچىدە، ھەممە جاي مەدەنىيەت تەسىراتىغا تولغان: پاختا ۋە توقۇمىچىلىق، كىيىم - كېچەك سارىيىدىكى T سەھنىدە، كىيىم - كېچەك كۆرگەزمىسى كەسىپتە يېڭىلىق يارىتىش ھاياتىي كۈچىنى نامايان قىلىدۇ؛ «ئەسلىي تەم مەنزىلى» قەھۋە باش تېما قىلىنغان تېتىش پائالىيىتى تاماشىبىنلارغا ئافرىقا، لاتىن ئامېرىكىسىنىڭ قەھۋە مەدەنىيىتىنى ھېس قىلدۇرىدۇ؛ ئون ئىككى مۇقام ۋارىسلىرى ۋە خەلق ئىچى پېشقەدەم سەنئەتكارلىرى نەق مەيداندا ئويۇن قويۇپ، غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى سەنئىتى بىلەن كۆرگەزمە مەنزىرىسىنى چوڭقۇر يۇغۇرىدۇ.
خەلققە نەپ يەتكۈزۈشتىن ئورتاق بەھرىلىنىشنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن، بۇ نۆۋەتلىك تاۋار سودا كۆرگەزمىسى ئاممىغا ھەقسىز ئېچىۋېتىلىدۇ. تاۋار سودا كۆرگەزمىسى ئۆتكۈزۈلىدىغان شەھەر بولۇش سۈپىتى بىلەن، ئۈرۈمچى شەھىرى كۆڭۈل قويۇپ ياخشى ساھىبخانا بولۇپ، شەھەر خاسلىقى بىلەن زامانىۋى كۆرگەزمىنى بىرلەشتۈرۈپ، پۈتۈن شەھەردىكى 100دىن ئارتۇق سودا كارخانىسىنى «تاۋار سودا كۆرگەزمىسى ئالاھىدە ئېتىبارى» پائالىيىتى ئۆتكۈزۈشكە تەشكىللەپ، يېڭىدىن گۈللەنگەن ئىستېمال يۈزلىنىشى، رايون خاسلىقى ۋە يېڭىلىق يارىتىلغان ئىستېمال ھالىتىنى نامايان قىلىپ، «يېمەك - ئىچمەك، قونالغۇ، قاتناش، ساياھەت، مال سېتىۋېلىش، كۆڭۈل ئېچىش» بىر گەۋدىلەشكەن «سودا بىلەن كۆرگەزمە ھەمتۈرتكە بولۇش»قا پۈتۈن كۈچ بىلەن تۈرتكە بولىدۇ.
خەلقئارا «دوستلار چەمبىرىكى»نى كېڭەيتىش
ئېچىۋېتىش ئىقتىدار دەرىجىسىنى يۈكسەلدۈرۈش
بۇ نۆۋەتلىك تاۋار سودا كۆرگەزمىسىنىڭ خەلقئارالىشىش دەرىجىسىدە تارىخىي يۈكسىلىش ئىشقا ئاشۇرۇلۇپ، خەلقئارا ئۇسلۇبى يېتەرلىك بولدى، بۇ، شىنجاڭنىڭ ئاسىيا - ياۋروپا ئالتۇن يولى ۋە غەربكە ئېچىۋېتىشتىكى كۆۋرۈك بېشى ئىستىھكامى بەرپا قىلىش ئىستراتېگىيەلىك ئورۇن بېكىتمىسىنى تولۇق نامايان قىلدى. كاتتا كۆرگەزمە ئوتتۇرا ئاسىيا، ئافرىقا ئىتتىپاقى، شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا دۆلەتلىرى ئىتتىپاقى قاتارلىق 50 دۆلەت (رايون)نىڭ ھۆكۈمەت ئاپپاراتلىرىنىڭ ۋەكىللىرى، جۇڭگودا تۇرۇشلۇق ئەلچىلەر، سودا جەمئىيەتلىرى ھەم كارخانىچىلارنى كۆرگەزمىگە، يىغىنغا قاتنىشىشقا جەلپ قىلدى، ئېفىيوپىيە، زامبىيە، كومورو، سېنېگال قاتارلىق ئافرىقا ئىتتىپاقىغا ئەزا دۆلەتلەر تۇنجى قېتىم كۆرگەزمىگە قاتناشتى، تاۋار سودا كۆرگەزمىسىنىڭ دۇنيادىكى تەسىر كۈچى كۆرۈنەرلىك ئاشتى.
بىرازىلىيە قەھۋەسى، موڭغۇلىيە دۆلىتى گىلىمى، ئافرىقا دۇمبىقى... تاۋار سودا كۆرگەزمىسى خەلقئارا خاس تاۋار سارىيىدا «بىر پونكىت شەكلى»دە پۈتۈن دۇنيادىكى تاۋارلارنى سېتىۋېلىشنى ئىشقا ئاشۇرغىلى بولىدۇ. ئېفىيوپىيە، بېلارۇسىيە، پاكىستان قاتارلىق 27 دۆلەت دۆلەت (رايون) تاۋار سارىيى تەسىس قىلىپ، تەرەققىيات نەتىجىلىرى ۋە خاس بايلىقلىرىنى ھەر تەرەپلىمە نامايان قىلىدۇ. خەلقئارا خاس تاۋار سارىيىغا كۆپ دۆلەتنىڭ يېزا ئىگىلىك يېمەكلىك مەھسۇلاتلىرى، قول ھۈنەر - سەنئەت بۇيۇملىرى، يېنىك سانائەت ئىستېمال بۇيۇملىرى قاتارلىقلار مۇجەسسەملىنىپ، دۆلەت ھالقىغان ئىقتىساد - سودا ھەمكارلىق كۆۋرۈكىنى بەرپا قىلدى.
«مالايسىيا سارىيىدا يەنۋودىن ئىنچىكە پىششىقلانغان مەھسۇلاتلار، ماۋشەنۋاڭ ليۇليەنسى، ئەلا سۈپەتلىك لاۋخۇ راكى سۇ مەھسۇلاتلىرى، ئاق قەھۋە، خۇش پۇراقلىق ماتېرىياللار قاتارلىق خاس كۆرگەزمە بۇيۇملىرى كۆرگەزمە قىلىنىدۇ.» مالايسىيا كۇئالالۇمپۇر ھەم سېلاڭگور جۇڭخۇا باش سودىگەرلەر ئۇيۇشمىسىنىڭ مۇدىرى گو جياخۇڭ مۇنداق بىلدۈردى: مالايسىيا سېتىۋېلىش ئۆمىكى يەنە شىنجاڭنىڭ ئەلا سۈپەتلىك مېۋە - چېۋىلىرى ۋە خاس مەھسۇلاتلىرىنى نۇقتىلىق سېتىۋېلىپ، شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا ھەتتا پۈتۈن دۇنيا بازىرىنى ئېچىشقا كۈچ چىقىرىدۇ. قۇرۇقلۇق - دېڭىز يېڭى يولىغا تايىنىپ، مالايسىيا قاتارلىق شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا دۆلەتلىرى ئىتتىپاقىغا ئەزا دۆلەتلەر بىلەن جۇڭگو شىنجاڭ يۇقىرى ئۈنۈملۈك ھەمتۈرتكە بولۇشنى ئىشقا ئاشۇرالايدۇ.
مەھسۇلاتلارنى كۆرگەزمە قىلىشتىن باشقا، تاۋار سودا كۆرگەزمىسىدە يەنە خەلقئارا ئىقتىساد - سودا ھەمكارلىق سۇپىسى بەرپا قىلىنىپ، كۆپ مەيدان خەلقئارالاشقان كېڭىشىش ئۆتكۈزۈلۈپ، دۆلەت ئىچى - سىرتىدىكى خېرىدارلارنىڭ ئېھتىياجى دەل جايىدا ئۇدۇللاشتۇرۇلۇپ، تېخىمۇ كۆپ ھەمكارلىقنىڭ ھاسىل قىلىنىشى ئىلگىرى سۈرۈلىدۇ.
ئېچىۋېتىلگەن شىنجاڭ دۇنياغا قىزغىن قۇچاق ئاچتى. دىققەت كەسىپلەرنىڭ ئالدىنقى سېپىگە، دۇنيا بازىرىنى تۇتاشتۇرۇشقا مەركەزلەشتۈرۈلگەن بۇ مەيدان ئاسىيا - ياۋروپا ئىقتىساد - سودا كاتتا كۆرگەزمىسى ئۆزىنىڭ مىسلىسىز خەلقئارا قاتنىشىش دەرىجىسى، چوڭقۇر كەسىپ ئاساسى ۋە ئەمەلىي يېڭىلىق يارىتىش تەدبىرى ئارقىلىق شىنجاڭ ھەتتا ئاسىيا - ياۋروپا رايونىنىڭ گۈللىنىشى، تەرەققىياتىغا يېڭى ھاياتىي كۈچ قوشىدۇ.