زۇمرەت ئوبۇل خوتەن ۋىلايىتىدە تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلغاندا مۇنداق تەكىتلىدى
خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ فۇنكسىيەلىك رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇش كېرەك
شىنجاڭ گېزىتى، خوتەن، 6 - ئاينىڭ 27 - كۈنى خەۋىرى ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى ليۇ شياڭ خەۋەر قىلىدۇ: ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ مۇدىرى زۇمرەت ئوبۇل يېقىندا خوتەن ۋىلايىتىگە بېرىپ، ئاساسىي قاتلام نىزام چىقىرىش ئالاقە نۇقتىسىنىڭ قۇرۇلۇش، يۈرۈشۈش ئەھۋالى ۋە قۇمدىن مۇداپىئەلىنىش، قۇم تىزگىنلەش، يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش، ئالىي مەكتەپ قۇرۇلۇشى، مەدەنىيەت - ساياھەت قاتارلىق خىزمەتلەرنى تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدى. ئۇ مۇنداق تەكىتلىدى: باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ شىنجاڭ خىزمىتى توغرىسىدىكى مۇھىم سۆزى، مۇھىم يوليورۇقى، تەستىقىي يوليورۇقىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ ئورۇنلاشتۇرمىسى، ئورۇنلاشتۇرۇشىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، شىنجاڭنىڭ جەنۇبىي شىنجاڭ خىزمىتى يىغىنى ۋە جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتى خىزمىتىنى ئالغا سىلجىتىش يىغىنىنىڭ تەلىپى بويىچە، خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ تۈزۈم ئەۋزەللىكى ۋە فۇنكسىيەلىك رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇش كېرەك.
ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ خوتەن شەھىرى ئاساسىي قاتلام نىزام چىقىرىش ئالاقە نۇقتىسى، چىرا ناھىيەسى ئاساسىي قاتلام نىزام چىقىرىش ئالاقە نۇقتىسىدا زۇمرەت ئوبۇل ئالاقە نۇقتىسىنىڭ قۇرۇلۇش، يۈرۈشۈش ئەھۋالىنى ئىگىلىدى، ئۇ مۇنداق تەكىتلىدى: ھەر دەرىجىلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋە خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرى يېڭىدىن تۈزىتىش كىرگۈزۈلگەن ۋەكىللەر قانۇنىنى ئەستايىدىل ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، پۈتۈن جەريانلىق خەلق دېموكراتىيەسىنى پائال ئەمەلدە كۆرسىتىپ، ئاساسىي قاتلام نىزام چىقىرىش ئالاقە نۇقتىسىنىڭ ئەۋزەللىكىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، كەڭ دائىرىدە خەلق رايىنى قوبۇل قىلىپ، خەلقنىڭ ئەقىل - پاراسىتىنى توپلاپ، نىزام چىقىرىشنى تېخىمۇ ياخشى ھالدا ئاممىغا يېقىنلىشىش، خەلق رايىنى ئىگىلەش، خەلقنىڭ ئەقىل - پاراسىتىنى مۇجەسسەملەش، خەلق تۇرمۇشىغا نەپ يەتكۈزۈش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىش كېرەك.
زۇمرەت ئوبۇل كېرىيە ناھىيەسى، چىرا ناھىيەسىنىڭ قۇمدىن مۇداپىئەلىنىش، قۇم تىزگىنلەش بويىچە ئۈلگە كۆرسىتىش رايونى (نۇقتىسى)نى نەق مەيداندا تەكشۈرۈپ، مۇنداق تەكىتلىدى: ھەر دەرىجىلىك خەلق قۇرۇلتىيى يېڭىدىن ئۆزگەرتىلگەن «شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ <جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ قۇمدىن مۇداپىئەلىنىش، قۇم تىزگىنلەش قانۇنى>نى يولغا قويۇش چارىسى»نى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، كۆپ خىل قۇم تىزگىنلەش ئەندىزىسىدىن ئۇنىۋېرسال پايدىلىنىپ، قۇم توسۇش يېشىل مۇداپىئە بەلبېغىدا گىرۋەكنى قاشالاپ «تۇتاشتۇرۇش» ئاساسىدا يېشىللىقنى سىجىل كېڭەيتىپ، تەكلىماكان قۇملۇقى گىرۋىكىدىكى توسۇپ زەربە بېرىش جېڭىنىڭ نەتىجىلىرىنى ئۈزلۈكسىز مۇستەھكەملەش، كېڭەيتىش كېرەك.
خوتەن شەھىرىنىڭ لاسكۇي بازىرى ئاياللارنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش بازىسىدا، زۇمرەت ئوبۇل ئايال خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرىنى ئۆزگىچە رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، جەنۇبىي شىنجاڭدىكى كەڭ ئاياللارنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىشى، ئىگىلىك تىكلىشىگە تۈرتكە بولۇپ، ئۇلارنى قانۇنچىللىق ئېڭىنى ئۆستۈرۈش، ياخشى ئائىلە ئىستىلى يېتىلدۈرۈشكە يېتەكلەشكە رىغبەتلەندۈردى.
زۇمرەت ئوبۇل شىنجاڭ سانائەت شۆيۈەنى، شىنجاڭ خوتەن شۆيۈەنىگە بېرىپ، ئىختىساسلىقلارنى يېتىشتۈرۈش قاتارلىق ئەھۋاللارنى چوڭقۇر ئىگىلىدى. ئۇ مۇنداق تەكىتلىدى: ھەر دەرىجىلىك خەلق قۇرۇلتىيى ئالىي مائارىپ قانۇنىنىڭ يولغا قويۇلۇش ئەھۋالىنى نازارەت قىلىشنى سىجىل كۈچەيتىپ، ئالاقىدار تەرەپلەرنىڭ جەنۇبىي شىنجاڭ مائارىپىنى «بىرىگە تەگسە ھەممىسىگە تەسىر كۆرسىتىدىغان» خىزمەت سۈپىتىدە ئالغا سىلجىتىشىغا تۈرتكە بولۇپ، ئاپتونوم رايوننىڭ «ئون چوڭ كەسىپ توپى» قۇرۇلۇشىنى چۆرىدەپ، پەن ۋە كەسىپلەرنىڭ تەسىس قىلىنىشىنى ئەلالاشتۇرۇپ، جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا مۇلازىمەت قىلىشى كېرەك.
چىرا ناھىيەسىدىكى «قانۇنچىللىق كىچىك ھويلىسى»دا، زۇمرەت ئوبۇل مۇنداق تەكىتلىدى: خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرى خەلق ئۈچۈن مەسئۇلىيەتنى ئادا قىلىش، خەلقنىڭ نازارىتىنى قوبۇل قىلىشتەك مەسئۇلىيەت ئورۇن بېكىتمىسىنى تولۇق تونۇپ، ئاڭلىق ھالدا قانۇن بويىچە مەسئۇلىيەتنى ئادا قىلىشنى ئاساسىي قاتلامنى ئىدارە قىلىش بىلەن بىرلەشتۈرۈپ، پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ خەلق ئاممىسى بىلەن ئالاقە باغلاشتىكى ياخشى كۆۋرۈك بولۇشى كېرەك.
زۇمرەت ئوبۇل يەنە چىرا ناھىيەسى كوئېنلۇن تېغى مەنزىرە رايونى خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرى ئالاقە نۇقتىسىغا كېلىپ، مۇنداق تەكىتلىدى: ھەر دەرىجىلىك خەلق قۇرۇلتىيى ئالاقىدار تەرەپلەرنىڭ شىنجاڭنى ساياھەت ئارقىلىق گۈللەندۈرۈش ئىستراتېگىيەسىنى زور كۈچ بىلەن يولغا قويۇشىغا قانۇن بويىچە تۈرتكە بولۇپ، ساياھەتچىلىك تەرەققىيات يىرىك پىلانى ۋە ساياھەت بايلىقىنى قوغداش، ئۇنىڭدىن پايدىلىنىشنى كۈچەيتىپ، ساياھەت ئارقىلىق ھەرقايسى مىللەتلەرنىڭ ئارىلىشىشى، ئالماشتۇرۇشى، يۇغۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، مەدەنىيەت - ساياھەت كەسپىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇش كېرەك.