ئاپتونوم رايونلۇق ھۆكۈمەت دائىمىي يىغىن ئاچتى

2025-06-29 :ۋاقىت
مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

​ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى مۇقىملاشتۇرۇش، ئىقتىسادنى مۇقىملاشتۇرۇش ئارقىلىق يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇش توغرىسىدىكى بىرقانچە تەدبىر قاتارلىقلار مۇھاكىمە قىلىندى

شىنجاڭ گېزىتى، ئۈرۈمچى، 6 - ئاينىڭ 27 - كۈنى خەۋىرى ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى لى ياڭ خەۋەر قىلىدۇ: 6 - ئاينىڭ 27 - كۈنى چۈشتىن كېيىن، ئاپتونوم رايوننىڭ رەئىسى ئەركىن تۇنىياز ئاپتونوم رايونلۇق ھۆكۈمەتنىڭ دائىمىي يىغىنىنى رىياسەتچىلىك قىلىپ ئاچتى، يىغىندا باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ يېقىنقى مەزگىلدىكى مۇھىم سۆزى، مۇھىم تەبرىك خېتىنىڭ روھى يەتكۈزۈلدى، ئۆگىنىلدى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى بويىچە، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى مۇقىملاشتۇرۇش، ئىقتىسادنى مۇقىملاشتۇرۇش ئارقىلىق يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇش توغرىسىدىكى بىرقانچە تەدبىر مۇھاكىمە قىلىندى، «شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ <جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ ياۋايى ھايۋانلارنى قوغداش قانۇنى>نى يولغا قويۇش چارىسى (ئۆزگەرتىلگەن لايىھە)» ۋە «شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ تۆمۈريول بىخەتەرلىكى نىزامى (لايىھە)» مۇزاكىرە قىلىندى.

يىغىندا مۇنداق كۆرسىتىلدى: 4 - ئاينىڭ 25 - كۈنى ئېچىلغان جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى يىغىنىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ساقلانما مىقدار سىياسەتلىرىنى ئۈنۈملۈك ئەمەلىيلەشتۈرۈش، كۆپەيمە مىقدار سىياسەتلىرىنى كۈچەپ يولغا قويۇش، سىياسەتنى بىرتۇتاش پىلانلاپ ماسلاشتۇرۇشنى كۈچەيتىش ئارقىلىق، سىياسەت پايدىسىنى ئەڭ زور دەرىجىدە جارى قىلدۇرۇپ، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى مۇقىملاشتۇرۇش، كارخانىلارنى مۇقىملاشتۇرۇش، بازارنى مۇقىملاشتۇرۇش، كۆزلىمىنى مۇقىملاشتۇرۇشقا كۈچەپ، پۈتۈن يىللىق ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتى نىشان - ۋەزىپىسىنى ئورۇنداشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. «ئون چوڭ كەسىپ توپى» قۇرۇلۇشىنى چۆرىدەپ، ئەۋزەل كەسىپلەردە كۆلەمنى كېڭەيتىش، زەنجىرنى كۈچەيتىشكە تۈرتكە بولۇش كېرەك. يېڭى سۈپەتلىك ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرىنى تېز يېتىلدۈرۈپ، پەن - تېخنىكىدا ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىشنى كۈچەيتىپ، ھېسابلاش ئىقتىدارى، تۆۋەن بوشلۇق ئىقتىسادى، يېڭى ئېنېرگىيە، بىيو تېببىي دورا قاتارلىق كەسىپلەرنىڭ تېز تەرەققىي قىلىشىنى ئالغا سىلجىتىش كېرەك. ئۈنۈملۈك سېلىنمىنى پۈتۈن كۈچ بىلەن كېڭەيتىپ، نۇقتىلىق تۆمۈريول، تاشيول، ئايرودۇرۇم، سۇچىلىق تۈگۈنى، پورت قاتارلىقلارنى قۇرۇشنى تېزلىتىپ، شەھەر ئۇل ئەسلىھەلىرىنى ئۆزگەرتىشنى يولغا قويۇپ، يېڭى تىپتىكى ئېلېكتىر ئېنېرگىيە سىستېمىسى بەرپا قىلىشنى تېزلىتىش كېرەك. كۆپ مىقدارلىق تاۋار ئىستېمالىنى قوللاپ، ياشانغانلار كۈتۈنۈش، مەدەنىيەت، ساياھەت قاتارلىق مۇلازىمەت ئىستېمالىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش بويىچە تەربىيەلەش سالمىقىنى زورايتىپ، ھەقىقىي تۈردە كىرىمنى ئاشۇرۇش كېرەك. دۆلەت كارخانىلىرىنىڭ تىجارەت ئۈنۈمى ۋە پايدا ئېلىش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈپ، پۇقراۋى كارخانىلارنىڭ مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈش قىيىن بولۇش، مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈش قىممەت بولۇش مەسىلىسىنى كۈچەپ ھەل قىلىش كېرەك. سىرتقا ئېچىۋېتىشنى سىجىل كېڭەيتىپ، ئەتراپتىكى دۆلەتلەر بىلەن بولغان خاس دېھقانچىلىق، چارۋىچىلىق، ئېنېرگىيە بايلىقى، جابدۇق ياسىمىچىلىقى قاتارلىق ساھەلەردىكى مەبلەغ سېلىش ھەمكارلىقىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش كېرەك. تېخىمۇ ئاكتىپ مالىيە سىياسىتىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئۆي - زېمىن، يەرلىك قەرز، ئوتتۇرا، كىچىك پۇل مۇئامىلە ئاپپاراتلىرى قاتارلىقلاردىكى خەۋپ - خەتەرنى كۈچەپ تۈگىتىش كېرەك.

يىغىندا «شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ <جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ ياۋايى ھايۋانلارنى قوغداش قانۇنى>نى يولغا قويۇش چارىسى (ئۆزگەرتىلگەن لايىھە)» مۇزاكىرە قىلىندى ھەم پىرىنسىپ جەھەتتىن ماقۇللاندى، لايىھەنى ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ قاراپ چىقىشىغا سۇنۇش قارار قىلىندى. يىغىندا مۇنداق كۆرسىتىلدى: ھەرقايسى جايلار تەۋەلىك بويىچە باشقۇرۇش مەسئۇلىيىتىنى چىڭىتىپ، ياۋايى ھايۋانلارنى قوغداشقا بولغان تەشكىلىي رەھبەرلىك، ئىقتىدار قۇرۇلۇشى ۋە خىراجەت كاپالىتىنى كۈچەيتىپ، ئامما قاتنىشىدىغان جەمئىيەت ئورتاق ئىدارە قىلىش خىزمەت ۋەزىيىتىنى شەكىللەندۈرۈشكە تۈرتكە بولۇشى كېرەك. ياۋايى ھايۋانلارنى قوغداشقا مەسئۇل تارماقلار تۈرلۈك قوغداش تەدبىرلىرىنى قاتتىق ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، سۈنئىي كۆپەيتىش ۋە تىجارەت قىلىش، پايدىلىنىش پائالىيىتىنى قېلىپلاشتۇرۇپ، قوغداش، باشقۇرۇش سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈشى كېرەك. ھەرقايسى ئالاقىدار تارماقلار ۋەزىپە ئىش تەقسىماتى بويىچە خىزمەت تەدبىرلىرىنى ئىنچىكىلەشتۈرۈپ، ماسلىشىپ قانۇن ئىجرا قىلىش، نازارەت قىلىش - باشقۇرۇشنى كۈچەيتىپ، ياۋايى ھايۋانلارنى قوغداش قانۇنىنىڭ ئاپتونوم رايونىمىزدا ئومۇميۈزلۈك ئۈنۈملۈك يولغا قويۇلۇشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك.

يىغىندا «شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ تۆمۈريول بىخەتەرلىكى نىزامى (لايىھە)» مۇزاكىرە قىلىندى ھەم پىرىنسىپ جەھەتتىن ماقۇللاندى، لايىھەنى ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ قاراپ چىقىشىغا سۇنۇش قارار قىلىندى. يىغىندا مۇنداق كۆرسىتىلدى: تۆمۈريول ئاسراش بىرلەشمە مۇداپىئە خىزمەت مېخانىزمىنى تاكامۇللاشتۇرۇپ، مۇكەممەللەشتۈرۈپ، تىنچ - ئامان تۆمۈريول قۇرۇلۇشىنى پۈتۈن كۈچ بىلەن ئالغا سىلجىتىش كېرەك. دىققەتنى ئۇنىۋېرسال قاتناش - تىرانسپورت ئىسلاھاتىغا مەركەزلەشتۈرۈپ، تۆمۈريول بىخەتەرلىكىنى قانۇن بويىچە تۈزەشنى سىجىل چوڭقۇرلاشتۇرۇش كېرەك. تۆمۈريول بىخەتەرلىكى تەشۋىق - تەربىيەسىنى كۈچەيتىپ، ئومۇمىي خەلقنىڭ يولنى قەدىرلەش، يولنى ئاسراش ئېڭىنى كۈچەيتىپ، تۆمۈريول بىخەتەرلىكىگە زىيان يەتكۈزىدىغان قىلمىشلارنىڭ ئالدىنى ئېلىش كېرەك.

يىغىندا يەنە باشقا ئىشلار مۇھاكىمە قىلىندى.