ئاپتونوم رايون رەھبىرىي كادىرلار يىغىنى ئاچتى

2025-07-03 :ۋاقىت
مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

مەركىزىي كومىتېت مۇنداق قارار قىلدى: يولداش ما شىڭرۇي شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى، دائىمىي كومىتېت ئەزاسى، ئەزاسىلىق ۋەزىپىسىنى قوشۇمچە ئۆتىمەيدۇ، باشقا ۋەزىپىگە قويۇلىدۇ؛ يولداش چېن شياۋجياڭ شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، دائىمىي كومىتېت ئەزاسى، شۇجىلىقىغا تەيىنلەندى

​خۇاڭ جيەنفا مەركىزىي كومىتېتنىڭ قارارىنى ئېلان قىلدى، ما شىڭرۇي رىياسەتچىلىك قىلدى ھەم سۆز قىلدى، چېن شياۋجياڭ، ئەركىن تۇنىياز سۆز قىلدى​

زۇمرەت ئوبۇل، نۇرلان ئەبىلمەجىن، خې جۇڭيوۋ، جاڭ جۇ، چېن مىڭگو قاتناشتى

7 - ئاينىڭ 1 - كۈنى، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى رەھبىرىي كادىرلار يىغىنى ئاچتى. □ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى شيې لۇڭ فوتوسى

شىنجاڭ گېزىتى، ئۈرۈمچى، 7 - ئاينىڭ 1 - كۈنى خەۋىرى ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرلىرى ياۋ تۇڭ، ۋاڭ شىڭرۇي خەۋەر قىلىدۇ: 7 - ئاينىڭ 1 - كۈنى، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى رەھبىرىي كادىرلار يىغىنى ئاچتى. مەركىزىي كومىتېت تەشكىلات بۆلۈمىنىڭ كۈندىلىك خىزمەتلەرگە ھەمكارلىشىپ مەسئۇل بولغان مۇئاۋىن بۆلۈم باشلىقى يولداش خۇاڭ جيەنفا يىغىنغا قاتناشتى ھەم مەركىزىي كومىتېتنىڭ قارارىنى ئېلان قىلدى: يولداش ما شىڭرۇي شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى، دائىمىي كومىتېت ئەزاسى، ئەزاسىلىق ۋەزىپىسىنى قوشۇمچە ئۆتىمەيدۇ، باشقا ۋەزىپىگە قويۇلىدۇ؛ يولداش چېن شياۋجياڭ شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، دائىمىي كومىتېت ئەزاسى، شۇجىلىقىغا تەيىنلەندى. ما شىڭرۇي يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى ھەم سۆز قىلدى، چېن شياۋجياڭ، ئەركىن تۇنىياز سۆز قىلدى.

زۇمرەت ئوبۇل، نۇرلان ئەبىلمەجىن، خې جۇڭيوۋ، جاڭ جۇ، چېن مىڭگو يىغىنغا قاتناشتى.

ما شىڭرۇي مۇنداق دېدى: مەن باش شۇجى شى جىنپىڭ ۋە پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىدىكى ئاساسلىق مەسئۇل يولداشنىڭ ۋەزىپىسىنى تەڭشەش توغرىسىدىكى قارارىنى قەتئىي ھىمايە قىلىمەن ۋە ئۇنىڭغا قەتئىي بويسۇنىمەن. بۇ قېتىمقى تەڭشەش يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭ خىزمىتىگە يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىدىغانلىقىنى، ئاپتونوم رايوننىڭ رەھبەرلىك بەنزىسى قۇرۇلۇشىغا كۆڭۈل بۆلىدىغانلىقى ۋە غەمخورلۇق قىلىدىغانلىقىنى، شىنجاڭنىڭ جەمئىيەت مۇقىملىقى ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇش، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنىڭ شىنجاڭ ئەمەلىيىتىنى پۇختا ئالغا سىلجىتىشقا بولغان سەمىمىي ئۈمىدىنى تولۇق نامايان قىلدى. يولداش چېن شياۋجياڭنىڭ چوقۇم ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى بەنزىسىدىكىلەر بىلەن بىرلىكتە ھەر مىللەت كادىرلار، ئاممىنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ، يېتەكلەپ، باش شۇجى شى جىنپىڭ تۈزۈپ بەرگەن گۈزەل شىنجاڭ قۇرۇپ چىقىش ئۇلۇغۋار پىلانىنى دەل جايىدا ئەمەلىيلەشتۈرىدىغانلىقىغا ئىشىنىمەن.

ما شىڭرۇي مۇنداق دېدى: شىنجاڭدا خىزمەت قىلالىشىم باش شۇجى شى جىنپىڭ ۋە پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ماڭا زور دەرىجىدە ئىشەنگەنلىكىدىن بولدى. شىنجاڭغا كەلگەن ئۈچ يېرىم يىل ۋاقىتنى ئەسلىسەم، مەسئۇلىيىتىمنىڭ ئېغىرلىقىنى چوڭقۇر ھېس قىلدىم، ھەر ۋاقىت ئېھتىيات بىلەن ئىش كۆرۈپ، ھەر ۋاقىت غېمىدە بولۇپ كەلدىم، سەمىمىي ئۈمىدنى يەردە قويۇشتىن ئەنسىرىدىم. مەن شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت كادىرلار، ئامما بىلەن بىرلىكتە، شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ شىنجاڭ خىزمىتى توغرىسىدىكى مۇھىم سۆزى، مۇھىم يوليورۇقى، تەستىقىي يوليورۇقىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، «ئىككىنى تىكلەش»نىڭ ھەل قىلغۇچ ئەھمىيىتىنى چوڭقۇر ئۆزلەشتۈرۈپ، ئاڭلىق ھالدا «تۆت ئاڭ»نى كۈچەيتىپ، «تۆت ئىشەنچ»نى چىڭىتىپ، «ئىككىنى قوغداش»نى ئىشقا ئاشۇرۇپ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى تولۇق، دەل جايىدا، ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇشنى تۈپ ئۆلچەم قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، جەمئىيەت مۇقىملىقى ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى زىچ چۆرىدەپ، ئىسلاھات، تەرەققىيات، مۇقىملىققا دائىر تۈرلۈك خىزمەتلەرنى پۈتۈن كۈچ بىلەن ياخشى ئىشلىدۇق، شىنجاڭدا جەمئىيەت ئومۇملۇقى سىجىل مۇقىم بولغان، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىشىپ تەرەققىي قىلغان، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات ۋەزىيىتى كۈچلۈك بولغان، ھەر مىللەت ئامما خاتىرجەم ياشاپ خۇشال - خۇرام ئىشلەيدىغان ياخشى ۋەزىيەت بارلىققا كەلدى. بۇ ئىجابىي ئۆزگىرىشلەرنىڭ بارلىققا كېلىشى، بۇ كۆرۈنەرلىك نەتىجىلەرنىڭ قولغا كەلتۈرۈلۈشى نېگىزىدىن ئېيتقاندا باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ رول تۇتۇپ يول باشلىغانلىقىدىن بولدى، نېگىزىدىن ئېيتقاندا شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنىڭ ئىلمىي يېتەكچىلىكىدىن بولدى، مەركىزىي كومىتېت ۋە دۆلەتنىڭ مىنىستىرلىق، كومىتېتلىرى، مەركەز كارخانىلىرى ۋە شىنجاڭغا ياردەم بېرىۋاتقان ئۆلكە، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلەرنىڭ زور كۈچ بىلەن قوللىشى ۋە خالىس ياردىمىدىن بولدى، شۇنداقلا بۇ، پۈتۈن شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت كادىرلار، ئاممىنىڭ ئورتاق تىرىشچانلىق كۆرسەتكەنلىكى، ئىتتىپاقلىشىپ كۈرەش قىلغانلىقىنىڭ نەتىجىسى. مۇشۇ پەيتتە، مەن كۆپچىلىك بىلەن دائىم بىللە بولغان، ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىپ قىيىنچىلىقلارنى يەڭگەن، ئورتاق كۈرەش قىلغان كۈنلەرنى ئىنتايىن سېغىنىمەن، پارتىيە، ھۆكۈمەت، ئارمىيە، ساقچى، بىڭتۇەن، خەلقنىڭ شىنجاڭنىڭ جەمئىيەت مۇقىملىقى ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن كۆرسەتكەن جاپالىق تىرىشچانلىقىنى چوڭقۇر ئەسلەيمەن، شىنجاڭنىڭ 1 مىليون 600 مىڭ كىۋادرات كىلومېتىردىن ئارتۇق كېلىدىغان ھەيۋەتلىك، گۈزەل تاغ - دەريالىرىنى ۋە 26 مىليون ھەر مىللەت ئامما بىلەن ئورناتقان چوڭقۇر دوستلۇقنى مەڭگۈ ئۇنتۇيالمايمەن.

ما شىڭرۇي مۇنداق دېدى: شىنجاڭ ياخشى جاي، بايلىق ئۈستۈنلۈكى ئەۋزەل، مەنزىرىسى سۈرەتتەك گۈزەل، ئامما ئاددىي - ساددا، سەمىمىي، كادىرلار جاپا - مۇشەققەتكە چىدايدۇ، كەڭ تەرەققىيات ئىستىقبالىغا ئىگە. ھازىر، شىنجاڭ بويىچە يۇقىرىدىن تۆۋەنگىچە قۇدرەتلىك دۆلەت قۇرۇش، مىللەتنى گۈللەندۈرۈش مۇساپىسىدە جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنىڭ شىنجاڭ ئەمەلىيىتىنى جاسارەت بىلەن ئالغا سىلجىتماقتا، پات ئارىدا شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 70 يىللىقىنى كۈتۈۋالىمىز. شىنجاڭنىڭ تۈرلۈك ئىشلىرىنىڭ گۈللەپ ياشنىشىغا چىن قەلبىمدىن تىلەكداشمەن، شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ بەختلىك، خاتىرجەم، سالامەت بولۇشىغا تىلەكداشمەن.

چېن شياۋجياڭ مۇنداق دېدى: مەن پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ قارارىنى تامامەن ھىمايە قىلىمەن، قەتئىي بويسۇنىمەن، باش شۇجى شى جىنپىڭ ۋە پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئىشەنگەنلىكى ۋە مۇھىم تاپشۇرۇقىغا چىن قەلبىمدىن رەھمەت ئېيتىمەن، مەن كۆپچىلىك بىلەن بىرلىكتە، شىنجاڭنىڭ جەمئىيەت مۇقىملىقى ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكىنى ئالغا سىلجىتىش بۇرچى، مۇھىم ۋەزىپىسىنى ئورتاق زىممىگە ئېلىپ، پۈتۈن شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت ئاممىنىڭ ئۈمىدىنى ھەرگىز يەردە قويمايمەن. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە، يولداش ما شىڭرۇي بەنجاڭلىقىدىكى ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى بەنزىسىدىكىلەر شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى تولۇق، دەل جايىدا، ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، شىنجاڭنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش، شىنجاڭنى ئىتتىپاقلىشىپ مۇقىم قىلىش، شىنجاڭنى مەدەنىيەت ئارقىلىق ئوزۇقلاندۇرۇش، خەلقنى بېيىتىپ شىنجاڭنى روناق تاپتۇرۇش، شىنجاڭنى ئۇزاققىچە گۈللەندۈرۈشنى پۇختا قەدەم بىلەن ئالغا سىلجىتىپ، شىنجاڭنىڭ پارتىيە قۇرۇلۇشى ۋە ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىدىكى تۈرلۈك ئىشلاردا كۆرۈنەرلىك نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈردى.

چېن شياۋجياڭ مۇنداق دېدى: پارتىيە 18 - قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، باش شۇجى شى جىنپىڭ شىنجاڭ خىزمىتى ۋە رەھبەرلىك بەنزىسى قۇرۇلۇشىغا يۈكسەك ئەھمىيەت بەردى، ئىنتايىن كۆڭۈل بۆلدى، ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ ئۈچ قېتىم شىنجاڭغا كېلىپ تەكشۈرۈشتە بولدى، ئىككى قېتىم مەركەز شىنجاڭ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنىغا قاتنىشىپ ھەم مۇھىم سۆز قىلىپ، شىنجاڭ خىزمىتىنى ئىستراتېگىيە ۋە ئومۇملۇق يۈكسەكلىكىدىن كۆزىتىپ، پىلانلاپ، ئورۇنلاشتۇرما قىلىپ، يېڭى دەۋردىكى شىنجاڭ خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش ئۈچۈن ئىلگىرىلەش يۆنىلىشىنى ئېنىق كۆرسىتىپ بەردى، تۈپ قوللانما بىلەن تەمىنلىدى. مەن باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ سەمىمىي تاپشۇرۇقىنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيى ۋە 20 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 3 - ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى تولۇق، دەل جايىدا، ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەشنى تۈرلۈك خىزمەتلەرنىڭ ئاساسىي لىنىيەسى قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، مۇقىملىق ئاساسىدا ئىلگىرىلەش، مەسئۇلىيەتنى تولۇق ئادا قىلىش، مەسئۇلىيەتنى زىممىگە ئېلىپ نەتىجە يارىتىشتا چىڭ تۇرۇپ، گۈزەل شىنجاڭ قۇرۇپ چىقىش ئۈچۈن بارلىق كۈچۈمنى بېغىشلايمەن.

چېن شياۋجياڭ مۇنداق دېدى: مەن «ئىككىنى تىكلەش»نىڭ ھەل قىلغۇچ ئەھمىيىتىنى چوڭقۇر ئۆزلەشتۈرۈپ، «ئىككىنى قوغداش»نى قەتئىي ئىشقا ئاشۇرۇپ، باشتىن - ئاخىر شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇشنى پۇت تىرەپ تۇرۇشتىكى ئاساس، مەسئۇلىيەتنى ئادا قىلىشتىكى مۇھىم ئىش قىلىپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ شىنجاڭ خىزمىتى توغرىسىدىكى مۇھىم سۆزى، مۇھىم يوليورۇقى، تەستىقىي يوليورۇقىنىڭ روھىنى قەتئىي ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى تۈپ ئۆلچەم قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، شىنجاڭ خىزمىتى باش نىشانىنى مەھكەم ئىگىلەپ، باشتىن - ئاخىر جەمئىيەت مۇقىملىقىنى قوغداشنى باش ئورۇنغا قويۇپ، يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، خەلق تۇرمۇشىغا زىچ يېقىنلىشىپ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇپ، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى قۇرۇلۇشىنى پۇختا ئالغا سىلجىتىپ، بىڭتۇەن بىلەن يەرلىكنىڭ يۇغۇرما تەرەققىيات سالمىقىنى زورايتىپ، شىنجاڭنىڭ ئەبەدىي ئەمىنلىك ئاساسىنى تۈپتىن پۇختىلايمەن. پارتىيەنى باشقۇرۇش، پارتىيەنى ئىدارە قىلىش سىياسىي مەسئۇلىيىتىنى چىڭىتىپ، پۇختىلاپ، سىياسىي ئىنتىزام، سىياسىي قائىدىنى باشلامچىلىق بىلەن چىڭىتىپ، دېموكراتىك مەركەزلەشتۈرۈش تۈزۈمى پىرىنسىپىنى ئەستايىدىل ئىجرا قىلىپ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ تەشكىلىي لۇشيەنىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، قەتئىي بوشاشماي پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشنى ئالغا سىلجىتىپ، تىرىشىپ ئىستىل دۇرۇس، كەيپىيات توغرا بولغان سىياسىي ئېكولوگىيە بەرپا قىلىمەن. پارتىيە نىزامنامىسى، پارتىيە قائىدىسى، پارتىيە ئىنتىزامىغا قاتتىق رىئايە قىلىپ، مەركەزنىڭ سەككىز تۈرلۈك بەلگىلىمىسىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، توغرا سىياسىي نەتىجە قارىشىنى تۇرغۇزۇپ ۋە ئەمەلدە كۆرسىتىپ، پاك - دۇرۇس بولغان سىياسىي خىسلەتنى مەڭگۈ ساقلايمەن.

ئەركىن تۇنىياز مۇنداق دېدى: مەن پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىدىكى ئاساسلىق رەھبىرىي يولداشنىڭ ۋەزىپىسىنى تەڭشەش توغرىسىدىكى قارارىنى تامامەن قوللايمەن، قەتئىي ھىمايە قىلىمەن. يولداش ما شىڭرۇي شىنجاڭغا كېلىپ خىزمەت قىلغاندىن بۇيان، كەسكىن، مۇرەككەپ ئىچكى - تاشقى ۋەزىيەت ئالدىدا، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى بەنزىسىدىكىلەرنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ، يېتەكلەپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ شىنجاڭ خىزمىتى توغرىسىدىكى مۇھىم سۆزى، مۇھىم يوليورۇقى، تەستىقىي يوليورۇقىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى تولۇق، دەل جايىدا، ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەشنى ئاساسىي لىنىيە قىلىپ، شىنجاڭنىڭ دۆلەت ئومۇملۇقىدىكى «بەش چوڭ ئىستراتېگىيەلىك ئورۇن بېكىتمىسى»نى چىڭ كۆزلەپ، تەرەققىيات بىلەن بىخەتەرلىك، ئېچىۋېتىش بىلەن خەۋپسىزلىكنى بىرتۇتاش پىلانلاپ، تۈرلۈك ئىشلارنىڭ بىر چوڭ پەللىگە كۆتۈرۈلۈشىگە تۈرتكە بولدى. بىز قەتئىي تۈردە ئىدىيە ۋە ھەرىكىتىمىزنى يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ قارارىغا بىرلىككە كەلتۈرۈپ، يولداش چېن شياۋجياڭ بەنجاڭلىقىدىكى ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ ئىتتىپاقلاشتۇرۇشى ۋە يېتەكچىلىكىدە، سىجىل كۈچەپ، بوشاشماي تىرىشىپ، باش شۇجى شى جىنپىڭ ۋە پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭ خىزمىتى توغرىسىدىكى سەمىمىي تاپشۇرۇقىنى ئۈزلۈكسىز گۈزەل رېئاللىققا ئايلاندۇرىمىز.

ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزالىرى، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى، ھۆكۈمەت، سىياسىي كېڭەش، بىڭتۇەن رەھبەرلىك بەنزىسىنىڭ ئەزالىرى، شىنجاڭ ھەربىي رايونى، قوراللىق ساقچى قىسىم شىنجاڭ باش ئەترىتىدىكى ئاساسلىق مەسئۇل يولداشلار، ئاپتونوم رايونلۇق سوت مەھكىمىسى، تەپتىش مەھكىمىسىدىكى ئاساسلىق مەسئۇل يولداشلار، ئاپتونوم رايون ھەم بىڭتۇەندىكى ھازىرقى ۋەزىپىسىدىن چېكىنگەن ئۆلكە دەرىجىلىك رەھبەرلەر ۋە مۇئاۋىن ئۆلكە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى پېشقەدەم يولداشلار، ئاپتونوم رايونلۇق 10 - نۆۋەتلىك پارتىيە كومىتېتىنىڭ ئەزالىرى، كاندىدات ئەزالىرى، ھەرقايسى ۋىلايەت، ئوبلاست، شەھەرلىك پارتىيە كومىتېتى، ھۆكۈمەتتىكى ئاساسلىق مەسئۇل يولداشلار، ئاپتونوم رايوننىڭ ھەرقايسى ئورۇنلىرى ۋە مەركەزنىڭ شىنجاڭدا تۇرۇشلۇق ئورۇنلىرىدىكى ئاساسلىق مەسئۇل يولداشلار، ھەرقايسى دېموكراتىك پارتىيە - گۇرۇھلارنىڭ شىنجاڭ رايونلۇق كومىتېتىنىڭ مۇدىر ئەزالىرى ۋە ئاپتونوم رايونلۇق سودا - سانائەتچىلەر بىرلەشمىسىنىڭ ئاساسلىق مەسئۇللىرى؛ بىڭتۇەن پارتىيە كومىتېتىنىڭ ئەزالىرى، كاندىدات ئەزالىرى، ھەرقايسى شى، شەھەرلىك پارتىيە كومىتېتى، ھۆكۈمەتتىكى ئاساسلىق مەسئۇل يولداشلار، بىڭتۇەندىكى ھەرقايسى ئورۇنلار، كارخانىلاردىكى ئاساسلىق مەسئۇل يولداشلار يىغىنغا قاتناشتى.